A turkology blog

ئادەتتە تور ئادرېسى http://www.palani.com شەكىلدە بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىكى http نى يازماي http://www.palani.com دەپلا يازساقمۇ بولىدۇ، ياكى www نىمۇ يازماي بىۋاستە palani.com دەپ يازساقمۇ كىرىۋېرىدۇ. ئەمما بەزى چاغدا http نى يازمىساق قانداق چاتاق چىقىدىغانلىقى ھەققىدە مەن بايقىغان بىر مەسلىنى دەپ بېرەي. ھەرقانداق بلوگ يازغۇچى بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن بۇ.
ئادەتتە بلوگ يازىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى باشقىلارنىڭ بلوگىنى ئوقۇيدۇ ھەم ئىنكاس يازىدۇ. ئىنكاس قالدۇرىدىغان ئورۇندا كۆپۈنچە ئىسمى ۋە بلوگ ئادرېسىنى تولدۇرىدىغان ئورۇن بار. بۈگۈن يۈكسەل ئەپەندى تەكلىماكان بلوگقا ئىنكاس يازغاندا http نى يازماي بىۋاستە http://www.yukselblog.com دەپلا يېزىپتۇ. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرگۈچىلەر سىز قالدۇرغان ئادرېس ئارقىلىق بلوگىڭىزغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىنكاس يازغاندا بلوگ ئادرېسى تولدۇرىدىغان ئورۇنغا http نى يازماي تولدۇرسىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىز ئېچىلماي ئەسلىدە سىز ئىنكاس يازغان بلوگقا بىر تارماق مۇندەرىجە قوشۇلۇپ ئېچىلىدىكەن. مەسلەن سىز تەكلىماكان بلوگقا ئىنكاس يازغاندا:
بلوگ ئادرېسىڭىز http://palani.blogbus.com بولسا، پەقەت palani.blogbus.com دەپلا يېزىپ قويسىڭىز، كۆرگۈچىلەر سىزنىڭ ئادرېسىڭىزنى چەكسە سىزنىڭ بلوگىڭىز ئېچىلماستىن http://baliq.blogspot.com/palani.blogbus.com دەپ تەكلىماكان بلوگنىڭ تارمىقى بولۇپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدىكەن.
ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىغا توغرا يېتەكلەش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تورتۇراسىدا ئىنكاس قالدۇرغاندا بلوگ ئادرېسىڭىزنى http سى بىلەن قوشۇپ تولۇق يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
ئۇنداقتا ئىنكاس قالدۇرغاندا بلوگ ئادرېسىنى يېزىپ قويغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
بىز بۇ ھەقتە كۈندە 100 دوللار ماركىدىكى ماقالىلەردە سۆزلەپ ئۆتكەندەك، سىز قانچە كۆپ باشقىلارنىڭ تور بېكىتىدە ئۇلىنىش قىلىنسىڭىز ئىزدەش ماتورلىرى سىزنى شۇنچە ئاسان تاپىدۇ.

Advertisements

Comments on: "http نىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟" (2)

  1. ما ئىشنى كۆرسىلە! بۇندىن كېيىن دىققەت قىلساق بولغۇدەك – ھە .

  2. لىكىن بلوگباستا يازسا ئۇنداق بەت يوق دەپ چىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: