A turkology blog

قايسى كۈنى Sand Hills يولىدىكى رېستۇراندا Youtube نىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى Roalef بىلەن بىرەر سائەت پاراڭلىشىپ قالدىم. ئىككەيلەن ئۆز-ئارا تونۇشۇشلاردىن كېيىن، ھەر قانداق ئادەم سوراشقا تەقەززا بولىدىغان سۇئالنى سورىدىم.
Youtube قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟
ئۇنىڭ جاۋابى ماڭا ئەلۋەتتە زور ئىلھام بولىدۇ. ئۇ قىسقىچە مۇنداق دېدى:
Youtube نىڭ ئاددىلىقى
Roalef ئايفون ئىشلىتىدىكەن، ئۇ قولىدىكى ئايفوننى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ – ئالما شىركىتى نىمىشقا ئايفوننى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرالايدۇ. بۇنىڭ شۈنچە كۆپ ئىقتىدارى بار، ئەمما 4 لا كونۇپكىسى بار. ئېنىقكى ھەرقانداق شىركەت ئايفوندىن مۇرەككەپ ياسىيالايدۇ. ئاددى بولۇش ئىنتېرنېتتا ھەر بىر كەسپداش دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان قائىدە.
95 پېرسەنت كۆچۈرۋالسىمۇ يەنىلا ئەسلى نەرسە ئەمەس
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر Youtube نى دورىدى، كۆچۈردى. بىر تور بېكەت بىر مۇكەممەل مۇزىكا ياكى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايدۇ. 95 پېرسەنتى ياخشى بولۇپ، ئازراق يېرى قاملاشمىسا يەنىلا ياخشى ئەسەر بولالمايدۇ.
ئاپتوماتىك قويۇش
بۇ بىر ئاددى ھەم قايتا ئاددىلاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىقتىدار. تورداش بىر ئۇلىنىشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئاچسىلا ئىچىدىكى سىن قويىلىدۇ. ئۇ يەنە بىر يەرنى چېكىپ قويۇش ھاجەتسىز. مۇشۇنداقلا ئاددى. Roelof يەنە گەپ قوشتى: مۇشۇ كىچىككىنە ئىش Youtube نى ھەسسىلەپ ئاددىلاشتۇردى.
سىن ئورتاقلىشىش كودى
Youtube سىنلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنى MSN بوشلۇقى ياكى باشقا جايغا كۆچۈرىدىغان كود بار. تورداشلار مۇرەككەپ كودنى ئۆزى يېزىشى ھاجەتسىز. ئۇنى كۆچۈرۈپ ئاپارسىلا بولىدۇ. مۇشۇنداقلا ئاددى.
قىسقا URL
Youtube سىنلىرىنىڭ URL ئادرېسى قىسقا ۋە ئاددى. مەسلەن:
http://www.youtube.com/watch?v=Lcfx7v-z-JE
MSN ياكى باشقا مۇڭداشقۇلاردا يوللىسىمۇ ئىككى قۇرغا بۆلۈنۈپ كەتمەيدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئاسان پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بار.
ئەلۋەتتە Youtube نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىمۇ سەۋەب بار. شۇنىسىمۇ ئېنىقكى Youtube نىڭ تەلىيى باركەن. ئەلبەتتە يالغۇز تەلەيگىلا تايانغان ئەمەس!
ۋاڭ جيەن شو بلوگدىن ئېلىندى.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: