A turkology blog

Archive for the ‘جەننەتكە ماڭدۇق’ Category

ئەيسا ۋە مۇھەممەت

بىر ئىشەك ھارۋىسى ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان قىستاڭ يولدا كېتىپ بارىدۇ. ھارۋىدا 7 ئادەم باركەن. مۇھەممەد بىلەن ئەيسامۇ بۇ ھارۋىدا بار. ئۇلار ئاكا – ئۇكا ئىدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مۇھەممەت ئەيسانىڭ ئۆيىگە كەلدى.
– ئاكا جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان. 2000 سوم بېرىپ تۇرغىن. ئىككى ئايدىن كېيىن بېرەي.
ئەيسا بىر ھازا قاقشىغاندىن كېيىن، بىر قوساقتىن چىققان ئۇكىسىنىڭ بىچارە ھالىتىگە چىدىمىدى بولغاي، پۇلنى ئېپ چىقتى. ئامما خوتۇنى كېكىردىكىنى قېقىپ، ئەيسانى چاقىردى.
– ھۆججەت يازدۇرۋالدىڭمۇ؟
– ياق. ئۇكام تۇرسا….
تاكاللىشىشلاردىن كېيىن، ئەيسا ئۇكىسى مۇھەممەتكە ھۆججەت يازدۇرۇپ، دادۇينىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدىن سۇرۇخ تېپىپ، بارمىقىنى باستۇرۋالدى.
يەتتە ئادەم ئىشەك ھارۋىسىدا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئادەملەر بۇ ئىشەككە جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ ئىشىنىپتۇ. ئىشەكنىڭ ئەقلى يوق. ئۇلارنى بىر سۆرەپلا ماشىنىغا سوقىۋەتسە نىمە دىگۈلۈك. ئەمما ئۇلار ئىشەكنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇرۇپتۇ.
چاتاق يېرى، ئاكا ئۇكىغا، ئۇكا ئاكىغا ئىشەنمەيدىكەن. ھەم ئىشەنگىدەك يەرمۇ قالمىدى.
ئىشەككە جاننى تىكىپ ئىشىنىمىزيۇ، قېرىنداشلىرىمىزغا 2000 سوم تىكىپ ئىشەنمەيمىز؟
ئىشەنگىدەك يېرى قالمىسا! ؟
……
– بانكىدىن قەرز ئالماقچىدىم، تونۇشتۇرۇش يېزىپ بەرسەڭلار..
– بەش ئادەم كېپىل بولۇپ ئىمزا قويسۇن. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان جەدۋەلنى ئېلىپ كېلىڭ.
بانكا خېرىدارلارغا ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ.
ۋاڭ بىر مىليونېر. پۇللىرىنى شىۋىتسارىيە بانكىسىغا قويىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ بانكىلارغا ئىشەنمەيدۇ. پۇل قويدىغاندا ئىش ئاسان، پۇل ئالىدىغاندا ئۇزۇن ئۆچرەت…. تېخى بەزىدە پۇل يوق! ئەتە كېلىڭ!
نىمىشقا بەش ئادەمنى كېپىل قىلغۇدەك. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى، قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆينى، مال-ۋارانلىرىنى كېپىل قىلسىمۇ يەنە بەش ئادەم تاپىدىغان گەپمۇ؟
ئىشەنگىدەك يەر قالمىدى…؟!
****
ئايمېھرى داشۆدە ئوقۇيدۇ. ئۇ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان پاك قىز.
ئاپىسىدىن تېلفون كەلدى. بۇ بىچارە بىر ئەر كىشىنىڭ ئاستىدا قىپيالىڭاچ ھالەتتە تېلفوننى ئالدى.
– بالام، جېنىم قوزام، تىنچلىقمۇ؟
– ئاپا، ھازىر ئىمتىھان بېرىۋاتقان. مەن سەل تۇرۇپ تېلفون قايتۇراي.
ئىشەنگىدەك يەر قالمىسا…؟!
*******
دوكتور جەرھات ئالى مەكتەپنىڭ پروففېسسورى.
فۇرقەت بىلەن ھاراق ئىچكىلى ماڭغاندا تېلفون كەلدى. تېلفوندىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاۋازى.
– مۇئەللىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن.
– قايسى ئىمتىھاندىن.
– ماتېماتىكا. دىدى قىز.
– ھە! كەچتە دوزاخ بىڭگۈەننىڭ 119 نومۇرلۇق ياتىقىغا كەل. ئىمتىھاندىن ئەنسىرمە. نەتىجەڭ لاياقەتلىك چىقىدۇ.
ئىشەنگۈدەك يەر قالمىسا….؟
*************
تەكلىماكان بلوگ نىمە بوپ كېتىپ بارىدۇ.
يالغان سۆز، ئالداشلار كىشىلەر ئارسىدىكى ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىپ شۇنداق ھالەتكە ئاپاردىكى… ئۇلار بىر ئىشەككە جېنىنى تىكىپ ئىشىنىدۇكى قېرىندىشىغا 2000 يۈەنلىك ئىشەنمەيدۇ.
قىز ئانىنى، ئانا قىزنى ئالدىسا بۇ قىز ۋە بۇ ئانىدىن شۇنداق بىر بالىلار تۇغۇلىدۇكى…. ئەييۇھانناس! بىلىپ قېلىڭلار ئامۇ خاس!!! چوڭ دادىمىز بىلەن قوشۇپ كۆمىۋەتكەن ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۈپەتلەپ بولالمىدىم. ئۇيغۇرچە ئاجىز تىلكەن.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ئوقۇغۇچىسىغا شەھۋەت بىلەن باقسا كەلگۈسىدە شۇنداق بالىلار تېپىلىدۇكى ئۆزىنىڭ چىرايلىق قىزلىرىنىڭ كاسىسىنى ئوماق قىزىم دەپ ئەمەس، كاساپەت بولىدىكەن! دەپ سىلاپ قويدىغان.
خۇدا !

Advertisements