A turkology blog

بۇ يازما مەخسۇس سودا ئىشلىرى ئۈچۈن Gmail ئىشلىتىدىغان ۋاقتى قىس ۋە ئۆزىنىڭ يان كومپيوتېرى بارلارغا پايدىلىق بولسۇن يېزىلدى. تورخانىدا (ئورتاق ئىشلىتىدىغان كومپيوتېردا) تورغا چىقىدىغانلار ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.
سودىگەرلەر ئۈچۈن ۋاقت – پۇل دىمەكتۇر. ھەركۈنى تاپشۇرۋالىدىغان ۋە يوللايدىغان ئېلخەتلەرنى ۋاقت تىجەش ئارقىلىقمۇ قىلغىلى بولىدۇ. Gmail دە بەش كونۇپكا باسقاننىڭ ئورنىدا بىر كونۇپكا بېسىپلا قىلغىلى بولىدىغان ئاددىيلاشتۇرۇشلار بار.
ئاۋال Gmail نىڭ تەڭشەش (设置 settings) ئورنىدىن keyboard shortcuts on دىگەننى تاللاپ ساقلايمىز. ياكى خەنزۇچە 启用键盘快捷键 .
ئاندىن تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكى ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى يادقا بىلىۋېلىڭ.
ئېنگلىزچە ئەسلى نۇسخىدىكى جەدۋەلنى كۆرۈش
1. كىرىش
ئەگەر Gmail گە كىرگەندە مېنى ساقلا دىگەن ئورۇنغا بەلگە قويسىڭىز كومپيوتېرىڭىزدا قايتا مەخپى نومۇر كىرگۈزۈپ Gmail نى ئېچىش ھاجەتسىز، Gmail نى ھەرقانداق چاغدا ئاچقاندا ئۇدۇللا سىزنىڭ ھىسابىڭىزغا كىرىدۇ.

2. مۇھىم بولمىغان خەتلەرنى ئوقۇشتىن ساقلىنىش
بېسماقداندىن k ۋە j كونۇپكىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بېسىش ئارقىلىق، تىزىملىكتىكى خەت ئەۋەتكەنلەرگە بەلگە ئارقىلىق كۆز يۈگۈرتۈشكە بولىدۇ.

x كونۇپكىسى ئارقىلىق بەلگە ئۇدۇلىدىكى خەتنى تاللاشقا بولىدۇ.

y ئارقىلىق تاللانغان خەتنى ئارخىپ ئىچىگە (بارلىق خەت ئىچىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بارلىق خەت ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن خەتلەر كەلگەن ياكى يوللىغان خەت ساندۇقىدا كۆرۈنمەيدۇ.).
3. مۇھىم خەتلەرنى ئوقۇش ۋە جاۋاب يېزىش
k ۋە j كونۇپكىلىرى ئارقىلىق مۇھىم خەتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە enter كونۇپكىسى ئارقىلىق مەزكۇر خەتنى ئېچىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇۋاتقان خەتكە جاۋاب يازماقچى بولساق r نىلا باسساق بولىدۇ.
جاۋاب يېزىپ بولغاندىن كېيىن tab + enter ئىككى كونۇپكىنى بىللە بېسىش ئارقىلىق يوللاشقا بولىدۇ. كەلگەن خەت ساندۇقىغا قايتىش ئۈچۈن g + i.
ئەگەر بىرسىدىن كەلگەن خەتنى يەنە بىرسىگە يوللىماقى forward قىلماق بولساق f نى باسساقلا بولىدۇ.
قارىماققا بۇلار سەل مۇرەككەپتەك بىلىنىدۇ. ئەمما ھەممە تىزلەتمە كونۇپكىلار ئېنگلىزچە خەتنىڭ باش ھەرىپى بولغاچ ئانچە تەس توختىمايدۇ. بىر قېتىم ئەستە تۇتىۋالسا كېيىن نۇرغۇن ۋاقتنى تىجىگىلى بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: