A turkology blog

ئەيسا ۋە مۇھەممەت

بىر ئىشەك ھارۋىسى ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان قىستاڭ يولدا كېتىپ بارىدۇ. ھارۋىدا 7 ئادەم باركەن. مۇھەممەد بىلەن ئەيسامۇ بۇ ھارۋىدا بار. ئۇلار ئاكا – ئۇكا ئىدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مۇھەممەت ئەيسانىڭ ئۆيىگە كەلدى.
– ئاكا جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان. 2000 سوم بېرىپ تۇرغىن. ئىككى ئايدىن كېيىن بېرەي.
ئەيسا بىر ھازا قاقشىغاندىن كېيىن، بىر قوساقتىن چىققان ئۇكىسىنىڭ بىچارە ھالىتىگە چىدىمىدى بولغاي، پۇلنى ئېپ چىقتى. ئامما خوتۇنى كېكىردىكىنى قېقىپ، ئەيسانى چاقىردى.
– ھۆججەت يازدۇرۋالدىڭمۇ؟
– ياق. ئۇكام تۇرسا….
تاكاللىشىشلاردىن كېيىن، ئەيسا ئۇكىسى مۇھەممەتكە ھۆججەت يازدۇرۇپ، دادۇينىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدىن سۇرۇخ تېپىپ، بارمىقىنى باستۇرۋالدى.
يەتتە ئادەم ئىشەك ھارۋىسىدا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئادەملەر بۇ ئىشەككە جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ ئىشىنىپتۇ. ئىشەكنىڭ ئەقلى يوق. ئۇلارنى بىر سۆرەپلا ماشىنىغا سوقىۋەتسە نىمە دىگۈلۈك. ئەمما ئۇلار ئىشەكنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇرۇپتۇ.
چاتاق يېرى، ئاكا ئۇكىغا، ئۇكا ئاكىغا ئىشەنمەيدىكەن. ھەم ئىشەنگىدەك يەرمۇ قالمىدى.
ئىشەككە جاننى تىكىپ ئىشىنىمىزيۇ، قېرىنداشلىرىمىزغا 2000 سوم تىكىپ ئىشەنمەيمىز؟
ئىشەنگىدەك يېرى قالمىسا! ؟
……
– بانكىدىن قەرز ئالماقچىدىم، تونۇشتۇرۇش يېزىپ بەرسەڭلار..
– بەش ئادەم كېپىل بولۇپ ئىمزا قويسۇن. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان جەدۋەلنى ئېلىپ كېلىڭ.
بانكا خېرىدارلارغا ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ.
ۋاڭ بىر مىليونېر. پۇللىرىنى شىۋىتسارىيە بانكىسىغا قويىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ بانكىلارغا ئىشەنمەيدۇ. پۇل قويدىغاندا ئىش ئاسان، پۇل ئالىدىغاندا ئۇزۇن ئۆچرەت…. تېخى بەزىدە پۇل يوق! ئەتە كېلىڭ!
نىمىشقا بەش ئادەمنى كېپىل قىلغۇدەك. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى، قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆينى، مال-ۋارانلىرىنى كېپىل قىلسىمۇ يەنە بەش ئادەم تاپىدىغان گەپمۇ؟
ئىشەنگىدەك يەر قالمىدى…؟!
****
ئايمېھرى داشۆدە ئوقۇيدۇ. ئۇ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان پاك قىز.
ئاپىسىدىن تېلفون كەلدى. بۇ بىچارە بىر ئەر كىشىنىڭ ئاستىدا قىپيالىڭاچ ھالەتتە تېلفوننى ئالدى.
– بالام، جېنىم قوزام، تىنچلىقمۇ؟
– ئاپا، ھازىر ئىمتىھان بېرىۋاتقان. مەن سەل تۇرۇپ تېلفون قايتۇراي.
ئىشەنگىدەك يەر قالمىسا…؟!
*******
دوكتور جەرھات ئالى مەكتەپنىڭ پروففېسسورى.
فۇرقەت بىلەن ھاراق ئىچكىلى ماڭغاندا تېلفون كەلدى. تېلفوندىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاۋازى.
– مۇئەللىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن.
– قايسى ئىمتىھاندىن.
– ماتېماتىكا. دىدى قىز.
– ھە! كەچتە دوزاخ بىڭگۈەننىڭ 119 نومۇرلۇق ياتىقىغا كەل. ئىمتىھاندىن ئەنسىرمە. نەتىجەڭ لاياقەتلىك چىقىدۇ.
ئىشەنگۈدەك يەر قالمىسا….؟
*************
تەكلىماكان بلوگ نىمە بوپ كېتىپ بارىدۇ.
يالغان سۆز، ئالداشلار كىشىلەر ئارسىدىكى ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىپ شۇنداق ھالەتكە ئاپاردىكى… ئۇلار بىر ئىشەككە جېنىنى تىكىپ ئىشىنىدۇكى قېرىندىشىغا 2000 يۈەنلىك ئىشەنمەيدۇ.
قىز ئانىنى، ئانا قىزنى ئالدىسا بۇ قىز ۋە بۇ ئانىدىن شۇنداق بىر بالىلار تۇغۇلىدۇكى…. ئەييۇھانناس! بىلىپ قېلىڭلار ئامۇ خاس!!! چوڭ دادىمىز بىلەن قوشۇپ كۆمىۋەتكەن ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۈپەتلەپ بولالمىدىم. ئۇيغۇرچە ئاجىز تىلكەن.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ئوقۇغۇچىسىغا شەھۋەت بىلەن باقسا كەلگۈسىدە شۇنداق بالىلار تېپىلىدۇكى ئۆزىنىڭ چىرايلىق قىزلىرىنىڭ كاسىسىنى ئوماق قىزىم دەپ ئەمەس، كاساپەت بولىدىكەن! دەپ سىلاپ قويدىغان.
خۇدا !

Advertisements

Comments on: "ئەيسا ۋە مۇھەممەت" (12)

  1. شۇنداق ھازىر ئىشەنچىلىك ئىشلار ناھايتى ئاز قالدى!

  2. ياپىر …يا خۇدا نىمە ئىش بۇ ؟

  3. ھەي .. نىمە دىگۈلۈك بۇنىڭغا ..

  4. ۋاي توۋا، نىمە جاھان بوپ كەتتى بۇ!؟؟؟تەكلىماكان ئەپەندى قارىغاندا بۇ ھىكايىنىڭ تىگىدەگەپ باردەك قىلامدۇ نىمە،قىنى ئاخىرىنى ئىيتىۋەتمەمسىز؟!!!

  5. جەمئىيىتىمىزدە، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىقەتەنمۇ سەمىمىيلىك تېپىلغۇسىز تۇتىيا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر يازمىدىكى ئەيسا بىلەن مۇھەممەت ئىككى ئاكا – ئۇكىنىڭ ھېكايسى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. بولۇپمۇ ئىشەككە جاننى تىكىپ ئىشىنىدۇ، ئېنىسىگە 2000 كوينى تىكىپ ئىشەنمەيدۇ ، دېگەن قۇرلار .

  6. تەكلىماكان ئەپەندى . مېنىڭ google ئېلانىم توختىتىلغانتى . bidvertiser دىن ئازىر كىرىم قىلغىلى بۇلامۇ ؟

  7. < HREF="http://baliq.blogspot.com" REL="nofollow">bilimlar گە جاۋاب<>سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز قايسى تىلدا. ئاۋال شۇنى ئىنكاس قىلىڭ. ئاندىن مەن سىزگە بىر قىسىم ئېلان شىركەتلىرىنى تونۇشتۇراي.

  8. ئۇيغۇر تىلىدا . مانا ماۋۇ توربەت . http://www.koriwal.cn يەنە http://bilimlar.blogbus.com مانىڭغىمۇ ئىشلىتەتتىم .

  9. bilimlar گە جاۋاب:ئۇيغۇرچە تور بېكەت ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە يول يەنىلا Google Adsense، گەرچە Alimama غا ئوخشاش بىر قىسىم شىركەتلەر ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى قوللىسىمۇ بېرىدىغان پۇلى Google دىن كۆپ ئاز. شۇڭلاشقا يەنىلا گۇگولغا قايتا تىزىملىتىڭ. ئايالىڭىز ياكى باشقا ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئىسمىدا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. تور بېكەت ئېنگلىزچە، ئەرەبچە، رۇسچە، ئىسپانچە، خەنزۇچە-مۇرەككەپ ، خەنزۇچە – ئاددى ياكى باشقا خەلقئارالىق تىللاردا بولسا گۇگولغا ئوخشاش كۆپ پۇل بېرىدىغانلار كۆپ. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى گۇگولدىن باشقا شىركەتلەر ئاساسەن تەستىقلىمايدۇ. Bloggerads.net ئۇيغۇرچە بلوگلارغا ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما بېرىدىغان پۇلى ناھايىتى ئاز. nuffnang.com ئۇيغۇرچە بلوگلارغا ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئورنىڭىز ئاۋسترالىيە، مالايىسىيە، سىنگاپور ياكى ھىندونوزىيەنىڭ مەلۇم بىرسىدە بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولماي قالسىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدۇ. ئەمما پۇلنى ئۇلار يۇقارقى دۆلەتتىكى ئادرېسقا ئەۋەتىدۇ. Paypal ئارقىلىقمۇ ئالغىلى بولىدىكەن. ئەمما مەن ئېلىپ باقمىدىم. كەچۈرۈڭ.

  10. مەن BIDVERTISER ADS نىڭ ئېلانىنى ئازىر ئىشلىتىۋارتىمەن . كۈنىگە 1~ 1.5 $ غىچە كىرىم بۇلىۋاتىدۇ . لىكىن چىكىلىشى بەك ئاز . ئاران 0.02$ كەن . google نىڭ بولمىغاندىكىن ئامال يوق مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن . لىكىن ئەنسىرەيدىغىنىم پۇلۇم 10 $ غا يەتكەندە پۇلنى ئالالماسلىقىم . سىز بۇ ئېلاننى چۈشەندۈرگەندە 10$ بولغاندا paypal غا يوللايدۇ دەپ چۈشەندۇرگەنتىڭىز . مۇشۇنى بىر كۆرسۇتۇپ بەرسىڭىز بۇلامدۇ . ئاندىن بۇ شىركەنتنىڭ ئېلانىدا چۈشتىن بۇرۇن ھەقسىز ئېلان كۆرۈلۈپ ، چۈشتىن كىيىن ھەقلىق ئېلان كۆرىلىۋاتدۇ . شۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز . يەنە بىر ئىش ، مەن google ئېلانىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇن http://classmete.blogbus.com/ بلوگنى يازغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئىچىدە توردىن كۆچۈرگەن مەزمۇنلار يوق ئىدى ، لىكىن نەچچە قېتىم google ئېلانى ئىلتىماس قىلغان بولساممۇ تەستىقلىمىدى . سەۋەبىنى دەپ بەسىڭىز بوپتىكەن . بۇ بلوگنىڭ ئىلتىماس قىلىشقا توشمايدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەسىڭىز . تەكلىماكان ئەپەندى سىزنى بەك كۆپ ئاۋارە قىلىپ قويدۇم . سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇلىمۇ خىجىلمەن . رەھمەت سىزگە !

  11. ئۆزىڭىز گوگول ئېلانى ئالالمىسىڭىز، ئىزدەش تور بەتلىرىدىن گوگول ئېلانى دەپ ئىزدەپ باقمامسىز دەيمەن. ھازىر ۋاكالىتەن ئېلىپ ساتقۇچىلارمۇ كۆپقۇ. ئەزران تېخى. ئېلان ئالىمەن دەپ ۋاقتىمىزنى زايا قىلغۇچە ۋاكالىتەن ئالغۇچىلارغا ئازراق پۇل بەرسەك ئۇلار نەچچە كۈندىلا ئېلىپ برىدىكەن.

  12. مەن ئالدىنقى قېرىم شۇلداردىن ئالغانتىم . 35 يۈەنگە . لىكىن ئېلانىم توختىتىلغاندىن كىيىن قايتا ئالاي دىسەم ئۇلار ئازسانلىق مىللەتلەرگە بۇنىڭىدىن كىيىن ئېلدن تەستىقلىمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بولماي قالدى شۇ .

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: