A turkology blog

يېقىندا Google شىركىتى پۇل تاپقىلى بولىدىغان Knol دەيدىغان بىر مۇلازىمەتنى چىقاردى. بۇندىن ئىلگىرى Knol ھەققىدە بىر قانچە پارچە ماقالە يازدىم. بۈگۈن تەكلىماكان بلوگدا يەنە Knol دا ماقالە يېزىش ۋە ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئالدى بىلەن knol.google.com نى ئېچىڭ.
بەت ئېچىلغاندىن كېيىن، سول ئۈستى تەرەپتە write a knol دىگە خەت بار، تۆۋەندىكى رەسىمدەك. شۇ خەتنى چېكىڭ.

بۇ چاغدا سىزنىڭ ھىسابات ئۇچۇرىڭىزنى سورايدۇ، سىز تىزىملاتقان Email ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن يەنە يېڭى بەت ئېچىلىدۇ، ئۇ چاغدا يەنە ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى write a knol دىگەن خەتنى چېكىپ ماقالە يېزىش بېتىگە كىرىسىز.

بۇ چاغدا ماقالە يېزىش بېتى ئېچىلىدۇ.
Title دىگەن ئورۇنغا ماقالە ماۋزۇسى
subtitle دىگەن ئورۇنغا ئىككىنچى ماۋزۇ (يازمىسىمۇ بولىدۇ.)
Affiliation دىگەن ئورۇنغا 2-ئاپتور (يوق بولسا يازمىسىمۇ بولىدۇ.)
Summary دىگەن ئورۇنغا ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى.
Start writing here دىگەن ئاستىدىكى چوڭ ئورۇنغا ماقالىنىڭ تولۇق تېكستى يېزىلىدۇ.
مۇشۇ بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە قوراللار بېرىلگەن بولۇپ، رەسىم قوشۇش، ئۇلىنىش قوشۇش، خەتلەرنى رەتلەش، چوڭايتىش، كىچىكلىتىش، رەڭ تاللاش ۋە باشقا تېكست فورماتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
ماقالە يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتە كىچىك This knol is unpublished دىگەن خەت ۋە ئۇنىڭ Publish دىگەن كونۇپكا بار، رەسىمدەك.

شۇ كونۇپكىنى چېكىپ، ماقالىنى Knol غا ئېلان قىلىمىز. ماقالىمىز بىز يازغان كۈننىڭ ئەتىسى Knol دا ئېلان قىلىنىدۇ، ۋە Google ئىزدەش ماتورىغا قوشۇلىدۇ.
ئەگەر ماقالىنى يېزىپ ۋاقتىنچە ئېلان قىلماي تۇرماقچى بولسىڭىز سول ئۈستى تەرەپتە Save دەپ بار، شۇنى چېكىڭ. بۇنى چەككەندە ھىچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما ماقالە ساقلىنىدۇ. ھەم ئېلان قىلىنمايدۇ. ۋاقت يەتكەندە قايتا كىرىپ، مەزكۇر ماقالىنى قايتا تەھرىرلەشكە بولىدۇ.

Advertisements

Comments on: "Knol نى قانداق ئىشلىتىمىز؟" (3)

  1. مەن بەش پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ قويدۇم،ھەمىسىنى سىز دىگەندەك قىلدىم،مەنمۇ ئىلتىماس قىلسام بۇلامدۇ.

  2. ئەلۋەتتە بولىدۇ

  3. مىنىڭ بولمىدى ياردەم قىلسىڭىز بۇلۇپتىكەن.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: