A turkology blog

Archive for مارت, 2009

مەن قايتىپ كەلدىم

بەك ئالدىراش بولغاچقا بىر نەچچە ھەپتە بلوگقا كېلەلمىدىم، كەچۈرۈڭلار….
يېقىنقى ھەپتىلەردە ئىنكاس يېزىپ پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولغانلار ئىنكاسنى قايتا يېزىڭلار.

توردا پۇل تېپىشنى ئاددىراق چۈشەندۈرەي

ئىككى يىلدەك بوپ قالدى، توردا پۇل تېپىش دىگەن بۇ تېما قىززىغىلى تۇرغىلى. بۇ جەھەتتە مەن كۆپرەك پۇل تېپىپ باقمىغان بولساممۇ، كۆپرەك توردا پۇل بېرىدىغان شىركەتلەر بىلەن ئېتىشىپ باقتىم. بەلكىم تەجىربەم بار بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پۇل تېپىش. مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش، فورەكس پۇل ئوبورتى، فۇند سېتىۋېلىش، پايچېكى ئويناش قاتارلىقلار ھەققىدە توختالمايمىز.
دەسلەپ كۈندە يۈز دوللار دىگەن ماقالىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياشلار پۇل تېپىش دىگەن چوڭ شۇئار ئاستىدا تور بېكەت ياساشقا چۈشۈپ كەتتى… ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا ھازىرچە مۇشۇ ماقالىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ ئەڭ كۆپ پۇل تاپقانلار 30 مىڭ دوللار تاپتى. (بىز پەقەت توردىلا كۆرۈشتۇق، ئۇنىڭ كىم، نەدە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تەپسىلى بىلمەيمەن.). ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي مەزكۇر ماقالىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. يەنە نۇرغۇن ئەستايىدىل ئەمەس دوستلار رەنجىپمۇ يۈردى.
نەق گەپكىلا كېلەيلى، ھىچكىم – ھىچكىمنى پۇل تاپ دەپ مەجبۇرلىمايدۇ. جىددى ئىشى بارلار ئارتۇقچە ۋاقتىڭىزنى توردا ئىسراپ قىلماڭ. توردا پۇل تېپىشقا مەبلەغ سالمىغان بىلەن ۋاقتىڭىزنى كەتكۈزۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
توردىكى كىرىم مەنبەيى ئوخشاشلا سودا ۋە ئېلان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. توردا باشقا شىركەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن.. ئەمما مەن قىلىپ باقمىدىم. Facebook ۋە NOKIA غا ئوخشاش شىركەتلەرمۇ مەخسۇس توردا پروگرامما تۈزدۈرۈپ، ھەق بېرىدىكەن. بۇلار پەقەت ئاز ساندىكى پروگراممېرلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن.
1. سودا ئارقىلىق پۇل تېپىش.
ئاۋال ئۆزىڭىز ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ماللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز. مەسلەن تىرناق ئالغۇچ، فوتوئاپپارات، يانفون، مېرسىدىس ماركىلىق ماشىنا، بوئىن ماركىلىق ئايروپىلان، IBM ماركىلىق لەپتوپ، NIKE ماركىلىق پايپاق، تەيۋەننىڭ ئېلىكترون دېتاللىرى، تۇرپاننىڭ كىشمىشلىرى، يېڭىسارنىڭ پىچاقلىرى ياكى ئىراننىڭ ئەنجۈر قېقى، ئانتاركىتىكانىڭ پىنگىۋىن گۆشى بولسىمۇ بولىدۇ. مەيلى قانداقلا مەھسۇلاتنىڭ سودىگىرى بولۇڭ، چوقۇم سىز ئۇشبۇ مەھسۇلاتنى ئەرزان باھادا سېتىۋالالايدىغان مال تەمىنلىگۈچى شىركەت ياكى زاۋۇت… ھىچ بولمىغاندا ۋاكالەتچى بىلەن ئالاقە باغلىۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق تۆلىمەيسىز. سىز پەقەت ئۇلارغا ۋاكالەتەن مال سېتىپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىزلا بولدى.
ئەگەر ئوقۇغۇچى بولسىڭىز سىز بۇنداق ئىشلارنى تېخىمۇ قاملاشتۇرالايسىز، چەتئەلدە ياكى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز شارائىتىڭىز تېخىمۇ يار بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ھەر كۈنى 8 سائەت دەرس بولمايدۇ… دەرسلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئىشقا ۋاقت ئاجرىتىڭ.
ئۆزىڭىز ساتماقچى بولغان مەھسۇلات ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدىغان بىر تور بېكەت ياسايسىز…. بۇ تور بېكەت ئۈچۈنمۇ بىر موچەن مەبلەغ سالماڭ. ئەگەر سىزدە تەييار 100 مىڭ يۈەن پۇل بولسا مەبلەغ سالسىڭىزمۇ مەيلى،،، تور نامى بوشلۇق، ۋە 24 سائەت تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنى سېتىۋېلىڭ. ئەگەر پۇلىڭىز 100 مىڭغا يەتمىسە مەبلەغ سالماڭ. مەبلەغ سالمايدىغان تور بەتنى blogbus.com ۋە blogspot.com لاردا قۇرغىلى بولىدۇ. تەكلىماكان بلوگنىڭ بلوگ ياساش سەھىپەسى ئىچىدە مۇشۇنداق تور بېكەت قۇرۇش ھەققىدە ئىنتايىن ياخشى چارىلەر بار.
قۇرغان تور بېكىتىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىڭ. باھاسى، مالنىڭ تۈرى ۋە نەشىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىز ئۈچۈن ماللارنى ياخشى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇڭ.
bazar.blogbus.com غا ئوخشاش بولسا بولىدۇ.. (دىققەت ئۇ پەقەت سىناق تور بېكەت، مال ئۇچۇرى پەقەتلا مىسال. ئۇ ماللارنى ساتمايمىز…)
ئەمدى قىلىدىغان ئىش: تۆۋەندىكى تور بېكەتلەرگە ساتقۇچى سۈپىتىدە تىزىملىتىڭ.
http://www.ebay.com
http://www.eachnet.com
http://www.amazon.com
http://www.amazon.cn
http://www.taobao.com
http://www.youa.com
http://www.paipai.com
ئەمدى بولدى… يۇقارقى تور بېكەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى تىزىملاتقانغا ھەق ئالمايدۇ. ئىبەيدىن باشقىسى مال ساتقاندا باج ئالمايدۇ. ئىبەي خەلقئارادا دۇكان ئاچسىڭىز ھەقلىق، ئۇنىڭدىن باشقىسىدا دۇكان ئاچسىڭىز ھەقسىز.
خوش… ئەمدى سىز يۇقارقى تور بېكەتلەرگە ساتىدىغان ماللىرىڭىزنى ئېلان قىلىسىز. ھەم خېرىدارلىرىڭىزنى سىزنى بالدۇرراق تاپالىشى ئۈچۈن چوقۇم.. ھەر بىر مالنى ئېلان قىلغاندا مال ئۇچۇرىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا blogbus ياكى blogspot دىن ئالغان تور بېتىڭىزنىڭ ئادرېسىنى بېرىڭ ۋە ئۇ جاي سىزنىڭ دائىملىق دۇكىنىڭىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ.
خېرىدار ماللىرىڭىزنى كۆرىدۇ.. سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسىمۇ كىرىم قىلالايسىز (بۇ ھەقتە ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇڭ)
خېرىدار بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز:
خېرىدار مالنى كۆرۈپلا سېتىۋالمايدۇ. ئۇ سىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايدۇ. شۇڭلاشقا خېرىدار سىزگە ئەڭ تېز يېقىنلىشالايدىغان ئالاقە ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك. ماتېرىياللاردا دىيىلىشىچە پاراڭلىشىش قوراللىرى ئىچىدە MSN نىڭ سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇڭا MSN ئادرېسىڭىز بولسۇن. خېرىدارلىرىڭىز جۇڭگودىلا بولسا QQ بولمىسا بولمايدۇ. يەنە چوقۇم Email بولىشى كېرەك.
سىز ھازىر QQ ۋە MSN ئادرېسى ئۈچۈن بىرلا EMAIL نى ئىشلىتەلەيسىز. شۇنداق قىلىڭ.
بۇ خىل سودا جەريانىدا پۇلنى Paypal ۋە Alipay گە ئوخشاش تور بانكا قوراللىرى ئارقىلىق تاپشۇرۋالىسىز. تەپسلاتىنى ئۇلارنىڭ تور بېتىدىن كۆرۈڭ. پەقەتلا چۈشەنمىسىڭىز توردىن ئىزدەڭ، ياكى ئىنكاس يېزىڭ.
2. ئېلان
ئېلان ئارقىلىق پۇل تېپىشمۇ مەڭگۈلۈك تېما، مەيلى گۇگول ياكى ياھۇ بولسۇن مۇشۇ ئۇسۇلدا پۇل تاپىدۇ. سىزمۇ ئۇلارنىڭ تەمىنلىگەن Yahoo Publisher ياكى Adsense قا ئوخشاش پروگراممىسى ئارقىلىق پۇل تاپالايسىز. بايا سىزگە قۇرۇڭ دىگەن مال تونۇشتۇرۇش بېتىگە ئېلان قويسىز. خېرىدار مال سېتىۋلسا بۇ ئارقىلىق پايدا ئالىسىز، مال سېتىۋالمىسا كۆرگەن خېرىدار ئېلان چېكىپ قويۇشى مۇمكىن… بۇ ئارقىلىقمۇ پۇل تاپالايسىز.
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلدا باشتىن-ئاخىر مال سېتىش ئاساسى ئورۇندا بولىشى كېرەك. ئەگەر سىز مەخسۇس ئېلاندىنلا پۇل تاپماقچى بولسىڭىز تور بېتىڭىزگە كۈنىگە كىرىدىغان ئادەملەر 1000 دىن تۆۋەنلەپ كەتمىسۇن…. بۇ ئەھۋالدا Adsense ئېلانى ئارقىلىق جان باقالايسىز.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە كىرىدىغان مۇستەقىل IP ھەر كۈنى 2000 بولسا سىز مائاشى ئوتتۇرھال خىزمەتچىلەردەك كىرىم قىلالايسىز. كۈندىلىك كىرىمىڭىز 20 دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن 140 يۈەن خەلق پۇلى.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە 5000 ئادەم كۈندە كىرىپ بەرسە ئۇ چاغدا كۈندىلىك كىرىمىڭىز 500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ مۇتلەق سان ئەمەس. بۇ پەقەت Google ئېلانىنىنىڭ بېرىدىغان پۇلىنى ھىسابلاشتىن كەلگەن كىرىم، Alimama قاتارلىقلارنىڭكىدە 5000 ئادەم كىرسە 10 يۈەن تېپىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا چەتئەلنىڭ ئېلانىنى قويسا كىرىم بىر قەدەر يۇقىرى.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە كۈنىگە مۇستەقىل IP دىن 20000 ئادەم كىرسە سىز بۇ تور بېكەت ئۈچۈن 3 ئادەمنى ئېيىغا 2000 يۈەندىن مائاش بېرىپ ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ئەلۋەتتە .. بىز كۆپۈنچە بلوگ ھەققىدە توختالغان. ئۇنداقتا يالغۇز بلوگدا قانچىلىك كىرىم بولىدۇ؟
بۇمۇ ئوخشاشلا بلوگنىڭ زىيارەت قېتىمىغا باغلىق. بلوگقا ئادەملەرنىڭ توپلانمىقى ئىنتايىن تەس. بلوگ مەزمۇنى ساغلام، ۋە داۋاملىشىشى ئۇزۇن، سەرخىل بولغاندا ئاندىن ئادەم توپلىشىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ئاپتوماتىك تور بەت زىيارەت قىلغۇچ، ئېلان چەككۈچ قاتارلىقلار ئارقىلىق زىيارەت قېتىمىنى ئاشۇرۇش بايقىلىپ قالىدۇ. چۈنكى سىزگە پۇل بەرگۈچى سىزدىن نەچچە ئىشتاننى بۇرۇن يىرتقان… ئۇنىڭ بايقاش تېخنىكىسى بار. شۇڭلاشقا بۇنداق قىلىپ، ھالال تاپقان پۇلىڭىزنىمۇ ئالالمايسىز.
MTV ۋە كىنو دىگەندەكلەرنى چۈشۈرۈش، كۆرۈش بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق تور بېكەت زىيارىتىنى ئاشۇرىمەن دەپ ئويلىماڭ، ھەرقانداق بىر ئېلان شىركىتى ئەگەر ئۆزىڭىز نەشىر قىلدۇرغان ئۈن-سىن بويۇمى بولمايلا قالسا ھىساباتىڭىزنى توختىتىپ قويىدۇ، چەتئەلنىڭ شىركەتلىرى بۇ ئىشلارغا بەك دىققەت قىلىدۇ.
شەھۋانى رەسىملەر، قانۇنسىز تەشۋىقاتلار ھەرقانداق ئېلان شىركىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. ئۇلار سىزگە پۇل ھىسابلىغان بىلەن ئاخىرىدا بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا تور بېتىڭىز ساغلام بولسۇن.
باشقا ئىشلار بولسا ئىنكاس يازارسىز. مەن QQ دا پاراڭلاشمايمەن. ئىنكاس يېزىڭ…. نۇرغۇن مەسلىلەرگە تەكلىماكان بلوگنىڭ بارلىق تۈرلەر ئىچىدىكى ماقالىسىدىن جاۋاب تاپالايسىز، ئىزدەش ئىقتىدارىدىن قانائەتلىنەرلىك تەكلىپلەرگە ئېرىشەلەيسىز. پەقەت ئۇقالمىسىڭىز ئىنكاس يېزىش ياكى ئېلخەت يېزىش ئارقىلىق جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.
رەھمەت.