A turkology blog

پويىزغا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، ۋاقتنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن پويىز ئىستانىسسىغا تېلفون قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ چاغدا بىر قېرىندىشىمىز يانچۇقىدىن بىر ئىسىم كارتۇچكىسىنى چىقاردى. بۇ كارتۇچىنىڭ كەينى تەرىپىدە بۇ شەھەردىن كېلىپ كېتىدىغان بارلىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ توختاش ۋە مېڭىش ۋاقتى باركەن. بۇ ئىسىم كارتۇچكىسى ئەسلىدە ياسىنجان ئىسىملىك تاكسى شوپۇرى تەرىپىدىن تاكسىغا چىققان خېرىدارلارغا تارقىتىلغان ئىسىم كارتۇچكىسىكەن. قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ ئىسىم كارتۇچكىسىنى ساقلاۋاتقىنىغا 11 ئاي بوپتۇ.
خوش ! قانداق ئادەم بىر شوپۇرنىڭ ئىسىم كارتۇچكىسىنى يانچۇقىدا 11 ئاي ساقلايدۇ؟! ياكى قانداق ئىسىم كارتۇچكىسى 11 ئاي ساقلاشقا ئەرزىيدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر بەرگەن نۇرغۇن ئىسىم كارتۇچكىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلارغا بىر قاراپ قويۇپلا ئۇنتۇپ كېتىمىز ياكى تاشلىۋاتىمىز. ئەمما كىملىكتەك چىڭ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان بۇ ياسىنجاننىڭ ئىسىم كارتۇچكىسى قانداق سېھرىي كۈچكە ئىگە؟
ھىچقانداق سېھرىي كۈچ يوق. تاكسىغا چىققان ئادەم چوقۇم يولۇچى. ئۇ يول ماڭىدۇ. پويىزغا چىقىدۇ. ئۇ پويىز ۋاقتىغا ئېھتىياجلىق. ياسىنجاننىڭ ئىسىم كارتۇچكىسىدا دەل يولۇچىلار ئېھتىياجلىق ئۇچۇر بار. شۇڭلاشقا ئۇنى ئالغان يولۇچى 11 ئاي ساقلاشقا رازى.
قانداق تور بېكەتكە ئادەم كۆپ كىرەتتى. ئەلۋەتتە ھىكايە ئوخشاش! تور بېكىتىڭىز كىچىك ياكى چوڭ بولۇشى مۇھىم مەسلە ئەمەس. ئۇ بلوگ بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما چوقۇم تورداشلار ئېھتىياجلىق بىرەر خىل نەرسە بولۇشى كېرەك.
كۆپۈنچە سودىگەرلەر ئىسىم كارتۇچكىسى ئىشلىگەندە ئۇنى چىرايلىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە چوڭ قىلىش، ھەم ئالدىغا دېرىكتور دىگەندەك قوشۇلغىچىلارنى قوشۇش دىگەندەكلەر بىلەنلا ئاۋارە. ئىسىم كارتۇچكىسىدا ئۆزىنىڭ تېلفون نومۇرىدىن باشقا خېرىدارغا پايدىلىق باشقا ئۇچۇر يوق. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق مۇئامىلىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بولغان خېرىدار كۆپۈنچە بۇ كارتۇچكىنى تاشلىۋېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا كۆپۈنچە تور بېكەت ئىگىلىرى باشقىلارغا ئوخشىتىپ تور بېكەت ياسايدۇ. رەڭگى ۋە شەكلى بەك ماسلاشقان. تور نامى ئالاھىدە داڭدار ! ئەمما تورداشلار ئېھتىياجلىق بىر نەرسە تېپىلمايدۇ. ئۇنداق تور بېكەتكە تورداشلار كىرسىمۇ بولىدۇ، كىرمىسىمۇ بولىدۇ. كىرسىمۇ – كىرمىسىمۇ ھىچ ئۆزگىرىش يوق، ھىچ پايدىسى يوق.
2006 – يىلى نوكىيا شىركىتى N70 ۋە N80 تىپلىق يانفوننى ئاساسەن بىرلا ۋاقتتا چىقاردى. بۇ ئىككى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىقتىدارلار ناھايىتى كۆپ. مۇشۇ چاغدا ياۋروپادىكى نۇرغۇن خېرىدارلار زادى قايسىنى سېتىۋالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئىككىلەنگەنكەن. بۇ چاغدا جون ئىسىملىك بىر ياش دەرھال N70 ۋە N80 ھەر ئىككىلا يانفوندىن بىردىن سېتىۋالغان. ھەم ئۇلارنى ئۆزى ئىشلىتىپ كۆرۈپ، بارلىق ئىقتىدار سېلىشتۇرمىسى ۋە بۇ ئىككى يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشى ئۈچۈن بلوگىدا يوللىغان. شۇنداق قىلىپ، ئىككىلەنگەن خېرىدارلار بۇنىڭ بلوگىدا نۇرغۇن مەسلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغان. جون ھەم قويۇلغان Adsense ئېلانىدىن ھەسسىلەپ كىرىم قىلغان.
بۈگۈنكى ماقالىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى شۇ! تور بېكەتتە كەم دىگەندە بىر خىل باشقىلار ئېھتىياجلىق نەرسە بولۇشى كېرەك. تور بېكەت ئۇنۋېرسال بولۇپ قالسا كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەي قالىدۇ. ياغاچچىمۇ، دېھقانلارمۇ، تۆمۈرچىمۇ، پروگراممېرلارمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سىز يەتكۈزگەن ئۇچۇرلار كەم دىگەندە بىر ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالمىسا ئۇ تور بېكەت ئاستا-ئاستا كەينىگە چېكىنىدۇ.
بىلىك كۇلۇبى – ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر مۇنبەر. نۇرغۇن دوستلار تور بېكەت قۇردى. بىلىك كۇلۇبىنىڭ مۇۋەپپەقىيتىنى كۆرۈپ تور بېكىتىنى دەرھال مۇنبەرگە ئۆزگەرتتى. ھەممىسى ئۇنۋېرسال مۇنبەرگە. ئەمەليەتتە ھەممە مۇنبەردە ئۇنۋېرسال مەسلىلەر مۇزاكىرە قىلىنسا، مەخسۇس مۇنبەرلەر بولمىسا تورداشلار يەنىلا زىرىكىپ قالىدۇ. توپلانغان مۇنبەرگە يەنە توپلىنىۋېرىدۇ. باشقا ئۇنۋېرسال نام بىلەن ئېچىلغىنى چۆلدەرەپ قالىدۇ. بىر زات شىپاخانىسى دىگەن بلوگنى كۆرۈڭ. قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولمايلا بازار تاپتى. (بازار تاپتى دىگەن سۆز زىيارەت ئېقىمى ئاشتى دىگەن مەنىدە.) نىمىشقا؟ نىمىشقا شۇنچە تېزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
مېنىڭ (تەكلىماكان بلوگ) ھىس قىلىشىمچە جاۋابى مۇنداق:
1. قۇرغۇچى تور بېكەت ياسىيالايدىغان كىشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇ تور بېكەتتىكى مەزمۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
2. قۇرغۇچى (بىرزات) ھىچ بولمىغاندا بىر جەھەتتە (كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق مەسلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە) تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ياكى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
3. ئۇ مەخسۇسلاشقان. ئۇنىڭدا پەقەت سالامەتلىكتىن ئىبارەت بىرلا تېمىدا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئىراق بىلەن ئامېرىكا ھەققىدە ھىچ گەپ يوق !
ئىش شۇنداق ئاددى. سىزمۇ ئاددى بلوگدىن، ئاددى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىدىن، ئاددى بىر يۇمشاق دېتالدىن كەلگۈسىدە نەچچە يۈز مىڭغا يارايدىغان چوڭ بىر كارخانىلاشقان تور بېكەتنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
تەكلىماكان بلوگنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تور بەت دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما زىيارەت سانى ئانچە ئاز ئەمەس. كۈنىگە 1000 غا يېقىن PV بولىۋاتىدۇ. كىچىككىنە بىر بلوگ بولغاچقا مۇشۇنداق بىر ماقالە يېزىشقا سالاھىتىمىز توشىدۇ دەپ قارايمەن.

Advertisements

Comments on: "قانداق تور بېكەتكە ئادەم كۆپ كىرىدۇ." (3)

  1. بەك ياخشىكەن.

  2. بىلىك كۇلۇبى – ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر مۇنبەر. نۇرغۇن دوستلار تور بېكەت قۇردى. بىلىك كۇلۇبىنىڭ مۇۋەپپەقىيتىنى كۆرۈپ تور بېكىتىنى دەرھال مۇنبەرگە ئۆزگەرتتى. ھەممىسى ئۇنۋېرسال مۇنبەرگە. ئەمەليەتتە ھەممە مۇنبەردە ئۇنۋېرسال مەسلىلەر مۇزاكىرە قىلىنسا، مەخسۇس مۇنبەرلەر بولمىسا تورداشلار يەنىلا زىرىكىپ قالىدۇ. توپلانغان مۇنبەرگە يەنە توپلىنىۋېرىدۇ. باشقا ئۇنۋېرسال نام بىلەن ئېچىلغىنى چۆلدەرەپ قالىدۇ. بىر زات شىپاخانىسى دىگەن بلوگنى كۆرۈڭ. قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولمايلا بازار تاپتى. (بازار تاپتى دىگەن سۆز زىيارەت ئېقىمى ئاشتى دىگەن مەنىدە.) نىمىشقا؟ نىمىشقا شۇنچە تېزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. *****************************************ما گەپلەرنىڭ تۇتامى بار. مەن مۇنبەرلەر ئىچىدە بىلىك بىلەن ئىزدىنىشنى بەك ياقتۇرىمەن. بەك سەرخىل ئادەملەر بار.بلوگلار ئىچىدە تەكلىماكان بلوگىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بەك قىززىق گەپلەر بار. يېڭىلىقنى بەك ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. گەپلىرى بەك تېتىملىق.

  3. ھەقىقەتەن ئېسىل تېما بوپتۇ. مەنمۇ سۆزلىرىڭىزنى قۇۋۋەتلەيمەن. «بوغلان بلوگى» نىڭمۇ نىشانى شۇ…

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: