A turkology blog

Archive for سېنتەبىر, 2008

Adsense تاي تىلىدا ئېچىلدى ยินดีต้อนรับสู่โปรแกรมของเราค่ะ

تاي تىلى (تايلاند) دىكى Adsense مەزمۇن ئېلانى يولغا قويۇلدى. بۈگۈندىن باشلاپ تايلاند تىلىدىكى تور بېكەتلەر گۇگول ئېلانىدىن نورمال كىرىم قىلالايدۇ. Adsense نىڭ تېخىمۇ كۆپ تىللاردا يولغا قويۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ تىللاردىكى تور بېكەتلەرنىڭ كىرىمى ئۈچۈن پايدىلىق.

قازاقچە بلوگ ئۇسلۇبى – يېشىل دالا

قازاق قېرىنداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ قازاق (جۇڭگو) يېزىقىدىكى نۇسخاسىنى ئىشلەپ چىقتۇق. . ئۈلگە ئادرېسى: بۇ يەرنى چېكىپ ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ
1-چۈشۈرۈش ئورنى
2-چۈشۈرۈش ئورنى
بۇ يەرنى چېكىپ قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئوقۇڭ.
بۇ يەرنى چېكىپ، بلوگ رەسىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىڭ
مەزكۇر ئۇسلۇب گۇگول بلوگدا ئەسلىدە بار بولغان ئۇسلۇبقا ئاساسەن ئۆزگەرتىلدى. بارلىق ھوقۇق ئەسلى ئىشلىگۈچىگە مەنسۇپ. ئىشلىتىش جەريانىدا كېلىپ چىققان ھەرقانداق مەسلىگە ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئىگە بولىدۇ..
ئەسكەرتىش: پەقەت BlogSpot.com دىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلەيدۇ.
ئۇيغۇرچىلاشمىغان بىر قىسىم جايلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
eot ھۆججىتى ئۇلاش weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
بلوگ باش بېتىدە يازمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى
بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار

گۇگول يانفونى چىقتى. باھاسى 179 دوللار

مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا T-موبىل شىركىتى Android سېستىمىلىق Google شىركىتىنىڭ يانفونىنى تارقاتتى. باھاسى 179 دوللار (تەخمىنەن 1200 RMB بولىدىكەن.). 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ 22 دۆلەتتە سېتىلىدۇ.

Google يانفونى ئەتە بازارغا چىقىدۇ.

ئامېرىكا غەربىي قىسىم ۋاقتى بويىچە ئەتە ئەتىگەن گۇگول ماركىلىق يانفون بازارغا سېلىنىدۇ. يېقىندا يانفون ئالماقچى بولغانلار ئالماي تۇرۇڭلار. Gphone دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزكۇر يانفون ئىقتىدار جەھەتتە ھازىر ئەڭ ئالدىدا تۇرارمىش. باھاسى ھەم ئەرزان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ ھازىرغا قەدەر ياسالغان تورغا چىقىش سۈرئىتى ئەڭ تېز كۆچمە ئەسۋاب.
Google ماركىلىق يانفوندا گۇگولنىڭ كۆپلىگەن مۇلازىمەتلىرى مەسلەن: بلوگ، ئېلخەت، ئاتلاس، youtube ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە باشقا يانفونلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئىقتىدارلار بار.
مەنبەسى ئانچە ئىشەنچىلىك بولمىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا Google ماركىلىق يانفوننىڭ باھاسى 110 دوللار بولىدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق بولغاندا تەخمىنەن 700 RMB دىن ئەرزانراق بولىدۇ دىگەن گەپ.
تۆۋەندىكىسى Gphone نىڭ تەخمىنەن رەسىمى.


ئىلگىرى گۇگول Gphone نى بېكارغا تارقىتىدۇ دىگەندەك خەۋەرلەرمۇ تارقالغان ئىدى (بىز تەكلىماكان بلوگدا بۇ ھەقتە بىر يىل بۇرۇن خەۋەر بەرگەن)، ئەگەر 110 دوللار باھا بىلەن سېتىلسىمۇ، ئىقتىدارى ۋە iPhone نىڭ نەچچە مىڭ RMB لىق باھاسىغا قارىغاندا دەرھاللا بازار ئىگىلىشى مۇمكىن.
مەنبەسى ئىشەنچلىك بولمىغان خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ئەتە چىقىدىغان Gphone نىڭ تېلفوندىن ئىبارەت يالغۇز ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە ئىنچىكىلىك بىلەن لايھەلەنگەن. 8G غىچە سىغىمىنى كېڭەيتىشكە بولىدىكەن.
بۇ يانفونغا گۇگول شىركىتى ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان Android مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان. قاتتىق دېتال قىسمىنى ئامېرىكىدىكى windows mobile قاتارلىق داڭلىق ئىلىكترون بويۇملىرىنى ياسىغان HTC شىركىتى ياسايدىكەن.

Adsense ئىزدەش رامكىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

يېقىندا گۇگول شىركىتى ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق Adsense كىرىمى قىلىشتىكى كىلشىمنى ئۆزگەرتتى. دەرھال يېڭى كىلشىمدىكى بىلەن تور بېكىتىڭىزنى ماسلاشتۇرۇڭ. يېڭى كىلشىمنىڭ سىز ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك مەزمۇنى مۇنداق:
1. بىر بەتكە سىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 دانە ئىزدەش رامكىسى قويسىڭىز بولىدۇ.
2. Adsense ھىسابى ئىچىدە ئىزدەش رامكا كودى ئالغاندىن كېيىن، كودنى ھەرقانداق شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. مەسلەن: ئىزدەش رامكىسىغا ئالدىن سۆز تولدۇرۇپ قويۇش، ياكى گۇگول ماركىسىنى ئېلىۋېتىش دىگەندەك ھەرقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولمايدۇ. ئىزدەش رامكا كودى ئەسلى Adsense ھىسابى ئىچىدىن ئالغان ھالەتتە تۇرىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: ئەگەر تور بېكىتىڭىزدە يۇقارقى كىلشىمگە خىلاپ ئورۇنلار بولسا دەرھال ئۆزگەرتىۋېلىڭ. بولمىسا گۇگول سىزگە پۇل تۆلىمەسلىكى مۇمكىن.

BlogSpot دىكى بلوگ باش بېتىدە تېمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرستىش

بۇنىڭغا ئۈچ جەريان كېتىدۇ. ئارقا سەھنىدىن تەڭشەش، تولۇق ئوقۇش كونۇپكىسى چىقىرىش ۋە يازما ئۇسلۇبىنى بەلگىلەش قاتارلىقلار. بۇ جەريانلارنى تەپسىلى ئورۇنداڭ. خاتالىق يۈز بەرسە بولمايدۇ.

بىرىنچى: ئارقا سەھنىدىن تەكشەش

ئاۋال خاتېرە دەپتەردىن بىرنى ئۈستەل يۈزىگە قۇرۇڭ ۋە بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن كود تەھرىرلەيدىغان ئورۇننى ئېچىڭ، ئېچىلغاندىن كېين كود رامكىسىغا قارىسىڭىز ئۈستى ئوڭ تەرەپتە بىر كونۇپكا بار، تاللاش كونۇپكىسى. كىچىك كۆزنەكلەرگىچە كېڭەيتىش دىگەن كونۇپكا ، شۇ كونۇپكىنى تاللاڭ، تەخمىنەن ئىككى سىكونت ئىچىدە بەت بىر يېڭلىنىدۇ، يېڭىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كود رامكىسىدىكى بارلىق كودنى كۆچۈرۈپ خاتېرە دەپتەرگە چاپلاڭ. خاتېرە دەپتەرنىڭ كۆزنىكىدە ئىزدەش دەيدىغان بىر ئىقتىدار بار، كود ئىزدەشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئاۋال خاتېرە دەپتەرگە چاپلىدۇق ،ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ

يۇقىرىدىكى كودنىڭ ئالدىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ . چوقۇم ئالدىغا چاپلايسىز



span.fullpost {display:inline;}

span.fullpost {display:none;}

ئىككىنچى: تولۇق ئوقۇش كونۇپكىسى چىقىرىش

بۇ قەدەمدە باش بەتتە كۆرۈنگەن ئىخچام ماقالىلارنىڭ ئاستىغا دىگەن بىر كونۇپكا ئورنىتىمىز، تولۇق ئوقۇشنى چەككەندىن كېيىن ماقالە ئايرىم بەتتە تولۇق تېكستى بىلەن ئېچىلىدىغان بولىدۇ. ئاۋال باشتىكى ئۇسۇل بويىچە بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى بارلىك كود ئىچىدىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.

ئىزدەپ تاپقان يۇقارقى كودنىڭ كەينىگە بىر بوشلۇق قويۇپلا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.


تولۇق ئوقۇش


ئەمدى خاتېرە دەپتەردىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئارقا سەھنىدىكى ئورنىغا چاپلاڭ، دىققەت: ھېلىقى كود رامكىسى ئوڭ بۇرجىكىدىكى كىچىك كاتەكچە تاللانغان بولىشى كېرەك. چاپلاشتىن بۇرۇن ھەممىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئاندىن چاپلاڭ. ۋە ئۇسلۇبنى ساقلاڭ

ئۈچۈنچى : يازما ئۇسلۇبىنى بەلگىلەش

ئەمدى ئارقا سەھنىدىن تەڭشەش ياكى خەنزۇچە 设置 ئېنگلىزچە Settings نى ئېچىڭ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىن 格式设定 ياكى ئېنگلىزچە Formatting نى ئېچىڭ.

ئەمدى قارىسىڭىز ئەڭ ئاستىدا يازما ئۇسلۇبى، خەنزۇچە 文章模板 ياكى ئېنگلىزچە Post Template دەپ بار. شۇ بوش كاتەكچىگە تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ.

bashlanmisiDawami

ئەمدى يەنە ساقلاشنى بېسىپ ساقلاڭ. ئەمدى ئىشلار ئاساسەن پۈتتى ، يۇقىرقى كودقا دىققەت قىلدىڭىزمۇ. يۇقىرقى كود ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. بىرى ماقالىنىڭ باشلانمىسى، يەنە بىرى داۋامى. باشلانمىسى دىگىنى باش بەتتە كۆرۈنىدىغان ئىخچام شەكلى. داۋامى دىگىنى ئايرىم بەتتە كۆرسىتىلىدىغان تولۇق شەكلى. بۇندىن كېيىن يېڭى ماقالە يازماقچى بولۇپ ماقالە يېزىشنى باسسىڭىزلا ماقالە يېزىش رامكىسىدا يۇقىرىقى كود چىقىدۇ. ئەگەر چىقمىسا ماقالىنىڭ HTML ئۆزگەرتىش بۆلىكىنى ئېچىڭ. سىز ماقالىنى باشقا جايدا يېزىۋېلىپ، ئاندىن ماقالە يېزىش رامكىسىغا ئىككىگە بۆلۈپ چاپلىشىڭىز كېرەك. چاپلىغاندا باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان ئىخچام قىسمىنى Bashlanmisi دەپ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان خەتنىڭ ئورنىغا( ئۇ خەتنى ئۆچۈرۋېتىپ) چاپلاڭ. ماقالىنىڭ داۋامىنى Dawami دىگەن خەتنىڭ ئورنىغا چاپلاڭ. دىققەت قىلىڭ: باشلانمىسى ۋە داۋامى دىگەن ئىككى سۆزدىن باشقا ھەرقانداق كود ئۆچۈرلۈپ كەتمىسۇن، رەسىم چىقارسىڭىزمۇ چوقۇم بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ. سەل ئاۋارىچىلىق، ئەمما ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالىسىز. بەرىبىر گۇگول بلوگ ئارقا سەھنىسىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە ماقالە يازسا ئابزاسلار سەت چىقىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا مەن ئادەتتە يۇلغۇن تور ئۈستى ئىملا تەكشۈرگۈچىدە يېزىۋېلىپ ئاندىن چاپلايمەن

يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يوللاڭ.

ئەگەر سىز رەسىم، سىن ۋە باشقا تۈرلۈك ھۆججەتلەر بىر گەۋدىلەشكەن ھەم مۇرەككەپ فورماتلىق يازما يازسىڭىز بەلكى بۇ كودلار قالايمىقانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىز ماقالە يازغاندا يازما رامكىسىدىكى كودنى ئۆچۈرۋېتىڭ، ماقالە تولۇق مەزمۇنىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، سىز باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان قىسمىنىڭ ئاخىرىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇپ

ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا يەنە تۆۋەندىكى كودنى قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تەكلىماكان بلوگدا بۇ ئۇسۇل تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلدى. ئەگەر چۈشىنىلمىگەن جايلار بولسا بىزنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك پىكرىڭىزنى ئايىماڭ. رەھمەت.

تەكلىماكان بلوگدىكى ئىزدەش ماتورىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ماقالە ماۋزۇسى قىلساق بولىدۇ:

بلوگ باش بېتىدە يازمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش.

قىسقارتىلما شەكلىنى كۆرسىتىش.

قىسقارتىلغان شەكلىنى كۆرسىتىش.

add an expandable post summary

2008-يىللىق Google ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلەر

تۆۋەندىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ يىلقى Google ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئېرىشىدىغان ئوتتۇرچە پۇل 10 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى. بۇ مۇكاپات پەقەت ئامېرىكا ۋە كانادادىكى نېگىرلار، ئىسپانىيىلىكلەر ۋە ئىندىئان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى كىشىلەرنى تەبرىكلەيمىز.

2008 Google United Negro College Fund Scholars

* Brian Beecham – Alabama A&M University
* Clinton Buie – Stanford University
* Dorian Perkins – University of California, Riverside
* John Mosby – Clark Atlanta University
* Katherine Trushkowsky – University of California, Berkeley
* Lateef Yusuf – Georgia Institute of Technology
* Mamadou Diallo – University of California, Irvine
* Mcdavis Fasugba – University of Miami
* Pascal Carole – University of Michigan-Ann Arbor
* Rashida Davis – University of Delaware
* Remy Carole – University of Michigan-Ann Arbor
* Sheronda Nash – Georgia Institute of Technology
* Souma Badombena-Wanta – George Mason University
* Yolanda McMillian – Auburn University

2008 Google Hispanic College Fund Scholars

* Miguel Rios – University of Puerto Rico-Mayaguez
* Milton Villeda – University of Texas, Austin
* Ricardo Rodríguez – University of Puerto Rico-Mayaguez
* Marco Medina – Eastern Washington University
* Abel Licon – University of Deleware
* Maximiliano Ramirez Luna – University of California, Berkeley
* Juan Herrera – University of Oklahoma
* Kenneth Faller Ii – Florida International University
* Heriberto Reynoso – University of Texas, Brownsville
* Jose Martinez – California State Polytechnic University
* Otoniel Ortega – University of Illinois, Chicago
* Antonio Rodríguez-soto – Universidad Del Turabo
* Tina Ziemek – University of Utah
* Diana Flores – University of Florida
* Matthew Martinez – University of New Mexico
* Frank Blandon – University of Florida
* Felipe Carmona – Roosevelt University
* Pamela Gutierrez – Oklahoma Panhandle State University
* Daniel Hernandez – Tennessee Technological University

2008 Google American Indian Science & Engineering Society Scholars

* Erik Bennett – New Mexico Tech
* Kaylei Burke – University of Nebraska, Lincoln
* Cory Cornelius – Dartmouth College
* Daniel Jachowski – Stanford University
* Denise Martin – Capella University
* Mitchell Martin – University of Texas, San Antonio
* Melanie Prevett – Oklahoma State University
* Thomas Reed – University of California, Santa Barbara
* Delbert Willie – Colorado State University