A turkology blog

1. تەكلىماكان بلوگ «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ» قاتارىغا كىردى. بۇ دەرىجىنى يۈكسەل بلوگدىكىلەر ئېلان قىلغان بولۇپ، توردا ئاشكارا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق باھالاپ چىقىلغان. گەرچە ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بۇ بىر باشلىنىش ھىسابلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس:
http://www.yukselblog.com/logs/33176760.html
2. Blogbus نىڭ نۇرغۇن ئۇسلۇبلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى. ھېلىھەم ئارامگاھ ئەپەندىنىڭ بلوگىدىن ھەم تەكلىماكان بلوگنىڭ ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش دىگەن تۈرىدىن بلوگباس ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
3. Blogger نىڭ نۇرغۇن ئۇسلۇبلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
4. ئۇز بلوگ سۇپىسى ئېچىلدى. ئارقا ۋە ئالدى سەھنىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان بلوگ پروگراممىسى ھەقسىز تەمىنلەندى. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس: uzblog.cn
5. مىكروسوفت 25G لىق ھەقسىز توردىسكا ئاچتى (رايونىمىزدىمۇ ئىشلەيدۇ.). بلوگدا چوڭراق ھۆججەتلەرنى مۇقىم بوشلۇقتا ھەقسىز ساقلاش مەسلىسى ھەل بولدى. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس: skydrive.live.com
6. تەكلىماكان بلوگنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا blogger ۋە blogbus لاردەك بلوگ سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرچە بلوگ ئېچىشى بىلەن بۇ قىزغىنلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇملاشتى. فېنبېي قاتارلىقلاردەك ئۇيغۇرچە ياكى يۇنىكود تونۇمايدىغان ئورۇنلاردا ئەخلەت بېكەت ياساۋاتقان دوستلارنىڭ نۇرغۇنى تەكلىماكان بلوگ ۋە باشقا بلوگلار ئىشلەپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىن پايدىلاندى.
7. تەكلىماكان بلوگنىڭ 2008 -يىلدىكى زىيارەت سانى 100 مىڭغا يەتتى. بۇ سان 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەك ھىسابلىنىدۇ.
8. 2008-يىلدا يەنە جېك تورخاتېرسى، ئەركىن سىدىق (مەرىپەت) تورى، بىر زات شىپاخانىسى، تەكلىماكان بلوگ، يۈكسەل بلوگ، ئارامگاھ بلوگ قاتارلىقلاردەك مەخسۇسلاشقان، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، مۇقىم يېڭىلىنىش چاستۇتىسى بار داڭدار بلوگلار مەيدانغا كەلدى.
9. 2008-يىلدا Google نىڭ باش بېتى ئۇيغۇر (ئەرەب ھەرپلىك) يېزىقىدا چىقتى. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس: http://www.google.com/ug
10. مىكروسوفت دۇنيادىكى داڭلىق web2.0 پروگراممىسى facebook نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. (ئەمما تېخىچە بۇ ئىش ھەققىدە ھىچقانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگىنى يوق.).

Advertisements

Comments on: "2008 – يىلدىكى بلوگ ساھەسىدىكى ماڭا ياققان چوڭ ئىشلار" (4)

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تەكلىماكان ئەپەندىم ياخشىمۇسىز ؟!! يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! بۇ يىلدا راسلا چوڭ ئىشلار يۈز بېرىپتۇ …. 2008-يىلى خەيىر-خوش !

  2. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! تەكلىماكان ئەپەندى يېڭى يىلىغىزغا مۇبارەك بولسۇم !

  3. مەن گوگلى ئىلانى ئىلىش ئۈچۈن dada تورىدىن بلوگ ئالغان،friend$ دىگەن يەر بىلەن ھەپلەشسەمadsense码 دەپ pub-5739729878079674 دىگەن نۇمۇر چىقتى بۇ نىمە نۇمۇر؟

  4. بارخانغا جاۋاب:بۇ سىزنىڭ Adsenseدىكى ھىسابات نومۇرىڭىز. ئېلان كودىڭىزنىڭ ئىچىدە بۇ نومۇر بار. ياكى ھەرقانداق Google ئېلان كودىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان نومۇرلارنى ئۆزىڭىزنىڭ نومۇرىغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز بۇ ئېلاننىڭ كىرىمى سىزگە ھىسابلىنىدۇ دىگەن گەپ. Dadaدىكى Friends$ گە كىرگەندىن كېيىن تىزىملاتقان Email ۋە مەخپى نومۇر بىلەن http://www.adsense.com غا كىرەلەيسىز ۋە كىرىم ئەھۋالىڭىزنى تەكشۈرەلەيسىز.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: