A turkology blog

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ Google شىركىتى بىر قىسىم رايونلاردا (كۆپىنچە ئاسىيادا) گۇگول مۇلازىمەتلىرى مەسلەن: Blog*Spot دىكى بلوگ، Knol ۋە باشقىلار ئارقىلىق Adsense ھىسابىغا تىزىملاشنى توختاتتى. ئەمما Blogbus ۋە باشقا JavaScript قوللايدىغان ھەقسىز بلوگلار ئارقىلىق Adsense ھىسابىغا ئېرىشىش يەنىلا مۇمكىن.
گۇگول بۇندىن ئىلگىرى يەنە Adsense ھىسابىغا تىزىملاتقان تور نامىنىڭ سېتىۋېلىنغان ۋاقتى 6 ئايدىن ئارتۇق بولىشى، تور نامىنىڭ ئىگىسىنىڭ نامى (Whoise نى تەكشۈرگەندە) گۇگول ھىسابىغا تىزىملاتقۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى بىلەن بىردەك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان يېڭىچە تۈزۈم چىقارغان ئىدى.
بۇ قائىدىلەر Adsense ھىسابىغا تىزىملىتىشىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما بۇنىڭغىمۇ ئامال بار. مەسلەن : ئۇيغۇرچە بلوگلارغا ئاساسەن ئېلان تىزىملاتقىلى بولمايدۇ. Blogbus ياكى باشقا ھەرقانداق ھەقسىز بوشلۇقلارنىڭ ئىلتىماسىنىمۇ ئانچە قوبۇل قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا مۇستەقىل تور نامىغا بىر بەت ياساپ ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
مۇستەقىل تور نامى تىزىملاتقۇچىنىڭ ئىسمى سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن بىردەك بولماي قالسا شۇ تور نامى ساتقۇچى شىركەت بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق بۇنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئەگەر سىز 6 ئاي ئىلگىرى سېتىۋالغان تور نامى بولمىسا بىرەرسىنىڭ تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز ياكى باشقىلاردىن 6 ئايلىق تارىخقا ئىگە تور نامىنى پۈتۈن نامى بىلەن ئۆزگەرتىپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور نامى ئۈچۈن قىممەت باھالىق چىرايلىق ئىسىملارنى تاللاش ھاجەتسىز. سىز پەقەت گۇگول ئېلان ھىسابى ئىلتىماس قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئېلان كودىنى ھەرقانداق تور نامى ئاستىدىكى ھەرقانداق تور بەتكە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: