A turkology blog

بۈگۈن بىرلا Adsense ھىساباتىدا ئالغان ئېلان كودىنى كۆپلىگەن تور بېكەتلەرگە قويۇش ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسلىلەر ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمىز.
سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Adsense ھىساباتى ئالغاندىن كېيىن، ئېلان كودىنى ھەر قانداق تور بېكەتكە قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمما سىز ئېلان قويغان تور بېكەتلەر چوقۇم Adsense كىلشىمىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك.
Adsense كىلشىمىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بەزى مۇھىملىرى مۇنداق :
قانۇنسىز، شەھۋانى ياكى نوقۇل چوڭلار مەزمۇنى بار تور بېكەتلەرگە Adsense ئېلانى قويۇشقا بولمايدۇ. تور بېكەتنىڭ تىلى چوقۇم Adsense قوللىغان تىللار دائىرسى ئىچىدە بولىشى كېرەك (2008- يىلى 8- ئاي : ئۇيغۇرچە ھازىرچە بۇ تىللار دائىرسىدە ئەمەس.)؛ Adsense ئېلانىنى تور بېكەتلەرگە قويۇپ باشقىلارغا چەكتۈرۈشكە ياكى ئېلان بار بەتنى IM لاردا، ئېلخەتلەردە باشقىلارغا يوللاشقا بولمايدۇ…. ۋەھاكازالار….
ئەگەر سىز Adsense كىلشىمىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ھىساباتىڭىز توختايدۇ، ھەم مەڭگۈ Adsense ھىساباتىغا ئېرىشەلمەيسىز، ھەمدە سىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ھىساباتىڭىز توختاپ كېتىشتىن ئىلگىرى تاپقان بارلىق پۇللار سىزگە بېرىلمەيدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ئىككى ياكى كۆپ تور بېكىتىڭىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېلان قويماقچى بولسىڭىز بۇنىڭ ئۈچۈن Google غا ئايرىم ئىلتىماس قىلىش ياكى باشقا تور بېكەتلەر ئۈچۈن ئايرىم Adsense ھىساباتى ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، سىز پەقەت شۇ بىرلا Adsense ھىساباتى ئىچىدىن كود ھاسىل قىلىپ، ئېلان كودىنى ئۆزىڭىز خالىغان تور بەتلىرىڭىزگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن Adsense بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىپ قويۇش ھاجەتسىز.
ئەگەر كۆپلىگەن تور بېكەتكە چاپلىغان ئېلانلارنىڭ كىرىم ئەھۋالىدىن ئېنىق خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز كود ھاسىل قىلغاندا 染道名称 لارغا ئايرىم – ئايرىم ئىسىم قويۇپ، ھاسىل قىلسىڭىز بولىدۇ. ئېلان قويغان ھەر بىر بەتكە ئايرىم كود ھاسىل قىلىپ، ھەم ئۇنىڭغا ئايرىم پەرق ئەتكۈدەك ئىسىم قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ھەر قايسى بەتلەرگە قويغان ئېلان كودىنى ئۆزگەرتمەڭ.
ئەگەر سىز بۇرۇن Adsense قا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن تور بېكىتىڭىزنى سېتىۋەتكەن، ھازىر يېڭى بىر تور بېكەت ماڭدۇرغان بولسىڭىز، ئۇنىمۇ Adsense بۆلۈمى ياكى Google غا ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىز ھاجەتىسىز؛ سىز ئاۋال بۇرۇنقى بېكەتتىكى Adsense كودىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، يېڭى بېكەتكە قويسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن Adsense كىلشىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولمايسىز.
يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ قويايلى : Google شىركىتى مەزگىللىك ھالدا Adsense ئېلانى قويۇلغان بېكەتلەرنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئېلانىڭىز Adsense كىلشىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان بېكەتلەرگە قويۇلسا بۇنداق تەكشۈرۈشلەردە ھىساباتىڭىز دەرھال توختايدۇ.
Adsense كىلشىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

ئەسلى Adsense (جۇڭگو) بۆلۈمىدىكى ماقالە

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: