A turkology blog

Archive for دېكابىر, 2008

2008-يىللىق ئۇيغۇرچە 10 چوڭ بلوگ قاتارىغا كىردۇق.

<span style="float:left;color:#000000;font-size:70px;
line-height:70px;padding-top:2px;font-family: Times, serif, Georgia;“>T

his Blog has been listed in World’s Top 10 Uyghur Blog 2008
此博客《塔克拉玛干博客》入选2008年度全球最佳10名维吾尔博客之一 . Congratulations ! Mubarek !

تەكلىماكان بلوگنىڭ 2008-يىللىق 10 چوڭ ئۇيغۇرچە بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى قىزغىن
تەبرىكلەيمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق قوللىغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

Advertisements

2008-يىلدا بلوگدا پۇل تېپىشتىكى داڭدار بېكەتلەر

ئەتە بۇ يىل ئاياغلىشىدۇ. تەكلىماكان بلوگ سىناق قىلىپ كىرىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 2008-يىل ئىچىدە بلوگ ياكى تور بەت ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۆۋەندىكى تور بېكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. دەرىجىسى بويىچە تىزىلدى. (دىققەت: بۇ دەرىجىنى پەقەت تەكلىماكان بلوگدا كۆرۈلگەن كىرىمگە ئاساسەن بېكىتكەن. ھىچقانداق بىر ئورگان بېكىتكەن ئەمەس. بەلكىم سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا ئوخشىمىغان ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.)
1. Adbrite تور ئېلان سۇپىسى (ئامېرىكا)
نىمىشقا بۇنى 1-ئورۇنغا تىزىپ قويدۇق. بۇنىڭ كىرىمى Adsense بىلەن ئوخشاش، ئەمما ئېلاننىڭ تەستىقلانمىقى ۋە تور بېكەتتە ئېلان كۆرۈنمىكى تەس، ئېلان كۆرۈنگەندىن كېيىن ھىسابات توختاپ كېتىدىغان ئىش Adsense دەك دائىم يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدەلىرى بار. تەپسىلاتى…
2. Adsense (گۇگول) (ئامېرىكا)
كىرىمى يۇقىرى. ئەمما ھىساباتنىڭ مۇقىملىقى ئىنتايىن تۆۋەن. پۈتۈن جۇڭگودا Adsense ھىساباتى 3 يىلغىچە توختاپ كەتمەي مۇقىم ماڭغان كىشى ساناقلىقلا! ئېلاننى ئاسان بېرىدۇ، ئېلان ئاسان كۆرۈنىدۇ. ئاسان كىرىم بولىدۇ. ھەم تۈزۈمگە ئاسان خىلاپلىق قىلىسىز، ئاسان ھىسابات توختاپ كېتىدۇ. تەپسىلاتىنى تەكلىماكان بلوگ سەھىپىلىرىدىكى Adsense بىلىملىرىدىن كۆرۈڭ.
3. WidgetBucks.com ئېلان تورى (ئامېرىكا)
بۇ تور بېكەت چېكىلگەن ھەر بىر ئېلان ئۈچۈن 0.1 دوللار بېرىدۇ. ئەمما ئېنگلىزچىدىن باشقا تىلدىكى بلوگلارنى قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېنگلىزچە تور بېتىڭىز بولمىسا ئاۋارە بولماڭ.
4. BloggerAds تورى (تەيۋەن)
بۇ تور بېكەت پۇلنى ناھايىتى ئاز بېرىدۇ. ئەمما ئېلان مۇقىم، ئېلان چوڭلۇقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. بارلىق Unicode لۇق يېزىقلاردىكى بېكەتلەردە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ. پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. ئۇيغۇرچە بلوگلار كۆرۈلۈشى يۇقىرى بولسا مۇشۇ ئېلاننى تاللىسا بولىدۇ. تەپسىلاتى
5. نۇفناڭ Nuffnang.com (مالايسيە)
مالايسىيەنىڭ بلوگ ئېلان شىركىتى، خالىسىڭىز ئۇنىڭ فىلىپپىن، سىنگاپور ياكى ئاۋسترالىيە تارمىقىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ، پۇلنى خېلى كۆپ بېرىدۇ، ئەمما سىز فىلىپپىنلىق، سىنگاپورلۇق، ئاۋسترالىيەلىك ياكى مالايسىيەلىك بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن cn تور نامى ئىشلەتمەڭ. Blogger دىن بلوگ ئالسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى يۇقارقى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدىن دەپلا تىزىملىتىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. تىزىملاتقاندا پايپال ئادرېسى تولدۇرىدىغان جاي يوق. مەن ئاۋسترالىيە بۆلۈمىگە تىزىملاتقان. پۇل 50 دوللارغا يەتكەندە پايپال ئادرېسىنى سورايدىكەن. بولمىسا پۇل ئەۋەتىدىغان ھىچقانداق ئۇسۇلنى سورىمايدىكەن.
6. triggit يېڭىچە ئېلان.
مەن بۇ ئېلاندىن تېخى پۇل ئېلىپ باقمىدىم، ئەمما بۇ ئېلاننىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بار، ئېلان كودىنى قويسىڭىز تور بېتىڭىزدە ئېلان كۆرۈنمەيدۇ. پەقەت ئېلانغا ماس كەلگەن ھالقىلىق سۆزلەر تور بېتىڭىزدە بايقالسا ئېلان كودى ئۇنى ئېلانغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنى مەزمۇندىكى ھالقىلىق سۆزلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئۇلىنى بولىدۇ. ۋە چېكىلگەندىن كېيىن ئېلان بەرگۈچىنىڭ بېتىگە كىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتتىكى مەزمۇننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تور بېكەتتىن پۇل ئېلىپ باققاندا تەپسىلىرەك سۆزلەي. ھازىرچە بەك تەشەببۇس قىپ كەتمەيمەن. تەپسىلاتى

ئۇزبلوگقا قانداق قارايسىز؟

WordPress سۇپىسى ئىشلىتىلگەن، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە؛ ئۇسلۇب قاچىلايمەن دەيدىغان ئاۋارچىلىقلار يوق، دىگەندەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئۇزبلوگ سۇپىسى تۇرسا تەكلىماكان بلوگ يەنە نىمىشقا ئارقا سەھنە ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان Blogger نى ئىشلىتىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ئۇزبلوگقا قانداق قارايسىز بولسىمۇ، ئەمەليەتتە يازماقچى بولغىنىم تەكلىماكان بلوگنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى:
ئۇز بلوگنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
1. ئارقا – ئالدى سەھنىلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە. Blogbus نى ئىشلەتكەندەك ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش دىگەندەك ئاۋارچىلىقلار بولمايدىكەن.
2. يەرشارىدىكى ئەڭ داڭلىق بلوگ سۇپىسى WordPress ئىشلىتىلگەن. شۇڭلاشقا بۇ بلوگ سۇپىسى مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك. ئىلگىركى ئۇيغۇر لىنىيىسى ئىشلەتكەن بلوگ سۇپىسىغا قارىغاندا رەسىمى بلوگ سۇپىسى دىيىشكە بولىدۇ. بلوگدا بولۇشقا تىگىشلىك ئىقتىدارلار تولۇق.
3. ئۇسلۇبلىرى كۆركەم، ھەرقانداق تورداشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇدەك دەرىجىدە. ئۆزىڭىز ياساپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. WordPress نىڭ ھەر كۈنى ئوخشىمىغان چىرايلىق ئۇسلۇبلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.
4. تەرەققىياتى ياخشى. WordPress نىڭ ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك يېڭى ياماقلىرى ۋە يېڭى نۇسخىلىرى نەشىر قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇز بلوگ ھەم بۇلارنى تېزلا قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرچە سۇپىدا كۆرسىتىدىكەن.
5. ئېلان قويۇش ئىقتىدارى بىلەنمۇ تەمىنلىگەن، بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
6. ئۇز بلوگ باش بېتىدە يېڭىلانغان بلوگ ۋە يېڭى بلوگلارنى تۈرلەپ كۆرسىتىدىغان جاي بولغاچقا بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق.
ئۇز بلوگنىڭ مېنىڭچە بولمايدىغان تەرەپلىرى (ياكى ئۇز بلوگدىكىلەرگە تەكلىپ دىيىشكىمۇ بولىدۇ)
1. بۇ سۇپىنى تەمىنلىگەنلەر ئېنىق ئەمەس: ئۇز بلوگ تورىنى زادى قايسى ئورگان، شىركەت ياكى شەخس مەسئۇل بولۇپ ئاچقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان. بۇ توغىرسىدىكى مەسئۇلىيەت ئۇچۇرلىرى ئۇز بلوگ تورىنىڭ ھىچقانداق يېرىدىن تېپىلمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ قىممەتلىك يازملىرىمىز يوقاپ كەتسە كىمنى ئىزدەيمىز؟ ياكى بار بولۇپ مەن كۆرمەي قالغان بولسام چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايمەن. ھەم بۇ يازمىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆچۈرىمەن. ئۇز بلوگ تورى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان، ئەمەليەتتە بۇرۇنقى ئۇيغۇر لىنىيەسىنى ھىسابقا ئالغاندا يېڭى سەھىپە ئەمەس، ئەمما ئاقىۋىتى ئۇنداق بولمىسىلا بىز ئۇنىڭغا كۆپلەپ تەشەككۇر!
2. مەن ئۇز بلوگ ئىشلەتكەن سۇپا (wordpress) ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قىلچە گۇمان قىلمايمەن. بىردىبىر ئەندىشە قىلىدىغىنىم، تېخى ھىچقانداق ئۇيغۇرچە ئېلان سۇپىسى بولمىغان ئەھۋالدا؛ ئۇز بلوگ شەخسى بلوگلارنىڭ ئالدى ياكى ئارقا سەھنىسىدە ھىچقانداق ئېلان قىستۇرىۋالمىغان ئەھۋالدا؛ ۋە ياكى ھىچقانداق بىر شىركەت مەلۇم مۇددەتلىك ماڭدرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولمىغان ئەھۋالدا نىمىگە تاينىپ ئۇز بلوگنى داۋاملىق ماڭدۇرماقچى؟
ئەگەر ئۇز بلوگ ساخاۋەت قىلىپ، بارلىق چىقىمنى باشقا جايدىن ئىشلەپ تاپقان پۇلغا قامدىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا بۇ تور بېكەتنى قامدىماقچى بولسا، تور بېكەت ئۆزىنىڭ جېنىنى ئۆزى باقمىسا باشقا پۇللار ئارقىلىق بىر مەزگىل باققىلى بولغان بىلەن كېڭەيگەنسىرى تېخىمۇ كۆپ پۇل سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ھۆكۈمەت تەرەپكە ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرلىرى.
بلوگ مۇنبەرگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بۇ سۆزلەر بىر مۇنبەر ئۈستىدە بولسا ئارتۇق گەپ ساتمايتۇق. بلوگ ھەركىم ئويلىغاننى يازىدىغان پىكىر سورۇنى. بىرسىنىڭ بلوگىنى يەنە بىرسى باشقۇرالمايدۇ. ئەگەر بلوگدا يوللانغان يازمىلار ھە دىسە پالان-پۇكۇن باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن رەتلەنسە، ئۆچۈرۈلسە، تەھرىرلەنسە ئۇنداق بلوگقا كىم قەدەم باسىدۇ. ئەگەر تەھرىرلەنمىسە، شەھۋانى، ئەخلاقسىز، قانۇنسىز ئۇچۇرلار پەيدا بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە كىم مەسئۇل دىگەندەك ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلە كۆپ كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەگەر بلوگ بېكىتى مۇشۇ جەھەتتىن ياخشى باشقۇرۇلمىسىمۇ، كۆپ مەبلەغ ۋە كۆپ پروگراممېرلار توپلانغان تەغدىردىمۇ ئاسانلا تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىشى مۇمكىن.
4. بىز نىمىشقا Blogbus ياكى Blogspot ئۈستىدە بۇ مەسلىلەرنى ئويلاشماي، تېخى يېڭى پەيدا بولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ بلوگ سۇپىمىز ھەققىدە تالاش-تارتىش ۋە غەيۋەت-شىكايەت قىلىشىمىز؟
Blogbus قۇرۇلغىلى 6 يىلغا يېقىن ۋاقت بولدى. Blogspot مۇ 1999-يىلدىن باشلاپ مېڭىۋېتىپتۇ. دىمەك 10 يىل بولدى. ئۇلار يۇقارقىدەك سۇئاللارنىڭ سىنىقىدىن ئاساسەن ئۆتۈپتۇ. شۇڭلاشقا مۇنازىرە قىلىش ھاجەتسىز.
كەچۈرۈڭلار…. بۇ يازما تەكلىماكان بلوگ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن كۆپ قېتىملىق «ئۇز بلوگقا قانداق قارايسىز؟»، «نىمىشقا كۆچمەيسىز؟» لەردەك مۇنازىرلەردىن كېيىن يېزىلدى. دىمىسىمۇ ئۇز بلوگ ھازىرقى ھالىتىدە Blogger دىن ياخشى، Blogbus تىنمۇ ياخشى. نىمىشقا كۆچمىگۈدەكمەن.
مەن ئىلگىرى ئۇيغۇر لىنيەسىنى ئىشلەتكەن. يازمىلىرىم يوقاپ كەتتى. ئۇيغۇر لىنىيەسى ھىچقانداق ئەسكەرتىش، ياكى باشقا بلوگقا كۆچۈش ئۇسۇلى دىگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتمەستىنلا مۇلازىمەتنى بېكار قىلدىلەر. ئەمما ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى ئۇز بلوگقا دۆڭگەپ ئەيىپلەشكە قەتئى بولمايدۇ. بىز پەقەت شۇ ئاقىۋەتكە قايتا دۇچار بولماسلىقنىلا ئۈمد قىلىمىز. شۇڭلاشقا ئۇز بلوگدىن يۇقارقى سۇئاللارنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى ئىزدەيمىز.
ئاخىرىدا سۆيۈملۈك ئۇز بلوگ قۇرغۇچىلىرىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز. مەڭگۈ توختىماي تەرەققىي قىلغاي!
بۇ ماقالىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تور بېكەتلەر:
ئۇز بلوگ uzblog.cn
بلوگباس blogbus.com
بلوگگېر blogger.com
ۋوردپرەس wordpress.org

كامېرانى سىناش (NOKIA N80)

بۇ يازمىدىكى سۈرەتلەرنىڭ بارلىق (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى تەكلىماكان بلوگقا تەۋە. كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. سۈرەتنى چەكسىڭىز ئەسلى چوڭلۇقتىكى رەسىمنى كۆرەلەيسىز.









Adsense پۇلىنى Western Union ئارقىلىق ئېلىشقا يېڭى ئۆزگەرتىشلەر بولدى

بۈگۈن گۇگول شىركىتى ئېلان كىرىمىنى غەربى بىرلىك(西联汇款) ئارقىلىق ئېلىشقا قارىتا مۇھىم ئىقتىدارلار قوشتى. ئاساسلىقى پۇل ئەۋەتىلگەندىن كېيىن پۇلنىڭ تاپشۇرۋالغۇچىغا يەتكۈچە تۇرۇش ۋاقتى 35 كۈندىن 60 كۈنگە ئۇزارتىلدى. يەنە بىرى شۇ ئايلىق ئېلان كىرىمى سىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتە ئەگەر غەربىي بىرلىك شىركىتىنىڭ پۇل تاپشۇرۋېلىش ۋە ئەۋەتىشكە قويغان چېكىدىن ئېشىپ كەتسە گۇگول ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى يەنە بىر قېتىم غەربىي بىرلىك ئارقىلىق ئەۋەتىدۇ. مەسلەن:
سىز بۇ ئايدا 5000 دوللار تاپتىڭىز، ئەمما رايونىڭىزدىكى غەربى بىرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 3000 دوللار بولسا، گۇگول سىزگە 3000 دوللار ۋە 2000 دوللارلىق ئىككى سوممىدا، ئىككى قېتىم پۇل ئەۋەتىدۇ. بۇ پۇل ئەۋەتىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى، Adsense ھىسابىڭىزدىكى پۇل تاپشۇرۋېلىش تارىخى دىگەن ئورۇندا خاتېرلىنىدۇ.
ھازىرچە Adsense نىڭ پۇل ئەۋەتىش شەكلى Wesntern Union نى قوللايدىغان رايونلار تۆۋەندىكىچە:
ئارگېنتىنا
بۇلغارىيە
چىلى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چوڭ قۇرۇقلۇقى
كولومبىيە
مىسىر
لىتۇئانىيە
مالايىسىيە
ماراكەش
پاكىستان
پاناما
پېرو
فىلىپىن
رومانىيە
تەيۋەن

EOT ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى

پروگرامما ھەۋەسكارلېرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىم ناھايتى ياخشى بىر قورال ياساپ چىقتى ، بۇ قورال ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ eot ھۆججىتىنى ناھايتى ئاسانلا ياساپ چىقالايسىز ، خالىغان eot دىن بىرنى تېپىپ ، بۇ قورال ئارقىلىق ئېچىپ ، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تور ئادىرسىڭىزنى تولدۇرۇپ ساقلاشنى باسسىڭىزلا بۇ eot سىزنىڭ بىكىتىڭىزدە ئىشلەيدىغان بولىدۇ ، شۇڭا ئەمدى مەنمۇ eot ياسىمايمەن . قورالنى چۈشۈرۈش ئادىرسى
bbs.xjprgfan.com/attachment.aspx?attachmentid=82مەزكۇر يۇمشاق دېتال netframe 2.0 دىن يۇقىرى ئىجرا مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ. netframe نى توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىگە تەۋە، بۇ يازما ئارامگاھ بلوگدىن پايدىلاندى.

نوكىيانىڭ ئۇيغۇرچە (ULY) يۇمشاق دېتاللىرىغا بېلەت تاشلاڭ.

نوكىيا ۋە باشقا symbian سېستىمىلىق يانفونلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان Office ، مۇزىكا قويغۇچ، smartmovie، توركۆرگۈچ، كىتاب ئوقۇغۇچ، PDF كۆرگۈچ دىگەندەك نۇرغۇنلىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار بار. ئەمما بۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە ئەمەس. ئەمما يانفوننىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولمىغان ئەھۋالدا بۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. خۇددى خەنزۇچە سېستىمىلىق windows قا ئاپىرىپ ئۇيغۇرچە word نى قاچىلىغاندەك. ئەمما ئۇيغۇر (UEY) يېزىقىنى يانفوننىڭ ئەسلى تىلى قوللىمغاچقا قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ULY دا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشنى ئويلاشتۇق. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش بولغاچقا دوستلاردىن پىكىر ئالماقچى.
سىز پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ جاۋابنىڭ بىرىنىلا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ بەرسىڭىز بولدى.
1. جاۋاب: OK
ئەگەر پىكرىمىزگە قوشۇلسىڭىز، OK دەپلا ئىنكاس يېزىڭ. ھەم بىز پات ئارىدا ۋە ئۇزۇن مەزگىل ياخشى يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرىمىز.
2. جاۋاب: NO
ئەگەر ULY غا تەرجىمە قىلسا بولمايدۇ. ئوقۇماق تەس، UEY غا تەرجىمە قىلىش كېرەك. ياكى يانفون ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمىغاندىن كېيىن، لاتىنچە كۆرسەتسە نىمە ئەھمىيىتى… دىگەندەك پىكىرلەردە بولسىڭىز NO دەپلا ئىنكاس يېزىپ بېرىڭ.
3. جاۋاب:
ئەگەر سىزنىڭ باشقىچە پىكرىڭىز بولسا ئۈچۈنچى سۇئالغا جاۋاب يېزىڭ. باشقىچە پىكىر يېزىش ئۈچۈن imla.blogbus.com دا خەتنى يېزىۋېلىپ، ئىنكاس رامكىسىغا كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاس 100 دىن ئاشقاندا يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىشنى باشلايمىز. دوستلارغا رەھمەت!