A turkology blog

Archive for ئۆكتەبىر, 2008

مايكول ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىلىرى

مەن ئۇزۇندىن بۇيان بلوگىنى ۋاراقلاپ قويىدىغان بىر كىشى بار. ئىسمى دوكتور Michael S. Kaplan. بۇ كىشى مىكروسوفتنىڭ ئادىمىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى خېلى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ ۋە كۆڭلىمىزگە ياقىدۇ. ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەت بولىۋاتقاندا ئۇيغۇر ئەمەس بىر زاتنىڭ بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ماقالىلەر ئېلان قىلىشى ماڭا بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلدى. مەسلەن تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى ئۇ يازغان:
ئۇلارنى Uyghur دەيمىزمۇ ياكى Uighur مۇ؟
Vista دىكى ئۇيغۇرچىدە ف ھەرىپى ئوڭشىلامدۇ يوق؟
بىر قىسىم يەرلىك تىللار ISO-639 code ئۆلچىمىدە يوققۇ؟ (جۈملىدىن ئۇيغۇرچە)
ئېنگلىز تىلى كىمنىڭ؟ (ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك)
ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان تىللاردا خاتالىق كۆرۈلۈش مەسلىسى
مىنىڭ ئىسمىمنى يېزىپ باق. كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتەمسەن؟
بېنگالمۇ ياكى بەنغلادىشمۇ؟
Vista دا فونت دىگەن نىمە؟
ۋىندوۋستىكى تىل ۋە فونت قوللاش
ئۇلارنىڭ GB18030 ئۆلچىمى دىگىنى قانداق ئۆلچەم؟
ۋە باشقىلار…..
يۇقارقى ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كومپيوتېرچىلىقى ھەققىدە ياكى بىۋاستە مۇناسۋەتلىك. ھەممىسىدە ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى تىلغا ئېلىنغان.
يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدا FinalFantasy ئەپەندىم Windows 7 نى سىناش دوكلاتىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندا ۋىستادا كۆرۈلگەن ف ھەرىپى مەسلىسى ۋە Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچە ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا بۇندىن ئىلگىرى ۋىستادىكى ف ياكى ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسلىلەر ھەرقايسى مۇنبەرلەردە بازارلىق تېما بولغان ئىدى. قاراپ باقساق مايكول ئەپەندى يازغان بىر قىسىم ماقالىلەر ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە بەك يېقىنلىشىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيوتېر ئىشلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە چۈشىنىپ ئۇنى دەل ۋاقتىدا MSDN مۇنازىرسىدە ۋە باشقا جايلاردا مىكروسوفتقا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ كىشى زادى كىم؟
دوكتور مايكول ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ Redmond دىگەن بىر يېرىدە ئولتۇرۇشلۇقكەن. بۇ جاي ۋاشنگتوندا بولسا كېرەك. ئۇ 1952-يىلى قوزا ئېيىدا تۇغۇلغان. ھاياتلىق ئىلمىي (بئولوگىيە) تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تىببى پەنلەر پروفېسسورى. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات تۈرى: چوڭلاردا يېڭىدىن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولمايدۇ دىگەن پىكىردىن ئىبارەت.
يۇقىرقى تەرجىمھال پەقەت ۋىكىپېدىيەدىكى مايكول.س.قاپلان دىگەن كىشىنىڭ تەرجىمھالى. ئۇ مەن بلوگىنى ئوقۇيدىغان مايكول.س.قاپلان شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئۇقمايمەن! ئامېرىكىدىمۇ ئەمەت ئىسىملىكلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان زېھنىنى تۆھپە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
Michael S. Kaplan ئەپەندىنىڭ بلوگ ئادرېسى
blogs.msdn.com/michkap

Advertisements

Windows 7 نى سىناپ بېقىڭ! (ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان)


مىكروسوفت Vista دىن كېيىن تارقىتىدىغان مەشغۇلات سېستىمىسى windows 7 نى ئىچكى قىسىمدا سىناشقا باشلىدى. سىزمۇ قاچىلاپ ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە باشقا تەرەپلەرنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز:
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mininova.org/tor/1958904
بۇ يەردىن FinalFantasy ئەپەندىنىڭ سىناش دوكلاتىنى كۆرۈڭ.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: Windows 7

ئۇيغۇرچە WordPress بلوگ سۇپىسى

شىنجاڭ ئۇچۇر تور مەھەللىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىلگىركى بلوگ سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ WordPress سۇپىسى ئىشلىتىپتۇ. WordPress دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇقىم بلوگ سۇپلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تور بېكەتتە بلوگ ياساش ئۈچۈن Blogbus ياكى BlogSpot نى تەرجىمە قىلىش ۋە باشقا جەريانلار كەتمەيدۇ. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەن.
ئادرېسى: wp.78.la

ئۇزۇن تور ئادرېسىنى قىسقارتىدىغان ھەقسىز مۇلازىمەتلەر

تۆۋەندىكى تور بېكەتلەر ئارقىلىق ئۇزۇن، مۇرەككەپ تور ئادرېسلىرىنى بىر نەچچە ھەرپكە قىسقارتىپ ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. ۋاقتلىق ئېلان بېتى قاتارلىق زۆرۈر بولغان چاغلاردا بەك ئەسقاتىدۇ.

tinyurl.com
www.is.gd
www.url.ie
www.easyurl.net
jmp2.net
www.w3t.org
www.xaddr.com
www.doiop.com

بەيدۇ بار ۋە بەيفۇباۋ ئېلان قىلىندى.


بەيدۇنىڭ تاۋباۋ تورىغا ئوخشايدىغان بازار مۇلازىمىتى بەيدۇ بار ! خەنزۇچە Baidu YouA ئۆتكەن ئايدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ ھازىر رەسمى ئېچىۋېتىلدى. ئىبەي، تاۋباۋ، پەيپەي قاتارلىقلاردا دۇكان ئاچقان دوستلار مېنىڭچە بەيدۇدىمۇ ئېچىپ قويسا بولىدۇ. دۇكان ئېچىش ھازىرچە ھەقسىزكەن.
يېقىندىن بۇيان بەيدۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئېلان قىلغان بەيدۇ بوشلۇقى باشقىلارغا ئانچە ياقمىدى. بەيدۇ بلوگ ئىزدەش ماتورى ھەم بەيدۇ بوشلۇقىدىن باشقا نەرسىلەرنى ئىزدىمىگەچكە كىشىلەر ئىشلەتمەي قويدى. مۇڭداشقۇسى بەيدۇ Hi چىقىپلا يوچۇق بايقالدى. تېخى ھازىرغىچە بىرەر تورداشنىڭ ئۇنى مەن ئىشلىتىۋاتىمەن دىگىنىنى ئاڭلىمىدۇق.
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بەيدۇ تاۋباۋغا ئوخشاش بازار ئاچقان تور بېكەتلەر بىلەن رىقابەتلەشمەكچى ئوخشايدۇ. مەيلى نىمىلا بولسۇن بۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىشى ! ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى جۇڭگودەك نوپۇسى كۆپ دۆلەتتە بەيدۇ ھەم خەنزۇچە ئىزدەشتە ئىناۋەتكە ئىگە تور بېكەت. ئۇنىڭ چىقارغان بازار پروگراممىسى بەلكىم تېزلا ئالقىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن !
كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولسا كېرەك. Ebay بىلەن Alibaba ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكىنىڭ شىركىتى. ھەر ئىككىلىسى مال سېتىۋېلىش ۋە مال سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ پروگراممىسى ۋە تۈرلۈك ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. تاۋباۋ، ئىبەي، پەيپەي قاتارلىقلارنىڭ ئاساسەن ئوخشاش ! بەيدۇ بارنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تاۋباۋلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
بەيفۇباۋ دىگەن بۇ نەرسە Alipay ۋە Paypal غا ئوخشاش نەرسىكەن. ئەمما ئۇ يېڭى بولغاچقا دوستلارنىڭ بۇ يېڭى پروگراممىغا ھازىرچە پۇل قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
توردا يەنە بەيدۇ بار ھەققىدە مۇنداق گەپلەرمۇ باركەن:

A:东西不错嘛,哪里买的呀? B:网上,有啊! A:我知道网上有,具体是哪个网站? B:有啊! A:我知道有,可是到底是哪里啊? B:百度有啊! A:百度哪里有? B:百度有啊有啊! A:百度哪里有啊? B:靠,百度的淘宝!

بەيدۇ بارنىڭ ئادرېسى: www.youa.com

Google Adsense پۈتۈنلەي يېڭى ياردەم مەركىزى (ئېنگلىزچە)



Google Adsense يېڭى مۇنازىرە مۇنبىرى ئېلان قىلىندى. بۇ مۇنبەردە ئېنگلىزچە بىلىدىغان دوستلار Adsense ھەققىدە يولۇققان مەسلىلەر ھەققىدە سۇئال سوراپ جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ. Google شىركىتىدىكىلەر جاۋاب بېرىدۇ. باشقا تور بېكەت باشلىقلىرى بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرالايدۇ.
ئادرېسى: google.com/support/forum/p/AdSense

Blogger Ads ئېلانى ھەققىدە

ھەرقانداق UTF-8 دە كودلانغان يېزىقتىكى جۈملىدىن ئۇيغۇرچە تور بېكەتكە ئېلان قويۇشنى قوللايدۇ. پۇلنى پايپال (Paypal) ئارقىلىق ئېلىشقا بولىدۇ. ھىسابات ئاسان چەكلىنىپ كەتمەيدۇ. يەككە چېكىلىشكە بېرىدىغان پۇلى يۇقىرى. مەزكۇر شىركەت جۇڭگو-تەيۋەن تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئېلانغا ھەق ھىسابلىغاندا مەزكۇر رايوندا ئىشلىتىۋاتقاتقان ئۆلچەمنى ئىشلىتىدىكەن. پۇل ئالىدىغاندا ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلاپ بېرىدىكەن. پۇل 100 دوللارغا يەتكەندە ئالغىلى بولىدىكەن. ھەر ئاينىڭ 5-چىسىلادىن 15-چىسىلاغىچە بولغان ئارلىقتىلا پۇلنى ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقتتا ئېلىپ بۇلالمىغان پۇل، كىلەر ئايلىق ھىسابقا قوشۇلۇپ، جۇغلىنىپ ماڭىدۇ.
بىر قىسىم ئاددى مەسلىلەر ۋە تەپسىلاتلار
پەقەت بلوگقىلا ئېلان قويۇشنى قوللايدۇ. (تور بېكەت بولسا بولمايدۇ.)
سودا تورى (بلوگدا مال ساتىدىغان ئىشلار بولسا) بولمايدۇ.
Paypal ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. ئەڭ تۆۋەن چەك 100 دوللار.
ھىساباتىمدا ئېلاننىڭ بىر چېكىلىشى 0.5 دوللار(NT)دىن 16 دوللار(NT)غىچە بولدى.
تىزىملىتىش ئۇسۇلى
بۇ تور بېكەت مۇرەككەپ خەنزۇ يېزىقىدا بولغاچقا ئاسانلا چۈشىنەلەيسىز. بۇ يەردىن مۇرەككەپ خەنزۇ يېزىقىنى ئاددى خەنزۇ يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇقمىغان جايلارنى كۆرۈڭ.
تۆۋەندىكى رەسىمنى چەككەندىن كېيىن چىققان بەتكە مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىزلا بولدى.

پۇل ئېلىش، ئېلان قاچىلاش دىگەندەكلەردە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى تەكلىماكان بلوگدا يېزىلغان ئەڭ يېڭى تېمىغا ئىنكاس قىلىڭ. بىز سىزگە 48 سائەت ئىچىدە قانائەتلىنەرلىك ھەل قىلىشقا ياردەملىشىمىز.