A turkology blog

بىز تەكلىماكان بلوگ يېزىلىشقا باشلانغاندىن بۇيان خەلقئارادا ئەڭ نوپۇزلۇق، ئۇزۇن داۋاملىشالايدىغان، باشقىلار ياكى بىز سىناپ مۇۋەپپەقىيەتلىك پۇل تاپشۇرۇپ ئالغان تور بېكەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما يېقىندىن بۇيان تەكلىماكان بلوگدا تور بېكەتلەرگە تىزىملىتالماسلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپىيىپ قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەكلىماكان بلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىمىز.
تەكلىماكان بلوگ ئەزەلدىن بىرەر ئېلان كەسپى شىركىتى بىلەن باشتىن-ئاخىر ھەمكارلىشىپ كىرىم قىلىپ كەلگەن ئەمەس، بىز پەقەت كۆپلەپ تىلغا ئېلىنغان، داڭلىق ئېلان شىركەتلىرى ياكى پۇل تاپقىلى بولىدىغان تور بېكەتلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ سىناپ باقتۇق، ھەم سىناق نەتىجىسىنى تورداشلارغا سۇندۇق. تور بېكەت ئىگىلىرى ۋە بلوگ يازغۇچىلارنىڭ ئانچە-مۇنچە ئىشتىن سىرىت كىرىم قىلالىشىغا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان بېكەتلەر ھەققىدە تەپسىلى ماقالىلەر يازدۇق. ئەمما بىز تەۋسىيە قىلغان ۋە تونۇشتۇرغان بېكەتلەر بىلەن تەكلىماكان بلوگنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق!
سىز تەكلىماكان بلوگدا تونۇشتۇرۇلغان ھەرقانداق بىر بېكەتكە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىڭ: ئەگەر سىز تونۇشتۇرۇلغان بېكەتكە كىرىپ، تەكلىماكان بلوگدا چۈشەندۈرۈلگەن ئىشلارنى قىلالمىسىڭىز ياكى ھىچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىسىڭىز ۋە ياكى ۋاقت، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتسىڭىز تەكلىماكان بلوگ ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
بىز پەقەت ياخشى پۇرسەتلەر بولسا سىزگە تونۇشتۇرۇپ قويىمىز. بىز تونۇشتۇرغان شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتىكى بارلىق مەسئۇلىيەت شۇ شىركەت بىلەن ئۆزىڭىزدە بولىدۇ. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ ھەرقانداق سەۋەب بىلەن تەكلىماكان بلوگنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمد قىلىمىز! بىز سىلەرنى ئالدىمىدۇق !
ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت!
1429- يىل شەبان ئېيىنىڭ 20 – كۈنى (ھېجىرىيە)
2008–يىل 8- ئاينىڭ 23-كۈنى (مىلادىيە)

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: