A turkology blog

بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ 25G لىق ھەقسىز توردىسكىسى جۇڭگودا ئېچىلدى. ئەمما جۇڭگو تەۋەسىدە سۈرەتلەرنى بىۋاستە مىكروسوفتتىكى ئالبۇمغا يۆتكەش، 25G بوشلۇقنى تولۇق ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئىشلىمەيدۇ. پەقەت 5G بوشلۇق باركەن. ئەمەليەتتە بۇ 5G مۇ ئاز بوشلۇق ئەمەس.ھازىرچە چىقارغىلى بولىدىغان يەككە ھۆججەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمى 50 مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن.
مېنىڭىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈشۈمگە ئاساسلانغاندا چۈشۈرۈش ۋە چىقىرىش سۈرئىتى بولىدىكەن. ئەگەر Thunder قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلانسا تېخىمۇ تېز چۈشىدىكەن. كەم نەرسە شۇ مىكروسوفت مەخسۇس تىز چىقىرىدىغان بىرەر قورال تەمىنلىمەپتۇ.
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن بلوگ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرى ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبىدىكى ھەقسىز بوشلۇققا يوللانغان ئىدى. ھازىر ئۇ بوشلۇق تاقىلىپتۇ. شۇڭلاشقا بىز پات ئارىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى SkyDrive ئارقىلىق تەمىنلەيمىز.
مىكروسوفت skydirve ئادرېسى: skydrive.live.com

SkyDrive نى باشقۇرۇش ئۇسۇلى
SkyDrive دىكى ھۆججەتلەر ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن. بىرى شەخسى ھۆججەت قىسقۇچ. مەزكۇر شەخسى ھۆججەت قىسقۇچقا قوشۇلغان ھۆججەتلەرنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم كۆرەلمەيدۇ ھەم چۈشۈرەلمەيدۇ.
يەنە بىرى ئورتاق ھۆججەت. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى سىز تاللىغان كىشىلەرلا كۆرەلەيدۇ ھەم چۈشۈرەلەيدۇ. باشقىلار كۆرەلمەيدۇ.
ئۈچۈنچىسى ئوچۇق ھۆججەت. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى ھەرقانداق ئادەم كۆرەلەيدۇ ۋە چۈشۈرەلەيدۇ.
سىز يەنە يېڭى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرالايسىز. ھەم قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ خاسلىقىمۇ مۇشۇ ئۈچ تۈرنىڭ بىرى بولىشى كېرەك. ئەگەر باشقىلارغا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەيدىغان نەرسىلەرنى چىقارماقچى بولسىڭىز Public شەكىلدە يەنى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان خاسلىقتا قىلىڭ.

Advertisements

Comments on: "SkyDrive جۇڭگودا رەسمىي ئېچىلدى" (4)

  1. Jonggoda MediaFire échimighandin kéyin, menmu SkyDrive’gha yötkeldim… MediaFire bek ésin idi… Xep !!!

  2. شۇنداق. ھازىر ئېچىلماسلىق نورمال ئەھۋال بوپ قالدى.

  3. Yenila Normal eqilmaydighu. siz turghan rayunda eqilmaydu, digendek eskertishtin bashqini kormiduk. Hotmail het sanduqining sighimi 5G iken. ikkisi bir gepmu?

  4. muellim گە جاۋاب:Hotmail خەت ساندۇقىغا بېرىلگەن بوشلۇق بىلەن SkyDrive غا بېرىلگەن بوشلۇق ئايرىم. ئەمما SkyDrive ھىساباتىڭىزغا شۇ Hotmail خەت ساندۇقى ئارقىلىق كىرىسىز. (ئەلۋەتتە باشقا ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.) . مەن نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: