ھازىر Ebay دە سودا قىلمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ. مېنىڭچە تور سودىسىدا Ebay دىن باشقىدا چوڭ-چوڭ پۇل تېپىش بەك تەس. چۈنكى ئىبەينىڭ دائىرىسى پۈتۈن يەرشارىدىكى 190 دۆلەتنى قاپلايدۇ. سىزنىڭ مېلىڭىزنى ھەممە يەرلىكلەر كۆرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق تەييارلىق بولغاندا توردا مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ.
1. كومپوتېر بولۇشى كېرەك.
ئامال بار يانكومپيوتېر بولسا ياخشى. چۈنكى قاچانلا بولسىڭىز سودا قىلالايسىز. بەلكىم سىز يولدا كېتىۋاتقاندا خېرىدار ئىزدەپ قېلىشى مۇمكىن. بىر دانە نىمكەش IBM ياكى Dell ئېلىشقا مېنىڭچە 2000 يارماقتىن ئارتۇقراق پۇل كېتەر. دەسلەپ ئىش باشلىغاندا بەك پېچەت يېڭى كومپيوتېر بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما IBM, DELL, SONY Lenovo قاتارلىق ماركىلاردىن باشقىسىنى ئەرزان بەرسىمۇ ئالماڭ. قاتتىق دىسكا 10G دىن يۇقىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ 512 دىن يۇقىرى، ئېكران 10 دىيومدىن يۇقىرى بولسا بولدى. بۇنداق سەپلىمىلىك كومپيوتېر مەن دىگەن باھادىنمۇ ئەرزان بولۇشى ئېھتىمال.
2. بىر دانە رەقەملىك كامېرا (فوتو ئاپپارات).
2 مېگا پىكسىلدىن يۇقىرى كامېراسى بار يانفون بولسىمۇ بولىدۇ. 800 يۈەن ئەتراپىدىكى پۇل بىلەن بۇنداق يانفون سېتىۋالغىلى بولىدۇ. نوكىيا، موتورولا، SonyErricson ، سامسۇڭ، Palm، ئايفون دىن باشقىلىرىنى ئالماڭ ! مېنىڭچە Samsung بىلەن SonyErricson نىڭ كامېراسى بەك ياخشى.
3. بانكا كارتىسى
ئامال بار ئەتراپىڭىزدا بار بارلىق بانكىلارنىڭ كارتىسىنى بېجىرىڭ. خېرىدارغا ئەڭ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. بەزى خېرىدارلار پۇلنى سىزنىڭ ھىسابىڭىزغا بىۋاستە سالىدۇ. بولۇپمۇ دائىملىق خېرىدارلار. ئەڭ كەم دىگەندە بىر بانكىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇڭ. بۇنى پايپال قاتارلىقلارغا ئۇلاشقا ئىشلىتىسىز. قەتئى ئۇنتۇپ قالماڭ. تولۇق ئېچىش ئۈچۈن بانكىغا ئازراق رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇسىز. ئۇلار سىزگە U-قالقان ياكى ئىم-كارتا دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىشى مۇمكىن. بۇلار سىزنىڭ توربانكا ھىساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن. بارلىق بانكا كارتا ۋە توردىكى ھىساباتلارنىڭ ئۇچۇرلىرى، مەخپى نومۇرلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر دىگەن ئۇسۇلدا ساقلاڭ. (ئېلخەت ئەڭ بىخەتەر بولۇشى ناتايىن. بۇنى ئامال بار سىز ۋە خۇدادىن باشقا ھىچكىم ئۇقمايدىغان يەردە ساقلاڭ.).
4. توردا ھىساب ئېچىش
ئەڭ ئاۋال ھىساب ئاچىدىغان تور بەتلەر پايپال، ئىبەي، ئەلى بابا، تاۋباۋ، پەيپەي، بەيدۇ-بار، ئامازون، ئەپەندى قاتارلىقلار …. دىققەت قىلىڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەق ئالىدۇ. مەسلەن ئىبەي خەلقئارادا دۇكان ئاچسىڭىز چىقارغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ باھاسىنى پېرسەنتلەشتۈرۈپ ئازراق ھەق ئالىدۇ. ئەمما سېتىلىشى ياخشى بولىدۇ. ھەم سىز ھەقنى جېقراق تۆلەپ مېلىڭىزنى باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلى بابادا دۇكان ئاچسىڭىز ، مەن ئاچقاندا 2300 يۈەن ئالاتتى. ھازىر قانچە پۇل ئۇقمايمەن. ئەمما ئەلى بابا كۆپۈنچە توپ ماللارغا ۋە شىركەتلەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئەلى بابادا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئورگانلىرى تارقاتقان تىجارەت كېنىشكىڭىز بولىشى كېرەك. بەزى تور بەتلەر ھەق ئالمايدۇ. مەسلەن پەيپەي. ئەمما ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەندەك سودىمۇ ياخشى بولمايدۇ ئۇنداق تور بەتلەردە.
5. بانكا كارتىسىنى تور بانكىغا ئۇلاش.
بانكا كارتىڭىزنى مېنىڭچە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى Alipay ۋە Paypal غا ئۇلىشىڭىز كېرەك. يەنى بانكا كارتىدىكى پۇلنى توردا تۇرۇپ Alipay ياكى Paypal ھىسابىغا يۆتكەيدىغان، Paypal ۋە Alipay دىكى پۇلنى توردا تۇرۇپلا بانكا كارتىسىغا يۆتكەيدىغان قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن خەۋرىڭىز يوق بولسا ھەم قىلالمىسڭىز ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بۇ ھەقتە مەن ئايرىم توختىلىپ ئۆتسەممۇ بولىدۇ.
6. ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش
GoogleTalk ۋە MSN غا تىزىملىتىڭ. QQ ۋە ICQ دىن نومۇر ئېلىڭ. Yahoo ھەم Aim لەردىمۇ ھىسابىڭىز بولسۇن. ھازىر GoogleTalk بىلەن Aim دە، MSN بىلەن Yahoo دا ئۆز-ئارا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. يۇقارقى قوراللارنىڭ ھەممىسىگە تىزىملىتىپ. كومپيوتېرىڭىزدا QQ,MSN,GoogleTalk لارنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇق قويۇڭ. چۈنكى جۇڭگولۇق خېرىدارلار QQ دا سىز بىلەن سودىلىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلار Aim ياكى Yahoo دا سودىلىشىدۇ. ھىندىستانلىقلار GoogleTalk نى ئىشلىتىشى مۇمكىن. باشقىلار MSN نى دىگەندەك. ئىشقىلىپ خېرىدار سىز ئۈچۈن مەخسۇس بىر يۇمشاق دېتالنى كومپيوتېرىغا قاچىلاپ ئولتۇرمايدۇ. خېرىدار نىمە ئىشلەتسە سىزدە شۇ پاراڭلىشىش قورالى بولسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىنى ئېچىپ قويسىڭىز يۇقىردىكى سەپلىمىسى بار كومپيوتېر ئىنجىقلاپ كەتمەيدۇ.
مېنىڭ تەكلىپىم 2 دانە ئېلخەت ئادرېسى ئىشلىتىڭ. ئۇنىڭ بىرى مەخسۇس بانكا ھىسابى، پايپال دىگەندەكلەرنى باشقۇرۇشقا ماڭىدۇ. بۇلارنى ھىچكىمگە ئاشكارىلىماڭ. پەقەت پۇل قوبۇل قىلغاندا دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىرسىدە سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇھىم تور بېكەتلەرگە تىزىملىتىشتا ئىشلىتىسىز. خېرىدار ۋە بارلىق IM لارغىمۇ مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسىنى ئىشلىتىڭ. ئامال بار بارلىق پاراڭلىشىش قورالىغا بىرلا ئېلخەت ئادرېسى ئىشلىتىڭ. مەسلەن خالىغان ئېلخەت ئادرېسىنى خالىغان IM دا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. مەسلەن:
palani@mail.com دەيدىغان بىر ئېلخەت ئادرېسى بولسا بۇ ئارقىلىق Google ھىسابىغا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. ھەم GoogleTalk نى ئىشلىتەلەيسىز. Aim ھىسابىنى قاچىلاشقا بولىدۇ. ھەم MSN غىمۇ مۇشۇ ئېلخەتتە تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. MSN ياھۇغا ئۇلىنالايدۇ. QQ غىمۇ باغلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
يانفون – يانفون بولۇشى كېرەك. يانفون نومۇرى ۋە بارلىق IM لارنىڭ ئادرېسىنى سىز مەھسۇلات ئېلان قىلغان بەتتە ئېلان قىلىڭ. خېرىدار سىزنى ئاسانلا تاپالايدىغان بولسۇن. يانفون نومۇرىغا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭكىنى تاللاڭ. چۈنكى GPRS مۇلازىمىتى بار. ھازىر بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭمۇ بارمىش. ئەمما مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم. ئايدا 20 يۈەنلىك GPRS مۇلازىمىتىنى ئېچىپ قويسىڭىز بىر ئاينىڭ ھەممە كۈنىدە تۆت-بەش قېتىمدىن ئېلخەت ساندۇقىنى ئېچىشقا يېتىدۇ. يوتقاندا ياتقاندىمۇ سودا قىلىۋېرىسىز.
ئاندىن دوست. پوچتىخانا ۋە بانكا قاتارلىقلارغا يېقىن دوستىڭىز بولسا ياخشى. بەزىدە سىز ئېتىز بېشىدا، تونۇر بېشىدا بولۇپ قالسىڭىزمۇ مال سېلىش- تاپشۇرۇپ ئېلىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلالايدىغان يول بولسۇن. مېنىڭ مۇقىم خىزمەت ۋاقتىم بار دەپ ئېشىۋالماڭ. خېرىدار سىزنى قاچان لازىم قىلسا شۇ چاغدا ھازىر بولۇڭ. چۈنكى سودىگەر دىگەپ كۆپ. سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولمىسا ئورنىڭىزغا ئادەم بار ! سىز مۇلازىمەتنى ئوبدان قىلسىڭىزلا بازار سىزنىڭ ! پۇل سىزنىڭ ! كېلەچەك سىزنىڭ !
7. خاتېرە دەپتەر.
notebook.google.com دىن خاتېرە دەپتەر تۇتۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى مەخسۇس بىر خاتېرە دەپتەر (ئەمەلىي تۇرمۇشتا) تۇتۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خاتېرە دەپتەرگە مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن سىزدىن مال سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئات-تەگئاتى، ئورنى، تېلفون نومۇرى، مۇمكىن بولسا تۇغۇلغان كۈنى، مىللىتى، كەسپى (كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بايرام كۈنى)، ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي بايرىمى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى يېزىۋېلىڭ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلار ئۆزى دەپ بېرىدۇ. دەپ بەرمىسە سورىماڭ. مىللەتلەرنىڭ بايرىمى ۋە قۇتلۇق كۈنى دىگەنلەرنى گۇگول دەپ بېرىدۇ.توغۇلغان كۈنى دىگەنلەر Facebook دا بار. مۇناسىۋەتلىك بايراملارنى ھەم ئىزدەپ تاپالايسىز. خېرىدار مەيلى يوغان مەيلى ئۇششاق مال سېتىۋالغان بولسۇن، ئۇنىڭ تىپى ۋە يىپيدىن يېڭنىسىغىچە خاتېرلەپ مېڭىڭ.
بۇلارنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟ كېيىنكى مەزمۇنغا قاراڭ.
8. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت پوزىتسىيسى
سىزدە چوقۇم بۇنداق پوزىتسىيە بولىشى كېرەك.
سىزدىن مال سېتىۋالغانلىكى خېرىدارنىڭ ئۇچۇرىنى خاتېرلىۋالدىڭىز. سىزدىن مال سېتىۋالغانلاردىن مەزگىللىك ھالدا ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ. يىراقتا بولسا IM ۋە Email دە. چۈنكى پۇل كەتمەيدۇ. يېقىندا بولسا تېلفوندا، چۈنكى جېق پۇل كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. دوست بولۇپ قالىسىلەر. ھەم كېيىنچە يەنە سىزدىن ئالغان مال لازىم بولسا يەنە سىزدىن ئالىدۇ. ھەم دوستلىرىغا لازىم بولسا سىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىر خېرىدارنىڭ كەينىدە 400 خېرىدار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ. ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىدە چوقۇم خەت يېزىڭ ياكى تېلفون قىلىڭ. بىر يىلدا دىگەن جېق بايراملار بار. ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، قىز بالا بولسا خانىم-قىزلار بايرىمى، خرىستىئان بولسا مىلاد بايرىمى، مۇسۇلمان بولسا ئىككى ھېيت ! ئۇلارنىڭ باشقا مىللىي بايراملىرى دىگەندەكلەر. بىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. سودا قىلغاندا بەك مۇتەسسىپ بولۇپ كەتمەڭ. سىزدىن مال ئالغانلار يەھۇدى بولسىمۇ مەيلى ! ئۇنىڭغا ئىزچىل ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھىچقانداق خېرىدارنىڭ ئىرقىي، مىللىتي ۋە باشقا ئارتۇق (كەملىكى) ۋەجى بىلەن ئۆچ بولۇپ قالماڭ.
سىز مەھسۇلاتنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ھەم پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ مەھسۇلاتنى ياقتۇرغان ياكى ياقتۇرمىغانلىقى، ئىشلىتىش ياكى ئىستىمال قىلىشتا قيىنچىلىق بار يوقلۇقىنى سوراپ ئالاقە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر سېتىۋالغۇچى مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ئەگەر مەھسۇلات ئىككىنچى قېتىم سېتىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسىلا قايتۇرۋېلىڭ. چۈنكى شەرتسىز مال قايتۇرۋېلىش ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. مال قايتۇرۇپ بېرىش سەۋەبلىك خېرىدار بىلەن زاكۇنلاشماڭ. قەتئى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ. ئۇ سىزنىڭ بۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياقتۇرمىسا ئۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. مەھسۇلاتىڭىز ياقمىسا سىز يېقىپ قالىسىز. تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. سودىگەر دىگەن چىداش كېرەك ! بىلىپ قېلىڭكى زىيان پايدا بىلەن بىللە ! زىيان پايدىغا ئاي كۈنگە ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ. پايدىلا چىقىپ زىيان چىمىسا سەل قورقۇنۇشلۇق.
ئەمما، بىراق، لېكىن مەن ئالاقىلىشىڭ دەپ قويسام خېرىدارنىڭ ئالدىراش ۋاقتلىرىدا تولا تېلفون قىلىپ ئاۋارە قىلماڭ. ئەر كىشى بولسىڭىز ئېرى بار ئايال خېرىدارلارغا تولا تېلفون قىلماڭ. قىز بالا بولسىڭىز خوتۇنى بار ئەر خېرىدارلارغا كۆپ يېقىنلاشماڭ. ئۇلار بىلەن سىز ساتقان مەھسۇلات ۋە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلىرى ھەققىدىلا گەپ ئاچسىڭىز بولدى. مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنىڭ بولۇشى سىزنىڭ چاكنا ئادەملىكىنڭىزنى، سودا ساھەسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىز.
9. بلوگ، تورتۇرا، تورخاتېرە
بۇ بەك مۇھىم! بەكمۇ مۇھىم. سىز ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ئاۋال بۇرۇن چوقۇم بۇ مەھسۇلاتنى بلوگدا بىر ئېلان قىلىڭ. ھەم سىز مەھسۇلات ئېلان قىلغان سودا تورىغا مېنىڭ تورتۇرايىمدىكى مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ مەخسۇس بېتى دەپ ئۇلىنىش قىپ قويۇڭ. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
چۈنكى بارلىق سودا تور بېكەتلىرىنىڭ سىزنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايدىغان ۋاقت چېكى بار. مەسلەن 14 كۈن. سىز ئېلان قىلغان مەھسۇلات 14 كۈندىن كېيىن توردىكى مال يايمىسىدىن چۈشۈرۋېتىلىدۇ. ئەمما بلوگدا ئېلان قىلىپ قويسىڭىز يوقاپ كەتمەي تۇرىدۇ. 14 كۈندىن كېيىنمۇ خېرىدار كۆرەلەيدۇ. ئىزدەش ماتورلىرى ئارقىلىق تاپالايدۇ. بلوگدا ھەم ھەر بىر مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغاندا ئىبەيدىكى دۇكان، پەيپەيدىكى دۇكان، تاۋباۋدىكى دۇكان دەپ ئايرىم – ئايرىم ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇڭ.
بلوگنى سىز ئۇقىدىغان تىلدا يېزىڭ. تۆۋەندىكى تىلنى سۆزلەيدىغانلار دۇنيادا كۆپ، شۇڭا خەلقئارا سودا قىلىدىغان ئادەم بۇ تىللارنىڭ بىرە-ئىككىسىنى ئۆگىنىپ قويۇڭ. توردا ئۆگەنمەك ھەم ئاسان. ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىسىز.
ئېنگلىز تىلى
خەنزۇ تىلى
ئەرەب تىلى
ھىندى تىلى
رۇس تىلى
بلوگنى تەكلىماكان بلوگ يېزىلىۋاتقان BlogSpot.com ياكى BlogBus.com دىن ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنى مەن ياقتۇرىمەن. MySpace ياكى باشقا ئورۇندىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە. تەكلىماكان بلوگدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئاسانلا ئۇيغۇرچە بلوگقا ئېرىشەلەيسىز.
ئەمما بىر ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي. مەخسۇس بوشلۇق ئېلىپ، ئايرىم سېستىما قاچىلاپ. ھەقلىق تور نامىغا بلوگ قۇرماڭ. ئۇنداق بلوگنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشى ناتايىن. ھەم ئاۋارچىلىق كۆپ. ئاسراش-ياساش دىگەندەك ئىشلار سودىنى ئاقسىتىدۇ. BlogSpot ۋە Blogbus دىكىلەر مەخسۇس مۇشۇ ئىشلارنى قىلغاشقا سودىدىن باشقا ئىشلارنى شۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەكمۇ بولار. توردا سودا قىلىش ئۈچۈن مۇرەككەپ JavaScript بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىڭىز ھاجەت ئەمەس.
10. مال مەنبەسى ۋە توشۇش يولى
سىز ساتماقچى بولغان مەھسۇلاتنى ئامبارغا يىغىۋېلىشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتكە ھەممە ئىشنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ئادەتتىكى توپ باھادا مال كىرگۈزۈش يولىنى ئېچىڭ. ھەم مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىغان بارلىق توشۇش يوللىرى ۋە ئۇلارنىڭ باھاسىنى ئېنىقلاپ، مەھسۇلات چۈشەندۈرگەندە بۇلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىڭ.
ئادەتتە ھەممە ئادەم بەك بىلىپ كەتمەيدىغان ماللارنىڭ باھاسىنى يۇقىرى قويىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما مالنىڭ سۈپىتى ئىشەنچىلىك بولسىلا خېرىدار سىزدىن باھا جەھەتتە نارازى بولۇپ يۈرمەيدۇ.
بىر چاغدا 2000 يۈەنگە ساتقان بىر مۇقامنىڭ CD پلاستىنكىسى ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان چىقىپ قالدى. ئۇنى ئىككىلەنمەيلا قايتۇۇرپ بەردىم. ئەمما ھىچ ۋاقەسى يوق ! مال قايتۇرۇش دىگەن بوپ تۇرىدىغان ئىش. نورمال ئىش ! ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان سودىگەر دائىم قىلىپ تۇرىدىغان ئىش !
11. ۋاقت – بولۇپمۇ كومپيوتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ۋاقت
سىزنىڭ ئامال بار ھەر كۈنى 2 سائەت ئەتراپىدا كومپيوتېر ئالدىدا مۇقىم ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز بولسۇن. بۇ ۋاقتتا ماللارنى يېڭىلاپ چىقىرىسىز، كونىراپ قالغانلىرىنى چۈشۈرىسىز. يېڭى نۇسخا چىقسا خەۋەرلەر ئېلان قىلسىز.
سىز كۆپرەك توردا بولالايدىغان ۋاقتنى بلوگ ۋە مال تونۇشتۇرۇش بەتلىرىدە ئېلان قىلىڭ. چۈنكى خېرىدار سىز بىلەن شۇ ۋاقتتا توردا پاراڭلاشماقچى بولۇشى مۇمكىن.
يەنە باشقا ھۈنەرلەر ئېسىمگە كەلسە ئۇلاپ يېزىشىم مۇمكىن. بىر قىسىم مەزمۇنلار ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىكسىز ياكى قىيىنچىلىق بار بىلىنسە تولۇقلارمەن. بۇ يازمىغا ئىنكاس يازغىنىڭلارغا رەھمەت !
تەكلىماكان بلوگدىن – تەكلىماكان.
