A turkology blog

جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدە تېلۋوزۇردا داڭلىنىدىغان سەنلۇ بوۋاقلار پاراشوكىدىن چاتاق چىقىپ، بوۋاقلارنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مەسلە خېلى بۇرۇن بايقالغان بولۇپ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كۆڭۈل بۆلمىگەن.
6-ئايدا بىر قىسىم خېرىدارلار سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىدا مەسلە بارلىقى ھەققىدە دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا پىكىر سۇنغان، ئەمما ئۇلار تاپشۇرۋالغان جاۋاب «سەنلۇ سۈت پاراشوكلىرىنىڭ مەسلىسى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەڭلار» بولغان. 8-ئايغا كەلگەندە يەنە نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار زەھەرلەندى ۋە سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن بۆرەكتىن چاتاق چىققان.
بۇ چاغدا سەنلۇ گورۇھى مەسلىنى ئېتراپ قىلدى، ئەمما ئۇلار سۈتنى بىز دېھقانلاردىن سېتىۋالغان، دېھقانلار كونا سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ دەپ باش مەسئۇلىيەتنى دېھقانلارغا يۈكلىگەن.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى 2007- يىلى 9-ئاينىڭ 2- كۈنى xx تىلۋىزىيە ئىستانىسسى «جۇڭگولۇقلار ياسىغان» پروگراممىسىنىڭ «ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى» سەھىپىسىدە سەنلۇ ماركىلىق پاراشوك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرگەنلىكى، ئۇلار ئىشلىگەن سۈت پاراشوكىنىڭ بوۋاقلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقى، بۇ پاراشوكلارنىڭ 1100 قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئاندىن بازارغا چىقىدىغانلىقى. ئىنتايىن ئىشەنچىلىكلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. قارىغاندا تېلۋىزىيە ئىستانىسسى دىگەن نىمىلەرنىڭ يۈزىمۇ ئادەتتىكىدەك قېلىن ئەمەسكەن !
تۆۋەندىكىسى دەل شۇ خەۋەر:
http://player.youku.com/player.php/sid/XMTY0MzMwODg=/v.swf

سەنلۇ گورۇھى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاندىن خاتالىقنى بوينىغا ئالدى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، خېفېي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەر سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكلىرىنى يىغىۋالدى.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى: سەنلۇ گورۇھى 15 يىلدىن بۇيان مۇشۇ ساھەدە سېتىش مىقدارى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: