A turkology blog

بىر نەچچە ئورۇندا كۆتۈرە ئالغان قۇرلۇشلار تېخى پۈتمىدى. بورناكۈن پۈتتۈرۈپ قۇرلۇش شىركىتىگە يوللىغان بىر مەكتەپ بار ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن ئاقارتىش، توك يوللىرى ۋە ئەينەك ئۆلچەمسىز دىگەن تامغىلىق بىر ھۆججەت بىلەن پۇل ئېلىش كېچىكتۈرۈلدى.

بۇلارنى قايتا قىلغاندا مۆلچەرلىگەن كىرىم بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىشتىن باشقا بۇلارنى قايتا قىلىدىغان ئادەم نەدە؟ مائارىپ ئىدارىسى ساقلاپ تۇرمايدۇ! قۇرلۇش شىركەت 20 – چىسلا بۇ يىللىق بارلىق ئىشلارنى توختىتدۇ. پۈتكەنلىرىنى تاپشۇرىۋالىدۇ، پۈتمىگەنلىرىنى كىلەر يىلىغا قالدۇرىدۇ. كىلەر يىلغا قالدى دىگەن گەپ بۇ يىل پۇل ئالالمايسەن دىگەن گەپ ! ئىشلىگەنلەر، ھەمكارلاشقانلار ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل بېرىش توغىرسىدىكى ۋەدىلەر بېكار بولىدۇ….. نۇرغۇن ئادەم بىزگە ئۆچ بولىدۇ. گەدەنگىچە قەرز بولىمىز !
ئىككى ئائىلىكلەر بىناسىنىڭ بارلىق ياغاچ ئىشىكلىرىنى يېقىنراقتىكى بىر ياغاچ زاۋۇتىدىكى موللا سۈپەت بىر خوجايىنغا ياساشقا تاپشۇرغان. ئىشىكلەر تېخىچە كەلمىدى. 10 – چىسىلا ئورنىتىپ بولىشى كېرەك ئىدى. بۈگۈن قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ «پالانى جۈيجاڭى» كىلىپ كايىشقا باشلىدى. ياغاچچىنىڭ ئۆيىگە بارسام ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇشۇ ئايدا 10 نەچچە كۈن بارلىق ياغاچ زاۋۇتلىرى ئىش توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپتىمىش. قۇرلۇش ئىدارىسى بۇ ياغاچلارنىڭ دەرھال ئىشىك ھالىتىگە كېلىپ ئۆيگە ئورنىتىلىشىغا قسىتايدۇ، ئورمانچىلىق ئىدارىسى بۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيدۇ….. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش سوزۇلدى.. توختاملار بۇزۇلدى. ئەگەر يالغۇز مۇشۇ بىر تۈرلا ۋاقتىدا ئورۇندالمىسا يالغۇز ماڭا كېلىدىغان زىياننى مەن باشقىلارغا ئىشلەپ يەنە يىگىرمە يىلدا تولدۇرالمايمەن.
كىمنى كېچىسى قارا كۆزەينەك تاقاپ يۈرۈيدۇ دەيسىز. ئۇ بىر بولسا ساراڭ يا ئەما! مانا قارا كۆزەينەك تاقىۋالمىسام كۆزۈممۇ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئەمەليەتتە مەنمۇ بىرەر «كومپيوتېرخانا» دىگەندەك دۇكاننى ئېچىپ ئولتۇرۇپ «نۇسخا كۆپەيتىپ، خەت ئۇرسام» جان باقالايتىم. بۇ ئىشلارغا بىر كىرىشىۋىدىم تۇيۇقسىزلا ئىشلار چوڭيىىپ كەتتى. يىتىشىپ بولالمايلا قالدىم… راست گەپ قىلسام يېقىنقى كۈنلەردە قوڭدىن پوق چىقىپ كەتكىلى ئارانلا قالدى.
ئادەملەر نىمە ئۈچۈن بىر-بىرنى يولسىز قىستايدىغاندۇ!؟ ئويلىسام ھەممە ئىشلار مېنىلا قىستاۋاتقاندەك،،، باشقىلارنىڭ ئىشى شۇنداق خاتىرجەمدەك. ئىلگىرى كېچە – كېچىلەپ باھالاش كېلىدۇغا دەرس تەييارلاپ باققان. قاخشاپ كېتەتتى ئەپەندىلەر…. ئەمدى بۇ كۈنلەرگە نىمە دىگۈلۈك.
مەن ئۇزۇندىنلا چوڭراق بىر تىجارەت قىلىشنى ئويلايتتىم. بۇ يىلقى پىلاندا ئولتۇرغىلى بىرەر كىچىك ماشىنا ئېلىۋالساق ھەم ئاچ قالمىساقلا بولاتتى… ئەمما ئىشلار دەسلىپىدە شۇنداق راۋان بولدى. كېيىن بىز قىلغان ئىشلار چوڭ قۇرلۇش خوجايىنلىرىغا ياراپ قالدى. ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشمايلى دىسەك كىمنىڭ پۇل تاپقۇسى يوق دەيسىز…. شۇنداق قىلىپ توختام تۈزۈشتۇق. مانا بۈگۈنگە كىلىپ يىغىشتۇرۇشقا كۆزۈم يەتمەيدىغان ئاۋارچىلىق ئىشلار ئالدىمنى قاپلىدى.
چاتاق چىققان ئەينەككە ئەينەك زاۋۇتى ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى مەن دەسلەپتە ئۇنى قانداق تەكشۈرۈشنى بىلمىگەچكە ئۇلارغا ئەينەكنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چوڭ تىجارەت قىلىمەن دەپ گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، ئەمدى ئاران تۆلەپ پۇتنى ياپقۇدەك يوتقانغا ئېرىشكەن.
بۇ ئىشلار مېنىڭ شېرىن خىيالىمچە بولغاندا ئون يىللىق ئىقتىسادىي پلاننى يېرىم يىلدىلا قاتلايتتۇق ۋە ئاسانلا بايلاردىن سانىلاتتۇق. مېنىڭ مۇشۇ قانائەت قىلمايدىغان مىجەزىم ھەممىگە سەۋەبچى بولدى. بىرەر شىركەتنىڭ دېرىكتورى مېنى يا ئۆزى ياردەمچى قىلىپ، يۇقىرىراق مائاش بىلەن ئىشلەتمىدى. يا مەن بىرەرىنى ئىزدەپ بارمىدىم! ئىشقىلىپ مېنىڭ تىجارەتكە ئېپىم بار. بىرەر ئىشنى باشلىسام چوڭايتىپ قويىمەن ! بۇ مېنىڭ تالانتىم ئوخشايدۇ. ئىككى يىل بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان. بۇرادىرىمنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى دۇكىنى، بىر كىچىك دۇكانغا ياردەملىشىپ ئۇنى سەندوڭدىكى چوڭ شىركەتلەردىن مال كىرگۈزىدىغان، يېزا – قىشلاقلارنىڭ بۇلۇڭلىرىغىچە توپ تارقىتالايدىغان قىلىۋەتتىم. كېيىن ماڭا مائاش بېرىشتىن شېرىكلىككە ئۆستۈردى. ئەمما بۇ ئىشلارنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتىم. چۈنكى ئۇ چاغدا «توردا پۇل تېپىش» مېنى چىرمىۋالغان. شۇنداق قىلىپ قول ئۈزگەن.
كۈندە 100 دوللار دىگەن تېمىدا ماقالىلەر يازدىم، بېشى شۇنداق جەلپ قىلارلىق ھەم كەسكىن باشلانغان، ئاخىرىغا بېرىپ، توردىن كېلىدىغان پۇلغا قارايدىغان چول تەگمەي قالدى. شۇنداق قىلىپ تورداشلارمۇ مەندىن رەنجىدى.
ئويلاپ باقسام يەنىلا مۇشۇ بلوگ ياخشىكەن. مېنىڭ دەردىمنى ئۆزۈمنىڭ بلوگى ئوبدان ئاڭلايدۇ. تېخى ئانچە-مۇنچە كىرىممۇ قىلالايدۇ. 2003 – يىلى ئىش ئىزدەپ نۇرغۇن شىركەتلەرگە بارسام خىزمەت تاپالمىغان ئىدىم. ئۇ چاغدا ماڭا ئايدا 500 يۈەن بەرسە بەك خۇش بولاتتىم. ھازىر كۈنىگە 50 يۈەنگە ئىشلەيدىغان ئادەم يوق. ئادەتتىكى ئىشچىغا 100 يۈەن بېرىپ قورساق ۋە ياتىقىغا ئىگە بولىمىز. تېخى شۇنداقتىمۇ ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ يوقاپ كېتىدۇ. ئىشەك باينىڭ – تاغار باينىڭ، ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئۇلار ئەمەس! ئەگەر مېنىڭ كۈنلۈكىمگە 100 يۈەن بېرىپ، ياتاق-تاماقنى كۆتۈرسەم مەن باش كۆتۈرمەي ئىشلەيتتىم.
نىمىشقا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ شۇنچە ياخشى تىجارەت پۇرسىتى، پۇل تېپىش پۇرسىتىنى تاشلاپ ھۆكۈمەت ئورنىدىكى مۇقىم، قىستاڭچىلىقى يوق، ئادەم جىددىلەشتۈرمەيدىغان خىزمەتكە ئۆزىنى ئاتىدىغانلىقىنى ئەمدى ھىس قىلغاندەك بولدۇم. چۈنكى ئەگەر بۇ يىل ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا مىليونېر بولالمىساممۇ، ئىشلار تەتۈرىگە ماڭسا قەرزىم مىليوندىن ئاشىدىغاندەك تۇرىدۇ.
خۇدا ئۆزەڭ ئاسانلىق بەرگەيسەن !
مۇشۇنداق پەيتتە ئەتە بۇ ئوماق قىز مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى. ئەمما مېنىڭ ئۇزۇنراق تەرەت قىلىشقىمۇ ۋاقتىم يوق! يىراقتىن كېلىپ مېنى ئىزدىسە مەن چىقمىسام مەڭگۈ مەندىن ئادا-جۇدا بولىدۇ ! ئەمما بۇلارغا مەيلى دىمەي مېنىڭ ئامالىم قالمىدى. ئۇنىڭ بلوگىمنى ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىمەن !
نىمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر زۆرۈر بولمىغان قىستاڭچىلىقلارنى پەيدا قىلىدىغاندۇ؟

Advertisements

Comments on: "مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟" (9)

  1. مەنمۇ سىزدىن رەنجىگەن، 100 دوللارنى دەپ… بىراق باشقىلارغا ياخشى بولماق تەس – تە !سىزمۇ 100 دوللار تاپمىغان تۇرسىڭىز، …. سىزدىن رەنجىشنىڭ ئورنى قالمىدىغۇ دەيمەن.توردا پۇل تاپىمەن دەپ رېئال دۇنيادىكى ئىشتىن ۋاز كېچىپسىز – دە ! ھەي…….بلوگىڭىز ياخشى….. بىراق ئۇ سىزنى 20 يىل تۆلەيدىغان قەرزدىن خالاس قىلالمايدۇ ! خاپا بولماڭ، بۇ رېئاللىق !يەنە 20 يىل قەرز تۆلىسىڭىز قېرىپ كېتىسىز تەكلىماكانجان. شۇڭا :يېنىڭىزدا قاچقۇدەك پۇل باردۇ ؟! ھېلىقى ئوماق قىزنى ئېلىپ يىراق جايلارغا قېچىپ كېتىڭ! بىر كۈنى تەكلىماكان مەندىن سورىدى:تەكلىماكان: سىز نەدە ؟مەن : رېئاللىققا قايتىش سەپىرىدە .ئەمدى بلوگ يازمايمەن، توردا پۇل تاپىمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايمەن . چۈنكى: Face to Reality

  2. تەكلىماكان ئەپەندى ، سۇئالىم تېمىغا مۇناسىۋاتسىز بولسىمۇ ، خاپا بولماي مەسلەھەت بەسىڭىز . بىر نەچچە كۈن ئاۋال يوللىغان http://baliq.blogspot.com/2008/10/ulash.html قەقئى قىلالمىدىم . شۇ سىز كۆرسەتكەن كودنى blogbus نىڭ نەرىگە يازساق بۇلىدۇ . شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز . رەھمەت سىزگە !

  3. Bilimlar گە جاۋاب.ئەگەر سىز Blogbus نى Blogspot قا ياكى باشقا بىر تور بېكەتكە ئۇلىماقچى بولسىڭىز ئاۋال كودتىكى ئادرېسنى ئاشۇ تور بېكەتنىڭ ئادرېسىغا ئۆزگەرتىپ، ئاندىن كودنى Blogbus نىڭ Head ھۆججىتى ئىچىگە چاپلاڭ. ئەڭ ئۈستىگە. ئەگەر BlogSpot قا چاپلىماقچى بولسىڭىز ئارقا سەھنە ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئورنىدىن 页面元素 نى تاللاپ، 添加页面元素 نى چېكىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن HTML/Javascript قوشۇشنى تاللاپ، ئېچىلغان يېڭى كۆزنەككە كودنى چاپلاپ قويسڭىز بولىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى كودتىكى ئادرېسنى نىشان تور بېكەت ئادرېسىغا ئالماشتۇرۇڭ.

  4. ۋاي بۇرادەر، شۇنداق جاھان ئوخشايدۇ بۇ ! ماڭىمۇ 3 كۈندە بىرەر تۈمەن تاپىدىغان ئىش چىققان، ئۇيان چېپىپ، بۇيان چېپىپ جۇلىقىم چىقىپ كەتتى!!! راست دېگەندەك چوڭ سودا قىلىش ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ!!

  5. تەكلىماكان ئەپەندى مەن سىز دىگەن دەك قىلغان بولمىسا ھەر ئىككىلىسى بولمىدى . بۇ نىمىشتۇ ؟

  6. bilimlar گە جاۋابسىز مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمغا تور بېكەتنىڭ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىڭ. ئاندىن قايسى تور بېكەتنى قايسى تور بېكەتكە ئۇلايسىز شۇنى دەڭ. مەنلا قىلىپ بېرەي.مەخپى نومۇرنى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئاددى نومۇرغا ئۆزگەرتىپ، مەن تەڭشەپ بەرگەندىن كېيىن بۇرۇنقى مۇقىم مەخپى نومۇرغا ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ. رەھمەت

  7. خېلىقى ئوماق قىز تېخى بۇ يازمىڭىزنى ئڭقۇمىغان ئوخشايدۇ ھە؟ بولمىسا بىزلەرمۇ ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايتتۇق! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ… ڭۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. چوڭ يولغا چىقىپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ يۈك ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ. ھەممە ئىش ئاسان بولىدۇ. بۇمۇ بىر چىقىش يولىدە… مەن دىگەندەك قىلالمايسىز ھەقاچان؟! شۇڭا دەردىڭىزنىى بۇ يەرگە تۆكمەي باشقا يەرگە … ئادەم كۆرمەيدىغان يەرگە تۆكۈڭ!

  8. ياكى كارتا نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ. بىز دوللار ئۇرۇپ بېرەيلى…

  9. ئۈمىدسىزلەنمەڭ، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بولسا ئىشنى قىزىقىدا تۇتۇپ، جۆندەيدىغان باشلىقلار بولسا تونۇشۇپ باقمامسىز؟

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: