A turkology blog

سولدىكى بۇ رەسىم تەكلىماكان بلوگدا ئىشلىتىلگەن شىنجاڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندى ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە فونت يوق كومپيوتېرلارغا UKIJ Tuz Tom فونتىنى قاچىلايدىغان ۋە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سىلىقلايدىغان چىرايلىق فونت 1.2 نۇسخىنىڭ چۈشۈرۈشكە يىتەكلەش رەسىمى. يېقىندا nicefont نىڭ يېڭى نەشىرى چىقماقچى. شۇڭلاشقا بلوگ يازغۇچىلاردىن تەكلىپ ئېلىنماقچى.
يېقىندا پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە چىرايلىق فونتنىڭ 3.0 نۇسخىسىنى ئىشلەپ تارقىتىش پلانلىنىۋېتىپتۇ. شۇڭلاشقا تورداشلاردىن 3.0 نۇسخىدىكى ئىقتىدارلار ھەققىدە پىكىر ئالماقچى.
ھەممىڭلارغا مەلۇم، چىرايلىق فونت بلوگدا ئېسىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى 90 پېرسەنتتىن ئارتۇق بلوگلار ئىشلەتتى. ئۇندىن باشقا ئىنتىل سەينساسىغا ئوخشاش چوڭ تور بېكەتلەرمۇ ئىشلەتكەن. شۇڭلاشقا ئۈنىمى يۇقىرى بۇ پروگراممىنىڭ كېيىنكى نەشىرىگە قوشۇلىدىغان ئىقتىدارلار ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلىرڭلارنى ئايىماسىقىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن.
يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈش
1.2 نۇسخىدىكى ئالاھىدىلىكلەر:
چۈشۈرۈگەندىن كېيىن قاچىلاش ھاجەتسىز. بىر كونۇپكا بىلەنلا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىنى كومپيوتېرغا قاچىلايدۇ، يەنە بىر كونۇپكا بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ چاپاق چىقىش مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ. Firefox, IE, Chrome قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ.
يېڭى نۇسخا ھەققىدە:
چىرايلىق فونتنىڭ يېڭى نۇسخىسى ھەققىدە مايور ئەپەندى ئېنىق بىر نەرسە دېمىدى. ئەمما يېقىندا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى يېڭىلىنىپ 3.0 نەشىرى چىقتى. ئەمما چىرايلىق فونت يەنىلا بۇرۇنقى نۇسخىنى قاچىلايدۇ. بەلكىم بۇ يېڭى نۇسخىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن.
مېنىڭ يېڭى نۇسخىغا بەرمەكچى بولغان تەكلىپىم مۇنداق:
1. يۇمشاق دېتالنىڭ ھەجىمى 1 مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۇمشاق دېتالغا UKIJ Tuz Tom ۋە مىكروسوفت شىركىتى ئىشلەپ تارقاتقان Vista ياكى Windows 7 دىكى ئەڭ ياخشى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن بىرنى قوشۇش. قاچىلىغاندا مۇشۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى بىراقلا قاچىلايدىغان قىلىش.
2. مەشغۇلاتىنى ئاددىلاشتۇرۇش:
ئەسلىدىكى مەشغۇلات يۈزىدە بار بولغان 4 كونۇپكىنى 1 لا كونۇپكىغا قىسقارتىش. 1 لا كونۇپكا بېسىش ئارقىلىق فونت قاچىلاش، خەت سىلىقلاش، سېستىما USB دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىنى تاماملاش. مۇمكىن بولسا ھىچقانداق كونۇپكا باسماي تۇرۇپلا چۈشۈرگەن ھامان بۇلارنى ئاپتوماتىك ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

باشقا مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ باشقىچە پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمد قىلىمىز.
پىكىر بېرىش ئۇسۇلى:
مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.
ياكى بىلىك كۇلۇبدىكى ماۋۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.

Comments on: "بارلىق بلوگلار دىققەت! چىرايلىق فونت 3.0 گە تەكلىپ بېرىڭ." (18)

  1. ئۇنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقماپتىمەن. سىستېما فونتىنىمۇ ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېتىدىغان ئىش يوقتۇ- ھە. شۇنداق بولسا ئۇ ئىقتىدارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تاللاپ ئىشلىتىدىغان قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن. ئاپتوماتىك يېڭىلانغان سىستېما فونتىنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىپ كەتتىم.

  2. سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن، بىرلا فونت تاللاش بەك ئاز بولۇپ قالىدىكەن…

  3. يۇمشاق دېتال يۈزىدىكى سېستىما USB نى باسقاندىن كېيىن سېستىما فونتىنى يېڭىلايدۇ. ئادەتتە شەخسى كومپيوتېر ئىشلىتىدىغانلار كومپيوتېرىغا يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغاندىن كېيىن، بۇ يۇمشاق دېتالغا ھىچقانداق ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال پەقەت تورخانىدا تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە تور بەت كۆرگۈچىلەرنىڭ، ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى eot ئۇلانمىغان بەتلەرنى نورمال كۆرۈش ۋە خەتلەرنىڭ چاپاق چىقىۋېلىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان. شەخسى كومپيوتېر ئىشلىتىدىغانلار بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشى ھاجەتسىز. پەقەت ئەلكاتىپ ياكى ئويغانغا ئوخشاش يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسىلا بولىدۇ.

  4. سىز دىگەن تەكلىپ بەك ئەتراپلىق بولۇپتۇ.مېنىڭ ئوخشىمايدىغان باشقا پىكرىم يوق.

  5. سىز دىگەن تەكلىپ بەك ئەتراپلىق بولۇپتۇ.مېنىڭ ئوخشىمايدىغان باشقا پىكرىم يوق.سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن،

  6. ”يۇمشاق دېتالنىڭ ھەجىمى 1 مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۇمشاق دېتالغا UKIJ Tuz Tom ۋە مىكروسوفت شىركىتى ئىشلەپ تارقاتقان Vista ياكى Windows 7 دىكى ئەڭ ياخشى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن بىرنى قوشۇش. قاچىلىغاندا مۇشۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى بىراقلا قاچىلايدىغان قىلىش.“ بۇ مەن بېرىدىغان پىكىر ~ سىز بىلەن ئوخشاشكەن ~~~سىزنىڭ پىكرىڭىز بەكلا ئەتراپلىق بوپتۇ! مەنمۇ شۇنى قوللايمەن!

  7. ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن، مىنىڭچە ھەممىنى بىر كونۇپكىغا يىغىنچاقلاش تازا قاملاشماسمىكىن دەيمەن، ئادەتتە خەتنى سىلىقلىسا،ئەسلىدىكىدىن كىچىكلەپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈىدىكەن، مەن تورخانىدا كۆپىرەك چىقىدىغان بولغاچقا بۇ نۇقتىنى ھىس قىلماتىكەنمەن، بىر نەچچە بۇرادىرىم مۇقىم كومپىيۇتىردا ئىشلەتكەندە ئاشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى ئىيىتقان ئىدى.

  8. مەنمۇ مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى. مىنىڭچىمۇ ھەممىنى بىر كونۇپكىغا يىغىنچاقلىسا ياخشى بولارمىكىن دەيمەن ،بۇنداق قىلغاندا ئاسان ھەم قولايلىق بولىدۇ ، ھەم ۋاقىتنى تىجىگىلى بولىدۇ ، مەن سىزنىڭ 2- تەكلىۋىڭىزنى قوللايمەن. بەزىدە باشقا خىل ئۇيغۇرچە فونتلارنى چۇشۇرگەندە كۆچۈرۈپ Font قا چاپلىمىسا ئىشلىمەيدۇ ، بۇ بەك ئاۋارىچىلىق . شۇڭا چۇشۇرگەن ھامان بىر كونۇپكا ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ئەمەلگە ئاشسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.

  9. karisam heli noqi turudu ustazlarning tirixqanlikiga aprin

  10. مەنمۇدولقۇن731 ئەپەندىدەك قاراشتا

  11. Ukij Tuz Tom ، Uyghur Ekran ، Norwest Tuz قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەت نۇسقىلىرىدىن بىر قانچىنى سىستېما خەت نۇسقىلىرى قاتارىغا قوشۇپ قاچىلايدىغان قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. (دىمەكچى بولغىنىم ئېكران خاسلىقىنىڭ ئىچىدىكى 外观 دىن 高级 نىڭ ئىچىگە قارىساق 字体 دىگەن بىر يەر بار. ئاشۇ يەردىكى ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە خەت نۇسقىلىرىنىڭ قاتارىغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرىدىن بىر قانچىنى قاچىلايدىغان قىلسا دىمەكچى).

  12. چۇشۇرسىلا ئاپتوماتىك ئىجرا بولىدىغان قىلىش بىراز ئاقىلانىلىك ئەمەس،بۇنداق بولغاندا ۋىروسخوردىن قۇتۇلالمايدۇ.بىر كونۇپكىغا يىغىش، بۇ بولىدىغان تەكلىپكەن مۇمكىن بولسا شۇنداق قىلىنسا…

  13. خەت نۇسخىسىسىنى كۆپەيتىش ياخشى تەكلىپ ئىكەن. ئاپتۇماتىك ئىجرا بولىدىغان قىلساق بولمايدۇ، سىز قاچىلىماقچى بولغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى ئالدىن بىلمەيلا قاچىلىسىڭىز بولمايدۇ ھەم ئاپتۇماتىك ئىجرا بولىدىغان قىلماقچى بولساق ھەرقانداق بىر ئەخلەت ۋىروسخۇر بولغان تەقدىردىمۇ توسۇۇپ قويالايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، سېستىما ۋە تور كۆرگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىنى يېڭىلاشنى يەنىلا ئايرىم قىلىپ قويغان ياخشى. ئىلگىرى ئادەمدىن مانداق قىلىمەن، بۇنداق قىلسام مانداق بولىدۇ ، دەپ سوراپ يۈرمەيلا ئۆزى بىلگەننى قىلىۋىرىدىغان يۇمتالنىڭ دەستىدىن سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم——————————————-تەكلىماكان ئەپەندى، بلوگىڭىزنىڭ ئىنكاس يېزىش بېتىگە eot ئۇلاپ قويۇڭ، ياكى خەت نۇسخىسىنى ukij tuz tomغا توغرىلاڭ. بلوگىڭىزنى نورمال كۆرۈش ئۈچۈن چۈشۈرگەن فونتلار ئىنكاس يېزىش بېتىنى نورمال كۆرسىتەلمىدى

  14. كۆكلەمگە جاۋاب:سىز ئىشلىگەن يۇمشاق دېتالمۇ شۇنداق پەيزى چىقىپتۇ. رەھمەت!

  15. تەكلىماكان ئەپەندىم ، پىكىرلىرىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەن ، مەن تولۇق ئاۋاز بىلەن قوللايمەن .

  16. ئۇلانمىلار بلوگىمۇ بۇ يۇمشاق دېتالدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىۋاتىدۇ ، مېھنەتسىز ئەجرىڭىلار پورەكلەپ گۈل ئاچقۇسى . تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرى بەك ياخشى ئىكەن .

  17. تور بېتىڭىزنى http://100.uyux.cn/ماۋۇ يەرگە قوشۇپ قويدۇم . خالىسىڭىز سىزمۇ ئۇيۇش تورىنى دوستانە ئۇلىنىش قىىپ قويۇڭ . ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەخمەت !تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنى يولىشىڭىزنى ئۈمىد قلىمەن !

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: