A turkology blog

Archive for يانۋار, 2009

Hotmail غا كەلگەن خەتنى Gmail ئارقىلىق قوبۇل قىلىش ئەمەلگە ئاشتى

مىكروسوفت شىركىتى windows live mail نىڭ pop3 مۇلازىمىتىنى قىسمەن ھەقسىز ئاچتى. hotmail گە كەلگەن خەتلەرنى باشقا ئېلخەت ئادرېسىغا ئاپتوماتىك يۆتكەپ يوللاش ئىقتىدارىنى قوشۇپتۇ. Hotmail ھەم مۇقىم، ھەم ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغاندىن باشقا
live.com
live.cn
microsoft.com
passport.com
msn.com
msn.cn
hotmail.com
hotmail.co.jp
hotmail.de
hotmail.x…x ۋە باشقا دۆلەت رايون ئادرېسى
دىگەندەك كۆپلىگەن تور ناملىرىدا ئېلخەت تىزىملىتىشنى قوللايدۇ. شۇنداق بولغاچقا چىرايلىق ئىسىملارنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھوتمەيلنىڭ خالىغان تورنامىدىكى خەت ساندۇقىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى Gmail گە ئۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ دىيىشىچە 120 كۈن ئىچىدە بىر قېتىم hotmail ھىسابىغا كىرىپ قويسىلا ھىسابات ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەيدىكەن.
تەپسىلى ئۇسۇلى:
Hotmail گە كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى options ياكى 选项 دىگەن تۈرنى ئېچىڭ. ۋە بۇنىڭدىن more options ياكى 更多选项 نى تاللاڭ.
ئاندىن forward mail to another email address دىگەن تۈرنى تاللاڭ. ۋە Gmail ياكى خەت قوبۇل قىلماقچى بولغان باشقا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئىش پۈتتى.
ئاينۇرى بلوگدا خەۋەر قىلىشىچە hotmail گە كىرمەي تۇرۇپمۇ Gmail نىڭ باشقا ھىساباتتىن خەت تاپشۇرۋېلىش ئورنىغا hotmail نى قوشۇپ بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمما مەن بۇنى قىلالمىدىم.
مېنىڭچە مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇل يەنىلا بىر قەدەر ئاقىلانە…

سىمبىيان يانفونلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىجاد قىلىندى 1.0 نەشىرى

بۈگۈن كۈمۈش ئوق بلوگ يازغۇچىسى سىمبىيان s60 يانفونلارنىڭ 3-نەشىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتتى. بۇندىن ئىلگىرى Jdict قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولسىمۇ، كۈمۈش ئوق كىرگۈزگۈچى سىمبىياننىڭ تۇنجى ئەۋلاد مەخسۇس ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى ھىسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن كۈمۈشئوق بلوگىدىكىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز.مەن كۈمۈشئوقتا بۇ تېمىنى كۆرۈپلا مەزكۇر ماقالىنى يازدىم. تېخى سىنىمىدىم. مەن ئەتىگىچە سىناب باققاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالە يېزىپ، قانداق ئىمزا قويۇش ۋە قانداق قاچىلاش ھەققىدە توختىلاي.
كۈمۈش ئوق بلوگدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈش

ئەيسا ۋە مۇھەممەت

بىر ئىشەك ھارۋىسى ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان قىستاڭ يولدا كېتىپ بارىدۇ. ھارۋىدا 7 ئادەم باركەن. مۇھەممەد بىلەن ئەيسامۇ بۇ ھارۋىدا بار. ئۇلار ئاكا – ئۇكا ئىدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مۇھەممەت ئەيسانىڭ ئۆيىگە كەلدى.
– ئاكا جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان. 2000 سوم بېرىپ تۇرغىن. ئىككى ئايدىن كېيىن بېرەي.
ئەيسا بىر ھازا قاقشىغاندىن كېيىن، بىر قوساقتىن چىققان ئۇكىسىنىڭ بىچارە ھالىتىگە چىدىمىدى بولغاي، پۇلنى ئېپ چىقتى. ئامما خوتۇنى كېكىردىكىنى قېقىپ، ئەيسانى چاقىردى.
– ھۆججەت يازدۇرۋالدىڭمۇ؟
– ياق. ئۇكام تۇرسا….
تاكاللىشىشلاردىن كېيىن، ئەيسا ئۇكىسى مۇھەممەتكە ھۆججەت يازدۇرۇپ، دادۇينىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدىن سۇرۇخ تېپىپ، بارمىقىنى باستۇرۋالدى.
يەتتە ئادەم ئىشەك ھارۋىسىدا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئادەملەر بۇ ئىشەككە جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ ئىشىنىپتۇ. ئىشەكنىڭ ئەقلى يوق. ئۇلارنى بىر سۆرەپلا ماشىنىغا سوقىۋەتسە نىمە دىگۈلۈك. ئەمما ئۇلار ئىشەكنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇرۇپتۇ.
چاتاق يېرى، ئاكا ئۇكىغا، ئۇكا ئاكىغا ئىشەنمەيدىكەن. ھەم ئىشەنگىدەك يەرمۇ قالمىدى.
ئىشەككە جاننى تىكىپ ئىشىنىمىزيۇ، قېرىنداشلىرىمىزغا 2000 سوم تىكىپ ئىشەنمەيمىز؟
ئىشەنگىدەك يېرى قالمىسا! ؟
……
– بانكىدىن قەرز ئالماقچىدىم، تونۇشتۇرۇش يېزىپ بەرسەڭلار..
– بەش ئادەم كېپىل بولۇپ ئىمزا قويسۇن. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان جەدۋەلنى ئېلىپ كېلىڭ.
بانكا خېرىدارلارغا ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ.
ۋاڭ بىر مىليونېر. پۇللىرىنى شىۋىتسارىيە بانكىسىغا قويىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ بانكىلارغا ئىشەنمەيدۇ. پۇل قويدىغاندا ئىش ئاسان، پۇل ئالىدىغاندا ئۇزۇن ئۆچرەت…. تېخى بەزىدە پۇل يوق! ئەتە كېلىڭ!
نىمىشقا بەش ئادەمنى كېپىل قىلغۇدەك. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى، قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆينى، مال-ۋارانلىرىنى كېپىل قىلسىمۇ يەنە بەش ئادەم تاپىدىغان گەپمۇ؟
ئىشەنگىدەك يەر قالمىدى…؟!
****
ئايمېھرى داشۆدە ئوقۇيدۇ. ئۇ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان پاك قىز.
ئاپىسىدىن تېلفون كەلدى. بۇ بىچارە بىر ئەر كىشىنىڭ ئاستىدا قىپيالىڭاچ ھالەتتە تېلفوننى ئالدى.
– بالام، جېنىم قوزام، تىنچلىقمۇ؟
– ئاپا، ھازىر ئىمتىھان بېرىۋاتقان. مەن سەل تۇرۇپ تېلفون قايتۇراي.
ئىشەنگىدەك يەر قالمىسا…؟!
*******
دوكتور جەرھات ئالى مەكتەپنىڭ پروففېسسورى.
فۇرقەت بىلەن ھاراق ئىچكىلى ماڭغاندا تېلفون كەلدى. تېلفوندىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاۋازى.
– مۇئەللىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن.
– قايسى ئىمتىھاندىن.
– ماتېماتىكا. دىدى قىز.
– ھە! كەچتە دوزاخ بىڭگۈەننىڭ 119 نومۇرلۇق ياتىقىغا كەل. ئىمتىھاندىن ئەنسىرمە. نەتىجەڭ لاياقەتلىك چىقىدۇ.
ئىشەنگۈدەك يەر قالمىسا….؟
*************
تەكلىماكان بلوگ نىمە بوپ كېتىپ بارىدۇ.
يالغان سۆز، ئالداشلار كىشىلەر ئارسىدىكى ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىپ شۇنداق ھالەتكە ئاپاردىكى… ئۇلار بىر ئىشەككە جېنىنى تىكىپ ئىشىنىدۇكى قېرىندىشىغا 2000 يۈەنلىك ئىشەنمەيدۇ.
قىز ئانىنى، ئانا قىزنى ئالدىسا بۇ قىز ۋە بۇ ئانىدىن شۇنداق بىر بالىلار تۇغۇلىدۇكى…. ئەييۇھانناس! بىلىپ قېلىڭلار ئامۇ خاس!!! چوڭ دادىمىز بىلەن قوشۇپ كۆمىۋەتكەن ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۈپەتلەپ بولالمىدىم. ئۇيغۇرچە ئاجىز تىلكەن.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ئوقۇغۇچىسىغا شەھۋەت بىلەن باقسا كەلگۈسىدە شۇنداق بالىلار تېپىلىدۇكى ئۆزىنىڭ چىرايلىق قىزلىرىنىڭ كاسىسىنى ئوماق قىزىم دەپ ئەمەس، كاساپەت بولىدىكەن! دەپ سىلاپ قويدىغان.
خۇدا !

Gmail گە يېڭى ئىقتىدار: پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە سىن كۆرۈش

Gmail نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە بىرەرسى سىزگە youtube ياكى باشقا سىن قاناللىرىدىن سىن ئادرېسى ئەۋەتسە بۇندىن كېيىن ئۇ سىننى ئايرىم بەتتە ئېچىش ھاجەتسىز. پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ياقتۇرسىڭىز چوڭ بەتتە كۆرۈسىز، ياقتۇرمىسىڭىز ئايرىم كۆزنەك ئېچىپ ئولتۇرمايسىز.

Adsense ئىزدەش كودى يېڭىلاندى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

بارلىق Adsense ئىزدەش رامكىسى ئورناتقۇچىلار دىققەت: سىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كىرىم بولىدىغان Adsense ئىزدەش رامكىسىدىن 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كىرىم بولمايدۇ. شۇڭلاشقا دەرھال يېڭى كودقا ئالماشتۇرۇڭ. ئەگەر سىز ئىزدەش رامكىسىنى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن قويغان بولسىڭىز ئۇ ھالدا بۇ ئۇقتۇرۇش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. سىز ئاللبىۇرۇن يېڭى كود قاچىلىغان. ئەگەر 1-ئاينىڭ 8-كۈندىن بۇرۇن ئالغان ئىزدەش رامكا كودى بولسا ئۇنى ھازىرلا يېڭى كودقا ئالماشتۇرۇڭ.
يېڭى كودقا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى :
ھىساباتىڭىزغا كىرىپ، ئىزدەش كودى ئېلىڭ. ۋە تور بېتىڭىزدىكى ئەسلىدە بار ئىزدەش رامكىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى كودنى قويۇڭ.
كونا كود 2-ئاينىڭ 16-كۈندىن باشلاپ سىزگە ھىچقانداق كىرىم ھىسابلىمايدۇ.
گۇگول ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلىۋاتقان دوستلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
– رەھمەت.

گۇگولدىن 600 دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئالغانلار دىققەت!

گۇگول شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئېلىش سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، Adsense كىرىمىدىن ئېلىنىدىغان باجنى تەڭشىدى. شۇڭلاشقا باج تاپشۇرۇش ئەھۋالى جەدۋىلىنى قايتا يوللىشىڭىز كېرەك. تۆۋەندىكى ئىككى شەرتكە توشىدىغانلارغاتوشىدىغانلارغا گۇگول Adsense قا تىزىملاتقان Email ئارقىلىق يېڭى باج جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
1. ئامېرىكىلىق ئەمەسلەر (ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقلار ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى بۇنىڭ سىرتىدا)
2. بۇندىن بۇرۇن گۇگولدىن 600 دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلار.
ئەگەر سىز يۇقارقىلارنىڭ بىرى بولسىڭىز گۇگول سىزگە ئېلخەت ياكى ئۆي ئادرېسىڭىزغا يېڭى باج رەسمىيەت جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىسىڭىز گۇگولدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئەگەر سىز يۇقارقى شەرتلەرنىڭ سىرتىدا بولسىڭىز بۇ يازما بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
بۇ يازمىنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ.

Google Adsense دىن مۇكەممەل دەرسلىك (خەنزۇچە)

گۇگول شىركىتى بۈگۈن يېڭى قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس فلاش دەرسلىك ئىشلەپ تورغا قويۇپتۇ. دەرسلىك خەنزۇچە… ھازىرچە مەزكۇر دەرسلىكنى ئۇيغۇرچە قىلىپ يوللاشقا ۋاقتىمىز يوق. شۇڭلاشقا ئەسلى دەرسلىكتىن پايدىلىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ دەرسلكىنى كۆرگەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
ئەگەر تەپسىلى كۆرۈپ چىقسىڭىز، نىمىشقا ھەقسىز ئېلان چىقىۋالىدۇ. ئېلاننى قانداق قويسا كىرىم يۇقىرى بولىدۇ. قانداق قىلسا ھىسابات چەكلىنىپ كەتمەيدۇ دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.
كۆرۈش ئورنى