A turkology blog

ئىلگىرى دوستلار box.ws دىن سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ئېلىپ سىناپ باققان.بۈگۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئىقتىدارلىق ھەم يازما بېتىگە قىستۇرغىلى بولىدىغان بىر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنى بايقىدىم. خېلى مۇقىمدەك تۇرىدۇ. فونت ۋە بارلىق ئىقتىدار كونۇپكلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشكە بولىدىكەن. سىرىتقى يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
قىلىدىغان ئىش جەمئى ئۈچ:
1. bravenet.com غا تىزىملىتىڭ. ۋە Guestbook دىگەن تۈر ئىچىدىن بىر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ئېلىڭ. ئۇنى تەڭشەڭ. فونتلارنى UKIJ Tuz Tom غا ۋە بارلىق ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ قويۇڭ. بۇلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما مۇجمەللىكلەر بەك كۆپ ۋە تور بېكەتلەر بۇنداق نەرسىلەرنى پات-پات يېڭىلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا مەن تەپسىلى رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرمەي. ئىشقىلىپ ئانچە – مۇنچە ئېنگلىزچە خەت تونۇسىڭىز ۋە ياكى لۇغەتتىن پايدىلانسىڭىزلا قىلىپ كېتىسىز.
2. Get Code نى چېكىپ، بىرىنچى كاتەكتىكى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى كودىنى كۆچۈرۈڭ. ۋە بلوگىڭىزدىن يېڭى يازما يوللاش بېتى ئېچىپ ئۇنىڭ html تەھرىرلەش كۆزنىكىگە سۆز قالدۇرۇش كودىنى چاپلاڭ. يازما ماۋزۇسىغا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ياكى GuestBook دەپ يېزىپ قويۇڭ. يازمىنى ئېلان قىلىڭ.
3. بايا ئېلان قىلغان يازمىنىڭ مۇستەقىل ئادرېسىنى كۆچۈرۈڭ. ۋە بلوگنىڭ مەلۇم يېرىگە سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى دەپ يېزىپ، شۇ يازما ئادرېسىنى ئۇلىنىش قىلىڭ. شۇنىڭ بىلەن سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى پۈتتى.
دىققەت قىلىڭ :

مەزكۇر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى 3-تەرەپ كودىغا تەۋە، بلوگقا ئېسىلغان ھەرقانداق بىر ئۈچۈنچى تەرەپ كودى بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ.
BlogSpot نى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: