A turkology blog

QQ نى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا بىراۋدىن خەت كەلدى. بىز لايھەلىگەن يېڭى تور بېكەت كۆرۈپ بېقىڭ. – دەپتۇ. كۆرسەم ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال ئەمەس. بەتنىڭ ئومۇمى ئۇسلۇبىمۇ نورمال ئەمەس. IE دا ئېچىپ كۆرسەم نورمال. مەن ئاساسەن FireFox ئىشلىتىمەن. بۈگۈنكى كۈندە FireFox ۋە Safari گە ئوخشاش نۇرغۇن ئېسىل تور كۆرچلەر تۇرسا نىمىشقا يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر IE ئىشلىتىدىغاندۇ. بەزى تورخانا خوجايىنلىرىنىڭ باھانىسى كەن. ئەمەليەتتە Firefox شۈنلېي ۋە باشقا IE دا ئىشلەيدىغان ھەممە نەرسىنى قوللايدۇ. خوش. بۇ مەسلە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
تور بېكەت قۇرغۇچىلار. ئۆزىنى پروگراممېر دەپ ئاتايدىغانلار ئالما مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار گۇگولنىڭ ھەر بىر قاچىلىنىشىغا 1 دوللاردىن بېرىپ، موزىللانى يەرشارىدا خېلى ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. تەكلىماكان بلوگنىڭ 30 دىن ئارتۇق زىيارەتچىسى موزىللا ئىشلىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ توربېكەت ياسىغۇچىلار نىمىشقا بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ.
سىز بىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان تور بېكەت كودىنى يازغاندا چوقۇم بۇ تور بېكەت IE ، Firefox ۋە Opera غا ئوخشاش كەڭ ئومۇملاشقان تور كۆرگۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ نورمال ھالەتتە ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشىشىڭىز كېرەك. بولمىسا قانداقمۇ كەسپىي تور بېكەت قۇرغۇچى دىگىلى بولسۇن !
ئىشەنمىسىڭىز تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەت خاتېرسىگە قاراپ بېقىڭ. ئەگەر بلوگنىڭ زىيارەت خاتېرسىنى تەكشۈرەلمىسىڭىز Google Analytics ياكى Yahoo Stats نىڭ كودىنى قىستۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. IE دىن باشقا تور كۆرگۈچتە كۆرىدىغانلار بارمۇ يوق؟
مېھمانخانىنىڭ ئالدى ياكى ئارقا ھويلىسىدا ماشىنا توختىتش مەيدانى بار. ئەگەر يوق بولسا ئۇنىڭغا ماشىنىسى بار مېھمانلار كىرمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ پۇللۇق مېھمانلار بۇ مېھمانخانىنىڭ خېرىدارى بولمايدۇ.
IE دا كىرگەن زىيارەتچىلەرگە قارىغاندا Mozilla دا كىرگەن زىيارەتچىلەرنىڭ تور بېكەتكە نىسبەتەن قىممىتى يۇقىرى؟ نىمىشقا؟ چۈنكى كۆپۈنچە تورخانىلاردا IE دىن باشقا تور كۆرگۈچ يوق، موزىللادا كىرگەنلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ كومپيوتېرىدا كىرىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ كومپيوتېرىدا كىرىدىغانلارنىڭ تورغا چىقىش ئېھتىماللىقى تورخانىدا كىرىدىغانلارغا قارىغاندا چوڭ. ھەم تور بېكىتىڭىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا تور بېكەتنىڭ ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئېچىلىش مەسلىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

Advertisements

Comments on: "توربېتىڭىز تېخىچە IE دىلا ئېچىلامدۇ؟" (1)

  1. قانداق قىلغاندا،توربەتنى تېخىمىۇ ياخشى قىلغىلى بۇلىدۇ.يازماباھالاش ئىقتىدارنى ئۆگۈتۈپ قويسىڭىز،يەنە ئىنكاسلارنى قانداق قىلغاندا كۆرۈندىغان قىلغىلى بۇلىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: