A turkology blog

يانفون سودىگەرلەر ئۈچۈن يالغۇز خېرىدار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان قوراللا ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە سودا ئىشلىرىدا نۇرغۇن پايدىلىق رولى بار. تۆۋەندە يانفوننىڭ سودا ئىشلىرىدا ئوينايدىغان رولىنى نەزەرگە ئېلىپ، سودا ساھەسىدە ئىشلىتىشكە قولايلىق يانفونلارنى تونۇشتۇرىمەن.
1. سودىگەرلەر يانفون سېتىۋالغاندا پەقەت تۆۋەندىكى ماركىلارنىڭ بىرىنىلا تاللاڭ.
موتورولا، نوكىيا، سونىي ئېرىكسون، سامسۇڭ، ئايفون، ئاندرويد ۋە پالما ! تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ماركىسى بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا ماركىلىقلىرى ئاساسەن قولايلىق ئەمەس. ئەلۋەتتە Windows Mobile مۇ ياخشى ئەمەسمۇ دەيسىز. مېنىڭچە تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر 杂牌 دەپ ئاتىلىۋاتقان ماركىسى يوق، ئىقتىدارى كۆپ يانفونلار بەك كۆپ. بۇنداق يانفونلار پەقەتلا بولمايدۇ.
2. يانفون سېتىۋالغاندا سودىغا ماس كېلىدىغان ئىقتىدارىنى ئاۋال ئويلىنىش كېرەك. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھازىر يانفون يالغۇز ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان قورال بولۇپلا قالماي ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە ئىقتىدارلار بار ئالايلۇق: كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، رادىئو ئاڭلاش، تېلۋۇزۇر كۆرۈش، تورغا چىقىش، ئېلخەت ۋە مۇڭداشقۇلارنى ئىشلىتىش، ئۈنگە ئېلىش، سۈرەت ۋە سىنغا ئېلىش، كالېندار، ھىسابلىغۇچ، لۇغەت، ئويۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قوللىنىشچان قوراللار.
مەن تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى مۇھىم دەپ قارايمەن:
ئاپپارات – يانفونغا سەپلەنگەن فوتو ئاپاراتنىڭ ئېنىقلىقى كەم دىگەندە 2 مېگا پىكسىل (200万像素) بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما 2 مېگا پىكسىل يېتەرلىك. ھازىر جۇڭگو كۆچمە ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ GPRS مۇلازىمىتى ئارقىلىق رەسىم ھۆججەتلىرىنى يوللاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق بەزىدە مەھسۇلات رەسىمىنى تېزلىكتە خېرىدار ياكى ھەمكارچىلارغا ئەۋەتىشكە بولىدۇ. 2 مېگا پىكسىللىق كامېرادا ئېنىقلىقى يۇقىرى رەسىمگە تارتىشقا بولىدۇ.
مەن ئىلگىرى خۇلىڭ (ئۈرۈمچى) بازىرىدىكى سودىگەرلەردىن ماتېرىيال كىرگۈزگەندە بەزى تېخنىكىلىق ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە خاتالىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلفوندا شۇ نەرسىنى رەسىمگە تارتىپلا يوللايتىم.
نوكىيا يانفونلارنىڭ 2006-يىلدىن كېيىن چىققانلىرىنىڭ ئاساسەن 2 مېگاپىكسىل كامىرا سەپلەنگەنلىرى بار. مەسلەن نوكىيا N70 ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونى.
تېلفون دەپتىرى – تېلفون دەپتەرلىرى ئىچىدە موتورلانىڭ تېلفون دەپتىرى ماڭا پەقەت يارىمايدۇ. بۇ جەھەتتە سونىي ئېرىكسون، فىلىپس ۋە نوكىيانىڭ بىر ئاز ياخشى. تېلفون دەپتىرىدە بىر ئىسىم ئاستىدا تېلفون، يانفون نومۇرى ۋە ئېلخەت، تور ئادرېسى، ئۆي ئادرېسى، شىركەت نامى، بانكا ھىساباتى ۋە باشقا قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى ساقلىغىلى بولسا ياخشى.
كالېندار – سودىگەرلەر ئۈچۈن كالېندار بەكمۇ مۇھىم. يانفونغا قاچىلانغان كالېندار ئەقلى ئىقتىدارلىق كالېندار بولسا ياخشى. پلان بېكىتىش، پىلان ۋاقتىدا سىگنال بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان بولسا مۇۋاپىق.
ھىسابلىغۇچ – سىز سېتىۋالماقچى بولغان يانفوننىڭ ھىسابلىغۇچ ئىقتىدارى چوقۇم بار. ئەلۋەتتە ھەرقانداق يانفوندا بۇ ئىقتىدار بار. ئەمما ھىسابلىغۇچنىڭ كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىشلىتىش جەريانىدىكى قولايلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يەنە ئېكراندىن سان تۇتۇش ۋە نەتىجىنى ساقلاش ئىقتىدارى دىگەندەكلەر.
ئۇچۇر sms ئىقتىدارى – symbian سېستىمىسى سەپلەنگەن نوكىيا يانفونلارنىڭ ئۆزىدە ئۇچۇرنى توپ يوللاش ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭدىن باشقا سونىي ئېرىكسون يانفونلىرىدىمۇ بار. بۇ ئارقىلىق بىر ئۇچۇرنى بىرلا ۋاقتتا بارلىق خېرىدار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
تور – يانفوندىكى ئىنتېرنېت تورىغا كىرىشنى كۆڭۈلدىكىدەك دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئېكران بەك كىچىك، شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە يانفوندا ئېلخەتنى نورمال ئېچىپ، خەت يازغىلى بولسا بولدى.
3. يانفون ئىشلىتىدىغان تور.
نۇرغۇن كىشىلەر CDMA نى يېشىل تور, ساغلام تور دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ سالامەتلىككە راستىنلا زىيىنى يوقمۇ. مەخسۇس GSM ۋە CDMA رادىئاتسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە زىيانلىق تەرىپىنى ئويلاشسا CDMA مۇ زىيانلىق. يالغۇز CDMA لا ئەمەس بارلىق توك ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بار. بىر چاغدا كوچا ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرۇپ كىتىۋېتىپ كاسسام كۆيۈپ كەتتى. سەۋەبى مەن CDMA يانفونۇمنىڭ ئوشۇقچە باتارىيىسىنى ئىشتىنىمنىڭ كەينى يانچۇقىغا سېلىۋاپتىكەنمەن. باتارىيە قاتلىشىپ، تېمپراتۇرسى ئۆرلەپ كاسسامنى كۆيدۈرۈپ قويدى. ئەمەليەتتە CDMA مۇ رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تارقاتقان رادىئاتسىيەسى GSM دىن سەل تۆۋەنرەك. شۇڭلاشقا مېنىڭچە يانفون قوللايدىغان تور قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، چۈنكى كېيىنچە سودا دائىرىڭىز كېڭىيپ قېلىشى مۇمكىن.
ھازىر بەزى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارEDGE, GSM ۋە WCDMA لارنى قوللايدۇ.
4. يانفون ئىشلىتىدىغان مەشغۇلات سېستىمىسى
بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ خۇددى كومپيوتېردا Windows ۋە Mac دىگەندەك مەشغۇلات سېستىمىسى بولغاندەك، تېلفوندىكى ھەرخىل پروگراممىلار ئىجرا بولىدىغان سۇپا. ھازىر يانفونلاردا بىر قەدەر بازار تاپقان مەشغۇلات سېستىمىسى سىمبيان (سىمبيان شىركىتى – نوكىيا ۋە سونى ئېرىكسون يانفونلار..)؛ لىناكس (بىر قىسىم موتورولا ۋە باشقا يانفونلار…)؛ ماك (ئايفون)؛ Windows (دوپودا ماركىلىق يانفونلار…) قاتارلىقلار بار..
يۇقارقى مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە Mac بىلەن پەقەتلا ئۇچرىشىپ باقمىدىم. ئەمما iPhone شۇنچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ئۇنىڭ خېلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما ماكتىن باشقا ئەڭ بولىدىغىنى symbian دۇر. چۈنكى 2008-يىلنىڭ بېشىدا يانفون مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا سىيمبىيان 1-ئورۇندا تۇردى. مەن ھەم ئۇنى ياقتۇرىمەن. ئىشلىتىش قولايلىق، قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار كۆپ، مەنبە مول. مۇقىم ھەم دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
نوكىيا ۋە سونىي ئېرىكسون يانفونلار symbian مەشغۇلات سېستىمىسىنى سەپلىگەن. سىيمبىيان ھازىرغىچە چوڭ جەھەتتىن ئۈچ ئەۋلادقا بۆلۈندى. بۇ يەردىكى ئەۋلاد Windows دىكى 98 ۋە 2000 قاتارلىقلار xp ۋە vista لارغا ئوخشايدۇ.
نوكىيا 6600 يانفونى 1 – ئەۋلاد symbian نىڭ تىپىك ۋەكىلى.
نوكىيا N70 يانفونى 2 – ئەۋلاد symbian غا تەۋە.
Nokia N80 يانفونىغا 3-ئەۋلاد سىيمبىيان مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنگەن.

يانفوندا مەشغۇلات سېسىمىسىنىڭ بولۇشى مۇھىممۇ؟
ئەلۋەتتە. سىز بىر سودىگەر، سىز سودىڭىزغا يول ئۈستىدە ياردەمدە بولالايدىغان بىر ئىلىكترونلۇق ئۈسكۈنىگە مۇھتاج. 007 نىڭ كىنوسىنى كۆرگەنلەر بەلكىم Nokia E90 نىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەممە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ماس كېلىشى ناتايىن. ئەگەر يانفوندا مەشغۇلات سېستىمىسى بولسا سىز ئۆزىڭىزگە قولايلىق پروگراممىلارنى ئۇنىڭغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز.
5. يانفوننىڭ شەكلى ۋە رەڭگى.
بۇ بەك دىققەت قىلىدىغان نۇقتا. يانفون مودا بولۇشى ناتايىن. سىز يانفوننى ھازىرقى بىر قىسىم غەيۋەتچى خوتۇنلاردەك كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيسىز. بەلكى ئۇس سىزنىڭ ياردەمچىڭىز. شۇڭلاشقا ئۇ سىز ئەڭ ياقتۇرغان رەڭدە ۋە سىز ئەڭ ياقتۇرغان شەكلدە بولۇشى كېرەك. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىڭىزغا توپلانغىنى مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. دۈشمەنرەڭ يانفونلارنى ياكى قولايسىز شەكىلدىكى يانفونلارنى ئىشلەتمەڭ.
6. يانفوننىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى.
فىلىپىس، موتورلا ۋە نوكىيا قاتارلىق يانفونلارنىڭ قاتتىق دېتالى ئىنتايىن پۇختا. ئادەتتە قاتتىق زەخمىلىنىشكە ئۇچرىمىسىلا ھىچنىمە بولمايدۇ. سېستىمىسى ھەم مۇقىم، قاتتىق دېتالىدا مەسلە كۆرۈلمىسىلا چاتاق چىقمايدۇ. يۇمشاق دېتاللىرىدىن چاتاق چىققان تەغدىردىمۇ فورماتلاش ياكى تەڭشەش ئارقىلىق ئوڭشاش ناھايىتى ئاسان. شۇڭلاشقا يانفوننى ئالغاندا ئوبدان تاللاپ، ئۇزۇنغىچە ئالماشتۇرماڭ. يانفون ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان تېلفون دەپتىرىنى يوقىتىپ قويۇش، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پلانلارنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. تېلفون دەپتىرىنى يوقىتىپ قويسىڭىز نۇرغۇن خېرىدار ياكى ھەمكارچىلاردىن ئايرىلىپ قالىسىز.
7. يانفوندىكى يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە ئىقتىدارلار….
كۆكچىش – خىزمەتداشلار ئارا تېزلىكتە ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
رادىئو – يولدىمۇ خەۋەر ئاڭلاشقا بولىدۇ.
ئۈنئالغۇ- مۇھىم پەيتتە ئۈن ئېلىشقا بولىدۇ (قانۇنغا رىئايە قىلىڭ.).
لۇغەت – بۇ سىزنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىقتىدارىڭىز ۋە خېرىدارنىڭ دائىرسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.
تەكلىماكان بلوگدا بۇندىن ئىلگىرى يانفون ھەققىدە كۆپ تېمىلار يازغان ئىدۇق. يېقىندا ھەم گۇگول شىركىتى T-mobile G1 ماركىلىق يانفوننى بازارغا سالدى. بۇ ماقالىدە ھەم تەۋسىيە قىلدۇق. يېڭى نەرسىگە قارىغاندا سىز كۆنگەن نەرسە ياخشى.
سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىدىن ئېيتقاندا Samsung ۋە SonyErricson يانفونلار بەك ياخشى. نوكىيا ۋە موتورولا بۇلارغا پەقەتلا يېتىشەلمەيدۇ.مەشغۇلاتىنىڭ قولايلىق بولۇشى، ۋە كۆنۈش جەھەتتىن ئېيتقاندا نوكىيا (ۋە ئۇنىڭغا سەپلەنگەن symbian) ئەڭ ياخشى. باشقىلار ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. سىرىتقى شەكلى مېنىڭچە موتورلا لايھەلەشكە ئۇستاراقمىكىن. Google يانفونىمۇ ئانچە چىرايلىق ئەمەسكەن.
يانفون سېتىۋالغاندا يەنە دىققەت قىلىڭ:
ھازىر نۇرغۇن بازار تاپقان يانفونلارنىڭ تەقلىدى ئىشلەنگەن ساختا نۇسخىسى چىقتى. ئۇلارنىڭ سىرىتقى شەكلى ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان بىلەن ئىچىكى سېستىمىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا يانفون سېتىۋالغاندا قىممەترەك بولسىمۇ بەلگىلەنگەن مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىڭ. ئەگەر سىزگە ئەڭ يېقىن بەلگىلەنگەن مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى تاپالمىسىڭىز تەكلىماكان بلوگدىكى ئەڭ يېڭى تېمىغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق مەسلىھەت سوراڭ.
بەلگىلەنگەن مەخسۇس دۇكانلىرىدا داڭلىق ماركىلىق يانفون باشقا دۇكانلارغا قارىغاندا سەل قىممەت. ئەمما ئۇنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1. جۇڭگودىكى بارلىق شۇ ماركىدىكى يانفونلارنىڭ بەلگىلەنگەن مەخسۇس دۇكانلىرىدا رېمونت قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدىكى نوكىيا مەخسۇس دۇكىنىدىن يانفون ئالسىڭىز، بېيجىڭغا بارغاندا بۇزۇلۇپ قالسىمۇ، بېيجىڭدىكى نوكىيا مەخسۇس دۇكىنى ياكى شىركىتىدە ھەقسىز رېمونت قىلدۇرالايسىز.
2. زاۋۇتتىن چىققان بارلىق زاپچاسلىرى تولۇق بولىدۇ.
3. يانفونلارغا ھىلە ئىشلىتىلمىگەن، يېڭى چىققان، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، سۈپەتلىك يېڭى بولىدۇ.
شۇڭلاشقا ئادەتتىكى دۇكانلارغا قارىغاندا باھادا كۆرۈنەرلىك پەرق بار.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: