A turkology blog

Blogger.com ئارقا سەھنىدىن 添加页面元素 نى چېكىپ كىرسەك بىر قاتار بەت كۆزنەكلەر تىزىملىكى بار يېڭى بەت ئېچىلىدۇ(تۆۋەندىكى رەسىمدەك). بۈگۈن بۇ بەت كۆزنەكلىرىنىڭ رولى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمىز.

(چۈشەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بلوگ ئارقا سەھنە تىلىنى خەنزۇچە قىلىپ تەڭشەڭ)
1. بلوگ تىزىملىكى 博客列表
بۇنى چېكىش ئارقىلىق ئۆز بلوگىڭىزدا يەنە بىر قانچە بلوگنىڭ ماقالەلىرىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ، يان رامكا ياكى باشقا سىز بەلگىلىگەن جايدا باشقا بىر قانچە سىز كۆپ كۆرىدىغان بلوگنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىنى چىقىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز مۇشۇنى قوشۇڭ.
2. ئالبۇم 幻灯片
ئەگەر بلوگقا مەلۇم مەزمۇندىكى رەسىملەرنى كارتون فىلىم شەكىلدە ئارقا-ئارقىدىن قويۇلۇپ چىقىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز مۇشۇ تۈرنى قوشۇڭ. مەسلەن سىز قۇربان ھېيتىدا بلوگنىڭ مەلۇم جايىدا قۇربان ھېيتلىق رەسىملەرنى ئارقا – ئارقىدىن چىقىدىغان قىلماقچى. ئۇ ھالدا مۇشۇ تۈرنى قوشۇپ، قۇربان ھېيتلىق رەسىملەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆزنى كىرگۈزۈپ قويىسىز مەسلەن : «قۇربان ھېيت» ئاندىن مۇقىملايسىز. بۇ چاغدا فلىكر، پىكاسا ۋە باشقا تورلاردىكى قۇربان ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن رەسىملەر ئاپتوماتىك ھالدا ئالمىشىپ، كۆرۈنىدۇ. ئەلبەتتە سىز مۇقىم مەلۇم رەسىملەرنى كۆرسىتىدىغان قىلىپ بەلگىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. مۇشتەرى بولۇش ئۇلانمىسى 订阅链接
بلوگىڭىزدا Feedburner ۋە باشقا تۈرلۈك مۇشتەرى بولۇش قوراللىرىنىڭ چەكسىلا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مەزكۇر قورال ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش بېتىگە كىرىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز مۇشۇ تۈرنى قوشۇڭ. ھازىرچە مۇشتەرى بولۇش قوراللىرىدا ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنمىگەچكە مەن قوشمىدىم.
4. بېلەت تاشلاش 民意调查
بلوگدا راي سىناش ياكى بېلەت تاشلاش پائالىيتى ئۆتكەزمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ تۈر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
5. ئۇلانما 列表
بلوگدا ئايرىم بەت بولۇپ ئېچىلىدىغان ئۇلىنىشلارنى قوشۇدىغان ئورۇن.
6. ئىچكى ئۇلىنىش 链接列表
بلوگدا ئەسلى بەتنىڭ ئورنىغا ئېچىلىدىغان ئۇلىنىشلارنى قوشماقچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورۇندىن قوشۇڭ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بلوگدا تۈر قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7. رەسىم 图片
بلوگنىڭ ھەرقانداق سىز خالىغان ھەم بلوگ ئارقا سەھنىسىى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە رەسىم چىقارماقچى بولسىڭىز مۇشۇ ئۇسۇلدا قوشۇڭ. سىز چىقارغان رەسىم باش بەت ۋە تارماق بەتنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈنىدۇ.
8. ئېلان AdSense
ئەگەر بلوگدا Adsense ئېلانى ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورننى چېكىڭ ۋە كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ. بۇ ھەقتە تەكلىماكان بلوگدا Adsense بىلىملىرى تۈرى ئىچىدە تەپسىلى ماقالە بار.
ئەگەر سىز بۇندىن بۇرۇن بلوگدا ئاللىبۇرۇن Adsense ئېلانى قويۇپ بولغان بولسىڭىز بۇ ئورۇنغا چېقىلماڭ.
9. خەت 字符
بلوگنى يان، ئۈستى، ئاستى رامكىلىرىغا مەلۇم خەت، تېكست ياكى نەشىر ھوقۇقى، ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇش دىگەندەك نەرسىلەرنى يازماقچى ھەم بۇنى باش ۋە تارماق بەتلەردە بىردەك كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورۇندىن قوشۇڭ.
10. كود HTML/JavaScript
بلوگدا مەلۇم كودنى ئىجرا قىلماقچى ياكى ئېلان قىستۇرماقچى بولسىڭىز ئېلان كودىنى مۇشۇ ئورۇندىن قوشۇڭ.
11. باشقا بەتنىڭ مەزمۇنى 供稿
بلوگدا باشقا تور بېكەتتىكى ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورۇندىن قوشۇڭ. ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر تور بېكەتتىن 5 يېڭى مەزمۇننىڭ تېمىسىنى كۆرسىتىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. بۇلار يان ياكى باش، ئاياغ رامكىلارنىڭ بىرىدە (سىز بەلگىلىگەن ئورۇندا ) كۆرسىتىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆز بلوگىڭىزدىكى بەش يېڭى يازمىنى بىر رامكىدا كۆرسىتىدىغان قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قوشىدىغان بېكەتلەر چوقۇم rss قوللىشى كېرەك.
12. خەتكۈچ 标签
بلوگدىكى بارلىق تۈر ياكى خەتكۈچلەرنى يان رامكىدا كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز بۇ تۈرنى قوشۇپ قويۇڭ.
13. خەۋەر 新闻短片
Google ياكى باشقا مەنبەلەردىن كەلگەن سىز ياكى ئوقۇرمەنلەر قىززىقىدىغان خەۋەرلەرنىڭ قىسقارتىلمىسىنى كۆرسىتىدىغان رامكا قوشۇش ئۈچۈن مۇشۇنى چېكىڭ. خەۋەر مەزمۇنىنى سىز بەلگىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
14. سىن 视频栏
بلوگدا Youtube قاتارلىق بېكەتلەردىكى مەلۇم مەزمۇندىكى سىنلارنى كۆرسىتىدىغان رامكا قوشماقچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورۇننى چېكىپ، سىز كۆرسەتمەكچى بولغان سىن مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ بېكىتىڭ.
15. بلوگ بەلگىسى 徽标
بلوگدا I power Blogger دىگەن بەلگىنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇنى چېكىڭ.
16. شەخسى ماتېرىيال 个人资料
بلوگدا سىز بەلگىلىگەن شەخسى ماتېرىياللارنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ تۈرنى قوشۇڭ. بۇ تۈرنى قوشۇشتىن بۇرۇن چوقۇم شەخسى ماتېرىياللارنى كۆپچىلىك ئورتاق كۆرىدىغان ھەم ھىچقانداق مەخپى نومۇر تەلەپ قىلمايدىغان قىلىپ بەلگىلەپ قويۇشىڭىز كېرەك.
17. بلوگ ئارخىپى 博客归档
بلوگدىكى بارلىق يازمىلارنىڭ كۈن تەرتىپى ياكى تېمىسى بويىچە كۆرسىتىدىغان رامكا قوشۇش ئۈچۈن مۇشۇنى چېكىڭ.
18. بلوگ نامى ۋە چۈشەندۈرۈشى 页面标题
ئەگەر بلوگ نامى ھەم چۈشەندۈرۈشىنى تېخى قوشمىغان بولسىڭىز مۇشۇ يەردىن قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
رەھمەت ! كېيىنكى قېتىمدا Blogger تەمىنلىمىگەن بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قانداق قوشۇش ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: