A turkology blog

ئەتە بۇ يىل ئاياغلىشىدۇ. تەكلىماكان بلوگ سىناق قىلىپ كىرىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 2008-يىل ئىچىدە بلوگ ياكى تور بەت ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۆۋەندىكى تور بېكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. دەرىجىسى بويىچە تىزىلدى. (دىققەت: بۇ دەرىجىنى پەقەت تەكلىماكان بلوگدا كۆرۈلگەن كىرىمگە ئاساسەن بېكىتكەن. ھىچقانداق بىر ئورگان بېكىتكەن ئەمەس. بەلكىم سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا ئوخشىمىغان ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.)
1. Adbrite تور ئېلان سۇپىسى (ئامېرىكا)
نىمىشقا بۇنى 1-ئورۇنغا تىزىپ قويدۇق. بۇنىڭ كىرىمى Adsense بىلەن ئوخشاش، ئەمما ئېلاننىڭ تەستىقلانمىقى ۋە تور بېكەتتە ئېلان كۆرۈنمىكى تەس، ئېلان كۆرۈنگەندىن كېيىن ھىسابات توختاپ كېتىدىغان ئىش Adsense دەك دائىم يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدەلىرى بار. تەپسىلاتى…
2. Adsense (گۇگول) (ئامېرىكا)
كىرىمى يۇقىرى. ئەمما ھىساباتنىڭ مۇقىملىقى ئىنتايىن تۆۋەن. پۈتۈن جۇڭگودا Adsense ھىساباتى 3 يىلغىچە توختاپ كەتمەي مۇقىم ماڭغان كىشى ساناقلىقلا! ئېلاننى ئاسان بېرىدۇ، ئېلان ئاسان كۆرۈنىدۇ. ئاسان كىرىم بولىدۇ. ھەم تۈزۈمگە ئاسان خىلاپلىق قىلىسىز، ئاسان ھىسابات توختاپ كېتىدۇ. تەپسىلاتىنى تەكلىماكان بلوگ سەھىپىلىرىدىكى Adsense بىلىملىرىدىن كۆرۈڭ.
3. WidgetBucks.com ئېلان تورى (ئامېرىكا)
بۇ تور بېكەت چېكىلگەن ھەر بىر ئېلان ئۈچۈن 0.1 دوللار بېرىدۇ. ئەمما ئېنگلىزچىدىن باشقا تىلدىكى بلوگلارنى قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېنگلىزچە تور بېتىڭىز بولمىسا ئاۋارە بولماڭ.
4. BloggerAds تورى (تەيۋەن)
بۇ تور بېكەت پۇلنى ناھايىتى ئاز بېرىدۇ. ئەمما ئېلان مۇقىم، ئېلان چوڭلۇقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. بارلىق Unicode لۇق يېزىقلاردىكى بېكەتلەردە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ. پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. ئۇيغۇرچە بلوگلار كۆرۈلۈشى يۇقىرى بولسا مۇشۇ ئېلاننى تاللىسا بولىدۇ. تەپسىلاتى
5. نۇفناڭ Nuffnang.com (مالايسيە)
مالايسىيەنىڭ بلوگ ئېلان شىركىتى، خالىسىڭىز ئۇنىڭ فىلىپپىن، سىنگاپور ياكى ئاۋسترالىيە تارمىقىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ، پۇلنى خېلى كۆپ بېرىدۇ، ئەمما سىز فىلىپپىنلىق، سىنگاپورلۇق، ئاۋسترالىيەلىك ياكى مالايسىيەلىك بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن cn تور نامى ئىشلەتمەڭ. Blogger دىن بلوگ ئالسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى يۇقارقى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدىن دەپلا تىزىملىتىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. تىزىملاتقاندا پايپال ئادرېسى تولدۇرىدىغان جاي يوق. مەن ئاۋسترالىيە بۆلۈمىگە تىزىملاتقان. پۇل 50 دوللارغا يەتكەندە پايپال ئادرېسىنى سورايدىكەن. بولمىسا پۇل ئەۋەتىدىغان ھىچقانداق ئۇسۇلنى سورىمايدىكەن.
6. triggit يېڭىچە ئېلان.
مەن بۇ ئېلاندىن تېخى پۇل ئېلىپ باقمىدىم، ئەمما بۇ ئېلاننىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بار، ئېلان كودىنى قويسىڭىز تور بېتىڭىزدە ئېلان كۆرۈنمەيدۇ. پەقەت ئېلانغا ماس كەلگەن ھالقىلىق سۆزلەر تور بېتىڭىزدە بايقالسا ئېلان كودى ئۇنى ئېلانغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنى مەزمۇندىكى ھالقىلىق سۆزلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئۇلىنى بولىدۇ. ۋە چېكىلگەندىن كېيىن ئېلان بەرگۈچىنىڭ بېتىگە كىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتتىكى مەزمۇننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تور بېكەتتىن پۇل ئېلىپ باققاندا تەپسىلىرەك سۆزلەي. ھازىرچە بەك تەشەببۇس قىپ كەتمەيمەن. تەپسىلاتى

Advertisements

Comments on: "2008-يىلدا بلوگدا پۇل تېپىشتىكى داڭدار بېكەتلەر" (3)

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا سىزگە سالامەتلىك، بەخت-ئامەت، خوشاللىق يار بولغاي!

  2. رەھمەت سىزگە! سىزگە ھەم ئوخشاش بولغاي

  3. بلوگىڭىزنىڭ ”ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ“ تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. مۇبارەك بولسۇن! شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېچىكىپ بولسىمۇ يېڭى يىلىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن: يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى بىر يىلىڭىزنىڭ شادلىق، سالامەتلىك، خۇرسەنلىك، ئىشەنچ، مۇۋەپپەقىيەت، ئىزگۈلۈكلەرگە تولغان بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: