ئاقسۇدىكى ئوقۇغچىلار دەسسىلىش ۋەقەسىنىڭ مەسئۇلىيتى كىمدە ؟
بۈگۈن (2010-يىل11-ئاينىڭ29-كۈنى) ئاقسۇ شەھەرلىك 5-باشلانغۇچتا ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكىغا كېتىۋاتقاندا ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلار يېقىلىپ چۈشۈپ، ئارقىدىكىلەر يېقىلغانلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ، 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچى يارىلانغان ۋە مەكتەپ ۋە باشقىلارنىڭ جىددى تەدبىر قوللىنىشى بىلەن دوختۇرخانىغا داۋالاشقا ئاپرىلغان.
ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكەن ئايدىلا تېخى يېزا ئىگلىك ئىككىنچى دىۋىزىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوخشاش ۋەقە يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يارىلانغان ۋە بىر ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئاقسۇدىكى ئوقۇغۇچىلار يېقىلىپ كەتسە ئۈستىدىن دەسسەپ يارىلاندۇرىدىغان ئىش بارمۇ؟
ئېنىقكى بۇ ۋەقەنى يۇقىرىدىن بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، چەت، يىراق بىر مەكتەپكە سۈرگۈن قىلىندۇ؟ ۋەقە يۈز بەرگەن سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدۇ، ياكى ئىشتىن بوشلىتىلدۇ.
مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى مۇنداق:
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاقسۇدا ئوقۇغان، شۇڭلاشقا ئاقسۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ماڭا تونۇش، دەرس ئارلىقىدا ئوينىلىدىغان گىمناستىكا سائەت 10 بولاتتى (ئەينى ۋاقتتا). بۇ گىمناستىكىغا چىقىش ۋاقتى 5 مىنۇت بولۇپ، ۋاقت توشقان ھامان سىنىپ مەسئۇلى ياكى باشلىقى يوقلىما قىلاتتى. كىچىكىپ قالساق ئەخلاق نومۇرىدىن نومۇر تارتاتتى. يىل ئاخىرىدا ئەخلاقسىز ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ پئونېر بولالمايتتۇق، ئۈچتە ياخشى بولالمايتتۇق. ئېغىر بولغاندا مەكتەپ مۇدىرى ئۆيگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا ئاتا-ئانىمىزنى چاقىرتىپ، بىزنى چېقىپ، ئۆيگە بارغاندا ئاھانەتكە قوياتتى. (ھازىر قانداق ئۇقمايمەن. چۈنكى بۇ ئىشلارغا ئون نەچچە يىل بوپ كەتتى.)
بىز ئۇ ۋاقتلاردا بۇ گىمناستىكىغا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن جېنىمىزنىڭ بارىچە يۈگرەيتتۇق. ئۇ چاغدا سىنىپلار بىر قەۋەتلىك بولغاچقا بىز يېقىلىپ چۈشكىدەك پەلەمپەيمۇ يوق ئىدى.
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ دەسسىلىش ۋەقەسىدە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قوللانغان تېز سۈرئەتلىك ھەركەت تۈزىمى، ئەخلاق باھالاش، يوقلىما دىگەنلەرنى مەكتەپتىكى مۇھىم تۈر قاتارىغا كىرگۈزىۋالغانلىقى سەۋەبچىدەك تۇرىدۇ.