A turkology blog

Archive for فېۋرال, 2009

ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلى ماكدونالدنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخل تەرۇز قىلدى


مەدىنە تېز تاماقخانىسى نامىدىكى ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلى ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاماقخانىسى ماكدونالد (McDonald’s) نىڭ ماركىسىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان. گەرچە مەدىنە دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى بىلەن ماكدونالد دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى ئوخشاش بولسىمۇ ئۇلار بۇ M نى ماكدونالنىڭ ماركىسىغا ئوپمۇ-ئوخشاش قىلىپ لايھەلەپ، McDonald’s ماركا ھوقۇقىغا دەخىل قىلغان.

سۈرەتنى ۋىنسانت مالىك تەمىنلىگەن


Advertisements

ھەقسىز خەلقئارالىق تور تېلفونى (چۈشۈرۈش ھاجەتسىز)

ھەقسىز، توردىلا ئۇرغىلى بولىدىغان، پۈتۈن دۇنيادا ئىشلەيدىغان ھەقسىز تور تېلفونى. يىتەرسىزلىكى كۆپۈنچە سەكرەپ ئېلان چىقىۋالىدىكەن. ئاۋاز سۈپىتى ھەم ياخشى ئەمەس. ئەمما ھىچقانداق دېتال چۈشۈرمەيلا ھەقسىز تېلفون ئۇرغىلى بولىدىكەن. تېلفون قوبۇل قىلغىلىمۇ بولىدىكەن. ھەقسىز تېلفون ئۇرىدىغان ۋاقتقا چەك قويمايدىكەن. ئەمما ئاۋال تىزىملىتىشىڭىز ۋە تىزىملاتقان email گە كەلگەن خەتنى تەستىقلىشىڭىز كېرەك.
ئادرېسى:
freeringer.biz

Google Sync ئارقىلىق يانفوندىكى تېلفون دەپتىرىنى ساقلاش.

يانفوننى فورماتلاش، يانفون يۈتۈپ كېتىش، كارتا ئالمىشىش ۋە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئالاقىلاشقۇچىلارنىڭ تېلفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال ھەممەيلەننى ئوسال قىلىدۇ. گۇگول شىركىتى بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، Google sync نامىدىكى ئېسىل بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويغان. بۇ مۇلازىمەت ھازىرچە پەقەت، گۇگول يانفونى، ئايفون، symbian ۋە قارا بۆلجۈرگەن (بلاكبەرى) سېستىملىق يانفونلارنىلا قوللايدۇ. ئايفون ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك، ئەمما سىمبىيان ئىشلىتىدىغانلار كۆپ. سىمبىيان سېستىملىق يانفونلارنىڭ ئۇلىنىش تىزىملىكىدە sync دەيدىغان بىر كۆزنەك بار. شۇ كۆزنەكتىن تەڭشەش ئارقىلىق گۇگول sync نى ئىشلىتەلەيسىز.
بۇنى ئىشلەتكەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
تېلفون دەپتىرىڭىزدىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقت گۇگول مۇلازىمىتېرىدا ساقلايسىز، يېڭى قوشۇلغان نومۇرلار ۋە ئۆچۈرۈلگەن نومۇرلارنى ئاپتوماتىك يېڭىلايسىز، بۇ ئارقىلىق گۇگول بۇ مۇلازىمەتنى يوقاتمىسىلا تېلفون دەپتىرى يوقاپ كەتمەيدۇ.
تەڭشەش ۋە باشقا ئۇچۇرلارغا بۇ يەردىن ئېرىشىڭ.
baliq.blogspot.com/googlesync

جۇڭگو يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ چەتئەل سىياسىتى

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلارغا ھەيران قېلىۋاتىمەن. بىر دانە QQ نومۇرى ئېلىشقا قانچىلىك ۋاقت كېتىدۇ. سىز ئاۋال im.qq.com غا كىرىش ئۈچۈنمۇ كىيۇكىيۇنىڭ مەشغۇلات يۈزىدىن ئىككى كونۇپكا چېكىسىز، تىزىملىتىش جەريانى مۇرەككەپ ھەم ئۇزۇن، ئۇششاق-چۈششەك سۇئاللار ۋە خەنزۇچە قاتتىق پىششىق بولمىسا قىلغىلى بولمايدىغان جەريان. ھالبۇكى خەنزۇ تىلى بىلمەي ئېنگلىز تىلى بىلسىڭىز كيۇكيۇ نومۇرى ئېلىشقا ئاران 5 سېكونتلا ۋاقت كېتىدۇ. تېخى سېستىما ئالدىراش كېيىنرەك ئىلتىماس قىلىڭ دىگەن گەپمۇ يوق… ئىشەنمىسىڭىز signup.qq.com غا كىرىپ ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ. بارلىق تاللاشلارنى 5 سېكونتتىلا تاماملايسىز. ۋە تېزلا بىر كيۇكيۇ نومۇرىغا ئىلتىماس قىلالايسىز……
جۇڭگوچە نۇسخىدىكى كيۇكىيۇداچۇ؟ … 5 سېكونت مۇمكىن ئەمەس! تېخى كيۇكيۇنىڭ ئېنگلىزچە نۇسخىسى ئىنتايىن كىچىك، سەكرەپ چىقىدىغان ئېلان يوق، ئۇششاق-چۈششەك گەپلەر ئاز. ئات مىنگەندەك راھەت. خەنزۇچە نۇسخىدىكى كيۇكىيۇدا ھە دىسە سەكرەپ چىقىدىغان ئېلانلار… ھە دىسە ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كېتىدىغان ئۇچۇر. يەنە بىر مۇنچە سۆرەلمە گەپ… قاششاڭ ئىشەك مىنگەندەك كىشىنى بىئارام قىلىدۇ.
يانفوندا تورغا چىقىپ UCWEB نى ئىشلىتەتتىم.
بۇنىڭ قاملاشمىغان ئارتۇقچە كۆزنەكلىرى مېنى بەكمۇ بىزار قىلاتتى. تۆنۈگۈن ئېنگلىزچە نۇسخىسىنى قاچىلاپ كۆرسەم ئېلاننىڭ بىرسىمۇ يوق. تورغا چىقىپ سىن كۆرۈش، ئارتۇقچە ئىچىدە ھىچنىمە يوق يول باشلاش بەتلىرى ۋە ئۇششاق-چۈششەك پالانى ئالامەت….. لەرنىڭ ھىچقايسى يوق. شۇنداق ئاددى، ھەم قولاي…
غەلىتە ئىش. جۇڭگولۇق پروگراممېرلار يۇمشاق دېتال ئىشلىسە جۇڭگولۇقلارغا قىيىن، چەتئەللىكلەرگە ئاسان قىلىپ ئىشلەيدىكەن. بۇ نىمە ئىشتۇ؟!….

داڭلىق بلوگنى قانداق يېزىپ چىقىمىز؟

بلوگنى سىز مەيلى نىمە مەقسەتتە يېزىڭ، ئۇنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى بار. ئەگەر سىز يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى-ئالىم، سودىگەر ۋە مەخسۇس بىر كەسپ ئىگىسى بولسىڭىز ئۆز كەسپىڭىزدىكى تەجىربىلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ. سىز بىلەن ئوخشاش كەسپتىكىلەر ۋە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر سىز يۇقارقىلار بولمىسا مۇنداق يازىسىز.
1. بلوگ مەزمۇنىنى تاللايسىز.
بلوگ ھەرگىز ئۇنۋېرسال بولمىسۇن. چۈنكى ئۇنۋېرسال-ھەممەباب تور بەتلەر بەك كۆپ. ھەقسىز مۇلازىمىتېردە قۇرغان كىچىك بىر بلوگ يەرشارىدىكى ھەممە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالسا كۆرۈنەرلىك يازمىلار چىقمايدۇ. ھەم كىشىلەر قىزىزقمايدۇ. قىسقىسى ياراشمايدۇ.
ئۇنداقتا نىمە مەزمۇندا يېزىش كېرەك؟
نۇرغۇن دوستلار بۇنى ئويلاشقاندا ئۇيغۇرلاردا ھازىر مانداق تور بەت يوقكەن، مۇشۇ مەزمۇندا قۇرسام بولغۇدەك دەپ ئويلايدىكەن. مەنچە بۇ كۆز – قاراش خاتا. سىز چوقۇم بۇ بوشلۇقنى تولدۇرالىشىڭىز ناتايىن.
بلوگ مەزمۇنى- چوقۇم چوقۇم چوقۇم سىز ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلار ئۈستىدە بولىشى كېرەك. سىز پەقەت ئۆزىڭىز ئەڭ قىززىققان ئىشنىلا ئەڭ مۇكەممەل ۋە باشقىلاردىن ئاشۇرۇپ قىلالايسىز.
مەسلەن سىز بېلىق تۇتۇشقا قىززىقىسىز. ئۇنداقتا ھىچ ۋاقەسى يوق. دەرھاللا دۇنيادىكى بېلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە بېلىق تۇتۇش ھەققىدە يېزىڭ. بېلىق تۇتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە ئېلىپ يوللاپ تۇرۇڭ…. دىگەندەك.
بۇنداق بولغاندا مەزمۇن دائىرسى بەك چەكلىك بولۇپ قالامدۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىغا يازما داۋامىغا دىققەت قىلىڭ.
2. مەنبەلەرنى تولۇقلاش
چوقۇم Google Reader گە ئوخشاش ئېلخەت ئارقىلىق تور بەتلەردىن يېڭى مەزمۇن ۋە يېڭىلانغان مەزمۇننى ئاپتوماتىك قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچ ئىشلىتىڭ. ئادرېسى reader.google.com
بۇ ئوقۇغۇچقا ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ مەزمۇنىغا مەزمۇنداش بولغان داڭلىق باشقا بلوگلارنى ۋە باشقا تىلىدىكى بلوگلارنى قوشۇڭ. ئۇلارنىڭ ئۇتۇق قازانغان يازمىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىڭ. مۇۋاپىقلىرىنى تەرجىمە قىلىڭ. مۇۋاپىقلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈڭ. 10 يېڭى مەزمۇن قوبۇل قىلسىڭىز ھەممىنى بىراقلا تەرجىمە قىلىپ يوللاۋەرمەڭ. شۇلارنىڭ ئىچىدە سىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ياكى سىزگە ئەڭ ياققاننى ئۆزلەشتۈرۈڭ. بۇنداق قىلغاندا مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ.

Dell ماركىلىق يانفون چىقىدۇ.

دەل شىركىتى ئۆزىنىڭ ماركىسىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون چىقارماقچى. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ كۈنسايىن خاتېرە كومپيوتېرغا يېقىنلىشىشى، كومپيوتېردا قىلىدىغان ئىشلارنى يانفوندا قىلغىلى بولۇشى، نۇرغۇن كىشىلەرگە قولايلىق كەلتۈرگەندىن باشقا، لەپتوپ شىركەتلىرىگە ئېغىر بىر سىناقنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالما شىركىتى، لەنوۋو شىركىتى قاتارلىق داڭدار كارخانىلار ئۆزىنىڭ ماركىسىدا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنى چىقاردى. iPhone نىڭ دۇنيا مىقياسىدا بازار تېپىشى، گۇگول شىركىتىنىڭ T-mobile بىلەن ھەمكارلىشىپ بازارغا سالغان يانفونى قاتارلىقلار بۇ خىرىسنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى.
يانكومپيوتېرچىلىقتىكى داڭدار ماركا دەل (Dell) مۇ بۇنى تونۇپ يەتكەن بولسا كېرەك. ئۇلار ئۆتكەن ھەپتە نيويورك ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا يېقىندا دەل ماركىلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىران ئۆزى ياسىغان سۈنئى ھەمرانى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەردى

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە ئىران تۇنجى قېتىم ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان پەن-تەتقىقات تەكشۈرۈشىگە ئىشلىتىدىغان ئۈمد ناملىق سۈنئى ھەمرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى قويۇپ بەردى. ئەلچى ناملىق راكىتا سۈنئى ھەمرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتىغا يەتكۈزگەن. شىنخۇا تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەر.
ئىران ئاجايىپ دۆلەتكەن. ئۇنىڭ خەلقئارادا ئامېرىكىغا ياق! دىيەلەيدىغان دۆلەت دەپ نامى بار. Windows Vista نى تۇنجى بولۇپ ئىرانلىق پروگراممېرلار (بۇ يەردە خاككېرلار) يېشىۋەتتى. قارىغاندا ئىراننىڭ پەن-تېخنىكا كۈچى خېلى زوردەك تۇرىدۇ.
بۇندىن ئىگلىرى ئىران ھەققىدە بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز جالالىدىن رۇمى، شەيخ سەئىدى قاتارلىق ئەدبلەر ھەققىدە بولسا كېرەك. گۈلستان…. دىگەندەك ئەسەرلەر ئىران ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلاتى.