A turkology blog

بۇ ھەقتە ئەسلىدە بۇرۇنلا بىر نەرسە يازاي دەپ ئويلىغان. ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرسەك تور بېكەتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى ئۇسلۇبى مەزمۇندىنمۇ مۇھىم. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا خېلى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، تۆۋەندە قانداق لايھەلەش ھەققىدە بىر نىمە يازاي.
تور بېكەت مەزمۇن جەھەتتىن ھەر ۋاقت يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىپ تۇرىشى كېرەك، ئەمما ئۇسلۇب جەھەتتىن كونا بولىشى كېرەك. بىر ئۇسلۇبنى تاللىغان ئىكەنسىز مەڭگۈ ئۆزگەرتمەڭ. بۇ زىيارەتچىلەر ئۈچۈن «كونا جاي» دەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
بىز Microsoft نىڭ بۇندىن 10 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان Hotmail.com غا قاراپ باقساق ئۇسلۇب جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بايقايمىز، يەنە Google ۋە Yahoo لارمۇ شۇنداق. ئۇلار بەلكىم ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق ئۇسلۇبلارنى ئىشلىگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئىشلەتمەيدۇ، نىمىشقا. كۆنگەن يامان بولغاچقا !
تور بېكەتتە ياكى بلوگدا يېڭى ئۇسلۇب ئىشلىتىش، زىيارەتچىگە نىسبەتەن يېڭى تور بەتتەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ، شۇنداق بولغاندا تور بېكەتنىڭ كونا، داڭلىق دىگەن ئوبرازى يوقايدۇ. ياكى سۇسلىشىدۇ. شۇڭلاشقا تاللىغان ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتمەڭ، ياكى رەڭلىرىنى چوڭ جەھەتتىن ئۆزگەرتمەڭ.
مەن تەكلىماكان بلوگ Baliq.blogspot.com نىڭ ئۇسلۇبىنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىمەن، ھازىر ئومۇمىي زىيارەت سانى 30000 غا يېقىنلاشتى. كېيىن ئېچىلماس بولۇپ قالغانتى Baliq.blogbus.com نى ئاسىيا نۇسخىسى سۈپىتىدە يانداش ئىشلەتتىم، دىققەت قىلغان يېرىم شۇكى ئۇسلۇبنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلدىم، شۇڭلاشقا تورداشلار بۇنىڭ ئىككى تور بېكەت ئىكەنلىكىنى ئانچە ھىس قىلىپ كەتمەيدۇ. بىرى ئادرېسى ئاساسەن ئوخشاش، يەنە بىرى ئۇسلۇبى ئوپمۇ-ئوخشاش. شۇنداق بولغاچقا ئاسانلا قوبۇل قىلىندى.
ئۇسلۇبقا نىسبەتەن قوغۇن بازىرىنى مىسالغا ئالاي: خېرىدارلار قانچە تولىشىپ، قانچە چىرايلىق ساغارغان، قانچە پۇراقلىق قوغۇن بولسا بەك ئالىدۇ. ئەمەليەتتە تورلاشقان، چىرايلىق، پۇراقلىق قوغۇنلارنىڭ تاتلىق بولىشى ناتايىن. كۆپۈنچە پوستى قاتتىق،ساغارمىغان، چۈرۈك قوغۇنلار تاتلىق بولىدۇ. لېكىن خېرىدار نىمىنى ئالسا شۇنى ساتىدىغان گەپتە !
يەنە بىر مىسال :
بىر زاۋۇتتا نەچچە يۈز كىشى ئىشلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭى كەلگەن بىر ئىشچى ئىشقا مايلىشىپ كەتكەن خىزمەت كىيىمى كەيمەي داۋاملىق كاستۇم – بۇرۇلكا كىيىپ، گالاستۇق تاقاپ كېلىدىكەن. نەچچە يۈز ئىشچىنىڭ ھەممىسى كىرلەشكەن، مايلاشقان خىزمەت كىيىمى بىلەن ئىشلىسە، بۇ ئىشچى ھەر كۈنى پاك-پاكىزە كاستۇم بىلەن ئىشقا كېلىدىكەن. بىچارە ئىشچى ھەر كۈنى ئۆيىگە بېرىپلا كاستۇم ۋە گالاستۇقلىرىنى يۇيۇپ قۇرتىدىكەن. ھەر كۈنى ئەتىگەندە يەنە پاكىزە رەتلىك بولۇپ كېيىنىپ بارىدىكەن.
ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ ئىشچى شۇ زاۋۇتقا مۇئاۋىن باشلىق بوپتۇ . نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز….
نۇرغۇن كونا، تەجىربىلىك ئىشچىلارنى قاتلاپ بۇ يېڭى ئىشچىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولالىشىدىكى سەۋەب، رەھبەرلەرنىڭ كۆزىگە نەچچە يۈز ئىشچىنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بىر ئىشچىلا ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. گەرچە ھەممە ئادەم تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ رەھبەرلەر مۇشۇ ئىشچىنى بەكرەك كۆرىدىكەن. نىمە ئۈچۈن ؟
ئۇنى رەھبەرلەرگە بەكرەك چېلىقتۇرغان نەرسە دەل ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كىيىنىشى.
شۇڭلاشقا تور بېكەت مەزمۇنى ھەر قانچە سەرخىل بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ئەرۋاڭ-سەرۋاڭ بولسا زىيارەتچىلەرنى جەلىپ قىلالمايدۇ.
ئۇنداقتا ئۇسلۇبنى قانداق لايھەلەش كېرەك؟
بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىرەر يەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئەمەس، ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى، ئەلۋەتتە خاتالىق بولسا دوستلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
1. ئۇسلۇب ئامالنىڭ بارىچە سىزگىلا تەۋە بولغىنى ياخشى.
IT بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۇسلۇب لايھەلىيەلەيدۇ، ئەگەر سىز بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسىڭىز ھەم ئۇسلۇبنى ئۆزىڭىز يازالمىسىڭىز بىرەر IT ئۇستىسىغا يازدۇرۇڭ. كۆرۈنۈش رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز تەلىپىڭىزدىكىدەك قىلىپ ئىشلەپ بېرىدۇ. ھەق ئالسىمۇ ئانچە قىممەت بولمايدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ ئۇسلۇب پەقەت سىزگىلا تەۋە بولىدۇ.
سىزگە تەۋە بولغان ئۇسلۇبنى ئاشكارا ھەقسىز تارقاتماڭ.
ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر بلوگ سۇپىسى ئۈچۈن تەييار ئۇسلۇبلار ناھايىتى كۆپ، مەسلەن مەن ئىشلەتكەن يېشىل دالا ئۇسلۇبى ئەسلى Blogger نىڭ Son of Moto دىگەن ئۇسلۇبى. مەن ئۇنى Blogbus قا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈردۈم. تەييار ئۇسلۇبلار ئىچىدە سىزگە يارىغىنى بولسا ئىشلىتىڭ. يېشىل دالادىكى يېشىل رەڭ ماڭا يارىدى، چۈنكى ئۆزۈم يېشىللىققا ئامراق. ئىنكاسلارغا قارىغاندا تورداشلارغىمۇ يارىغان.
2. ئۇسلۇبتا ئامالنىڭ بارىچە تور كۆرگۈچ بىۋاستە قوللاپ كەتمەيدىغان ھۆججەتلەرنى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.
بەزىلەر Flash ھۆججىتىنى سىغىمى كىچىك، سۈرئىتى تېز دەپ ماختايدۇ. بۇنىڭ سۈرئىتى بىلەن كارىم يوق. ئەمما تەكلىماكان بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ 30 پېرسەنتى Firefox ئىشلىتىدۇ. Firefox قا قوشۇمچە ياماق قاچىلىمىسا Flash ھۆججىتىنى بىۋاستە قوللىمايدۇ. يەنە Java ھۆججەتلىرىمۇ شۇنداق. رەسىم ھۆججەتلىرى Flash كە قارىغاندا سەل چوڭراق سىغىمنى ئىشلەتسىمۇ ھەرقانداق تور كۆرگۈچ ئۇدۇللا قوللايدۇ. شۇڭلاشقا رەسىم ئىشلەتكۈدەك بولسا ئامال بار رەسىم ئىشلىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە مەن ئايرىم بەتلەر ھەققىدە توختالمىدىم. بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ھەققىدىلا توختىلىۋاتىمەن. ئايرىم يازمالارغا Flash قىستۇرۇش ئۇ باشقا گەپ.
3. ئۇسلۇب رەڭ ۋە شەكىل جەھەتتىن بلوگ مەزمۇنى بىلەن ماسلاشقىنى ياخشى.
ئىقتىسادىي ساھەدىكى بلوگلار سېرىق رەڭنى، خەۋەرنى ئاساس قىلغانلىرى قىزىل ياكى كۆك رەڭنى، ئىلىم-پەن ھەققىدىكى بلوگلار يېشىل رەڭنى، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بلوگلار ھاۋارەڭ ياكى سۈزۈكرەك رەڭلەرنى ئىشلەتكىنى ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن.
IT ساھەسىدىكى بلوگلار ھىچقانداق رەڭ ئىشلەتمەي ئاق قالدۇرغىنى ياخشى. چۈنكى ئۇنىڭ زىيارەتچىلىرى ئانچە كۆپ بولمىغىنى بىلەن بەك سۈپەتلىك. IT چىلار بلوگدىكى گۈزەل – سەنئەتكە قىززىقىپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار ئەسقاتىدىغان بىلىملەرنى قارا خەتلىك ھالدا ئاق رەڭ ئارىسىدىن تېز ئايرىۋېلىشنى ئۈمد قىلىدۇ.
4. بلوگدا بەك كۆپ بىرنىمە ئېسىپ قويماڭ.
بلوگ ۋە تور بېكەتلەر ئۈچۈن لايھەلەنگەن ھەر خىل كۆزنەك widget لەر بار، مەسلەن كالېندار، ئىزدەش ماتورى، رەسىم رامكىسى، rss قورالى، مۇشتەرى بولۇش ئۇلانمىسى، ئالاقە ئۇسۇلى، سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى، دوستانە ئۇلىنىش، ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش رامكىسى، يېڭى ئىنكاسلار، يېڭى يازمىلار، نادىر يازمىلار، پايدىلىق ئۇلىنىشلار، پايدىلىق بلوگلار، قوراللار، يۇمشاق دېتاللار…. دىگەندەك… سىز ياقتۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بلوگ زىيارەتچىسى ياقتۇرۇپ كېتىشى ناتايىن. بەزى قوراللار گەرچە بلوگ زىيارەت سانى ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، ئۇسلۇبنى سەتلەشتۈرۈپ قويسا ئىشلەتمەڭ.
ئارتۇقچە JS كودلىرىنى ئاسىۋەرمەڭ. ئارتۇقچە رەسىملەرنى چاپلاۋەرمەڭ. بىرى بلوگ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى قالايمىقانچىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۆزىڭىز زۆرۈر دەپ قارىغان بىر قانچە قوراللارنىلا ئىشلىتىڭ.
زۆرۈر ئىشلىتىدىغان كۆزنەكلەر مېنىڭچە تۆۋەندىكىلەر:
سىزنىڭ رەسىمىڭىز – زىيارەتچىلەر بۇنىڭغا بەك قىززىقىدۇ
يېڭى يازما – ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسىتىش رامكىسى
ئارخىپ – بلوگدا يېزىلغان بارلىق ماقالىنىڭ تىزىملىكى
ئىزدەش – بلوگ ئىچىدىن ئىزدەيدىغان ئىزدەش ئورنى بولسۇن
زىيارەت كۆرسەتكۈچى – زىيارەت سانىنى كۆرسىتىدىغان رامكا
مۇشتەرى بولۇش ئورنى – ئايرىم بەتتە بولسىمۇ بولىدۇ
باشقا بلوگلار – دوستانە ئۇلىنىش ياكى مۇناسىۋەتلىك بلوگلار
ئالاقە ئۇسۇلى – ئېلخەت، IM قاتارلىق ئادرېسلار
ماقالە تۈرى – تۈرلەرگە ئايرىلغان ماقالىلەر بولسا قوشۇڭ.
يېڭى ئىنكاس رايونى- يېڭى ئىنكاسلارنى كۆرسىتىدىغان رامكا
بايانات – نەشىر ھوقۇقى ھەققىدىكى بايانات
نادىر ماقالە – ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ماقالە كۆرسىتىش رامكىسى
ۋە باشقا سىز زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا كۆزنەكلەر…
مېنىڭچە تۆۋەندىكى رامكىلارنىڭ بلوگ ئۈچۈن چوڭ رولى يوق:
كالېندار – ھەممە بلوگدا بار بوپ كەتتى.
باش بەت قىلامسىز، ساقلىۋالامسىز دىگەندەك گەپلەر.
ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە تور بەتكە دىگۈدەك چاپلىنىپ كەتكەن باشقا كۆزنەكلەر
5. ماقالە كۆرۈنۈش شەكلى
بەزى تورداشلار بلوگ باش بېتىدە ئون نەچچە ماقالىنىڭ تېمىسىلا كۆرۈنىدىغان قىلىۋالغان. مېنىڭچە بۇ تازا ياخشى تاللاش ئەمەس. بلوگ ھەممە جەھەتتىن مۇنبەردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ زىيارەت سانى مۇنبەردەك كۆپ بولمايدۇ، شۇڭلاشقا مېنىڭچە بلوگدا باش بېتىدە ماقالە تېمىسى ۋە يوللانغان ۋاقت بىلەن بىرگە ھەر بىر تېما ئاستىدا ماقالىنىڭ ئىككى- ئۈچ قۇر قىسقىچە مەزمۇنى كۆرۈنگىنى ياخشى. ھەممە تېما مەزمۇننى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ كېتەلشى ناتايىن، قىززىققۇچىلار تولۇق ئوقۇش كونۇپكىسى ئارقىلىق داۋامىنى ئوقۇيدۇ. قىززىقمىغۇچىلار ئوقۇمايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش كېرەك.
باش بەتتە 20 ئەتراپىدا ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى كۆرۈنگىنى ياخشى، بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بەت ئۇزراپ كېتىدۇ، بەك ئاز بولۇپ قالسا Google ئىزدەش ماتورىدا كۆرۈنىدىغان تارماق بەتلەرمۇ ئاز بولۇپ قالىدۇ، زىيارەتچىلەرمۇ بىرىنچى بەتتىنلا ئۆزى قىزىققان نۇقتىلارنى تاپالىشى ناتايىن.
يان رامكىدىكى كۆزنەكلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن باش بەتتە كۆرۈنىدىغان ماقالىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ماسلاشقىنى ياخشى. يان رامكا بەك ئۇزۇن، ئاساسى ماقالە رايونى قىسقا بولۇپ قالمىسۇن. تەڭ بولسۇن ياكى ئاساسىي ماقالە رايونى سەل ئۇزۇنراق بولسۇن.
6. ماقالە يېنىغا رەسىم قىستۇرۇش
ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىز مەخسۇس بىر قانچىلا ساھە ئۈستىدە يېزىلسا ھەر بىر ساھە ئۈچۈن ئايرىم رەسىم بەلگىلەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەر بىر ماقالىنىڭ قىسقارتىلمىسى يېنىدا شۇ ساھەنى گەۋدىلەندۈرىدىغان رەسىم بولسا، شۇ رەسىم چېكىلسە شۇ تۈردىكى بارلىق ماقالە كۆرۈنسە، بۇ رەسىملەر دەۋرىلىك ھالدا كۆپىيىپ بارسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بلوگنى مىسال ئالىمىز
http://www.williamlong.info
7. بلوگ ماركىسى
بلوگ ماركىسى بلوگنىڭ تۇغ رەسىمى، ئەگەر بلوگنىڭ كىرىمى ياخشى بولسا مەخسۇس ماركا تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتمىگەنگە ئوخشاش تۇغنىمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرتمەڭ. بلوگ تۇغى بەك مۇرەككەپ كارتونلاردىن تەركىپ تاپسا سەل سويما تۇيغۇسى بېرىپ قويىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنى لايھەدە پىشقانراق ئادەم لايھەلىگىنى ياخشى. كومپيوتېردىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتمەي مەخسۇس خەتتاتلارغا يازدۇرۇپ ئاندىن چاپلىسىمۇ بولىدۇ. تۇغدىكى رەسىملەرمۇ ئاددى قىلىپ، بلوگ مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولسۇن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئاپتاپپەرەس بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.
ئالىملىرىمىز بەك كۆپ، ھەممىسىنىڭ رەسىمىنى تۇغقا چاپلاپ بولالمايمىز، شۇڭلاشقا تۇغنى ھەيۋەتلىك قىلدىم دەپ بەك كۆپ رەسىمنى بىرىكتۈرۋەتمەڭ.
بەزى ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا نەزەر سالسىڭىز لەغمەن، كاۋاپ، چۆچرە، ئۈگرە …. ھەممە تاماقنىڭ دىگۈدەك رەسىملىرىنى چىقىرىپ قويغان. ئەمما ماكدونالد، كېنتاكى قاتارلىقلارنىڭ ۋىۋىسكىسدا شۇ خەتتىن باشقا ھىچنىمە يوق، ھىچقانداق تاماق رەسىمى بولماي تۇرۇپلا يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق تاماقخانا بولالىدى.
ماركا قانچە ئاددى بولسا كىشىلەر شۇنچە ئاسان ئەستە ساقلايدۇ ۋە ئاسان تونۇۋالىدۇ. قانچە مۇرەككەپ بولسا ئەستە ساقلاش شۇنچە تەسلىشىدۇ، پەرق ئېتىشمۇ شۇنچە تەس بولىدۇ.
بەش خىل مېتال دۇكانلىرى ئامبۇرنىڭ، سىمنىڭ، ھەرىنىڭ، پىچاقنىڭ ،تۇرۇبىنىڭ رەسىملىرىنى پۈتۈن تامغا سىزدۇرۇپ چىققاندىن كۆرە، بەش خىل مېتال دىگەن خەتنى باشقىچىرەك ئۇسلۇبتا يېزىپ قويسا ئادەمنى بەكرەك جەلپ قىلىدۇ.
8. بلوگ چۈشەندۈرۈشى
تەكلىماكان بلوگ ئۈچۈن ئېيتقاندا «ئاداش، ئاداش بولايلى! بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى!» بلوگنىڭ چۈشەندۈرۈشى بولالايدۇ. مەن ئۇنى بلوگ باش رەسىمىگە يازدىم. ھەرقانداق بىر بلوگنىڭ قىسقا بىر جۈملە چۈشەندۈرۈشى بولغىنى ياخشى.
9. بلوگدىكى رەڭلەر
بلوگدا بەك كۆپ رەڭ ئىشلەتمەڭ. دىمەكچى بولغىنىم بلوگ تەگلىكىگە بىر خىل، تۇغدا بىر خىل، ماركىدا بىر خىل، ماقالىدە بىر خىل، ماۋزۇدا بىر خىل دىگەندەك. ….
بلوگ ئۇسلۇبنىڭ رەڭگىدىن باشقا بلوگدىكى بارلىق خەتلەرنىڭ رەڭگى ئىككى خىل بولغىنى ياخشى.
بىرى بلوگدىكى ماقالىنىڭ رەڭگى، يەنە بىرى بلوگدىكى بارلىق ئۇلىنىش بار خەتلەرنىڭ رەڭگى. رەڭلەر مۇشۇنداق ئاددى بولغاندا بىرەر جىددى ئۇقتۇرۇش ياكى ئېلان چىقارسىڭىز ئۇنى ئۈچۈنچى بىر خىل رەڭدە قىلىپ قويسىڭىز ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئىشلەتكۈچىلەر بولۇپمۇ دائىملىق زىيارەتچىلەر بلوگدا ئاسان كۆنەلەيدۇ، كۆنۈۋالغاندىن كېيىن قايسىنىڭ ئۇلىنىش، قايسىنىڭ ئۇلىنىش ئەمەسلىكىنى ئاسان پەرق ئېتەلەيدۇ ھەم ئىشلىتىش ئادىتىگە ئايلاندۇرۋالىدۇ.
10. بلوگدىكى ئېلان
ئېلاننى قالايمىقان قويماڭ. بەك كۆپ چېكىلمىسە ھىچ ۋاقەسى يوق، بلوگ ئۇسلۇبىنى سەتلەشتۈرۈپ قويمىسۇن. ئېلان رەڭگى بلوگ ئۇسلۇب رەڭگى بىلەن ماس كەلسۇن. ئېلاندىكى ئۇلىنىشلار بلوگدىكى ئۇلىنىشلار بىلەن ئوخشاش رەڭدە بولسۇن. ئېلاندىكى باشقا خەتلەر ھەم ماقالە رەڭگى بىلەن ئوخشاش رەڭدە بولسۇن. ئېلان كەڭلىكى بلوگدىكى مەلۇم بوش ئورۇننىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، ئەگەر ئىككى كەڭلىك ماس كەلمىسە جەدۋەل ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا مەزمۇن قوشۇش ئارقىلىق ماسلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئېلان بەك كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن. باش بەتتە ئىككى، تارماق بەتتە ئىككى ئېلان بولسا كۇپايە. چوڭ – چوڭ ئېلانلار ئاستى تەرەپكە، كىچىك ئېلانلار ئۈستى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى ياخشى. ئېلانغا قارىغاندا مەزمۇننىڭ مۇھىملىقى گەۋدىلىك تۇرسۇن.
تەكلىماكان بلوگنىڭ ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاراپ بېقىڭ. بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئېلان ئورن بولىشى مۇمكىن. بىراق ماڭا بەك ماس كەلگەندەك تۇيۇلىدۇ.
11. ماقالە ئۇسلۇبى
باش بەتتە ۋە تارماق بەتتە كۆرۈنىدىغان ماقالە ئۇسلۇبى بارلىق ماقالىگە نىسبەتەن بىر خىللاشتۇرۇلغان بولسۇن. يەنى ئەگەر باش بەتتە تۇنجى ماقالىنىڭ ئىخچام شەكلىنى ئۈچ قۇر قىلىپ بەلگىلىگەن بولسىڭىز ھەممە ماقالە شۇنداق بەلگىلەنسۇن، بىرسى بەش قۇر، بىرسى يەتتە قۇر بولۇپ قالىسمۇن. شۇنداق بولغاندا بلوگ رەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.
تولۇق ئوقۇش، ئىنكاس يېزىش ۋە باشقا كونۇپكىلار رەتلىك ئورۇلاشتۇرۇلغان بولسۇن.
يەنە ئېسىمگە كەلگەننى داۋاملاشتۇرۇپ يازىمەن ، تورداشلارغا پايدىسى تىگىشىنى ئۈمد قىلىمەن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: