A turkology blog

Adsense دا ياكى باشقا ئېلان پروگراممىسىدا ئېلان كودىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى تور بېكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى كىرىم بولىدىغان ئورنىغا قويىشىمىز كېرەك. ئېلان قانداق قويۇلىشى كېرەك؟ مەنچە بولغاندا: تور بەتكە يارىشىملىق بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئېلاندىن يۇقىرى كىرىم بولىشى كېرەك. تۆۋەندە يېڭى بلوگ ئالغۇچى ۋە ئېلان قويغۇچىلارغا ئېلاننى قايسى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.

گۇگول ئېلانى جۇڭگو بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئېلان قويۇش ئۇسۇلىدا ئەڭ يۇقىرى كىرىم ياراتقىلى بولىدۇ.
1. ئەڭ چوڭ 728X90 ئېلاننى تور بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇش كېرەك. ئادەتتە نۇرغۇن بېكەتلەردە مۇشۇنچىلىك چوڭلۇقتا لوگو ياكى تور بېكەت ماركا رەسىمى بولىدۇ. بۇ ماركا رەسىمنى ئىشلەتمەي ئۇنىڭ ئورنىغا ئېلان قويۇش لازىم.
يان رامكا ئۈستى تەرەپكە 300X250 چوڭلۇقتىكى ئېلاننى قويۇش لازىم. چۈنكى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئېلاننىڭ كىرىمى باشقا شەكىلدىكى ئېلانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ھالقىلىق سۆزلەر ئەڭ ئاۋال مۇشۇ ئېلانلارغا يىغىلىدۇ.

2. مەزمۇن بېتىگە 300X250 چوڭلۇقتىكى ئېلان قىستۇرۇش.
ئەگەر Blogbus بولسا ئۇنىڭ ماقالە بېتى بىلەن باش بېتى ئايرىم بولىدۇ. باش بەتكە قويغان كودنىڭ ئېلانى ماقالە بېتىدە كۆرۈنمەيدۇ. ماقالە بېتىگە قويۇلغان ئېلان باش بەتتە كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭلاشقا Blogbus قا ئوخشاش بلوگلار ياكى مۇنبەرلەردە مەزمۇن ئورنىغا ئېلاننى قىستۇرۇش، ئوڭدىن-سولغا يېزىقلار مەزمۇننىڭ ئوڭ تەرىپىگە؛ سولدىن-ئوڭغا يېزىقلار مەزمۇننىڭ سول تەرىپىگە قىستۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك:

تۆنۈگۈن يېزىلىغان بۇ ماقالىدە Blogbus قا مۇشۇ تۈرلۈك ئېلاننى قانداق قىستۇرۇشنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.
3. مەزمۇننىڭ ئاستىغا ئېلان قىستۇرۇش.
بلوگدىكى ماقالە بېتىنىڭ ئاستىغا 468X60 چوڭلۇقتىكى ئېلاننى قىستۇرساق مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولمىسا بۇ ئېلاننى قىستۇرماڭ. چۈنكى بۇ ئېلاننىڭ كىرىمى ئالدىنقىلىرىدەك يۇقىر ئەمەس. يەنە ئىنمكا بولسا 160X600 چوڭلۇقتىكى ئۇزۇن ئېلاننى يان رامكىغا قىستۇرۇش كېرەك.
دىققەت قىلىڭ. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرى ئەڭ يۇقىرى كىرىملىك ئېلان. ئەمما بىر بەتتىكى ئېلان سانى ئېلان تەمىنلىگەن شىركەت بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يەنە بىر مەسلە بىر بەتتە ئېلان بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ھەم تۆۋەن باھالىق ئېلانلار كۆرۈنىدۇ. شۇڭلاشقا ئېلان ئاز ھەم ساز ئورۇنغا قويۇلسۇن. ئۇنداقتا قانداق قويۇش كېرەك.
ئەڭ چوققىغا قويۇش: كۆزگە يېقىن قويۇش.
مەزمۇن ئارىسىغا قىستۇرۇش: مائۇسقا يېقىن قويۇش.
مائۇسقا يېقىن قويۇش: چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئەتراپىغا قويۇش.
يۇقارقىلارغا دىققەت قىلغاندىن باشقا يەنە بىر ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئېلاننى ماۋزۇنىڭ ئاستىغا قويماسلىق كېرەك. نۇرغۇن ئېلان شىركەتلىرى بۇ خىلدىكى ئېلاننى چەكلەيدۇ.

Advertisements

Comments on: "بلوگدا ئېلاننى ئەڭ يۇقىرى كىرىم بولىدىغان ئورۇنغا قويۇش" (4)

  1. ياخشىمۇ سىز ؟ سىز گوگۇلنىڭ ئلاننى يېڭدىن تىزىملاتتىڭىزمۇ؟ ئۇزىڭىزنىڭ ئىسمىغا تزىملاتتىڭىزمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىمغا تىزىملاتقىلى بۇلامدىكەن ؟ مەن تىزىملىتالمالمايۋاتىمەن..قانداق قىلسام تىزىملىتالارمەن

  2. http://dilax613.blogbus.com/ ulnix kilip koysingiz: ismi : dilkax613 blog!

  3. ياخشىمۇسىز ! مەن بۇ سىز تەمىنلىگەن ئېلان كودىنى تەلەپ بويىچە ( ئالىمۇماينىڭ ئېلانى ) ئىشلەتسەم ، كودنىڭ ئۆزىلا چىقىۋېلىپ بولمىدى ، بۇ قانداق ئىش !؟

  4. ئىنكاسىم چالا بۇلۇپ قاپتۇ ، يەنى سىز تەمىنلىگەن يازمىنىڭ ئوڭ ئۈستى يان تەرىپىگە ئېلان قىستۇرۇش كودىنى ئىشلەتكەن . سىز دىگەن بويىچە ئىچىدىكى ئېلان كودىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەم ، كود ئۆز پېتىلا يازمىنىڭ ئۈستىدە چىقىۋالدى ، ئامال قىلالمىدىم ، ياردەم قىلسىڭىز ….

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: