A turkology blog

Archive for ئىيۇل, 2008

ئەلى موما (阿里妈妈) پۈتۈنلەي يېڭى ئېلان سۇپىسى ئەمەس

دۆلەت يڭىراقتا پەيدا بولغان ئەلى موما ئېلان سۇپىسى پۈتۈنلەي يېڭى ئۇسۇلدا بازار ئاچىمىز دىگەن ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئامېرىكىنىڭ Text Link Ads بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئەندىزە ئىكەن. Google Adsense بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى باشقىلار تور بېكىتىڭىزدىكى ئېلان ئورنىنى سېتىۋالسا ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولىسىز، يېتەرسىزلىكى ئېلان باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن.
باشقىلار سىزنىڭ ئېلان ئورنىڭىزنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن سىز ئەلى موما باش بېتىنىڭ ئېلانىنى تەشۋىق قىلىپ بېرىسىز. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېكەت ئېقىمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. باشقىلارغا ئېلان ئېلىپ، ساتىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىمىز دىگەن ۋەدىسى بىلەن ئۆزىنى ھەقسىز ئېلان قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سورۇنغا ئىگە بولىدۇ.
ئەلى مومادىكى ئېلانلارنىڭ باھاسى تۆۋەن، ھەم ئېلان ئورنى سېتىۋالغۇچىلار ئاساسەن ئېقىمى يۇقىرى بېكەتلەرنى تاللايدىغان بولغاچقا شەخسلەر بلوگى نىسبەتەن ماس كەلمەيدۇ ياكى يۇقىرى كىرىمگە ئىگە بولالمايدۇ.

Advertisements

شىۋىتسىيىدە جۇغراپىيە ئىلمىدە ھەقسىز ماگىستىرلىق ئوقۇش پۇرسىتى

ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئۇچۇر مەرىپەت تورىدا تەمىنلەندى. بارلىق ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت مەرىپەت تورىغا تەۋە. ئوقۇش پۇرسىتى ئۇچۇرلىرىدا تېمىنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا دىققەت قىلغايسىز. بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

بلوگ ئېلانىنىڭ ئۈنىمى تور بېكەت ئېلانلىرىدىن يۇقىرى

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئادەتتىكىدەك كىچىك بلوگلارغا ئېلان بىلەن تەمىنلىمەيدىغان شىركەتلەرمۇ مەخسۇس بلوگ ئېلان سەھىپىلىرى ئاجراتتى. ئالايلى Google ۋە Yahoo نى مىسالغا ئالساق ئىلگىرى پەقەت بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئاستىدىكى ئالتە ئايدىن ئۇزۇنراق ماڭغان چوڭ تور بېكەتلەرگىلا ئېلان ھىساباتى تەمىنلەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئېلان قويۇشقا بولىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ «ئىشلىتىش كىلشىمى» گە ئۇيغۇن كەلگەن بارلىق بلوگ ۋە بېكەتلەرگە ئېلان تەمىنلىدى. Niffnang ۋە BlogAds دەيدىغان مەخسۇس شىركەتلەر قۇرۇلدى. Payperpost قا ئوخشاش بلوگ ئېلان شىركەتلىرى فوربۇسقا ئوخشاش جاھاندىكى داڭلىق ژۇرناللاردا تەكرار – تەكرار تىلغا ئېلىندى. ئەجەبا ئۇلار كىچىك بلوگلارنى بۇنچىۋالا كۆتۈرۈپ نىمە قىلماقچى؟ ئۇلارغا قانچىلىك پايدا يارىتىپ بەرمەكچى ؟
ھەر قانداق مەزمۇن بىلەن بېزەلگەن تور بېكەتنىڭ مەزمۇنىنى تورداشلار بەرپا قىلغان، بولۇپمۇ چوڭ – چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ مەزمۇنى زور كۆپچىلىك بېكەت ئەزالىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. مەسلەن مۇنبەر ۋە باشقا web2.0 لەر ….
بۇ يەردىكى مەزمۇن بەرپا قىلىۋاتقان زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزلۈكسىز يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ، ئىنتېرنېتنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان زور كۆپچىلىك كىشلەرنىڭ تورتۇراسى بار، ئۇلارنىڭ بولۇپلا قالماي داڭلىق ئالىملار ياكى يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بلوگدا ئېلان قىلىدىغان بولدى. ھەر قانداق ئادەمگە ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى ھازىلاپ بېرىدىغان ھەقسىز بوشلۇقلار بلوگنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
شۇڭلاشقا مۇنداق يەكۈنلەشكە بولىدۇ : بلوگنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ پاكىزە؛ ھەرقانداق ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغاندىمۇ بەكرەك ئىندىۋىدۇئال؛ ئىنتايىن جانلىق، ساپ ھەم يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ! ھەممە داڭلىق بلوگنىڭ ئىنتايىن مۇقىم ئوقۇرمەنلىرى بار. خۇددى داڭلىق مۇنبەرلەرنىڭ مۇقىم ئەزالىرى بولغاندەك.
بۇ ھال بلوگدا قويۇلغان ئېلانلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ مۇقىم كۆرگۈچىلەرگە ياكى ئىشەنچىلىك، قىممىتى يۇقىرى خېرىدار مەنبەسىگە ئىگە قىلىدۇ.
نىمە ئۈچۈن بلوگدا قويۇلغان ئېلاننىڭ ئۈنىمى يۇقىرى بولىدۇ ؟
ئېلان ئىنتايىن نىشانلىق ۋە دەل قويۇلىدۇ. بلوگ ئۇنۋېرسال تور بېكەت ئەمەس، ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە يوق، پەقەت مەلۇم كەسپنىڭ مەلۇم تۈرىدىكى مەزمۇن بار. شۇنداق بولغان ئىكەن پەقەت بلوگ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلانلار قويۇلىدۇ، بلوگ ئوقۇرمەنلىرىمۇ بۇ ئېلانغا قىززىقماي قالمايدۇ ھەم ئېلاندا تونۇشتۇرۇلغان مەھسۇلاتنىڭ خېرىدارى بولۇش نىسبىتى ھەرقانداق باشقا بېكەتتىن يۇقىرى بولىدۇ.
بلوگدىكى ئېلاننى كۆرگۈچىلەر تور بېكەتكە قارىغاندا ئاز ئەمما ساز؛ ئاز ئادەم كۆرگەن بىلەن دەل ئادەملەر كۆرىدۇ. چوڭ تىپتىكى ياكى ئادەم ئىنتايىن كۆپ كىرىدىغان بىر ئۇنۋېرسال تور بېكەتكە قويۇلغان ئېلانمۇ ئاخىرى شۇ ئېلاندىكى مەزمۇنغا قىززىقىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سەت كۆرۈنىدۇ. ئەمما بلوگدا ئاساسەن ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى ئېلان بلوگ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش (بولىشى كېرەك. بۇنى ئېلان بەرگۈچى ياكى ئېلان ۋاكالەتچى شىركەتنىڭ ئاپتوماتىك تەمىنلەش سېستىمىسى بەلگىلەيدۇ.)
بلوگ ئېلانلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەن، چوڭ بىر تور بېكەتكە ئېلان بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇلنىڭ 100 دىن بىرىچىلىكلا پۇل بىلەن داڭلىق بلوگدا ئېلان بېرىشكە بولىدۇ. ئىنتايىن ئاز پۇل خەجلاپلا بەلگىلىك يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.

Html دىگەن نىمە؟

WWW نىڭ تولۇق ئاتىلىشى World Wide Webبولۇپ ، TCP/IPكېلىشىمى ئاساسدىكى تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ .ئادەتتە WWWمۇلازىمېتىر تەلەپنى قوبۇللىغاندىن كېيىن ،html ھالىتىدىكى يازما ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغۇچىغا يوللاپ بېرىدۇ .تەلەپ قىلغۇچىنىڭ كومپيۇتېرى بۇ HTML يېزىقلارنى تەرجىمە قىلىپ ، ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلارنى تور كۆرگۈ كۆزنىگىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ . WWW مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى كۈچلۈك ، كېلىشىمنامىسى قېلىپلاشقان ، مۇلازىمېتىر قۇرۇش ۋە ئۇچۇر يوللاش قولاي بولۇشتەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. 1984 – يىلى Hypertext قۇرۇلما گەۋدىسىنىڭ Internetتا قوللىنىلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، WWWئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك ئەۋزەللىكى بىلەن Internetدۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت شەكلى بولۇپ قالدى .
ئەمدى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، HTML دىگەن تور كۆرگۈچ تونۇيدىغان بىر تىل، بىزنىڭ تىلىمىزنى تونۇمايدۇ، بىز HTML نى ئۆگىنىپ، شۇ ئارقىلىق يازغان نەرسىلەرنى تور كۆرگۈچ تونۇپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇندىن كېيىن داۋاملىق تەكلىماكان بلوگدا HTML دىن باشلاپ… ئەڭ دەسلەپكى تور بېكەت ياساش بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ. ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر، رەھمەت.

Blog*Spot دىكى يازمىلارنى زاپاسلاش ۋە توپ يوللاش

بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى ئۇسۇلدا بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرمەستىن draft.blogger.com دىن كىرىڭ. كىرگەندىن كېيىن سىز يازمىلارنى زاپاسلىماقچى بولغان بلوگنىڭ «بەلگىلەش» بېتىگە كىرىڭ. ئاندىن ئۇنىڭدىن ئاساسلىق بەلگىلەشنى ئېچىڭ. يەنى خەنزۇچە 设置-基本؛ ياكى ئېنگلىزچە Settings ئىچىدىن Basic بەلگىلەش ئورنىغا كىرىپ، قارىسىڭىز import – export دەيدىغان ئۇلىنىشلار بار. export بلوگدا بار بارلىق يازمىلارنى كومپيوتېرغا چۈشۈرۈپ ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. import كومپيوتېرغا ساقلانغان يازمىلارنى توپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.

بلوگدا ئۇيغۇرچە توريۈزى كىرگۈزۈش بېتى ئېچىلدى

يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن ئىملا تەكشۈرۈش بېتىنىڭ بەزىدە نورمال ئېچىلماسلىقى سەۋەبلىك،Blog*Spot ياكى BlogBus ئارقا سەھنىدە ئۇيغۇرچە ماقالە يازالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن BlogBus مۇلازىمىتېرىنىڭ ئۆزىگە تور ئۈستى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش بېتى ياسىدۇق. بۇندىن كېيىن يازما – ئىنكاس يازىدىغانلار ھەر ۋاقت پايدىلانسا بولىدۇ. ئاۋال مەزكۇر كىرگۈزۈش بېتىدە ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى بلوگقا چاپلايسىز.
ئادرېسى: imla.blogbus.com

Gmail گە مەن ئارزۇ قىلغان ئىقتىدار قوشۇلدى

Gmail ئىشلىتىۋاتقانلارغا ئېنىق، Gmail نىڭ ئادرېس دەپتىرىدە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر ئىش بار ئىدى. يەنى سىز ھەرقانداق بىر ئادرېسقا خەت يازسىڭىزلا مەزكۇر ئادرېس ئادرېس دەپترىگە ئاپتوماتىك قوشۇلۇپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئادرېس دەپتىرىدە سىز تونۇمايدىغان نۇرغۇن ئادرېسلار پەيدا بولىدۇ، قالايمىقانلىشىدۇ دىگەن گەپ. مۇشۇ سەۋەبلىك Gmail ئادرېس دەپتىرىنى ھەر ۋاقت تازلاپ تۇراتتىم. ئىلگىرى Google نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە مەزكۇر ئىقتىدار ئوبدانمىش، يەنى سىز مۇھىم بولمىغان ئادەمگە خەت يازمايسىزمىش، ھەم خەت يازغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئادرېسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاپتوماتىك ساقلارمىش دىگەندەك….
بۈگۈن Gmail ئەترىتى ئاخىرى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ (بەلكىم ئۇلارمۇ بىزار بولغان گەپ!) بۇ ئېسىل ئىقتىدارنى سەل ئىلغارلاشتۇرۇپتۇ. يەنى Gmail نىڭ ئادرېس دەپتىرىدە ئىككى گۇرۇپپا ئادرېس باركەن. ئۇنىڭ بىرى دوستلۇرۇم (My Contacts) يەنە بىرى باشقا ئادرېسلار (Suggested Contacts).
بىز ئۆزىمىز يېزىپ ئادرېسىنى ساقلاپ قويغان بارلىق دوستلارنىڭ ئېلخەت ئادرېسى My Contacts (دوستلۇرۇم) دىگەن گۇرۇپپا ئىچىدە بولىدىكەن. بىز ئۆزىمىز ساقلىمىغان ئەمما خەت يازغان ھامان ئاپتوماتىك ساقلىنىپ قالغان بارلىق ئادرېسلار Suggested Contacts نىڭ ئىچىدە ساقلىنىدىكەن. ئەگەر بىز بىر ئادەمگە 5 قېتىمدىن كۆپ خەت يازساق، بۇ ئادرېس ئاپتوماتىك ھالدا دوستلۇرۇمنىڭ ئىچىگە ئۆتىدىكەن. بىز خەت يازغان، ئەمما ساقلاش زۆرۈر بولمىغان بارلىق ئادرېسلارنى Suggested Contacts نىڭ ئىچىدىن بىر كونۇپكا بىلەنلا ئۆچۈرۋېتەلەيدىكەنمىز.
يەنە بىر ئىقتىدار شۇكى ئەگەر سىز بىر ئادەمگە قانچە قېتىم خەت يازغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئادرېسىنى ئادرېس دەپتىرىگە مۇقىم ساقلاشنى يەنى «دوستلىرىم» نىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيدىكەنسىز.
بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى Gmail نىڭ «Contacts» دىگەن يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئېنگلىزچىدىن باشقا تىلدىكى Gmail ئىشلىتىدىغانلار سۆزلۈكلەر:
Contacts
دفتر العناوين
通讯录
Kişiler
Updates to Gmail contact manager