A turkology blog

Archive for ئاۋغۇست, 2008

We have launched English version of the Blog

Hi brothers and sisters ! I am TMK, the Writer of Baliq.blogspot.com. now I am happily announcing you the English Version of our blog has been online. The main item in the English version is the same with Baliq.blogspot.com. but the information about blogging and making money online come directly from worldwide resources. so I think they are fresh and unchanged. Maybe give some assistance to English speakers or learners. Via our new English blog, you can approach two kind of very important purpose. NO1 : read our posts, get understood, use it and make money. NO2 : Practice your English, learn more. as you know, English is not my Natural Language or mother tongue, so we used the frequent used words to illustrate the systems in our posts, for you and for me, it is so easy to understand and write.
Just Like the Main Blog (Baliq.blogspot.com), the English Version will be refreshed daily. all the information about Making money at home would be collected one by one. you can choose the one which enable you to get your target!
The English Blog URL IS: Obux.blogspot.com

Advertisements

مەغلۇپ بولغان تور بېكەتنىڭ 10 ئالاھىدىلىكى

تور بېكەت قۇرۇش ئاسان، ئەمما ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ماڭدۇرۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش تەس. توختاپ قالغان، تاقىلىپ قالغان، مەغلۇپ بولغان تور بېكەتلەر بەك كۆپ. ئۇنداقتا تور بېكەت قانداق مەغلۇپ بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن:
1. تور بېكەتنىڭ نىشانى ئېنىق ئەمەس.
كۆپلىگەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بېكەتلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ. مەغلۇپ بولغان تور بېكەتلەر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى كىملەرنىڭ زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ياكى نىمە ئۈچۈن بۇ تور بېكەتنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
2. ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىكى
تور بېكەتكە ۋىرۇس ئېسىش، ياكى تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئىتتپاقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك، تور بېكەتنى نورمال ماڭدۇرۇش تەسىرگە ئۇچراش.
3. رىقابەتنى بوش چاغلاپ قېلىش
بۇ ئەڭ نېگىزلىك سەۋەبلەرنىڭ بىرى، كۆپلىگەن تور بېكەت قۇرغۇچىلار «ئۇيغۇرلارنىڭ پالانچى» تور بېكىتىنى قۇردۇق، «بوشلۇقنى تولدۇردۇق» دەيدۇ يۇ! – ئۆزى تاش ساناپ بولغۇچە باشقىلارنىڭ قۇم ساناپ بولغانلىقىنى. ئېنىقراق ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلىپ بولغانلىقىنى ئەسكە ئالمايدۇ.
مەسلەن ئىلگىرى پالانچى سېستىمىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە نەشىرى دىگەندەك گەپ سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىدۇق. ئەمما بۇنداق تۇنجى ئۇيغۇرچە نەشىرلەر ئىلگىرى-كېيىن جېق بولدى. ئۇيغۇرچە تۇنجى ئەۋلات مۇڭداشقۇ دىيىلدى – يۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىققانلىرىنى نەزەرگە ئالمىدى. ئۇيغۇرچە تۇنجى دوستلىشىش تور بېكىتى ھەققىدە پىلان سوقىۋاتقىنىڭىزدا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Facebook نى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىشنى باشلاپ بولغانلىقىنى بايقايسىز.
بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇقىم تور ئېلانچىلىق كەسپىنى ئېچىپ بولغۇچە Adsense ۋە Adsonar لارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى چىقىپ بازارنى ئىگىلەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
رىقابەت مەسلىسىدە ئەپەندى تورىنى بەكرەك ماختاش مۇمكىن. چۈنكى ئۇ تۇنجى ساھەنى ئاچتى، ھەم ئۇندىن كېيىن چىققانلار ئۆزىنى تۇنجى دەپ ئېلان قىلغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭغا يېتەلمىدى.
بۈگۈنكى كۈندە تور web نىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن يۇقىرى. سىز بۈگۈن ئۆگەنگەن ياكى ئىشلەتكەن نەرسىلەر ئۇزۇنغا قالمايلا كونىغا ئايلىنىپ كېتىپ بارىدۇ. تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
4. ۋاقت ۋە پۇلنىڭ يەتمەسلىكى
مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تور بېكەت قۇرۇش ئۇنچە ئاسانلا ۋۇجۇتقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس. ئۆتكەندە تەكلىماكان بلوگدا ئارز تېخنىكا دەپ ئاتىلىدىغان بىر بلوگنىڭ 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغانلىقى ھەققىدە بىر ماقالە يازدۇق. بىر دانە بلوگنىڭ 25 مىليون دوللارغا يارىغۇدەك نەرى بار دەپ ئويلاشتىن بۇرۇن، مېنىڭ تور بېكىتىمگە پۇلغا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە بەرپا قىلالىدىممۇ دەپ ئويلاپ بېقىش كېرەك.
نۇرغۇن ئۈن-سىن تور بېكەتلىرىنىڭ بارلىق مەزمۇنى باشقا چوڭ بېكەتلەردىن كۆچۈرۈلگەن، ياكى ئۇلاپ قويۇلغان. ۋاقتى كەلگەندە زىيارەت ئېقىمىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق. ياكى 5 مىنۇتتىلا ئوخشاشتىن بىرنى ياسىغىلى بولىدىغان تور بېكەت ھىسابلىنىدۇ.
سىز ئەگەر پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن بىر ياخشى تور بېكەت قۇرۇپ چىقماقچى بولسىڭىز، تور بېكەت پۈتۈشتىن ئىلگىرىلا پۇلىڭىزنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
يەنە بىر مەسلە شۇكى – ۋاقت. كۆپلىگەن تور بېكەتلەرگە «ھەر كۈنى يېڭىلايمىز» دىگەن شۇئارلار ئېسىلغان. ئەمما ئۆتكەن ئايدىكى مەزمۇنلار تېخىچە يېڭى تېمىلار قاتارىدا داشمىيىپ يۈرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى تور بېكەت قۇرغۇچى يېڭى مەزمۇننى داۋاملىق تېپىپ بولالمىغان ياكى ۋاقت يەتمىگەن.
بىز تەكلىماكان بلوگدا كۈندە يېڭىلاش ھەققىدە ۋەدە بەرمىدۇق. ئەمما ھەر كۈنى دىگۈدەك ئەرزىگۈدەك نەرسىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا زىيارەتچىلەرمۇ ئاساسەن مۇقىم بولىۋاتىدۇ.
5. قانداق پۇل تېپىشنى بىلمەسلىك.
بىزدە كۆپلىگەن ئۇستا پروگراممېرلار بار. ئۇلار تور بېكەتنى ياساشقا، بېزەشكە بەك ئۇستا. ئەمما تور بېكەت ئارقىلىق قانداق پۇل تېپىشنى بىلمەيدۇ. بۇ مەسلە كۆپلىگەن نادىر تور بېكەتلەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقت بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
6. تور بېكەت كۆرگۈچىلەرنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويۇش.
بىزنىڭ تور بېكەتنىڭ مانچىلىك تىزىملاتقان ئەزاسى بار ! —- بۇ سۆز كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا قۇرۇق گەپ. ئۆزۈمنى ئېپ ئېيتسام پەقەت بىر قېتىملىق ئۈچۈنلا تىزىملاتقان تور بېكەتلىرىمنى ساناپ بولالمايمەن. تور بېكەتتە بىرەر مەھسۇلات ياكى تەۋسىيەنى ئوتتۇرغا چىقارغاندا تور بېكەت زىيارەتچىلىرىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويۇش مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ.
7. كاللىسى ئوچۇق يىتەكچىنىڭ كەم بولۇشى.
سىز ئۇستا پروگراممېر، ھەم ئۇستا تور بېكەت ياسىغۇچى بولغان تەغدىردىمۇ، ئۇستا بىر يىتەكچى بولمىسا تور بېكەت ماڭدۇرالىشىڭىز ناتايىن. چۈنكى رەسسام چوقۇم ناخشا ئېيتالايدۇ دىيەلمەيمىز. ئۇستا بىر يىتەكچى بولمىسا تور بېكەت ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ. بازارغا يۈزلىنەلمەيدۇ. ياكى ئۆزىگە تەۋە بازار ئاچالمايدۇ.
پروگراممېر – تور بېكەتنى لايھەلىسۇن.
يازغۇچى- مەزمۇننى يېڭىلىسۇن.
سەنئەتكار- تور بېكەتنى كۆركەملەشتۈرسۈن.
يىتەكچى- يۇقارقىلارنى ماسلاشتۇرسۇن ۋە بازار ئاچسۇن.
8. ئالاقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى
تور بېكەت قۇرغان بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ئەڭ ياخشىسى كۆپرەك بىر ئۆيدە بولالىغىنى ياخشى. چۈشنىشمىگەن مەسلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تور بېكەتنىڭ ئاسانلا مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىلگىرى ئىككى ئۇستا پروگراممېر، مەن ۋە بىر چوڭ سودىگەر بىرلىكتە ئۇيغۇرچە چوڭ تىپتىكى سودا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىقباللىق تور بېكەتتىن بىرنى قۇرماقچى بولدۇق. ھەم پۇل چىقىرىپ تور نامى، بوشلۇق سېتىۋالدۇق. بىز ھەتتا تور بېكەتكە ئىشلەتكەن سېستىمىغىمۇ بىر داڭلىق شىركەتنىڭ ھەقلىق سېستىمىسىنى ئىشلەتتۇق.
ئەڭ چاتاق ئىش شۇكى سودىگەر ئىچكىرىدە، پروگراممېرنىڭ بىرسى قەشقەردە مەن باشقا يەردە دىگەندەك قىلىپ، ھازىرغىچە باشنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىپ باقمىدۇق. تېخى IM لاردا پاراڭلىشىپ قالساق شۇ تور بېكەتنى قۇرىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە چاق – چاق قىلىشىپ قويىمىز. بۇ تور بېكەتنى ياساۋاتقىنىمىزغا 3 يىل بولاي دېدى. تېخىچە پۈتمەپتۇ !!!!
9. يېڭى تېخنىكا چوقۇم ئۈنۈملۈك بولۇشى ناتايىن.
سىز تور بېكەت قۇرغان چاغدا پالانىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەتتىم دەپ ئۆزىڭىزنى ماختايسىز. ئەمما بۇ يېڭى نۇسخا تېخى سىناق باسقۇچىدا بولىشى، خەتىرى بولۇشى، بارلىق تور كۆرگۈچ ياكى بارلىق كۆرگۈچىلەرگە ماسلىشالىشى ناتايىن.
شۇڭلاشقا مېنىڭچە يېڭى تېخنىكا بولغاندىن، سىناقتىن ئۆتكەن، ئىشەنچىلىك تېخنىكا ئەۋزەلرەك. دوختۇرلارمۇ يېڭى دورا بايقالسا ئاۋال چاشقانغا سىناق قىلارمىش. مەغلۇپ بولسا ئۇ تېخنىكىنى يەنە يېڭىلايدۇ ياكى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر غەلبە قىلسا ئاندىن ئادەملەرگە سىنايدۇ.
10. تور بېكەتتە قىززىق نۇقتا بولماسلىق.
نۇرغۇن ئۇنۋېرسال تور بېكەتلەرنىڭ مەخسۇسلاشقان، تازا قىززىيدىغان مەزمۇنى بولمىغاچقا مەغلۇپ بولۇپ كەتكەن. تەكلىماكان بلوگنى ئالايلى. بىز نۇرغۇن تۈرگە تەۋە مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەمما Adsense ۋە تور بېكەت ئارقىلىق پۇل تېپىشنى يورۇتۇپراق سۆزلەۋاتىمىز.

تېلسكوپ تېكست

بۇ تور بېكەتكە كىرىڭ. ئۈستىدە ئۇلىنىش بار سۆزنى چېكىڭ. ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ماقالىنى ئوقۇڭ. مەرھەمەت !

ulinix.cn ۋە شىنجاڭغا تەۋە بېكەتلەرنىڭ دەرىجىسى

گۇگول بەس ۋە ئالېكسادىكى دەرىجىسىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرچە تور بېكەت ئۇلىنىش دۇنياسى (ulinix.cn) تورىنىڭ زىيارەت مىقدارى شىنجاڭدا قۇرۇلغان بارلىق تور بېكەتلەر ئىچىدە 9-ئورۇندا تۇرغان. بۇ سان پەقەت ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنىڭ دەرىجىسى ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە باشقا بارلىق تىلدىكى تور بېكەتلەرنىڭ ئومۇمى دەرىجىسىدۇر. شىنجاڭ تېلىگرافىنىڭ تور بېكىتى 10-ئورۇندا تۇرغان. دىمەك ئۇلىنىش دۇنياسى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرالىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە بېكەتتۇر.
شەبنەم تورى xabnam.com نىڭ دەرىجىسى 27-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇ ئومۇمى سان ئىچىدە يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 42- ئورۇندا تۇرغىنى ۋىكىپىدىيە ئۇيغۇرچە بېكىتى ug.wikipedia.org بولغان.
دىمەك ئۇلىنىش دۇنياسى، شەبنەم ۋە ۋىكىپىدىيە(ئۇيغۇرچە) دىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.
Google دىن تەكشۈرۈش ئورنى
www.google.cn/rebang/detail?bid=11900032
ئەسكەرتىش. يۇقارقى ئادرېستىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا سىز تەكلىماكان بلوگدا كۆرگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ۋاقتى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 27- كۈنى تەمىنلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
بىر نەپەر ئۇيغۇرچە تور بېكەتنىڭ خەلقئارالىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى زىيارەت سانى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرەلىشى بىزدە تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن.
ئۆتكەندە ئۇلىنىش تورىنىڭ باشلىقى بىلەن پاراڭلاشقاندا يۇقىرى ئېلان ئورنىنىڭ 500 يۈەن\ئاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. مېنىڭچە بۇ سان ئاز بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كەينىگە يەنە بىر نۆل قويسا بولغۇدەك. چۈنكى ئۇلىنىش تورى شىنجاڭدا ۋىكىپېدىيەدەك تورنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتكەن. ئەگەر ۋىكىپېدىيەگە ئېلان قويسا ئايلىقى قانچە پۇل بولار؟
ئىشقىلىپ مېنىڭ ئويلىشىمچە 500 يۈەن بىر ئايغا بەك ئاز بولۇپ قاپتۇ.
ئالېكسادىكى تەكشۈرۈشتىن كۆرلۈشىچە ئۇلىنىش دۇنياسى ulinx.cn كۈندە تەخمىنەن 100 مىڭ قېتىم زىياەت قىلىنىدىكەن. بۇ سان ئاز بولغاندىمۇ 80 مىڭدىن چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. كۈندىلىك كىرگەن ئادەم سانى 50 مىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ سان شىنجاڭدا زىيارەت ئېقىمى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان 96669 تورىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما ئۇلىنىش تورىنىڭ ئېلان باھاسى بىلەن، 96669 نىڭ ئېلان باھاسى بەك چوڭ پەرق قىلىدۇ.
مەنچە بولغاندا ئۇلىنىش تورىدا سۈپەتسىز ئېلانلار جېق. كۈنىگە 50 مىڭ ئادەم كىرىدىغان تور بېكەت قويۇلىدىغان ئېلان ۋە ئېلان مەزۇمىنىغا قارىتا تەستىق تۈزىمى يولغا قويسىمۇ تامامەن بولىدۇ. بۇ زىياەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالمايدىغان ياخشى ئۇسۇل.
ئۇنداقتا ulinix.cn قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟
مېنىڭچە بۇنىڭ سىرىنى قۇرغۇچىسى ئۆزى بىلىشى مۇمكىن، مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئۇنىڭ مۇنداق بىرنەچچە تۈلۈك ئالاھىدىلىكى بار.
1. تورنامى ياخشى. ulinix.cn بىر كۆرۈپلا ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما ئەگەر بارلىق مەسئۇلىيەتنى تور نامىغا ئىتتىرىپ قويغىلى بولسا ulinix.com نىمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانمىدى؟ – دىگەن گەپمۇ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز بەك ئېسىل، كىشىلەر چوقۇم ئېھتىياج بولىدىغان مەزمۇن بولۇپ، تور ئادرېسى:
http://www.asdfjouiejfjdasfiofsdfjkasdfjasodzljasdfjio.com
بولسا ئۇ ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ناتايىن.
2. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە باراۋەر يۇسۇندا ھەمكارلىق بولۇشى مۇمكىن.
ئۇلىنىش تور بېكىتى دەسلەپتە ۋە ھازىرمۇ يېڭى پەيدا بولغان تور بېكەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قوشۇپ، يېڭىلاپ كەلگەنكەن. مەن تەكلىماكان بلوگنى ئۇلىنىشقا ئىلتىماس قىلسام قوشۇپ قويۇپتۇ، ھىچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئۇلىنىش بېكەتلىرى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلسا ئۆزىنىڭ يوغان رەسىملىك ئۇلىنىشىنى تور بېتىمىزنىڭ باش بېتىگە چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ياخشى بېكەتلەرمۇ بۇنداق ئۇلىنىش بېكەتلىرىگە قوشۇلالمايدىكەن. ئاخىرقى ھىسابتا ياخشى بېكەتلەر ياكى زىياەتچى ئېھتىياجلىق بېكەتلەر بولمىغاندىكىن، كۆرىدىغان ئادەم بارا-بارا ئازلاپ كېتىدۇ.
باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئاسقۇزۇپ ئاندىن ئۇلىنىش قىلىش مېنىڭچە ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق!
3. مەزمۇنلارنى قەرەللىك يېڭىلاش.
ئۇلىنىش دۇنياسىدا ئېچىلمايدىغان تور بېكەتلەر ئاساسەن يوقكەن. قوشۇلغان تور بېكەتلەرنى قەرەللىك يېڭىلاپ تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
4. قەتئى داۋاملاشتۇرۇش.
ئەلۋەتتە ئۇلىنىش تورىمۇ نۇرغۇن قېتىم تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بارغان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما نۇرغۇن يېڭى قۇرۇلغان بېكەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇلازىمىتېر ھەققى، ئاسراش، تور نامى، كۈندە مەزمۇن يېڭىلاش ۋە بۇ جاپالار ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەسلىك تور بېكەتتىن زىرىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋە دەرھال تور بېكەتنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىدۇ. پالانى تور بېكەت مۇنبەر قۇرۇپ جېق زىيارەتچى توپلاپتۇ، مەنمۇ تور بېتىمنى مۇنبەر قىلسام بولغۇدەك… دەپ ئالتە كۈندە بىر ئۆزگەرتىدۇ. شۇنداق قىلىپ داۋاملاشتۇرالمايدۇ. بىر تور بېكەت مەغلۇپ بولىدۇ….
ۋاھاكازالار… ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلىرىنى بىز بىلمەيمىز.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە تاساددىپىلا يېزىلدى. بۇ ماقالە ياكى تەكلىماكان بلوگنىڭ ئۇلىنىش دۇنياسى ulinix.cn تور بېكىتى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.

بلوگ ئارقىلىق قانداق پۇل تاپىمىز؟

بۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا خەۋەرلىرى ژۇرنىلى (usnews) غا بېسىلغان ماقالە بولۇپ، ئاساسي مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئىشقىلىپ بۇ ژۇرنال ئادەتتىكى ماقالىلەرنى باسمايدۇ. ئاپتورى: كىمبېرلىي پالمېر (ئامېرىكا يازغۇچىسى)

بۇ ھەممە ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان ئۇسۇل، بلوگ يېزىشنى باشلايسىز. ئۇنى پادا باققاندەك باقىسىز، ئاندىن ئىشخانا خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىسىز. ئۆيدە ئولتۇرۇپ، بلوگ سىزگە تېپىپ بەرگەن كىرىمنى خەجلەيسىز. ناھايىتى ئاددى.
خۇددى ئولىمپىكقا قاتنىشالىغان تەنھەركەتچىلەرگە ئوخشاش، بۇ باسقۇچلارنى ئورۇندىيالايدىغان بلوگىرلارمۇ ساناقلىقلا. نۇرغۇن بلوگلارنىڭ كۈنلۈك زىيارەت سانى 50 كىمۇ يەتمەيدۇ، ئايدا تاپىدىغىنى نەچچە دوللار خالاس. ئەمما بىز بۇ يەردە سىزنى ئىشخانا خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقرالىغۇدەك بلوگ يېزىش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرماقچى.
1. سىز ياقتۇرىدىغان بىر تېمىنى تاللاڭ. بلوگ باشتىن ئاخىر مۇشۇ تېمىنى چۆرىدەيدۇ.
ئەلۋەتتە نۇرغۇن تېمىلار بار، سىز ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك قىززىقىدىغان، ئەتىدىن كەچكىچە كويىدىغا بولالايدىغان تېمىنى تاللاڭ. نۇرغۇن كىشىلەر تېخنىكىلىق مەسلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بلوگلارغا يىغىلىپ قالىدۇ.
2. زىيارەتچى توپلايسىز.
بلوگ ئۈچۈن بۇ تەس ئىش، ئەمما نۇرغۇن داڭلىق بلوگلارنىڭ زىيارەتچى توپلاشتىكى قەدەم باسقۇچىلىرى ۋە ۋاقت جەريانىنى تاماملىساق بۇ ئانچە تەس ئىش ئەمەس. قەتئى داۋاملاشتۇرۇش بەك مۇھىم.
3. ئېلان قويۇڭ.
نۇرغۇن بلوگىرلار دەسلەپتە ئېلان قويمىغان ياخشى دەپ ئويلايدۇ. ئەمما زىيارەتچى كۆپ توپلاشقاندا ئېلان قويسىڭىز، بلوگدا تۇيۇقسىز ئېلان پەيدا بولسا، زىيارەتچىلەر ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا بلوگ باشلىنىشتىنلا ئېلان قويۇلغىنى ياخشى. كېيىن زىيارەتچى كۆپەيگەندە ئۇلارنىڭ زىتىغا تىگىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرمەيدۇ.
4. ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق مەزمۇن بىلەن باشلاڭ.
نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك بلوگلارنىڭ يازغۇچىلىرى دەسلەپكى 6 ئاينى بەك مۇھىم دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا سىز ئەڭ يېڭى نەرسىلەرنى يازالايسىز. كېيىنچە مەزمۇن تۈگەپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز. شۇڭا مۇشۇ ئالتە ئايدا توپلاشقا تىگىشلىك زىيارەتچىلەرنى توپلاش كېرەك. مۇشۇ ئالتە ئايدا قاتتىق ئىشلەش، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈپ تاللىغان تېمىنى چۆرىدەپ، ئەڭ نوپۇزلۇق مەزمۇنلىرىڭىزنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇڭ.
5. پەقەت گۇگول ئېلانىغىلا تايانماڭ.
گۇگول ئېلانى قويۇش ۋە ئىلتىماس قىلىش ئاسان، شۇڭا نۇرغۇن بلوگىرلار دەسلەپتە شۇنى قويىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىش بولۇپمۇ يېڭى بلوگلارنىڭ پۇل ئېلىش جەريانى خېلى ئۇزۇن، شۇڭلاشقا ئاسانراق پۇل بېرىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بلوگ مەزمۇنىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئېلان كۆرۈنىدىغان ئۇسۇللارنى تاللاڭ.
ئەگەر بلوگىڭىز تور سودىسى ھەققىدە بولسا ئىبەي ئېلانى قويسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
6. كۆپ مەنبەلىك كىرىم يولىنى بەرپا قىلىڭ.
نۇرغۇن بلوگىرلار (بولۇپمۇ سودىگەر بلوگىرلار) ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئېلان قويۇشتىن باشقا يەنە، بلوگنى خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرغان. مەھسۇلات ساتقان ۋە نۇرغۇن دائىملىق خېرىدارلارغا ئېرىشكەن. خېرىدار سىزدىن مال سېتىۋالغاندا دىيەلمىگەن گەپلەرنى بلوگدا ئىنكاس قالدۇرۇشى مۇمكىن. سىزمۇ مەھسۇلات ھەققىدە بلوگدا تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بېرەلىشىڭىز مۇمكىن.
7. باشقىلاردىن ئۆگىنىڭ.
توختىماي ئۆگەنگەن ئادەمدە چوقۇم ئۈمد بار! نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بلوگىرلار ئۆزىنىڭ بلوگىدا بلوگ ئارقىلىق قانداق پۇل تېپىش تەجىربىلىرىنى يازغان. شۇلارنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئىگىلەڭ.
بۇ ماقالە قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
تەپسىلى مەزمۇنىنى كۆرۈش

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەر شارىدىكى پاراڭلىشىش قوراللىرىنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئومۇملىشىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. بىزمۇ QQ, MSN لارنى ئىشلىتىپ قويىمىز. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ باقايلى.
دىققەت: بۇلار پەقەت سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى. ئادەتتە قۇرۇق پاراڭ سوقىدىغان سورۇنلاردىكى ئىشلىتلىش نىسبىتى نەزەرگە ئېلىنماپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قىممىتى بار. سىزمۇ ئۆزىڭىزگە لايىق بىر ئۇسۇلنى تاللاپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
Yahoo! Messenger ئومۇملىشىش نىسبىتى 55 پېرسەنت
AIM Express ئومۇملىشىش نىسبىتى 55 پېرسەنت
AIM ئومۇملىشىش نىسبىتى 50 پېرسەنت
QQ ئومۇملىشىش نىسبىتى 25 پېرسەنت
Google Talk ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
Yahoo! Web Messenger ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
MySpaceIM ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
eBuddy ئومۇملىشىش نىسبىتى 15 پېرسەنت
IRC ئومۇملىشىش نىسبىتى 10 پېرسەنت
MSN، ICQ قاتارلىق بىز بىلىدىغان مۇڭداشقۇلارنىڭ سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى 5 پېرسەنت ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.
ئەسلى مەنبەدىكى ماقالە

يەرشارىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پاراڭلىشىش قورالى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەر شارىدىكى پاراڭلىشىش قوراللىرىنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئومۇملىشىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. بىزمۇ QQ, MSN لارنى ئىشلىتىپ قويىمىز. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ باقايلى.
دىققەت: بۇلار پەقەت سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى. ئادەتتە قۇرۇق پاراڭ سوقىدىغان سورۇنلاردىكى ئىشلىتلىش نىسبىتى نەزەرگە ئېلىنماپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قىممىتى بار. سىزمۇ ئۆزىڭىزگە لايىق بىر ئۇسۇلنى تاللاپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
MSN ئومۇملىشىش نىسبىتى 85 پېرسەنت
Yahoo! Messenger ئومۇملىشىش نىسبىتى 55 پېرسەنت
AIM Express ئومۇملىشىش نىسبىتى 55 پېرسەنت
AIM ئومۇملىشىش نىسبىتى 50 پېرسەنت
QQ ئومۇملىشىش نىسبىتى 25 پېرسەنت
Google Talk ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
Yahoo! Web Messenger ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
MySpaceIM ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
eBuddy ئومۇملىشىش نىسبىتى 15 پېرسەنت
IRC ئومۇملىشىش نىسبىتى 10 پېرسەنت
ICQ قاتارلىق بىز بىلىدىغان مۇڭداشقۇلارنىڭ سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى 5 پېرسەنت ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.
ئەسلى مەنبەدىكى ماقالە