A turkology blog

مىكروسوفت AdCenter نىڭ قوشنىسى PubCenter ئېلان قىلىندى. بۇ مۇلازىمەت مىكروسوفتنىڭ Adsense قا ئوخشاش پروگراممىسى بولۇپ، توربېكەت ئىگىلىرىنى ئېلان بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن تېخى بۈگۈن تىزىملاتتىم. ئەمما ھەممە دوستلارنىڭ مەزكۇر پروگراممىغا ھازىر تىزىملىتالىشى ناتايىن. چۈنكى مەزكۇر مۇلازىمەت ھازىر Beta ھالەتتە بولغاچقا تىزىملاتقۇچىلارغا نىسبەتەن تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. ھازىرچە مەن پەقەت Alexa.com نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان ئالغانلىقىنى كۆردۈم.
گۇگول Adsense نىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە بازار تېپىشى نەتىجىسىدە ئېلان بازىرىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتقان Yahoo شىركىتى Yahoo Publisher نى چىقارغان ۋە ئامېرىكا بىلەن كانادادا يولغا قويغان ئىدى. ياھۇنىڭ جۇڭگودىكى تارمىقى ئەلىبابانىڭ قولىدا مەزكۇر مۇلازىمەتنى ئەلى ئىتتىپاقى دىگەن نام بىلەن يولغا قويغان ئەمما ئانچە قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
مىكروسوفتنىڭ Adwords غا ئوخشايدىغان مۇلازىمىتى Adcenter ئىلگىرى بار ئەمما پەقەت چوڭ تور بېكەتلەرنىلا ئېلان بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. Adsense نىڭ ئۇششاق بلوگلارنىمۇ ئېلان بىلەن تەمىنلەپ پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە بلوگنىڭ تېز يېڭىلىنىش، ئىجادىي بولۇش، كىشىلەرنى ئاسان جەلىپ قىلىشى نەتىجىسىدە باشقا تور بېكەتلەر جۈملىدىن Adsonar, Adsense, Yahoo قاتارلىقلار بلوگ ئېلانى تەمىنلەشكە باشلىغان.
مىكروسوفتتەك يوغان شىركەتنىڭمۇ بۇ ساھەگە ئاتلىنىشى بلوگ ئېلان بازىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشى. بلوگ يازغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ كىرىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
مىكروسوفت ئېلان ئالغۇچىلار بېكىتى :
beta.pubcenter.microsoft.comئەگەر ھازىر تىزىملىتالمىسىڭىز ياكى تەستىقلانمىسىڭىز مەيۈسلەنمەڭ. بۇ تېخى چىققىنىغا نەچچە كۈن بولغان پروگرامما. ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلىشىشى مۇمكىن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: