A turkology blog

Archive for ئاپرېل, 2009

Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايانⅡ

BlogSpot دا تورتۇراسى بارلار بۇ يازمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. بلوگنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىسىز. بۈگۈن يازما يوللاش، تۈرگە ئايرىش، يازمىلارنى باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ۋە يازما يېزىش رامكىسىنى چۈشىنىپ باقايلى. Blogspot نى ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق، ھەرقانداق كىشى ئۆز ئادىتىگە ئاساسەن خالىغانچە لايھەلىۋالىدىغان بولغاچقا دەسلەپ تونۇشقاندا مۇرەككەپرەك بىلىنىدۇ. كۆپ خىل ئىقتىدارلار قوشۇلمىغاندەك.
مەسلەن BlogSpot دا يازمىلارنى تۈرگە ئايرىش دەيدىغان جاي يوق، ئەمما Blogbus دا بار. ئۇنداقتا شۇنچە داڭلىق Blogger دا بۇ ئىقتىدار يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار…
ئاۋال Blogger.com ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن، ماقالە يېزىش بېتىنى ئېچىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك ئېچىلىدۇ. قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن رەسىمدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا نومۇر قويۇلدى، بىز شۇ نومۇر بويىچە چۈشەندۈرەيلى:


1. نومۇرلۇق ماۋزۇ رايونى:
ماۋزۇ رايونىغا ئاۋال لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇپ ماقالە يوللاڭ. ماۋزۇ رايونىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يازماڭ. ماقالىنى بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىپ ئاندىن لاتىن يېزىقىدىكى ماۋزۇنى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماۋزۇغا ئالماشتۇرۋېلىڭ. مەسلەن:
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال – دەپ ماۋزۇ قويماقچى بولسىڭىز ئاۋال Uyghurche-Yumshaq-Detal دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ماقالىنى يوللاڭ. بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتىپ، ماقالە ماۋزۇسىنى يەنە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال غا ئۆزگەرتىپ قويۇڭ.
بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ نىمە ئۈچۈن بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازمايمىز؟
URL ئۈچۈن. Blogspot دىكى ھەر بىر ماقالىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم url ئادرېسى بولىدۇ. ئادەتتە ماقالىنىڭ url ئادرېسى بلوگ ئادرېسىنىڭ ئارقىسىغا ماقالە ماۋزۇسىنى قوشۇش ۋە ماقالە كۈنىنى قوشۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا URL غا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزگىلى بولمىغاچقا ئەرەبچە ھەرپلەر دەرھاللا كودلىنىپ، ئۇزۇن ھەم قولايسىز ھەرپ-بەلگىلىەر تىزمىسىغا ئايلىنىدۇ.
مەسلەن: 2006-يىلى 1-ئايدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال دىگەن ماقالىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان url ئادرېسى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:
baliq.blogspot.com/adfjrewuier#$760388954d(*&8#$20%.htm
لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان مۇشۇ ماقالىنىڭ ئادرېسى مۇنداق بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/2006/01/uyghurche-yumshaq-detal
يۇقارقى ئىككى ئادرېستىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئەستە تۇتمىقى ئاسانلىشىدۇ. ھەم ئادرېسنىمۇ ئەستە تۇتىۋېلىشى مۇمكىن. سىز پەقەت ماقالىنى دەسلەپ يوللىغاندا لاتىنچە ماۋزۇ بىلەن يوللاپلا ئارقىدىن ئۇيغۇرچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭلىق بلەن ماقالە ماۋزۇسى لاتىنچە بوپ قالمايدۇ، Blogger پەقەت تۇنجى قېتىم يوللانغان ماۋزۇنىلا ئادرېس قىلىپ بەلگىلەيدۇ، كېيىن ئۆزگەرتىلسىمۇ، URL دا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
2.نومۇرلۇق ئورۇن تېكست ياكى html ھالىتىدە تەھرىرلەش.
ئەگەر سىزنىڭ html دىن ھىچقانداق خەۋرىڭىز بولمىسا بۇ ئورۇن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، پەقەت ماقالە ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش، كودلارنى تەھرىرلەش زۆرۈر بولغاندا بۇ ئورۇندىن html تەھرىرلەشكە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
3. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى فورماتلاش
ماقالىدىكى خەت شەكلى، رەڭگى ۋە رەسىم قوشۇش، ئۈن-سىن قىستۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش دىگەندەك باسقۇچلار مۇشۇ جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئۇيغۇرچە بولسا بۇ جايدىكى رەسىم ۋە ئۈن-سىن قوشۇش ئىقتىدارىدىن باشقا فورماتنى ئىشلەتمەڭ. چۈنكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ css قىسمىدىلا ماقالە خەت شەكلى دىگەنلەر ئۇيغۇرچىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن. سىز بۇ جايدىن خەت نۇسخا دىگەنلەرنى ئۆزگەرتىسڭىز سىز ئۆزگەرتكەن ماقالە ئۇيغۇرچە بلوگىڭىزدا نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.
4.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى كۆرۈپ بېقىش (يوللىماي تۇرۇپ)
5. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە مەزمۇنىنى يازىدىغان جاي:
بۇ جاي ئاجايىپ ئىقتىدارلىق، خەت، رەسىم، مۇزىكا، كىنو ۋە باشقا نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى مۇشۇ جايغا قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇنداق كۆپ شەكىللىك بلوگ بولمىسا سىز پەقەت خەت يازسىڭىزلا بولدى.
6.نومۇرلۇق ئورۇن خەتكۈچ.
بۇ ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ ماقالىگە ھالقىلىق سۆز قوشالايمىز ۋە ماقالىنى تۈرگە ئايرىيالايمىز.
مەسلەن: ئەگەر سىز يازغان ماقالە يۇمشاق دېتال ھەققىدە بولسا سىز بۇ ئورۇنغا Yumshaq Detal ياكى SoftWare دەپ يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. Google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرى مۇشۇ ھالقىلىق سۆز ئىزدەلگەندە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.
سىز يەنە بۇ ئورۇندىن ماقالىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىيالايسىز. ئالايلۇق سىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ مۇشۇنداق 6.نومۇرلۇق خەتكۈچ ئورنىغا Uyghurlar دەپ يېزىپ قويىسىز، بۇ چاغدا سىز يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ تۈر ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/search/label/Uyghurlar
سىز يۇمشاق دېتال ھەققىدە يازغان بارلىق ماقالىنىڭ خەتكۈچىگە Software دەپ يېزىپ قويۇڭ، ئۇ ھالدا سىز يازغان بارلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى ماقالىنىڭ ئومۇمى تۈر ئادرېسى :
baliq.blogspot.com/search/label/Software بولىدۇ
ياكى يۇقارقى ئادرېس ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى بارلىق ماقالە بىر بەتكە تىزىلىدۇ دىگەن گەپ.
بۇ يەردە baliq مىسال ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. بۇ جايدا لاتىنچە چوڭ ھەرپ بىلەن كىچىك ھەرپ پەرق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ.
سىز يۇقارقىدەك تۈر ئادرېسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بلوگنىڭ يان رامكىسىدىكى ئورۇنغا ئۇلىنىش قوشۇش ئارقىلىق، ھەر بىر تۈرنى قوشۇپ قويالايسىز. ياكى بلوگنىڭ Label نى كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك بىراقلا تۈرلەرنى كۆرسىتەلەيسىز.
7.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتنى ئۆزگەرتىش
سىز بىر قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىپ، شۇ ماقالىنىڭ مۇشۇ ئورۇندىكى ۋاقتىنى ئالدىمىزدىكى بىر ۋاقتقا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇپ، سىز بەلگىلەپ قويغان ۋاقتتا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بېكار بولغاندا بىر قانچە پارچە يازما يوللاپ، ئۇلارنى ئاپتوماتىك ئېلان قىلىدىغان تەڭشەپ قويۇپ، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندىمۇ بلوگ يېڭلىنىپ تۇرغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەر زېرىكىپ قالمايدۇ.
بۇ ئىقتىدارنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:
ئاۋال ماقالە يېزىڭ ۋە يوللاڭ.
ئاندىن شۇ ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىڭ.
ۋاقتنى ئالدىمىزدىكى ۋاقتقا تەڭشەڭ. يوللاش كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
دىققەت: ماقالىنى يازغان تۇنجى قەدەمدىلا ۋاقتنى ئۆزگەرتسىڭىز ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرمايلا يوللىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىر قېتىم يوللىۋېىتىپ ئاندىن قايتا ۋاقت ئۆزگەرتىپ يوللىشىمىز كېرەك.
8.نومۇرلۇق ئورۇن يوللاش ياكى ساقلاش
ماقالىنى يوللاش ياكى ساقلاش ئۈچۈن 8.نومۇرلۇق ئورۇندىكى كونۇپكىلارنى باسىسىز.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەيلى. يۇقارقىلاردا چۈشىنىكسىز ئۇقۇملار بولسا دوستلارنىڭ ئىككىلەنمەي سورىشىنى ئۈمد قىلىمىز. ۋە ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ ماقالىنىڭ داۋامى بار. blogger نىڭ ئىقتىدارى تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ماقالىلەردە تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشتۇرىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

Advertisements

$ دىن زېرىكسىڭىز € تاپايلى !

Adsense قا ئوخشاش تور ئېلان سۇپىسى دەسلەپ ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ Adsense دىن بۇرۇنراق تەرەققى قىلدۇرغان چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان شىركەتلىرى بار. ئەمما Google پەيدا بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپۈنچە بازىرى يېتىپ قالدى. ئەمما يەنىلا توختىماي تەرەققى قىلىۋاتقان شىركەتلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەقنى ياۋرو بويىچە ھىسابلايدۇ. شۇڭا بېرىدىغان پۇلى گۇگولدىن كۆپرەك. بىز بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا پۇل ئالغىلى بولىدىغان ياۋروپا ئېلان شىركەتلىرىنى تونۇشتۇرىمىز، ھازىر ئىتالىيە ۋە ئاۋستىرىيەنىڭ بىر قانچە ئېلان شىركىتىنىڭ توردىكى سۇپىسىنى چۈشىنىۋاتىمىز. ئەگەر مۇۋاپىق بولسا تورداشلارغا بلوگدا ياۋرو تېپىشنى ئۆگىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن. قىززىقسىڭىز كېيىنكى ھەپتىلەردە بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ.
بىر قانچە ئېلان شىركەتلىرىنىڭ ئېلانىنى بىرلا بلوگدا قويسا بولامدۇ؟
ئەگەر ئېلان تەمىنلىگۈچى شىركەت باشقا شىركەت ئېلانلىرىنى قويۇشنى چەكلىمىسە ئەلۋەتتە بولىدۇ. شۇ تور بېكەتتە ئېلان سەل كۆپرەك بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بىرسى چېكىلمىسە يەنە بىرسى چېكىلىپ قېلىشى، بايدىن چىقمىسا سايرامدىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. Blogbus نىڭ باش بېتى بىلەن ماقالە بېتى ئايرىم بولغاچقا باش بەتكە ئايرىم، ماقالە بېتىگە ئايرىم ئېلان قويۇشقا بولىدۇ. Blogspot دا ئىككىلەمچى js كودى قوشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.

يەرشارىدىكى ئەڭ مۇقىم بلوگ سۇپىلىرى

بىز BlogSpot ئىشلىتىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك بلوگ سۇپىلىرى بار. بلوگ ئىقتىدارى بەك ياخشى بولسىمۇ، مۇقىم ئېچىلمىسا پوققا تەڭ! يېقىندا Pingdom تورى ھازىرغىچە ئەڭ مۇقىم مېڭىۋاتقان 9 چوڭ تور بېكەتنى مۇقىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ ئىشەنچىلىك بلوگ سۇپىلىرى دەپ ئېلان قىلدى. تۆۋەندىكى جەدۋەلنى كۆرۈڭ.

ئاددى ئۇسۇلدا بلوگنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ياساش

ھىچقانداق تور بېكەت قۇرمايسىز، ئەسلىدىكى تور بېكەتنى wap كۆرگۈچ ئارقىلىق زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان قىلىش ئۇسۇلى. مەن baliq.blogspot.com نى مۇشۇ ئۇسۇلدا يانفوندا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان قىلدىم. ھەممە يانفون ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى قوللىمىغاچقا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى نۇسخا teklimakan.blogspot.com نى ھەرقانداق تور كۆرگۈچى بار يانفوندا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇسۇلى: blog2iphone.com نى ئېچىڭ، ۋە بىر ھىسابات تىزىملىتىپ، بلوگىڭىز ئۈچۈن ئۇلار چىقىرىپ بەرگەن كودنى بلوگنىڭ head قىسىمىغا چاپلاپ قويسىڭىزلا بلوگ كەڭلىكى ۋە پارامېتىرلىرى يانفوندا زىيارەت قىلغاندا ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ.

تور بېكەتنىڭ قىممىتى – تور بېكەتنىڭ كىرىمى

مەيلى قايسىلا جۇڭگو تور بېكىتىگە كىرىڭ 10 پارتىلاش خاراكتېرلىك چوڭ ماقالىنىڭ توققۇزى پالانى چولپان ناخشا ئوقۇۋاتقاندا قوڭى ئوچۇق قالدى، پۇكۇنى سىيىۋاتقاندا رەسىمگە تارتىۋالغان «写真图» ، پۇستانى بۈۋىمنىڭ سەكسى كۆرۈنۈشى دىگەندەك.. ھەممىسى بىر خىللا يۆلىنىشتە داۋاملىشىۋاتقان، سوغۇق قانلىق بىلەن تارازىغا سالغاندا پەقەتلا چەك باسمايدىغان ئەخلەت ئۇچۇرلار.
قايسىلا ئۇيغۇرچە داڭدار تور بېكەتكە كىرىڭ، ئالامەت نىنو، كارامەت كىنو، ھىندىستاننىڭ، كورىيەنىڭ دىگەندەك…. ئوبدانراق نەزەر سالغاندا پەقەتلا پايدىلىنىش قىممىتى يوق ئەخلەت مەزمۇنلار… ئەلۋەتتە بۇ كىنولارنىڭ سۈزۈكلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاندىن باشقا نۇرغۇنلىرى باشقا سىن بېكەتلىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بەتلەر.
يۇقارقى تور بېكەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان بىرەر مەھسۇلاتى يوق، مۇنبەر نامى بىلەن قۇرىۋالغان بىر سورۇنغا بىر مۇنچە گەپ تالىشىدىغانلارنى توپلىۋالغان. قايسى ساھە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا دەرھاللا ئومۇمى بەتتە ئۆزگىرىش ياساپ شۇنى چىقىرىپ باقىدۇ.
Adsense ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش ئومۇملىشۋىدى، 56 دىگەندەك چوڭ بېكەتلەرنى دىمەيلا تۇريلى… نۇرغۇن بېكەتلەر كۈچىنىڭ بارىچە كىنو – ناخشا دىگەنلەرنىڭ چۆرىسىگە ئېلان قىستۇرۇشتى.
Google غا ئوخشاش ئىزدەش ماتورىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى بىردىن ئىزدەش بېكىتى قۇرۇشقا ئاتلاندۇردى بولغاي: تىز تاپ، ئاپشاركا، ئۇيگۇگول، ش.ج گۇگول، ئىزدەش…. يەنە نۇرغۇن…. بېكەتلەر بىرقلا پەيدا بولدى.
Google نىڭ مۇشۇ كۈنگە يېتىشىگە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت كەتتى. ئەمما ھازىرقى ياش ئۇستا ئۇيغۇر پروگراممېرلار بىر كېچىدىلا گۇگول ياساشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. مەيلى قانداقلىكى تور بېكەت بولسۇن ئۇلار بىر كېچىدىلا بەرپا قىلالايدىكەن. ئوپمۇ-ئوخشاش بىر تور بېكەتنى بىر نەچچە تور نامى ئاستىغا كۆچۈرۈپ، پالانچى كىنو، پۇكۇنچى كىنو، پۇستانچى كىنو كۇلۇبىدىن ئىبارەت مول كىنو كۇلۇبلىرىنى نەچچە سائەتتىلا ۋۇجۇدقا چىقارالايدىكەن.
ھالبۇكى يۇقارقىدەك ئەھۋاللار تور بېكەتلەردە تېخنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئىنتېرنېت ئىشلەتكەنگە چۇشلۇق كىشىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئۇچۇرلار ئاز ياكى يوق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرچە تېخى مۇقىم ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، مۇقىم خىزمەت بىناسىغا ئىگە، ئۆز ئالدىغا مۇلازىمىتېر ئۆيلىرى بولغان، مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرگەن، بىرەر بازارغا يۈزلەندۈرگەن ئۆنۈملۈك مەھسۇلاتى بار، ئىنتېرنېت بىلەن ئوينىغانغا چۇشلۇق يۇقىرى مائاشقا ئىگە نەچچە يۈز خىزمەتچىسى بار تور شىركەتلىرى بىزدە كۆرۈلمىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا Google ھەر كۈنى 600 يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەمما بىزدە بىرلا ئادەم بىر كېچىدە بىر قانچە تور بېكەت قۇرالايدۇ.
زادى قانداق مەسلە مەۋجۇت:
مەبلەغ سالماسلىق:
پالانى خەلقئارا ئۇنۋېرسال تور بېكىتى – نامىدىكى بېكەتلەرمۇ، 1 يۈەن خەجلەپ بىر تال تور نامى سېتىۋالغاندىن باشقا چوڭراق مەبلەغ سالمىغان، بېكارغا كەلگەن نەرسىگە ئىگىسىنىڭمۇ ئىچى ئاغىرمايدۇ. شۇڭا ئۇ بارلىق ۋاستىلەر بىلەن تور بېكەت كىرىمىنىلا ئويلىشىدۇ. تور بېكەت تېز ئارىدا ۋەيران بولسىمۇ، چوڭ زىيان بولمايدۇ. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز ماڭا 5 تور نامىنى كۆرسەتتى، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ بەش تور نامى ئاستىغا بەش دانە تور بېكەتنى تەييارلاۋاتقانلىقى، بىر ئاي ئىچىدە پۈتتۈرۈپ ھەممىنى بىراقلا ئاچىدىغانلىقى، مېنىڭ مەسلىھەت بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ…. مەن 97 – يىلى ئىنتېرنېتنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان. ئۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇقىم مېڭىپ توختاپ قالماي كېلىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى ئۇقمايمەن. ئەمما ھەممە تور بېكەت ھەر يىلى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى كەلگەنلىكى مانچە يىللىقىنى تەبرىكلەپ يوغان لوزۇنكىلارنى ئېسىپ تەبرىكلىشىدىكەن.
باشقىلارنى دوراش:
سوپۇن ياسىسا سوپۇن، تالقان ياسىىسا تالقان، ئىچىملىك ياسىسا ئىچىملىك ياساپ بەسلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانلىرىدەك…. بۈگۈن قىزىل كالا، ئەتە قىزىل بۇقا، ئۆگۈن قىزىل تۆگە، ئىندىن قىزىل بۇغا، ئەمدى قىزىل تۇلپار چىققاندەك، ئامراق كىنو كۇلۇبى، دۇمباق كىنو كۇلۇبى، دومساق كىنو كۇلۇبى دەپ…. ئىنتېرنېت دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ… ئاغزىمنى ئېچىپلا قالىمەن بەزىدە. ئىلگىرى Siemens ماركىلىق يانفونلار يامان مودا ئىدى، نوكىيا ۋە موتورولانىڭ يەر شارى بازىرىنى تارتىۋېلىشى بىلەن، ئۇلار زاۋۇت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتتى بولغاي توڭلاتقۇ، كىرالغۇ دىگەندەكلەرنى ياسايدىغان ساھەگە يۈرۈش قىلدى. مېنىڭچە ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىڭ، ھەمكارلاشقىلى بولمىسا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق قىلىڭ، ئاشۇرپراق قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولمىسا، باشقا ئىش قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەممە ئادەم زاۋۇتقا كىرىۋالسا يەرلەرنى كىم تېرىيدۇ؟ …. دىگەندەك.
مۇنبەرلەردە MSN ئۇيغۇرچە قوللايدىكەنيەي، GoogleTalk ئۇيغۇرچە قوللىدىيەي دىگەندەك پاراڭلارنى قىلىپ قويىۋېدۇق، كۆزنەك مۇڭداشقۇ، كوت-كوت مۇڭداشقۇ، بىزنىڭ مۇڭداشقۇ، سىزنىڭ مۇڭداشقۇ، بارخان مۇڭداشقۇ دىگەندەك ئۇيغۇرچىنى ئالامەت قوللايدىغان، ھەممىسى تۇنجى …. ئۇيغۇرچە IM لار ئارقا-ئارقىدىن ياساپ چىقىلدى. MSN نىڭ بۇ كۈنگە تەرەققىي قىلالىشىغا 15 يىل كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئالامەت ئىلغار ئۇيغۇرچە IM لار بىر كېچىدىلا ياسىلىپ، MSN دىن ئېشىپ كەتكىلى تاسلا قالدى ! … ھالا بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ توپا-چاڭلىرى تېزلا بېسىقىپ قالدى، ئۇلاردىن شەپىمۇ يوق، ئۇرانمۇ يوق، ئەسەرمۇ يوق! غايىپ بولغان جىندەك !
ئۇنۋېرسال مۇنبەرچىلىك:
ھەممە چوڭ تور بېكەتنىڭ بىردىن مۇنبىرى باركەن، ھەممە مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يىگىرمە ئوتتۇز سەھىپىسى باركەن، ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرگەندە بارلىق مۇنبەرلەرنىڭ سەھىپىلىرى ئاساسەن ئوخشاش، IT بىلىملىرى، ئەدەبىيات، مۇھەببەت، تارىخ، ھىكايە شېئىرلار، گۈزەل – سەنئەت، پروگرامما لايھەلەش… دىگەندەك.
مۇشۇنداق قۇرىۋالسا ھەممە ئادەم شۇ مۇنبەرگە كىرىدىغاندەك، مەخسۇس بىر خىل مەزمۇندا قۇرسا باشقا ئادەم كىرمەيدىغاندەك. ئەلۋەتتە پولو يەيدىغان ئادەم كاۋاپخانىغا كىرمەيدۇ-دە !
مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى بولسا بولىدىغۇ؟!
بىزدە ئوقۇتقۇچىلار كېچىچە ئۇخلىماي دىگۈدەك دەرس تەييارلايدۇ، بىر ئوقۇتقۇچى تەييارلىغان دەرسنى يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ تەييارلايدۇ، بىرسى ماڭغان يولنى يەنە بىرسى ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن قايتا ماڭىدۇ. ئۇلار پايدىلىنىشقا تىگىشىلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىدىغان بىر مۇنبەر بولسا نىمە دىگەن گۈزەل!
مەخسۇس يانفون رېمونتچىلىرى مۇنبىرى بولسا بولىدىغۇ؟!
بىز نوكىياغا ئۇيغۇرچە خەت قاچىلاش، سېستىما قاچىلاش دىگەندەك تېمىلارنى يازدۇق ۋە كۆردۇق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يانفوندا كۆرۈلگەن بارلىق مەسلىلەرنى ئورتاقلىشىپ، ئۆز – ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ھەل قىلىدىغان، بىر ئادەم تارتقان جاپانى يەنە بىر ئادەم تارتماي تۇرۇپلا نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدىغان سورۇن بولسا نە گۈزەل !
ۋە باشقا مەخسۇس مۇنبەرلەر ……
يېقىندا تېخى مۇنداق بىر ئىش پەيدا بوپتۇ، قايسىلا ناخشىنى ئاڭلىسىڭىز دابليۇ دابىليۇ دابىليۇ غاراڭغۇرۇڭ كوم دەيدىغان سەت بىر ئاۋاز قىستۇرۇقلۇق. بارلىق ناخشا بېكەتلىرى ئۆز تور بېتىگە چىقارغان ناخشىلارغا مۇشۇ گەپلەرنى قىستۇرىۋالىدىكەن. خۇددى بۇ ناخشا ئۇلارنىڭدەك… ھې ھې ھې !
گەپنىڭ نەق يېرىگە كەلسەك، تور بېكەت ئەخلەت بولغاچقا ئۇنىڭدا كۆرۈنگەن ئېلانلارمۇ ئەخلەت، تور بېكەتنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولغاچقا ئۇنىڭغا چىققان ئادەملەرنىڭمۇ ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭدا كۆرۈنگەن ئېلانلارنىڭمۇ باھاسى تۆۋەن، ئاخىرقى ھىسابتا تور بېكەتنىڭ كىرىمى يوق دىيەرلىك. ياكى Admin نىڭ جېنىنى ئاران باقالايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تورغا بولغان قىزغىنلىقى بەك يۇقىرى…. ھازىر دېھقانلارمۇ QQ ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن تورخانا دىگەن كىيۇكىيۇ خانا ياكى كىنوخانا، ئىنتېرنېت دىگەن QQ شۇ ! ، QQ دىگەن قىز بالا قوشۇپ، ياكى ئوغۇل بالا قوشۇپ پاراڭلىشىدىغان، ئېپى كەلگەندە تونۇشۇپ قالىدىغان ئوقەت!

Zanox ئېلانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

يېقىندا بەزى دوستلار گېرمانىيەنىڭ zanox ئېلانىنى سىناپ بېقىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قوللاش (ئۆزىنىڭ تىزىملىكىدە Uighurski دەپ باركەن)، دائىرسى كەڭ بولۇش ۋە ئېلان تۈرى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى باركەن. ئەمما:
ئېلاننى خالىغانچە قويالمايدىكەنمىز، گەرچە چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلانى بولسىمۇ، زانوكس شىركىتى بىزنىڭ ھىسابىمىزنى تەستىقلىغاندىن باشقا، بىز ھەر بىر ئېلاننى تور بېكەتتە قويۇشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، ئېلان بەرگۈچى تور بېتىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن تەستىقلىسا ئاندىن ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىدىكەن. تەستىقلىمىسا ئەلى موماغا ئوخشاش بۇ ئېلان ئورنى سېتىلىدۇ دىگەندەك ئېلانلا كۆرۈنىدىكەن. ياۋروپالىق سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىكى ئېلان ئورنىنى سېتىۋېلىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن.
Adsense بىلەن بولغان پەرقى:
Adsense دا سىز پەقەت بىر قېتىم گۇگولنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسىڭىزلا ھەرقانداق ئېلان تور بېكىتڭىزدە كۆرۈنىدۇ. ئېلان كۆرسىتىش ئۈچۈن ھىچقانداق تەستىق ئالمايسىز.
zanox دا سىز زانوكس شىركىتىگە ئۆزىڭىزنى تەستىقلاتقاندىن باشقا يەنە، ھەر بىر ئېلان كودىنى بېكەتكە قىستۇرۇشتىن بۇرۇن شۇ ئېلاننى بەرگۈچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەككەن.
بېرىدىغان پۇلنىڭ ئاز-كۆپلۈكى:
تەكلىماكان بلوگقا تېخى بىرەر ياۋروپالىق سودىگەر ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلمىغاچ (مەن ئىلتىماس قىپ قويدۇم، بەلكى ئەتە-ئۆگۈنگىچە بۇ پەرەڭلەر ياقتۇرۇپ قالامدۇ.) قانچىلىك پۇل بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.
ئەمما ياۋرونىڭ قىممىتى ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغاچقا بۇ بېكەتنىڭ بېرىدىغان پۇلى Google نىڭكىدىن كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.

بولمىغان بولسا بۇرۇنقى ئۇسلۇبقا كەتتۇق ئەمسە!

ئازراق يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرەي دەپ ئۇسلۇب ئالماشتۇرسام، ھىچقايسى دوستىمىز ياقتۇرماپتۇ. دوستلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن بۇرۇنقى ئۇسلۇبقا كەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇرۇنقى ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى كەڭلىكى 692 ئىدى، ھازىر ئۇنى كېڭەيتىپ 760 پىكسىل قىلدۇق. بۇرۇنغۇ بلوگۇڭ بەك تار دەپ كۆپ ئادەم كىرمەيتتى. ئەمدى بۇ كەڭ كوچىغا خېلى كۆپ ئادەم سىغىدۇ. قېنى مەرھەمەت!