A turkology blog

Archive for ئىيۇل, 2008

Knol ئارقىلىق Adsense ھىساباتى ئېلىش ئۇسۇلى

بۇ ئۇسۇل ھازىرچە مۇتلەق ئىشەنچىلىك 100 پېرسەنت ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئانچە – مۇنچە ئېنگلىزچە بىلىشىڭىز كېرەك. قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە : ئاۋال بىر دانە Gmail ھىساباتىڭىز بولسۇن. تور بەت بولمىسىمۇ بولىدۇ.
1. Gmail گە كىرىڭ.
2. Gmail نى ئېتىڭ ۋە تور كۆرگۈچكە بۇ ئادرېسنى يېزىڭ knol.google.com
3. ئاۋۇ ئادرېسقا كىرگەندىن كېيىن بىر ھىسابات قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەخپى نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا بۇرۇنقى Gmail ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان بىر knol ھىساباتىغا ئېرىشىسىز.
4. كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى write a knol دىگە كونۇپكىنى چېكىڭ. ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپكە قارىسىڭىز settings دەپ بار، شۇنى چېكىپ كىرىڭ. ئۈچ خىل تاللاش بار. ئوتتۇردا Adsense دىگەن تاللاش تۈرى بار، شۇنى تاللاڭ.
5. ئەمدى ئاستىدىكى Create a new Google AdSense account
دىگەن تۈرنى تاللاڭ.
AdSense email – غا Gmail نى يېزىپ قويۇڭ.
Knol language دىگەن تۈرگە English نى تاللاڭ.
Email language دىگەن تۈرگە سىز بىلىدىغان خالىغان تىلنى تاللاڭ.

ئاندىن سول ئاستى بۇرجەكتىكى save دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ، ۋە Email خەت ساندۇقىڭىزنى ئېچىڭ. بۇ چاغدا سىزگە بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى تولدۇرۇپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. (دىققەت : بۇ ئۇچۇر دەل Adsense ئىلتىماس قىلىش تەپسىلى جەدۋىلى بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرى توختالغان، قايتا سۆزلىمەيمىز. بۇ ئۇچۇرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەگەر خەنزۇچە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يۇقىرىدىكى Email Language دىگەن تۈرگە Chinese نى تاللىشىڭىز كېرەك.)
بىر قىسىم ئاتالغۇلار ھەققىدە :
Knol دىگەن نىمە؟ بىرىنچى جاۋاب، ئىككىنچى جاۋاب
يەنە بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلىلەر :
Knol ئارقىلىق Adsense ھىساباتى ئالغاندىن كېيىن چوقۇم Knol دا ماقالە يېزىشىم كېرەكمۇ؟
ياق، ئۇنداق قىلىش ھاجەتسىز، ئەمما ئېلان سىز يازغان ماقالە ئەتراپىدا كۆرۈنىدىغان بولغاچقا ماقالە يازمىسىڭىز كىرىم بولماسلىقى مۇمكىن.
Knol ئارقىلىق ئالغان Adsense ھىساباتىنىڭ ئېلان كودىنى باشقا تور بەت ياكى بلوگقا قويسام بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. Adsense ھىساباتى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ھەرقانداق سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ، چوقۇم Knol نىڭ ئىچىدە ئېلان كۆرسىتىش دەپ بەلگىلىمە يوق.

Google Knol ئارقىلىق پۇل تېپىش

شەرتى : ئېنگلىزچە بىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا شەرت يوق، ئادەتتە بلوگ يازغانغا ئوخشاش ئېنگلىزچە ماقالە يازىسىز. يازغان ماقالىڭىز ئوقۇلسا سىزگە پۇل كىرىم بولىدۇ. قانچە بالدۇر باشلىسىڭىز شۇنچە ياخشى.
ئاۋال بىر قانچە چۈشىنىكسىز مەسلىگە جاۋاب بېرىپ ئۆتەيلى !
توردا ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيە دەيدىغان نەرسە پەيدا بولدى. يەنى ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيەنى يازغۇچىلار ھەرقانداق ئادەم بولسا بولىدۇ. يەنى ئۆزى يازماقچى بولغان نەرسىگە نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئادەم بولسىلا كۇپايە. Wikipedia دەل شۇنداق ئوچۇق قامۇستۇر.
ئەمدى بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان Knol غا كەلسەك ئۇمۇ ماھىيەت جەھەتتىن wikipedia گە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇنى يېزىشقا قاتنىشىپ قالسىڭىز سىز ئۆز ماقالىڭىزدا تەشۋىق قىلىنىپ، بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە يازغۇچىغا ئايلىنىپلا قالماستىن يەنە، Google شىركىتى سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭ ئەتراپىغا Adsense ئېلانى قويىدۇ. ماقالىڭىز قانچە كۆپ ئوقۇلسا، ئادەملەر قانچە كۆپ كۆرسە، ئېلان شۇنچە كۆپ چېكىلىدۇ. ھەمدە بۇ ئېلان چېكىلىشلەردىن بولغان كىرىم سىزگە يوللىنىدۇ.
دىمەك يازغۇچى بولۇپ قەلەم ھەققى ئالغاندەكلا ئىش. ئەمما ئېنىقكى گېزىت – ژۇرناللار بەرگەن قەلەم ھەققىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى Google نىڭ ھەر بىر ئېلانى چېكىلگەندە ئېنگلىزچە ئېلان بولسا 0.5 دوللاردىن 30 دوللارغىچە كىرىم بولىدىغان ئەھۋاللار بار. مەن بىر چېكىلىشى 30 دوللارلىق ئېلاننى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئەمما 2.5 دوللارلىق ئېلاننى ئۇچرىتىپ باقتىم.
Knol تورغا نىسبەتەن تېخى ھەپتە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يېڭى پروگرامما، كىمىكى ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇر باشلىسا شۇنچە بالدۇر نەپكە ئېرىشىدۇ.
يەنە بىر سۇئال : ئۇنىڭدا نىمە يازىمىز ؟
نىمە يېزىش چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەر قانداق بىلىم بولسا بولىدۇ. بۇ جەرياندا قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشىڭىز ھەمدە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلماسلىقىڭىز. توردا ئەخلاقسىز تارقاتماسلىقىڭىز لازىم.
سىز يازىدىغان ماقالە «گالىستۇق دىگەن نىمە؟» ، «ئاسماندا قانچە قۇياش بار؟»، «بىر ھەپتىدە يەتتە كۈن بار» دىگەندەك ئاددى ماقالىلەر بولسىمۇ ياكى «كەڭ دائىردىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشى» دىگەندەك مۇرەككەپ ئىلىم-پەن ماقالىلىرى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
خوش ! ئۇنداقتا knol دا ئېلان كۆرسىتىش ۋە كىرىم قىلىش ئۈچۈن ماقالە يېزىشتىن ئاۋال بىر تەڭشىۋىتەيلى.
ئاۋال knol.google.com دىن ئۆزىمىزنىڭ ھىساباتىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى Manage بېتىگە كىرىپ، General دىگەن بۆلەكنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىساق show ads دەپ بىر تۈر بار، شۇ تۈرنى تاللاپ قويساقلا، بىز يازغان ماقالىلار ئالتۇن توخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ.
بۇ ئارقىلىق ئېرىشىلگەن كىرىمنى قولغا ئېلىش جەريانى Google Adsense بىلەن تامامەن ئوخشاش، ياكى دەل ئۆزى شۇ !
ئەمسە ئىش باشلاڭ ! ئادرېسى : knol.google.com

Google Knol ئېلان قىلىندى

ئۆتكەن يىلى تەكلىماكان بلوگدا Knol نامىدىكى ئېنسكلوپېدىيە چىقىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. ئۇ ئەمدى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ باشقا ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيىلەردىن پەرقلىنىدىغان بىر قانچە ئەۋزەللىكلىرى بار:
1. Knol دا ماقالە يازغۇچىلارنىڭ رەسىمى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى ماقالىنىڭ يېنىدا كۆرۈنىدۇ، بۇ ئاپتورلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ بەكرەك نامايان قىلىشىغا پايدىلىق.
2. نولدا ئەسەر يازغان ئاپتورلار باشقا ئاپتورلار بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ، باشقىلارنىڭ ماقالىسىگە ئىنكاس يازالايدۇ، باھا بېرەلەيدۇ. ياخشى يېزىلغان ماقالىلەر بېلەت تاشلىنىپ تاللىنىدۇ. توغىرلىق دەرىجىسى ئاشۇرلىدۇ.
3. نولدا ئەسەر يازغان ئاپتورلار ئۆزى يازغان ماقالىنىڭ ئوقۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىك كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ.
شۇڭلاشقا Google ئۆزى بىلگەن بىلىملەرنى يېزىش ئۆزىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن يەنە ئۆزىنى نامايان قىلغىلى ۋە بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتكىلى بولىدىغان ياخشى ئۇسۇلدۇر.
گۇگول Knol ئادرېسى : Knol.google.com
Google Knol ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى بىز پۇل تېپىش پۇرسىتى دىگەن تۈر ئىچىدىكى يازمىلاردا تەپسىلى تونۇشتۇرىمىز.

Gmail دە ئۈچۈنچى بىر تەرەپ خەتنى كۆرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش

Gmail بىخەتەر كىرىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئەگەر شۇ خىل بىخەتەر ئۇسۇلدا Gmail ھىسابىڭىزغا كىرسىڭىز سىزگە كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا مەخپىيلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھازىر بانكا ۋە تور سودا ئىشلىرىدا قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىۋاستە http://www.gmail.com غا كىرمەستىن،
https://mail.google.com غا كىرىشىڭىز كېرەك.
ئۆتكەندە http ۋە https نىڭ پەرقى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق.
Google بۈگۈن بۇنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، Gmail ھىساباتى ئىچىدە http ياكى https ئارقىلىق زىيارەت قىلىشنى ئالدىن بەلگىلەيدىغان قىلىپ قويۇپتۇ، ئەگەر Gmail نىڭ ئىچىدە بانكا ئۇچۇرلىرى ۋە مۇھىم ھىسابات ئۇچۇرلىرىنى ساقلىسىڭىز داۋاملىق https ئارقىلىق زىيارەت قىلىشنى تاللاپ، ئۈچۈنچى بىر تەرەپنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋېلىشىدىن ساقلىنالايسىز.
ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى:
Gmail ھىسابىغا كىرگەندىن كېيىن ئوڭ ئۈستى بۇرجەكتىكى «بەلگىلەش» ئورنىنى ئېچىپلا ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز http ياكى https ئارقىلىق زىيارەت قىلىشنى تاللاش ئورنى بار. داۋاملىق https ئارقىلىق كىرىشنى تاللاپ قويغاندىن كېيىن سىز بىۋاستە http://www.gmail.com نى ئېچىپ كىرسىڭىزمۇ يەنىلا https ئارقىلىق كىرىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمدەك:

بۇ ئۇسۇل ھازىر ئەڭ بىخەتەر بولۇپ، بارلىق بانكا، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ۋە توردا ئېلىم-بېرىم قىلىدىغان بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى قوللانغان.

ئۇيغۇرچە Firefox نى چىقىرىشقا كۈچەيلى!

مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھەمدە توردا تارقىلىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان تور كۆرگۈچ Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىپ بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا مۇھتاج.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ بەتكە كىرىڭ.
بىلىك كۇلۇبىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالە


Blog*Spot نىڭ مالايچە نۇسخىسى چىقتى

بۈگۈن Blogger Team بلوگنىڭ مالايچە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ Blogger ئارقا سەھنىسىگە يەنە بىر تىل قوشۇلدى. Google بلوگ مۇلازىمىتىنىڭ ئىنتايىن كۆپ مالاي تىلىدا سۆزلەيدىغان ئىشلەتكۈچىلىرى بار. ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ بالدۇرراق بۇ سەھنىگە چىقىشىغا تىلەكداشىمىز.

360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ تارقىتىلدى

360 بىخەتەرلىك قورالى خېلى كۈچلۈك ۋىروسخور ئىدى. ئۇلار بورناكۇن يەنە بىخەتەر تور كۆرگۈچ تارقىتىپتۇ، مېنىڭچە ئىشلىتىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. چۈشۈرۈش ئورنى