A turkology blog

ئاۋال بلوگ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا دائىم كىرىدىغان ئادەملەر تورتۇرايىڭىزغا ئەگەشسە ئۇلارنىڭ Google Reader ۋە Blogger ھىساباتىدا سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى يېڭى تېمىلار كۆرۈنىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ باش سۈرىتى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا كۆرىنىدۇ. باش سۈرەت چېكىلگەندە مەزكۇر ئەگەشكۈچىنىڭ ئارخپىغا كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بلوگ ئادرېسى كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىش بلوگ يازغۇچى ھەم زىيارەت قىلغۇچى ئۈچۈن پايدىلىق.
بۇ ئىقتىدارنى قوشۇش ئۈچۈن ئاۋال بلوگ ئارقا سەھنە بەت كۆزنەكلىرى قوشىدىغان ئورۇندىن «Followers» ياكى خەنزۇچە 跟踪者 نى تاللاپ قوشۇڭ.ئۇنىڭ يان رامكىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قويۇڭ.
مەزكۇر ئىقتىداردا كۆرۈنىدىغان سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن بلوگ ئۇسلۇبى html تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىڭ ۋە html كود رايونىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئورۇنغا بەلگە قويۇپ، كودنى كېڭەيتىڭ. كېڭەيتىلگەن كودنى ھەممىنى تاللاپ كۆچۈرۈپ، خاتىرە دەپتەرگە چاپلاڭ.
چاپلاپ بولغاندىن كېيىن خاتېرە دەپتەرنىڭ 编辑 تىزىملىكىدىن ئىزدەشنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى 4 قۇر كودنى ئايرىم ئايرىم ئىزدەڭ.

ئاندىن يۇقارقى تۆت قۇر كودنىڭ ئورنىغا تۆۋەندىكى تۆت جۈملىنى ئايرىم-ئايرىم ئالماشتۇرۇڭ. ئۆز -ئارا ئالماشتۇرۇپ قويماڭ. يۇقارقى تەرتىپ بويىچە بولدى.
1. بۇ تورتۇراغا ئەگىشىڭ
2. بۇ بلوگقا ئەگىشىشنى بىكار قىلىش
3. ھەممەيلەننى كۆرۈش
4. ئەگەشكەنلەرنى باشقۇرۇش
دىققەت: ئالماشتۇرغاندا پەقەت جۈملىنى ئالماشتۇرۇڭ. مەن 1. ۋە 2. دىگەنلەرنى يۇقارقى كود بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قويدۇم. يەنە جۈملە ئاخىرىغا چېكىت قويماڭ.
ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خاتېرە دەپتەردىكى كودنى ھەممىنى تاللاپ كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، Blogger دىكى ئەسلى ئورنىغا چاپلاڭ.
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. ئەگەشكۈچىلەر ئىقتىدارى تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىدۇ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: