A turkology blog

بارلىق Adsense ئىشلەتكەن بېكەت خوجايىنلىرى كىرىم بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسلىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۈگۈن تور بېكەت خوجايىلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن Adsense كىرىمى تۆۋەنلەشنىڭ سەۋەبى ۋە قوللىنىدىغان تەدبىر ھەققىدە تەپسىلى ئانالىز ئېلىپ بارىمىز. مەزكۇر ئانالىز ماقالىسىنى تەييارلىغۇچى Adsense ئىلغارلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى + تەكلىماكان.
ئاۋال دەپ ئۆتىدىغىنىمىز : Adsense كىرىمى تور بېكەتنىڭ كۆرۈلۈشى، ئېلاننىڭ چېكىلىشى ۋە چېكىلگەن ئېلاننىڭ باھاسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە بېكەتلەر مۇقىم باھالىق، مۇقىم ئورۇنلۇق ئېلانلاردىن كىرىم قىلىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ تەرەپلەردىن مەسىللەرنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرىمىز.
ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئۆزگەرسە كىرىم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئەگەر سىز ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش قېتىمى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئېلان كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
ئېلانىڭىز توختاپ كەتتىمۇ يوق، ئېلان كودى ئۆزگەردىمۇ يوق، ئەگەر سىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلان ھىسابىڭىز توختىغان بولسا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ ئېلان چېكىلىش ئەھۋالى خاتىرلەنمەيدۇ.
تور بېكىتىڭىزدە پاراۋانلىق ئېلانى كۆرۈلۈپ قالدىمۇ يوق. «Google تەمىنلىگەن ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېلانى» نامىدىكى ئېلانلارغا ھەق ھىسابلانمايدۇ.
ئىزدەش نەتىجىسىدىن كېلىدىغان ئېلان كۆرۈلۈش ئېقىمىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. Google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىدا تور بېكىتىڭىزدىكى مەلۇم مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭ. تاپالامدۇ يوق.
تور بېكىتىڭىزنى ئۇلىنىش قىلغان باشقا تور بېكەتلەر سىزنىڭ ئۇلىنىشىڭىزنى ئۈچۈرۋەتتىمۇ يوق؟
CTR نىڭ ئۆزگىرىشى كىرىمنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.
CTR نىڭ ئۆزگىرىشى تور بېكەت ئۇسلۇبى ۋە ئېلان قويۇلغان ئورۇن بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. تور بېكەت ئۇسلۇبى ۋە ئېلان ئورنى ئۆزگەرگەندە ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش ئەھۋالىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇ كىلىدىغان كىرىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تور بېكەتكە robot.txt ھۆججىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ يوق. ئەگەر گۇگول ئېلان كودى تور بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلىيەلمىسە مۇناسىۋەتسىز ئەرزان باھالىق ئېلانلارنى كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
سىز يېقىندا تور بېكەتنىڭ يېڭى نەشىرىنى چىقاردىڭىزمۇ يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئېلان تىپى ۋە ئېلان كودىنىڭ بېكەت مەزمۇنىنى ئىگىلەش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ھەم بۇ ئۆزگىرىش كىرىمگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئادەتتە 728×90,300×250,160×600 شەكىلدىكى ئېلانلارنىڭ كىرىمى باشقا شەكىلدىكى ئېلانلاردىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر يۇقىرقى سەۋەبلەرنىڭ ھىچقايسىسى بولماي تور بېكەتنىڭ كىرىمى يەنىلا توختىماستىن ئازلىغان بولسا، سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئېلان بېكەت زىيارەتچىلىرىدە ھارغىنلىق ھىس قىلدۇرغان. كۆپ كىشىلەر بۇ ئېلاندىن زىرىكىپ ئېلان چەكمەس بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا ئېلان شەكلى ۋە تور بېكەتنىڭ رەڭلىرىگە بىرەر قۇر تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە داۋاملىق ئېلان شەكلى ۋە ئورنىغا قارىتا تەڭشەش قىلىپ، يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىشكە بولىدۇ.
تور بېكەتكە ھەرقانداق بىر تەڭشەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى سىز ئۆزگىرىشنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. سىز بەلكىم ئېلان كودىنى نۇرغۇن تور بېكەت ۋە نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئايرىم بەتلىرىگە، ئايرىم ئورۇنلىرىغا قويغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئېلان كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەندە سىز ئېلان قويغان ئورۇننىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم لىنىيە ئىسمى قويۇپ، شۇ لىنىيەلەرنىڭ ئايرىم ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ بېقىڭ. قايسى لىنىيەنىڭ كىرىم بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتسە ئۇنىڭ ئېلان شەكلى ۋە ئورنىنى دەرھال ئۆزگەرتىڭ.
لىنىيە ئىسمى قويۇش ۋە تەڭشەشكە دائىر ئىشلارنى Adsense ھىسابىنىڭ ئىچىدە قىلغىلى بولىدۇ. ھەم بۇ ھەقتە بىز ئىلگىرى ئايرىم ماقالە ئېلان قىلغان. Adsense بىلىملىرى دىگەن سەھىپە ئىچىدىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

Advertisements

Comments on: "Adsense دىكى ئېلان كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسلىسىنى تەپسىلى چۈشىنىش" (4)

  1. مېنىڭ كۈندىلىك چىكىلىشى 15 ئەتىراپىدا چىكىلىش ئۈنىمى 1.5% ئەتىراپىدا لىكىن كىرىم بەك ئاز 1 دوللارغىمۇ بارمايدۇ . بۇ نىمە ئۈچۈندۇ . http://www.koriwal.cn مۇشۇ شۇتى . تەكلىماكان ئەپەندىم بىر كۆررۈپ بېكىپ تەكلىپ بەرسىڭىز . رەھمەت !

  2. سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك مەسلە باركەن:1. سىز Adsense كىلشىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلاننى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويماپسىز. مەسلەن: سىزنىڭ 728*90 ئېلانىڭىز باشقا مەزمۇن تەرىپىدىن توسۇلۇپ قاپتۇ. گۇەول بۇنى بايقىسا سىزنىڭ ھىساباتىڭىزنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن.2. تور بېكەتتە ئىجادى مەزمۇن ئاز.3. تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى گۇگول ئېلان مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جەريان كېتىدۇ.

  3. تەكلىماكان ئەپەندى بىنى بەك ياخشى يوللاپسىز . رەمەت سىزگە . ئادەتتە مېنىڭ google ئېلانىمنى http://www.koriwal.cn دا چىكىلىدۇ . لىكىن بۇ تورۇمدا ئىجادى ئەسەر ياكى google غا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق . شۇڭا مەن http://bilimlar.blogbus.com نى ياساپ شۇنىڭغا مەزمۇن يوللاۋاتىمەن . ئىكىن بۇ بلوگ دا دىكى ئېلاننى باشقىلار چەكمەيدۇ . بۇنداق بولغاندا http://www.koriwal.cn دىكى پىكىلىشى بىلەن http://bilimlar.blogbus.com دىكى چىكىلىشى ئوخشاش بۇلامدۇ ؟ قايسىدا ياخشى بۇلىدۇ . بىر تەكلىپ بەرسىڭىز . ئالدىنكى سۇئالىمغا ناھايىتى ئەتىراپلىق تەكلىپ بىرىپسىز سىزگە رەھمەت !

  4. كۆرىۋال ئەپەندى، بەك قانائەتسىزكەنسىز… 15 قېتىم چىكىلىپ 1 دوللارغا يەتمىسە بۇ ناھايتى نورمال ئىش، مېنىڭ 150 قېتىم چىكىلىپمۇ بىر دوللارغا يەتمەيۋاتىدۇ ھازىر…. ھىچقايسى مۇلازىمەت ئېلانى ئەمەس، مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم….

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: