A turkology blog

Archive for the ‘100’ Category

كۈندە 100 دوللار 7-بۆلۈم

«زىياەتچىلەر نەدىن كېلىدۇ؟ -1» بۇ قېتىم ئاساسلىقى بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ھەققىدە توختىلىمىز. چۈنكى زىيارەت سانى بولمىسا 100 دوللار كىرىم بولغۇدەك ئېلان چېكىلمەيدۇ. بلوگدا چوقۇم مەلۇم زىيارەت ئېقىمى بولىشى ھەم بۇ ئېقىم مۇقىم بولىشى كېرەك. خوش ! ئاۋال بىز كۈندە 100 دوللارلىق ئېلان چېكىلىش ئۈچۈن قانچىلىك زىيارەت ئېقىمى بولىشى كېرەكلىكىنى ھىسابلاپ باقايلى!
گۇگول ئېلان كېلشىمىدە ئېيتىلىشىچە تور بېكەتتىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 پېرسەنت بولسا بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. بۇ ئەڭ يۇقىرى چەك، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چېكىشكە، باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئېلان چەكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئېلان چېكىلىش نىسبىتى چوقۇم تەبئى شەكىللىىنىشى كېرەك.
بىز چېكىلىش نىسبىتىنى %5 بويىچە ھىسابلايلى.
تۆنۈگۈن يازغان «بلوگ ئارقىلىق قانچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ» ئاتلىق ماقالىدە ھەر بىر ئېلاننى تۆۋەنرەك باھادا 0.5 دوللار ھىسابلىغانتۇق. ئەسكەرتىپ قوياي. مېنىڭ بۇ يەردە دېۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «چېكىلسە ھەق ھىسابلايدىغان» ئېلان، CPM ئېلانلىرى ئۈستىدە كېيىن ئايرىم توختىلىمەن. ئەگەر تور بېكەت زىيارەت سانى كۆپ بولسا CPM ئېلانى ئارقىلىق بولىدىغان كىرىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
%5 بويچە تور بېكەتكە كۈنىگە 100 ئادەم كىرسە تەخمىنەن 5 قېتىم تەبئى ئېلان چېكىلسە بولىدۇ دىگەن گەپ. ھەر بىر ئېلاننىڭ چېكىلىشى 0.5 دوللار بولغاندا 5 قېتىم چېكىلسە 2.5 دوللار بولىدۇ. دىمەك 100 دوللارلىق ئېلان چېكىلىشى ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن ھىسابات بويىچە 200 قېتىم ئېلان چېكىلىشى كېرەك. (ئەمەليەتتە Google نىڭ بىر چېكىلىشى 30 دوللارلىق ئېلانلىرىمۇ بار، 0.5 دوللار ئەڭ تۆۋەن باھالىق ئېلانلار ھىسابلىنىدۇ. بلوگ زىيارەت سانى كۆپيىشىگە ئەگىشىپ، بلوگ مەزمۇنىنىڭ سەرخىل بولىشىغا ئەگىشىپ ئېلان باھاسى يۇقىرى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ چاغلاردا 20 قېتىم چېكىلگەن ئېلاندىنلا 100 دوللار كىرىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلار پەقەتلا تەخمىنىي ھىسابات.)
مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا بلوگقا كۈنىگە تەخمىنەن 4000 ئادەم كىرگەندە ياكى بلوگ 4000 قېتىم ئېچىلغاندا 100 دوللارلىق ئېلان چېكىلىدۇ دىگەن گەپ. ئەسكەرتىپ قوياي: بۇ 4000 قېتىم دىگىنى ھەرگىزمۇ كىرگەن ئادەم سانى ئەمەس، بەلكى كۆرۈلگەن بەت سانى، يەنى بلوگقا 1000 ئادەم كىرىپ، ھەر بىر ئادەم 4 بەتنى ئاچسا بۇ چاغدا 4000 بەت كۆرۈلۈشى بولىدۇ. مېنىڭ ھىسابلاۋاتقىنىم دەل مۇشۇ بەت كۆرۈلۈشى.
دىمەك بلوگقا كۈنىگە 3-4 پارچە ماقالە ئوقۇپ قويىدىغان ئادەمدىن 1000 كىرسە بلوگدا 100 دوللارلىق ئېلان چېكىلىدۇ. ياكى ماقالە ئوقۇمايدىغان ئادەمدىن 4000 كىرسىمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇلار پەقەت تەخمىنىي ھىسابلاش، چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈنلا بېرىلدى. بۇ سەۋەبلىك خاتا ھالدا بلوگ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساختىلىق ئىشلىتىشكە، تەبئى چېكىلىش نىسبىتىنى باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ. مەن يۇقارقى ھىساباتتىكى كىرىمگە مەسئۇل ئەمەس، سىزنىڭ كىرىمىڭىز ۋاقتى كەلگەندىن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ياكى تۆۋەن بولۇپ قېلىشى تەبئى ئەھۋال !
ئۇنداقتا بلوگدا ماقالە كۆرۈىدىغان 4000 ئادەمنى نەدىن تاپىمىز؟ زىيارەتچىلەر نەدىن كېلىدۇ؟
بۇ بۆلۈمدە «زىياەتچىلەر نەدىن كېلىدۇ؟» نىڭ يېرىمىنى سۆزلەيمەن.
زىيارەتچىلەر ئۇلىنىشتىن كېلىدۇ.
كەچۈرۈڭ، بۇ يەردە بەك مۇھىم بىر ماقالە بار، چوقۇم ئوقۇپ چىقىڭ.
Page Rank دىگەن نىمە؟
Page Rank ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇلىنىشنىڭ بلوگ ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز. دىمەك بلوگىڭىز باشقا تور بېكەتلەردا قانچە كۆپ ئۇلىنى قىلىنسا، Google دىكى ئىزدەش نەتىجىسىدە كۆرۈلۈش سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بلوگ باشقا بەتلەردە قانچە كۆپ ئۇلىنىش قىلىنسا، Page Rank قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. سىزگە يەنە بىر يېڭى خەۋەرنى دەپ قوياي. Alexa شىركىتىمۇ بۇ قېتىم Page Rank ئوخشايدىغان تېخنىكا قوللاندى. ئەگەر تور بېتىڭىزنىڭ باشقا تور بېكەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولسا Alexa دىكى ئورنىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئاخىرقى ھىسابتا نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ چۈشەندۈرىدىغىنى پەقەت بىرلا:
قانچە كۆپ ئۇلىنىش قىلىنسىڭىز، شۇنچە كۆپ زىيارەتچىگە ئېرىشىسىز.
ئۇنداقتا نەگە ئۇلىنىش قىلىمىز؟
ئۇلىنىش قىلىش مۇمكىن بولغان بارلىق تور بېكەتلەرگە !
ئۇلىنىش قىلىشنىڭ تەپسىلى ئۇسۇلى مۇنداق:
1. مۇنبەرلەردە ئۇلىنىش قىلىش:
مۇنبەرلەردە ئەزا بولغاندا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى بەلگىلەيدىغان ئورۇن بار، بۇ جايغا چوقۇم بلوگنى ئۇلىنىش قىلىڭ. مۇنبەرگە قانچە پارچە يازما يوللىغان بولسىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىشى مەزكۇر مۇنبەردە شۇنچە قېتىم كۆپىيىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بەك ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
2. باشقا تور بېكەتلەردە ئۇلىنىش قىلىش
نۇرغۇن مۇنبەرلەرنى كېزىپ قالسىىز، نۇرغۇن تور بېكەتلەردە ماقالە ئوقۇيسىز، كىنو كۆرىسىز ۋە ياكى باشقا ئىش قىلىسىز، بۇ جەرياندا سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مەلۇم بىر ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك نەرسە ئۇچراپ قالسا، ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدىكى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ، ئاپتورغا تولۇقلىما بېرىپ قويسىڭىز، ياكى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يازما يوللاش ئارقىلىق ئېلان بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدىكى باشقىلارغا پايدىسى زور تېمىلارنى مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاپ، ئاستىغا ياكى مۇۋاپىق ئورۇنغا مەنبە ئۇلىنىشىنى بەرسىڭىز بولىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى بۇ ئۇسۇلنى توغرا ئىشلىتىڭ، قەستەن مۇنبەرلەرنى ئەخلەتلەشتۈرمەڭ. بلوگنىڭ ئىناۋىتىگە دىققەت قىلىڭ. مۇنبەر باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىڭ. قەستەن كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلان قىستۇرماڭ. بلوگىڭىزغا مۇنبەر ئەزالىرىمۇ ئامراق بولۇپ قالسۇن.
3. مەخسۇس ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش بەتلىرىدە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇڭ. بۇنىڭغا «ئارامگاھ بلوگ» دا يېزىلغان «پۈتۈن دۇنيا بلوگىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىڭ» دىگەن ماقالە ياخشى ئۈلگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Backlinks.com ۋە نۇرغۇن LinkExchange دەيدىغان تور بېكەتلەر بار. ئەگەر خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچىدە ئانچە مۇنچە بىر نەرسە چۈشىنەلسىڭىز 桥换连接 ياكى Link Exchange دەپ ئىزدىسىڭىز مەخسۇس دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش قوراللىرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. قانچە كۆپ ئۇلىنىشقا ئېرىشسىڭىز شۇنچە ياخشى.
بۇنداق ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش قوراللىرىنىڭ ئەۋزەللىكى :
سىز 1000 ئۇلىنىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بلوگدا 1000 بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت «ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش سۇپىسى» نىڭ مەلۇم كودىنى بلوگقا قىستۇرسىڭىزلا كىچىككىنە بىر جايدا 1000 بلوگ دەۋرىلىك ھالدا ئايلىنىپ كۆرۈنىدۇ. سىزنىڭ بلوگىڭىزمۇ سىزدىن باشقا 999 بلوگدا كۆرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداقلا ئاددى.
بۇ ماقالىنى ئوقۇڭ. (ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئارامگاھتا تۇرىۋەرمەي، تەكلىماكان بلوگقا قايتىپ كېلىڭ ھە ! ھا ھا ھا . ) ئارامگاھ ئەپەندىگە ئازراق چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
4. تور بەتلەر ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش
باشقا بلوگ يازغۇچى (تۇراۋۇل) لار بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇڭ. IM دا پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلىنىش ئالماشتۇرشنى مەسلىھەتلەشسەڭلار بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ھەرگىز باشقىلارنى ئالداپ بىر مەزگىل باشقىلارنىڭ تور بېتىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇپ، ئۇلىنىشقا ئېرىشىۋېلىپ ئۆچۈرۋەتمەڭ. يۈزسىزلەر ھامان مەغلۇپ بولىدۇ.
ئۇلىنىش قىلىش ھەققىدە مەن يازغان «دوستانە ئۇلىنىش قىلىش ئۇسۇلى» دىگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
چوقۇم تەپسىلى ئوقۇڭ. پايدىسى بار.
5. باشقا بلوگدا ئىنكاس يېزىش
ھەرقانداق بىر بلوگنىڭ يازما ئاخرىدا ئىنكاس يازىدىغان ئورۇن ۋە «ئات»، «بلوگ ئادرېسى» نى تولدۇرىدىغان ئورۇن بار، سىز ھەرقانداق سەۋەب بىلەن باشقا بلوگلاردا ماقالە ئوقۇپ قالسىڭىز چوقۇم ئىنكاس قالدۇرۇڭ. ئىنكاس قىسقا بولسىمۇ مەيلى، ئەمما بلوگگىرنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىغان تەغدىردىمۇ قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ. ئىنكاس قالدۇرغاندا چوقۇم «بلوگ ئادرېسى» دىگەن ئورۇنغا ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ ئادرېسىنى توغرا يېزىڭ.
بۇنىڭ رولى بەك چوڭ. 365 كۈندە 365 ئىنكاس يازسىڭىز، سىزنىڭ بلوگىڭىز 365 ئۇلىنىشقا ئېرىشتى دىگەن گەپ، ئەگەر كۈنىگە 10 ئىنكاس يازسىڭىز بلوگىڭىز 2 يىلدىن كېيىن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەنلا 10000 غا يېقىن ئۇلىنىشقا ئېرىشىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئۇلىنىشلارنىڭ ھەممىسى Google ۋە باشقا ئىزدەش ماتورلىرىدا بلوگىڭىزنى كۆپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇلىنىشلاردىن باشقىلار كىرىدۇ. سىز باشقا تور بەت ۋە بلوگدا قالدۇرغان ھەر بىر ئىنكاس بلوگىڭىزغا بارىدىغان يول بەلگىسىگە ئوخشايدۇ.
باشقا بلوگلارغا كىرىپ قالسىڭىزلا كەم دىگەندە بىر دانە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بلوگ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇشنى ھەم ئۇنۇتماڭ. بلوگ ئادرېسىڭىزنى ئىنكاس رامكىسىغا ئايرىم يېزىپ قويۇش ھاجەتسىز، ئادرېس يازىدىغان كاتەكچىگە يېزىڭ.
ئىنكاسنىڭ يەنە بىر ئالاھدىلىكى شۇكى بلوگىر سىزدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر ئۇلىنىشتىن ھىچكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كىرمىگەن تەغدىردىمۇ بلوگ يازغۇچى چوقۇم بىر قېتىم كىرىپ باقىدۇ.
مەسلەن جۇڭگودىكى داڭلىق بلوگ 每日英语 گە بىر قېتىم ئىنكاس يېزىپ قويسام، يازغۇچىسى تەكلىماكان بلوگنى ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئۇلىنىش قىپ قويۇپتۇ. كېيىن ئامېرىكا ئېنگلىز تىلى ۋە تەكلىماكان بلوگ ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. بۇنداق داڭلىق، زىيارەت سانى يۇقىرى بلوگلاردا ئۇلىنىشقا ئېرىشىشنىڭ قانچىلىك ئېسىل ئىشلىقىنى كىرىم كۆپەيگەنسىرى ھىس قىپ قالىسىز.
http://blog.beanwoo.com/english/content/addlinks بۇ بەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئەڭ ئاستىدا تەكلىماكان بلوگنىڭ نامىمۇ بار.
ئىنكاسنى قانداق بلوگلاردا يازسا پايدىلىق؟
مەيلى قانداق بلوگ بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئىنكاس يازسىڭىزلا بلوگىرغىمۇ، سىزگىمۇ پايدىلىق، ئەمما زومۇزو قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ. ماقالە ئوقۇسىڭىز يېزىڭ، ئوقۇمىسڭىز يازماڭ. ئۆتكەندە سەلكىن مۇنبىرىگە «Facebook» ھەققىدە بىر ماقالە يازسام، «ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەمدۇ؟» دەپ بىر پارچە ئىنكاس تۇرىدۇ. ھىچنىمىنى ئوقۇمايلا، قالايمىقان جۆيلۈپ قويۇش ئىناۋىتىڭىزنى تۆكىدۇ. بلوگدىن ئىبارەت كارخانىڭىزغا «ئەخلەت» ماركىسى چاپلايدۇ. شۇڭلاشقا سەمىمىي بولۇش كېرەك.
زىيارەت سانى قانچە يۇقىرى بولغان بلوگلاردا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز، بلوگىڭىزنىڭ Page Rank قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خۇددى دۇكاننى بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە ئاچقاندەكلا ئىش. ھىچكىم كىرمەيدىغان تور بەتكە ئىنكاس قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە شۇ شەھەرنىڭ سىرتىغىراق دۇكان ئاچقاندەك ئىش !
6. ئېلان بېرىش
ئۆتكەندە يوليار تورى ھەقسىز ئېلان قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى، تور بېكەتلەردىكى مۇشۇنداق ھەقسىز ئېلان قوبۇل قىلىدىغان «ئېلانلار»غا دىققەت قىلغاچ تۇرۇڭ. دەل ۋاقتىدا ئېلان بېرىڭ. گەرچە بۇنداق ھەقسىز ئېلان قوبۇل قىلىدىغان تور بېكەتلەر تېخى ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن، يېڭى بولسىمۇ، مۇشۇ سەۋەبتىنلا سىزگە كېلىدىغان زىيارەتچى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بۇ سەۋەبتىنلا مەزكۇر يېڭى بېكەتنىڭ باشلىقى بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىڭىز ياكى دوست بولۇپ قېلىشىڭىز، ھەمدە مەڭگۈلۈك مۇقىم دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرالىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا ھەقلىق ئلانمۇ بېرىڭ. ئەلۋەتتە بۇ تۈرنى تۇنجى قېتىملىق ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان دوستلارغا تەۋسىيە قىلمايمەن. سىز تۇنجى قېتىملىق پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئۇنىڭغا چىقىنسا بىر دانە يانكومپيوتېر ئېلىڭ، ئاشقۇدەك بولسا ئېلان بېرىڭ. ئەگەر يان كومپيوتېرغا چىقىنمىسا يېرىمىغا ئېلان بېرىڭ. يېرىمىغا سوغاق ئىچىملىك ۋە باشقا سىز ياقتۇرغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بلوگ يازىدىغان كومپيوتېر بار ئۈستەلنىڭ يېقىنراق يېرىگە قويۇپ قويۇڭ (سوغاق ئىچىملىكلەرنى توڭلاتقۇغا).
نۇرغۇن ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ۋە بېكەتلەر ئەرزان باھادىلا ئېلان قوبۇل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئېلان كۈچىنى تۆۋەن چاغلىماڭ. بىلىك كۇلۇبىنىڭ 10000 دىن ئارتۇق ئەزاسى باركەن. ئەز ئەمەسلەرنى 10000 دىسەك، بۇ تور بەتتە 20000 ئادەم بار دىگەن گەپ. ئېلان بەرسىڭىز 20000 ئادەمگە ئېلان بەرگەن بولىسىز. بىر ناھىينىڭ رادىئو ئىستانىسسىغا 10000 يۈەن تۆلەپ بىر ئاي ئېلان بەرسىڭىز، بۇ ناھىيىدە 20000 ئادەم رادىئو ئاڭلامدۇ يوق، ھەي تاڭەي!
ئەگەر ئېلان كىرىمىڭىز يۇقىرىراق بولسا Google Adwords غا ئېلان بېرىڭ. بۇ يەرشارىدىكى ئەڭ ياخشى ئېلان سۇپىسى، ئەڭ تۆۋەن ئېلان بېرىش ھەققى 100 يۈەن. ئېلاننىڭ ھەر بىر چېكىلىش باھاسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. سىز بەرگەن ئېلانلار Adsense ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تور بېتىدە كۆرۈنىدۇ.
ئەمما دىققەت قىلىڭ. Adsense تىن تۇنجى قېتىملىق پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ھەرگىز ھەقلىق ئېلان بەرمەڭ.
7. «ماقالە كۆچۈرۈش» ئارقىلىق ئۇلىنىش قىلىش.
تەكلىماكان بلوگدىكى ھەر بىر پارچە ماقالىنىڭ ئاستى قىسمىدا «ئىشلىتىش» دەيدىغان بىر تۈر بار، مەزكۇر تۈرنى چېكىپ، ئۆزىڭىز يازغان ماقالىدە تەكلىماكان بلوگدىكى ماقالىدىن نەقىل ئالالايسىز. مۇشۇ ئۇسۇلدا نەقىل ئالسىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ۋە تەكلىماكان بلوگدا ئۆز – ئارا بىر قوش يۆلىنىشلىك ئۇلىنىش ھاسىل بولىدۇ. بۇنداق قوش يۆلىنىشلىك ئۇلىنىشلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇلىنىش قىلىنغان تور بېكەتلەرنى Google ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىغىراق تىزىدۇ.
باشقا تور بېكەتلەردىن ماقالە كۆچۈرۈپ كەلگەندە مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ. ۋە مەنبە ئەسكەرتىلمىسىگە ئەسلى تور بەتنىڭ ئادرېسىنى ئۇلىنىش قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ تور بېتىدە «ئۇلىنىش ئىز قوغلاش» ئىقتىدارى بولسا سىزنىڭ تور بېتىڭىزمۇ قارشى تەرەپ تور بېتىدە ئاپتوماتىك ئۇلىنىش قىلىنىدۇ. «ئۇلىنىش ئىز قوغلاش» ھازىرقى تور پروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك بار، شۇڭلاشقا ماقالە كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇش، ئەسلى تور بېكەتكە نىسبەتەن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، سىزگىمۇ كۆپ پايدىلىق.
8. يېڭى مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق ئۇلىنىش قىلىش
تور دۇنياسىدا ھەر كۈنى يېڭى شەيئىلەر پەيدا بولىدۇ، يېڭى – يېڭى پروگراممىلار تورداشلارغا سۇنىلىدۇ. مەسلەن پالانچى تورى پۇكۇنچى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدۇق. دىگەندەك. سىز بۇنداق مۇلازىمەتلەرگە قىززىقىپ كەتمىسىڭىزمۇ، دەرھال ئالدىنقى مېھىمان سۈپىتىدە كىرىپ، بىر پارچە بىر نىمە يېزىپ، بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىنى بېرىپ قويۇڭ. بۇ يېڭى ياخشى تور بېكەتلەرنى قوللىغانلىق بولىدۇ ھەم تور بېتىڭىز ئۈچۈن يېڭى بىر يول بەلگىسى تىكلىگەنلىك بولىدۇ.
9. تۇرمۇشتا ئۇلىنىش قىلىڭ.
ئەگەر سىز مەلۇم شىركەتنىڭ خادىمى ياكى …. ئىشقىلىپ سىز بىرەر ئىش قىلىسىزغۇ ! شۇنداق بولغانكەن ئىسىم كارتۇچكىڭىزدا چوقۇم بلوگ ئادرېسڭىز بولسۇن، چۈنكى سىزنىڭ بلوگىڭىز كۆپۈنچە ئۆز كەسپڭىز ھەققىدە. بۇنداق ئۇسۇلدا توپلانغان زىيارەتچى بلوگقا مەڭگۈلۈك ئورناپ كېتىدۇ. قوغلاپمۇ چىقىرۋىتەلمەيسىز.
ئەگەر ئوقۇتقۇچى، ياكى ناتىق، دوختۇر، مەسلىھەتچى، تېخنىك دىگەندەك خادىم بولسىڭىز باشقىلارغا دەرس سۆزلىگەندە، مەسلىھەت بەرگەندە ئۆزىڭىز بەرگەن مەسلىھەت، ئۆتكەن دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا «بلوگىمدا بۇ ھەقتە تەپسىلى ماتېرىيال بار» دەپ قوشۇپ قويۇڭ، ھەم ئادرېسىنى دوسكىغا (ئۇلارنىڭ تېلفون دەپتىرىگە، ياكى قەغەزگە) يېزىپ بېرىڭ. ھەم ئۇلار بلوگنى ئېچىشتىن بۇرۇن. ئۇلارغا بەرگەن مەسلىھەت، ئۆتكەن دەرس ھەققىدىكى تەپسىلى ماتېرىيال بولسۇن.
دىققەت: بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىمەن دەپ، سىنىپتا ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىنى قالايمىقان تەشۋىق قىلىپ دەرس سۈپتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە قەتئى بولمايدۇ. پەقەت زۆرۈرىيەت تېپىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بلوگىڭىزدا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، ئىلىم-پەن خاراكتېرلىك، كۈچلۈك جەلىپ قىلارلىق ماقالە بولسۇن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قالايمىقان سۆزلەپ ئۆزىڭىزنى لاۋزا قىلىۋالماڭ.
قەغەزدىن كېلىدىغان ئۇلىنىش تور بەتتىن كېلىدىغان ئۇلىنىشقا قارىغاندا تېخىمۇ دەل ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئەگەر قولىڭىزدا مۇناسىۋەتسىزلا بىر ئىسىم كارتۇچكىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى تور ئادرېسىغا كىرىپ بېقىش ھەرقانداق بىر تور زىيارەتچىسىنىڭ ئادىتى.
…. «زىيارەتچىلەر نەدىن كېلىدۇ؟» نىڭ ئالدىنقى قىسىمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. داۋامى بار.
بۇ يەردە يەنە ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي: كۈنىگە 100 دوللار تېپىشنى چىن كۆڭلىدىن ئىرادە قىلغانلارغا مەن ھەرۋاقت سەمىمىي تەكلىپ ۋە ياردەملەرنى بېرىمەن. «يالغانمىدۇ، راستمىدۇ؟» لار بىلەن ئەمدى خوشام يوق! ئۇنداق نىيىتى يوقلارنىڭ ئارتۇقچە ۋاقت سەرپ قىلىپ، بۇ يازمىغا ئەگىشىپ ئولتۇرماسلىقىنى ئۈمد قىلىمەن.
بۇ يازمىغا نىسبەتەن مۇجمەل چۈشەنچىدە بولۇپ قالغانلار ئاۋال ئوڭ تەرەپتىكى «كۈندە 100 دوللار» دىگەن تۈرنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى 1-بۆلۈمدىن باشلاپ تەپسىلى ئوقۇڭ.

Advertisements

كۈندە 100 دوللار تېپىش 6 – بۆلۈم

بلوگقا ئادەم باشلاپ كىرىشنى ئېتىزغا سۇ باشلاپ كىرىشكە ئوخشىتىش مۇمكىن. باشلامنى ئاچسىڭىزلا تۇلغۇن سۇلار ئېتىزغا قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. توردا دەل باشلامدا تۇلغۇنۇپ تۇرغان تورداشلار بەك كۆپ، سىز پەقەت مۇۋاپىق ئەڭ دەل ئورۇندىن باشلامنى ئېچىۋەتسىڭىزلا بۇ تۇلغۇن زىيارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بلوگىڭىزغا ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ.
بلوگدا 100 دوللار كىرىم بولىشى ئۈچۈن ئالدىنقى قېتىم تەكىتلەنگەن بلوگنىڭ سەرخىل يازمىلىرى بولۇش، بلوگنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبى بولۇش، بلوگنىڭ ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتى بولۇش ۋە ئىجادىي بولۇشتىن باشقا بلوگقا چوقۇم 100 دوللارلىق ئېلان چېكىپ بەرگۈدەك ئادەم بولىشى كېرەك. ئۇنداقتا بۇ ئادەملەرنى نەدىن تاپىمىز ؟ قانداق تاپىمىز ؟ كىمنى تاپىمىز ؟ نىمە ئارقىلىق تاپىمىز ؟ بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى بىرلا ! بىز 100 دوللارلىق ئېلان چەككۈدەك ئادەم تاپمايمىز ! ھەم ئىزدىمەيمىز ! بەلكى 100 دوللارلىق ئېلان چېكىپ بەرگۈدەك ئادەملەر بىزنى تاپىدۇ، بىزنى ئىزدەيدۇ. بىزنىڭ بلوگنى ئۆزى تاپىدۇ. سۇئالنىڭ جاۋابى ئېنىق بولغاندۇ ! دىمەك بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ بلوگىڭىز باشقىلار ئەڭ ئاسان تاپالايدىغان ئورۇندا بولىشى كېرەك. ئەڭ دەل مەزمۇنلار يىغىلغان بولىشى كېرەك، ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلدا تاپقىلى بولىدىغان بولىشى كېرەك.
1. مۇھىم نۇقتا بلوگ ئادرېسى ۋە بلوگ نامى
بلوگ ئادرېسى بلوگنىڭ URL ئادرېسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس. دەل تورغا چىققاندا يازىدىغان http://www.tekli.cn دىگەندەك ئادرېس شۇ. سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭمۇ چوقۇم مۇشۇنداق بىر ئادرېسى بولىدۇ. بۇ ئادرېس ئامال بار بلوگ نامى بىلەن بىردەك بولىشى، بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ تىلىدا بولىشى، ئەگەر بلوگ ئۇيغۇرچە بولسا چوقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر (لاتىن) ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان بولىشى كېرەك. ئەگەر بلوگ خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدا بولسا چوقۇم ئامال بار خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچە ئۆلچەملىك ياكى بىر قەدەر ئۆلچەملىك سۆز بولىشى كېرەك. قىسقارتىلغان سۆز بولسىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەملەر بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكۈدەك ياكى ئاسانلا ئەستە قالدۇرالىغۇدەك بولسۇن ! مەسلەن تەكلىماكان بلوگنىڭ ئادرېسى : bilig.blogspot.com بىر مەزگىل باش بلوگ ئېچىلماس بولۇپ قالغاچقا مەن http://www.tekli.cn نامىدا تەكلىماكان بلوگ (ئاسىيا) نى قۇردۇم. بۇ پەقەت ئاسىيادىكى زىيارەتچىلەرنىڭ ئادرېسى، بۇ ئادرېس BSP تەمىنلىگۈچى يېتىپ قالمىسىلا ئۆزگەرمەيدۇ. بلوگ ئادرېسىنى قەتئى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئۆزگەرتسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى دەپ بېرەيمۇ ؟
URL ئۆزگەرگەنلىكتىن ئىزدەش ماتورلىرى خاتا ئىزدەيدۇ، ياكى ئىزدەش نەتىجىسى تېپىلمايدۇ.
RSS ئۆزگەرگەنلىكتىن بارلىق كونا ئوقۇرمەنلەردىن ئايرىلىپ قالىسىز.
URL ئۆزگەرگەنلىكتىن بارلىق ئەستە ساقلىۋالغانلارنىڭ ئېسىدە خاتا ئادرېس قالىدۇ.
بىر دۇكاننىڭ كونا خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تاقىلىپ قالىدۇ ياكى ۋەيران بولىدۇ. بلوگمۇ ئوخشاش ! ھەممىنى باشتىن باشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ! قەتئى داۋاملاشتۇرۇش دەيدىغان گەپ بار.
شۇڭلاشقا بلوگ تەمىنلىگۈچى ۋە بلوگ سۇپىسىنى دەسلەپتە ياخشى تاللاش. بولسا ھەقلىق تور نامى ئېلىش، ئادرېس ۋە بلوگ نامىنى قەتئى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بىر يىل، بەش يىل، ئون يىلدىن كېيىنمۇ ئوخشاش بىر نام، ئوخشاش بىر ئادرېس ۋە ئوخشاش بىر سىز بىلەن بىللە تۇرالىغان بلوگنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ ياكى ماڭا 10 يىلدىن بۇيان ئوچۇق، مۇقىم تۇرۇپ زىيارەت سانى شىددەت بىلەن ئاشمىغان بىرەر تور بېكەتنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟ سىزگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي، Google ۋە Yahoo دەيدىغان ئىزدەش ماتورلىرى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن infoseek دەيدىغان بىر ئىزدەش ماتورى بار ئىدى. يەر شارىدىكى بارلىق تور دەرسلىكلىرىدە مۇشۇ ئىزدەش ماتورى ئاجايىپ ماختىلاتتى. 2001 – يىلى مەزكۇر ئىزدەش پروگراممىسىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى تور بېتىدە 13 ياشلىق بىر قىزنى ئالداپ باسقۇنچىلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى بىلەن بىرگە شەرمەندە بولدى، ھەممە تورداش بۇ تور بەتنى ئۇنتۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاجايىپ شۆھرىتى يوقالدى.
بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەي. ئىشقىلىپ ئادرېس بىلەن بلوگ ئېتى بەك مۇھىم، بۇلارنى ياخشى تاللاش ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرتمەسلىك مۇمكىن بولسا ماركا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىش كېرەك.
http://xj52oe.ifd.com دىگەندەك ھىچقانداق سۆز بولمايدىغان ياكى ھىچقانداق مەنە بىلدۈرمەيدىغان ھەرپ تىزمىلىرىنى بلوگ ئادرېسى قىلىپ تاللىماڭ. ئۇيغۇرچە بلوگ ئادرېسى چوقۇم UKIJ تەشۋىق قىلغان ئۆلچەملىك ئۇيغۇر (لاتىن) يېزىقىدا بولسۇن.
2. بلوگنى ئىزدەش ماتورلىرىغا يوللاش.
بەيدۇ، ياھۇ، گۇگول ۋە باشقا ئىزدەش ماتورلىرى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئاپتوماتىك ئىزدىمەيدۇ. سىزگە بىر گەپنى دەي. ھازىر تەكلىماكان بلوگنىڭ 40 پېرسەنتتىن ئارتۇق زىيارەتچىسى Google ئىزدەش نەتىجىسى ئارقىلىق كىرىۋاتىدۇ. تەكلىماكان بلوگنىڭ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىزدەش جەھەتتە قانداق نەتىجە قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئۆتكەن ئايدا مەن تەكلىماكان بلوگدا Google.cn نىڭ ئىزدەش رامكىسىغا «تەكلى» دىگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ بولغۇچە «تەكلىماكان بلوگ» دىگەن سۆز ئاپتوماتىك كۆرىنىدۇ ۋە 6200 بىردىنبىر تەكلىماكان بلوگقا ئۇلىنىدىغان ئىزدەلگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنى كۆرسىتىدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدىم. سىز دەرھال http://www.google.cn نى ئېچىپ قايتا قاراپ بېقىڭ. بۇ بىر ئاي ئىچىدە بۇ سان شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 12000 غا يەتتى. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

دىمەك ئىزدەش ماتورلىرىغا تور بېتىمىزنى يوللىشىمىز، مۇمكىن بولسا بارلىق ئىزدەش ماتورلىرىغا ھەر ئايدا بىر قېتىم يوللاش ۋە ئىزدەش ماتورلىرىنى باشقۇرۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ، تور بېتىمىزنى ئىزدىگەن ئىزدىمىگەنلىكىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرىشىمىز كېرەك. بۇلارنى قانداق كۆزىتىش ھەققىدە بلوگ ھۈنەرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەردە ماقالە بار.
Google غا ئىزدەش ماتورىغا بلوگ يوللاش
Google تور بەتلەر مۇندەرىجىسىگە بلوگنى يوللاش
Google بلوگ ئىزدەش ماتورىغا بلوگنى يوللاش
بەيدۇغا بلوگ يوللاش
Hao123.com غا بلوگ يوللاش
Yahoo (جۇڭگو) غا بلوگ يوللاش
Yahoo (خەلقئارا) غا بلوگ يوللاش
MSN غا بلوگ يوللاش
Live.com غا بلوگ يوللاش
Accoona غا بلوگ يوللاش
(يۇقارقىلار بىلىك كۇلۇبىدىكى Jewlaniy ئەپەندىنىڭ كۈندە يۈز دوللار 1-پەسلدىكى 221 – قەۋەت ئىنكاسىدىن ئېلىندى)
يۇقارقىلار مەن بىلىدىغان ۋە ئالېكسادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىزدەش ماتورلىرى. سىزگە شۇنى دەپ قوياي. بۈگۈن بلوگنى يوللاپ بولۇپلا ئەتىسى مەندىن نىمىشقا مېنىڭ بلوگىمنى تاپمايدۇ دەپ سورىماڭ ! ئىزدەش ماتورلىرى ھەر ھەپتىدە قەرەللىك بارلىق يوللانغان تور بېكەتلەرنى ئاختۇرۇپ چىقىدۇ، ئەگەر يېڭى مەزمۇن بولسا تاپىدۇ، يېڭى مەزمۇن بولمىسا تاپمايدۇ، باشقا تور بېكەتلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مەزمۇنلار بولسىمۇ تاپمايدۇ. شۇڭلاشقا بلوگنىڭ ئىجادىي بولىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بارلىق ئىزدەش ماتورلىرى چوقۇم سىزنىڭ تور بېكىتڭىزنى قوشىۋالىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن. ئەگەر تور بېكىتىڭىزدە ئەخلاقسىز يازمىلار بولسا قوشماسلىقى مۇمكىن. بەيدۇ ۋە Yahoo (جۇڭگو) قاتارلىقلار ئۇيغۇرچە بلوگنى قوشمايدۇ. ئەمما خەنزۇچە بولسا بۇلارغىمۇ قوشۇڭ. Google ۋە Yahoo باش بېكەتلىرى قانداق بلوگ بولىشىدىن، قانداق تىلدا بولىشىدىن قەتئىنەزەر قوشىدۇ. Live.com مۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر بىر ئايغىچە زادى قوشالمىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئۈچ كۈنگىچە قوشمىسا قايتا يوللاڭ. قايتا قايتا يوللاڭ.
سىزنىڭ بلوگىڭىزنى مەزكۇر ئىزدەش ماتورى قوشتىمۇ ياكى قوشمىدىمۇ قانداق بىلىمىز ؟
جاۋاب : سىز قوشقان ئىزدەش ماتورىنىڭ تور بېكىتىنى ئاچىسىز مەسلەن : http://www.google.cn ئاچقاندىن كېيىن بلوگ ئادرېسىنى ياكى بلوگ نامىنى ئىزدەش رامكىسىغا چاپلايسىز مەسلەن : «تەكلىماكان بلوگ» چاپلىغاندىن كېيىن ئىزدەيسىز، ئەگەر قوشىۋالغان بولسا ئەڭ كەم دىگەندە سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئۇلانغان بىر دانە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئىزدەش نەتىجىسى چىقىدۇ. ئەگەر قوشىۋالمىغان بولسا ھىچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ ياكى ئىزدەش نەتىجىلىرىنىڭ سىزنىڭ بلوگىڭىز بىلە پەقەتلا ئالاقىسى يوق ! پەقەتلا ئالاقىسى يوق ئىزدەش نەتىجىسى نىمە ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى سىز باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بىر بلوگ نامىنى ئىشلەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
ئىزدەش ماتورىغا بلوگنى قوشىۋەتسەكلا ئىش پۈتەمدۇ؟ ئىزدەش ماتورىغا بلوگنى قوشىۋەتسەكلا ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق سۆز بولسا چوقۇم بىزنىڭ بلوگنى بىرىنچى قاتارغا تىزامدۇ؟ بىزنىڭ بلوگنى ئىزدىسلا چوقۇم بىزنىڭ بلوگقا ئادەم كىرەمدۇ؟
بۇ سۇئاللارغا «كۈندە 100 دوللار 7- بۆلۈم» دە جاۋاب بېرىمەن. ۋە قانداق قىلىپ ئىزدەش ماتورىدىن ئەڭ كۆپ ئادەم باشلاپ كېلىشنى ئۆگىتىمەن.
خەير، داۋامى بار !

كۈندە 100 دوللار تېپىش 5- بۆلۈم

«جەررى ئالونزى بلوگ ئارقىلىق مىليونېر بولدى» – نىكى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شىتاتىدا تۇرۇشلۇق Jerry Alonzy ئاتلىق كىشى ئۆزىنىڭ «ياراملىق ئەر» ئاتلىق بلوگىدا Adsense ئېلانى قويۇپ مىليونېر بولدى. ئالونزى ئەسلىدە باشقىلارنىڭ يۈگۈر يىتىم ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدىغان كىرىمى تۆۋەن ئادەم ئىدى. ئۇ لوس ئانجىلىسنىڭ ھارتفورد رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق. ئۇ كېيىن Google نى بايقىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.
ئالونزى بۇ يىل 57 ياش، ئۇنىڭ ھازىر Adsense ئېلانىنى بلوگىغا قويۇشتىن كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 120,000 $ دىن ئاشىدۇ. (مەن بۇلارنى كۆرگەندە سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم، ئەسلىدە Adsense ئارقىلىق ئۇششاق-چۈششەك كىرىملەرگە پۇل تېپىپ قويارمەن دەپ ئويلاپتىم. ئەمما بۇ ھەقىقەتەن پۇل تېپىشتىكى ياخشى يولكەن- تەكلىماكان) .
ئالونزى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى ئىككى سائەت ياكى ئۈچ سائەت ۋاقتىمنى بلوگ ئۈچۈن سەرپ قىلىمەن. ماڭا لازىم بولىدىغىنى پەقەتلا بىر تورغا چىقالايدىغان يانكومپيوتېر. ئاندىن پۇل چېكى ئۆزى كېلىدۇ.
تور ئارقىلىق پۇل تېپىش ياشلارنى ئانچە بەك قىززىقتۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئالونزىغا ئوخشاش قېرىغانلار ھەر كۈنى بىر – ئىككى سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزەلىشى مۇمكىن.
جەررى ئالونزى ھەققىدە سورالغان سۇئالغا جاۋاب بېرىم مۇنداق دېدى Google Adsense بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى كىم سكوت ئەپەندى : «Google سويمىلارنىڭ ئويۇنچىقى» دىگەن گەپنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتتى. بىزنىڭ ئېلان سۇپىمىز ئالونزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە يامان ئەمەس كىرىم باشلاپ كېلىۋاتىدۇ. مەن Jerrold Foutz ئىسىملىك بىر كىشىنى مىسالغا ئالاي. ئۇ ئىلگىرى ئېنجىنېر ئىدى، 75 يېشىدا تور بەت ياساشنى ئۆگەنگەن، ئۇ ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تور بېكەت ياساپ بارلىق كەسپى تەجىربىلىرىنى ئېلان قىلدى. smpstech.com ئۇنىڭ تور بېكىتى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن Adsense ئېلانى قويدى، ئېلان قويغان تۇنجى ئايدا 800 دوللارنىڭ چېكىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئىككىنچى قېتىم تاپشۇرۋالغان چەكتىكى پۇل سوممىسى 2000 دوللار ئىدى.
جەررولد فوتز ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : مەن يىلىغا 50 دوللار بېرىدىغان ۋاقىتتىمۇ ئىشلىگەن. ھازىرقى ئايدا 2000 دوللار ئالىدىغان ئىشنى قانداقمۇ ئىلگىركى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن.
قېرىغاندا تور بىلىملىرىگە قىززىققان بۇ كىشى خوتۇن بالىلىرىنى قويۇپ، تور بەت ياساشنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ھازىر يىمەك-ئىچمەك ھەققىدكى بىر تور بېكىتى يىلىغا 90000 دوللار كىرىم قىلىدۇ.
Adsense ئارقىلىق كىرىم قىلىش بەك ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، ئەمما ھەممە ئادەم ئۇنداق قىپ كېتەلمەيدۇ.
بولدىلا بۇ ماقالىنى مۇشۇ يەرگىچە تەرجىمە قىلاي. مەنبەسى
———
ئەمدى نىمە دىسەم بولار !
بىلىك كۇلۇبىغا «كۈندە 100 دوللار تېپىش» ئۇسۇلىنى يوللىسام ھازىرغىچە بەزىلەر «ساراڭنىڭ خىيالى» غا ئوخشىتىپتۇ. مەن تەكلىماكان بلوگدا ھەر كۈنى كىرىم قىلىۋاتىمەن. بۇنىسى ئېنىقكى ھەرگىزمۇ 100 دوللارغا يەتمەيۋاتىدۇ. ئەمما 1 دوللاردىن ئاز تاپقان كۈن پەقەتلا بولمىدى (مۇشۇ يىلدا). بەزىلەر بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى قېنى دەپ بەك تىت – تىت بولىۋاتىدۇ. مەن بۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنمەيلا قالدىم. ھازىرغىچە بۇ ماقالىنى بىر نەچچە بۆلۈم يازدىم. ھەر بىر بۆلۈمدە ئەڭ ئاددى ئۇسۇللار ۋە قەدەم باسقۇچلارنى ئامالنىڭ بارىچە تورداشلار چۈشىنەلىگۈدەك دەىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇپ يازدىم. بىراق ھازىرغىچە «ئارامگاھ بلوگ» ۋە «ئاينۇرى بلوگ» دىن باشقا تەلەپكە يەتكەنراق بلوگنى ئۇچراتمىدىم. مەن باشتا ئېيتقانغۇ، ئاۋال مەن دىگەندەك قىلىڭ، مەزكۇر ماقالىگە باشتىن ئاياغ ئەگىشىڭ. ئاخىرىدا پۇل تاپالمىسىڭىز ئاندىن نىمە دەپ غەيۋەت قىلسىڭىز مەيلى !
ماقالە ئەڭ كەم دىگەندە بىر ئادەم ئاللىبۇرۇن تەكىتلەنگەن قەدەملەرنى ئورۇندىماي تۇرۇپ داۋاملاشمايدۇ ئەلۋەتتە !
جاپا تارتىپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقىمىكىن. بىزنىڭ پۇل تېپىشتىكى ئۇسۇلىمىز، پۇل تېپىشقا بولغان كۆز قارىشىمىز، پۇل تېپىش ھەققىدكى چۈشەنچىمىز بەكلا تاركەن. بىزچە بولغاندا 100 سوم تېپىش ئۈچۈن ياكى بىرەرسىگە ئېغىر تاغارنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشىمىز، ياكى بىر نەرسىنى ئەرزان ئېلىپ كىلىپ، قىممەترەك سېتىشىمىز، ياكى تاڭ ئاتاردىن – كۈن پاتارغىچە تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىشىمىز. ياكى يوقلىمىدىن ئۆتۈپ ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىدە بىر كۈننى توشقۇزىشىمىز كېرەككەن.
ئەمما پۇل تېپىش ھەر ۋاقت ئۇنداق ئاددى بولىۋەرمەيدۇ، ھەم ھەرۋاقت ئۇنداق جاپالىقمۇ ئەمەس. بۇ يەردە مەن بىل گەيتىسنىڭ سكونتىغا قانچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ھىسابلاپ بەرمەي. ئۇ ئۇخلىىسمۇ تاپىدۇ، چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپمۇ تاپىدۇ، سۇ ئۈزگىلى بارغاندىمۇ تاپىدۇ. تېلۋۇزۇر كۆرىۋاتقاندىمۇ پۇل تاپىدۇ. سىزنىڭ يانچۇقىڭىزغا پۇل كىرىدىغان ئىشقا چوقۇم سىز قول تۇتۇشىڭىز زۆرۈر ئەمەس. بولۇپمۇ مەن سىزگە تونۇشتۇرىۋاتقان بۇ ئۇسۇلدا. سىز قاتناشمىسڭىزمۇ سىز پۇل تاپالايدىغان ئىشلارنى «ئىگىلىك» دەيمىز. سىز قاتناشمىسىڭىز سىزگە كىرىم بولمايدىغان ئىشلارنى «خىزمەت» دەيمىز. بلوگنىڭ ئۆزى بىر ئىگىلىك. تەكلىماكان بلوگقا خالىسام كۈندە بىر پارچە نەرسە يېزىپ قويىمەن. بۈگۈن زىيارەت سانى 1000 لىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-پەسىلدە مەن «100 بلوگ ياساش» نى ئوتتۇرغا قويدۇم. بۇنىڭدىكى مەقسەت نىمە ؟ بۇنىڭدىكى بىرىنچى مەقسەت شۇكى ئارىمىزدا بىر دانە بلوگدا كۈنىگە 1 دوللار تېپىپ باققانلار بولغان. دىمەك بىز بىر قېتىم قىلغان ئىشنى 100 قېتىم قىلساقلا يۈز دوللار تېپىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. بىر بلوگدىن 1 دوللار تېپىشقا كۆز يەتكەن ئىكەن 100 بلوگدىن 100 دوللار تېپىشقا ئەلۋەتتە كۆز ئەمەس بۇرنىڭىزمۇ يېتىدۇ ! يەنە بىر مەقسەت شۇكى 100 بلوگ ئىلتىماس قىلدۇرۇش ئارقىلىق تورداشلارغا بلوگنىڭ نىمىلىكىنى، بلوگنى قانداق يېڭىلاش كېرەكلىكىنى، بلوگنىڭ ئىقتىدار ۋە ئىشلەش جەريانىنى مەشق قىلدۇرۇش. ئەگەر شۇنداق قىلمىسام كېيىن سورايدىغان سۇئاللار بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە مەن ئالدامچىلىق قىلمىدىم. ماقالىنىڭ مەقسىتى يەنىلا 100 دوللار تېپىشنى ئۆگىتىش. شۇنداق بولغان ئىكەن مەن 100 بلوگنى قانداق قىلىپ تىز سۈرئەتتە يېڭىلاشنىمۇ تەپسىلى سۆزلىدىم. بۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-پەسىلنى ئوقۇڭ.
2-پەسىلدە مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوتتۇرغا قويدۇم. مەسلەن : Adsense ھىساباتى ئىلتىماس قىلىش. بىر دانە بلوگ ئېچىش، ئەگەر ئۇيغۇرچە بلوگ ئېچىشقا توغرا كەلسە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. بلوگقا ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە چۈشەنچە بەردىم. بلوگنىڭ مەزمۇنى، بلوگدىكى ماقالىلەرنىڭ تۈرى بلوگنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەپسىلى سۆزلىدىم. مەقسەت سىزگە ياردەم قىلىش. شۇ بويىچە قىلىپ بولماي تۇرۇپ بەك ئالدىراپ كەتمەڭ ! چۈنكى مەن ئېيتقان ئۇسۇلدا تاپقان پۇلغا سىز يەنە ئوقۇشقا بارالىشڭىز ، ماشىنا سېىتىۋالالىشىڭىز ھەمدە كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنى ساياھەتلىك ئۆتكۈزەلىشىڭىز مۇمكىن. مەن بۇ گەپلەرنى قىززىقچىلىقتا ياكى بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىۋاتمايمەن.
ھازىر مەن سۆزلەيدىغان بىرلا مەزمۇن قالدى. ئۇ نىمە ؟
بلوگقا قانداق قىلىپ 100 دوللارلىق ئېلان چەككۈدەك ئادەم باشلاش !
بۇ ھەقتىكى ماقالىنى جىددى تەييارلاۋاتىمەن. ئالدىراتماڭلار. «باغقا كىرمەڭ بادام بار، باشتا بەرگەن ۋەدەم بار» مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. بەزىلەر بىلىك كۇلۇبى، سەلكىن تور بېكىتى قاتارلىق چوڭ – چوڭ تور بېكەتلەرگىمۇ 100 دوللارلىق ئېلان چەككۈدەك ئادەم كىرمەيدۇ. قانداق قىلىپ بىر دانە بلوگقا شۇنچە كۆپ ئادەم كىرگۈدەك دەپ مازاق قىلىشىۋاتىدۇ. مەن دېدىمغۇ، تاماشىبىنلار پەقەت مەيداننىڭ سىرتىدا پەپسى كولا ئىچىپ ئولتۇرۇپ مازاق قىلىشىدۇ، كۈلىشىدۇ، ۋارقىرىشىدۇ، غەيۋەت قىلىشىدۇ، ئادەم تىللايدۇ، ياكى ماختايدۇ. ئەمما ئۇتۇق لوڭقىسىنى پەقەت ۋە پەقەت توپ تەپكۈچىلەر ئالىدۇ. تاماشىبىن بولغاندىن كۆرە پۇرسەت بولسا توپ تەپكەن ياخشى ! ئەمما كۆپۈنچە ۋاقتلاردا توپ تېپەلەيدىغانلار تاللانغان، جۈرئەتلىك، چېنىققان، پىشقان، پوزىتسىيەسى رۇس كىشىلەردۇر !
بەك ئالدىراپ كەتسڭىز «پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ». «باھانە يوق» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇغاچ تۇرۇڭ. چۈنكى مېنىڭ ماقالەمنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى تىگىپ قېلىشى مۇمكىن.
چوڭچىلىق قىلمايلى ! cnn ۋە نيويورك ۋاقتى گېزىتىگە ئوخشاش داڭلىق شىركەتلەرمۇ تور بېكتىگە Google ئېلانى قويدى، نىمىشقا؟ چۈنكى Google نىڭ بېرىدىغان پۇلى خەۋەر بېرىپ تاپقان پۇلدىن كۆپرەك بولىشى مۇمكىن. Aol دەك داڭلىق تور بېكەتمۇ Google ئېلانى قويدى. ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئۆزى يازغان ئىزدەش پروگراممىسىنى كۆزدىن يوقىتىپ Google ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتتى. نىمىشقا ؟ چۈنكى ئۆزىنىڭ ئىزدەش پروگراممىسىدىن تاپقان كىرىم Google بەرگەن كىرىمگە تەڭ كېلەلمىدى. ئەلۋەتتە بىز ئۇنداق چوڭ شىركەت، ئۇنداق داڭلىق ماركا ئەمەس. بىز ئۇلاردەك ئېيىغا نەچچە مىليون دوللار كىرىم قىلىپ بولالمايمىز. ئەمما بىر دانە بلوگ ئۈچۈن كۈنىگە 100 نى تېپىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، ھەم بەك چوڭ نىشان ئەمەس ! مېنىڭچە ئازلىقمۇ قىلمايدۇ. ئىشقىلىپ مەن رازى بولىدىغان سان ! مەن سۆزلەۋاتقان ئىشلار باشقىلارنىڭ تەجىربىسىدىن ئۆتكەن ئىشلار ! شۇڭلاشقا «مۇمكىن ئەمەس، فانتازىيىلىك خىيال» غا ئەمدى ئورۇن يوق ! مەن يەنە تەكىتلەي. سۆزلىرىمنى سەلكىن، بىلىكتەك چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ كۈنىگە 100 دوللار كىرىم قىلالماسلىقى بىلەن سېلىشتۇرماڭ ! چۈنكى مەن باشتا سىزگە بلوگنى چوقۇم ئۇيغۇرچە ياساڭ دېمىدىم، سىز قايسى تىلدا ياسىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. قايسى تىلنى بىلسىڭىز شۇنىڭدا ياساڭ. قانچە تىل بىلسىڭىز شۇنچە تىلدا ياساڭ. قايسى تىلغا ئادەم كۆپ كىرسە شۇ تىلدا ياساڭ ! قايسى تىلغا قىززىقسىڭىز شۇ تىلدا ياساڭ ! شۇڭا بۇ يەردە «ئۇيغۇرچە» دىگەن سۆز بىلەن مەزكۇر ماقالىگە تۇۋاق ياپماڭ !
مەن چوقۇم كۈنىگە يۈز دوللار تاپالايمەن. (تەتۈر تەشۋىق قىلماڭ. مەن تېخى ھازىر بۇنچىلىك تاپمىدىم). ھەم سىزمۇ شۇنداق تاپالايسىز. كېلەركى بۆلۈم «بلوگقا ئادەم باشلاش ئۇسۇلى». ۋاقتىدا ئوقۇڭ. پىكرىڭىز بولسا ئىنكاس يېزىڭ.

كۈندە يۈز دوللار 4-بۆلۈم

3-بۆلۈمدە تەكىتلەنگەن ئىشلارنى تولۇق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن 4-بۆلۈمدىكى ئىشلارنى قىلىڭ !بۇ بۆلۈمدە بلوگقا ئېلان قويۇش ھەققىدە سۆزلەيمىز ! بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم 3-بۆلۈمدە تەكىتلەنگىنى بويچە Adsense ئېلانى ئىلتىماس قىلىپ بولغان بولىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئىلتىماس قىلمىغان بولسىڭىز بۇ يەردىن ئەڭ ئاددى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىڭ.
بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسلە بار ! زادى ئېلاننى بلوگ ئېچىلغان كۈندىن باشلاپلا قويۇش كېرەكمۇ ياكى زىيارەت سانى مەلۇم چەككە يەتكەندە ئاندىن قويۇش كېرەكمۇ ؟ بۇ سۇئالغا ئوخشاش بولمىغان Adsense ئىشلەتكۈچىلىرى ئوخشاش بولمىغان جاۋابلارنى بېرىدىكەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشاش. زىيارەت ئېقىمى بولمىسا ئېلان قويغاننىڭ پايدىسى يوق، ئېلان بولمىسا زىيارەت سانى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بلوگنى ئاچقان كۈندىن باشلاپلا ئېلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك !
بۇ ماقالىنى يازغاندا بىلىك كۇلۇبىدىكى Jeck ئەپەندى نىمىشقا دەسلەپتە ياكى تۇنجى كۈنى بلوگدىن چېكىلگەن ئېلاننىڭ باھاسى يۇقىرى، كېيىنچە ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ – دەپ سۇئال سورىدى، ھەم نۇرغۇن دوستلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان بولىشى مۇمكىن ! بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟
مېنىڭ بلوگىمدا ئەڭ يۇقىرى باھالىق ئېلان چېكىلگەن ۋاقت 2007-يىلنىڭ ئاخىرى. بىر قېتىملىق چېكىلىشى 2.4 دوللار بولغان. بەزى ئېلانلارنىڭ باھاسى بەكلا تۆۋەن ھەتتا بىر قېتىملىق چېكىلىشى 0.01 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. نىمە ئۈچۈن بلوگدىكى ئېلانلار دەسلەپتە يۇقىرى كىرىم قىلىپ كېيىنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ بۇ ئەھۋالنى ئوڭشىغىلى بولامدۇ يوق ؟
جاۋاب : ئەلۋەتتە بولىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ ! Google ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك يېڭى ئەزا بولغاندا كۆپ پۇل بېرىپ، بارا-بارا پۇل بەرمەس بولۇپ قالىدىغان ئالدامچى ئەمەس. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرىنچى قول سەۋەب دەل سىزنىڭ بلوگىڭىز.
1. Adsense ئېلانىنىڭ باھاسىنى ئېلان بەرگۈچى بېكىتىدۇ.
سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنى يانفون ھەققىدە بولسۇن دەپ تۇرايلى. دەل يانفون ساتىدىغان بىرسى Adwords ئارقىلىق Google غا ئېلان بەرسە ئۇ ھالدا بۇ ئېلان سىزنىڭ بلوگىڭىزدا كۆرۈنۈشى مۇمكىن. Adwords غا ئەڭ كەم بولغاندا 100 يۈەن ئارقىلىق ئېلان بەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئېلاننىڭ ھەر قېتىملىق چېكىلىش باھاسىنى ئېلا بەرگۈچى ئۆزى بېكىتىدۇ. ئۇ 10 دوللار قىلىپ بېكىتىشىمۇ ياكى 0.01 دوللار قىلىپ بېكىتىشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتە Google Adwords ھالقىلىق سۆزنى ساتىدۇ، ھالقىلىق سۆز كىشىلەر تەرىپىدىن قانچە كۆپ ئىزدىلىدىغان سۆز بولسا ئېلان بەرگۈچى چوقۇم ئەڭ يۇقىرى چەكتە باھا چىقىرىشى كېرەك. سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مەزمۇنى دەل مۇشۇ يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزگە توغرا كېلىپ قالغاندا ئاندىن يۇقىرى باھالىق ئېلان چېكلىدۇ. مەسلەن مەن ماشىنىنىڭ ماركىسى ھەققىدە بىر تېما يازسام Honda ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئېلانى چىقىپتۇ. ۋە بىر قېتىملىق چېكىلىشى 2.4 دوللار بوپتۇ. ئەمما بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بلوگقا ھالقىلىق سۆز توپلايمەن دەپ بلوگ مەزمۇنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يۈرمەڭ. ھەر قانداق تۈردىكى ماقالىدە چوقۇم ھالقىلىق سۆز بولىدۇ. سىز مۇشۇ ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىلىشلىرىنىمۇ ماقالە ئارلىقىدا قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن :
موتورولا شىركىتى (Motorola) ئامېرىكىنىڭ شىركىتى بولۇپ، يەرشارىدا نوكىيا (NOKIA) غا ئوخشاشلا داڭلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت. بۇ شىركەت يېقىندا ئىشلەپچىقارغان موتورولا Q8 تىپلىق يانفون ئالما (Apple) شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone غا ئوخشاشلا بازار تاپتى.
يۇقىرىدىكى ئابزاستا تاۋار ماركىسى ۋە مەخسۇس چەتئەل ئىسىملىرىنىڭ ئېنگلىزچە نامى تىرناق ئىچىدە بېرىلدى، بۇنىڭ سەۋەبى بىرى بلوگ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ توغرا پەرق ئېتىشى ئۈچۈن بولسا يەنە بىرى Google ئېلانىنىڭ بلوگدىكى ھالقىلىق سۆزلەرنى تېپىپ مۇناسىۋەتلىك ئېلان چىقىرىپ بېرىشى ئۈچۈن. ئەگەر بلوگ مەزمۇنىدا ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى قوشۇمچە قىستتۇرۇپ قويۇش زۆرۈر بولمىسا بېكاردىن – بېكار، زومۇزو قىستۇرۇپ قويماڭ! ماقالە مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئوقۇرمەنلەردە تېتىقسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىسىز. پەقەت زۆرۈر بولغادا داڭلىق تاۋار ماركىلىرى ۋە داڭلىق شىركەت ناملىرىنى تىلغا ئالغاندا ئېنگلىزچە نامىنى قوشۇمچە قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق داڭلىق تاۋارلارنىڭ ۋە داڭلىق ماركىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ Google غا ئېلان بېرىشى مۇقەررەر. يۇقىرى باھالىق ئېلان چىقىرىش ئۈچۈن دەل بلوگ مەزمۇنىدىكى ھالقىلىق سۆزلەر ئېلان بەرگۈچى سېتىۋالغان يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەر بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. شۇنى دەپ قوياي Google نىڭ بىر قېتىملىق چېكىلىشى 50 دوللار بولغان ئېلانىمۇ بار، بۇنداق ئېلاننىڭ كۆپۈنچىسى سىنلىق ئېلانلار. ئادەتتە بلوگ ئېنگلىز تىلىدا بولسا ھەم ئېلان شەكلى 300*250 بولسا مۇشۇنداق يۇقىىرى باھالىق سىنلىق ئېلانلار كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭغا ئېنىق جەزىم قىلغىلى بولمايدۇ.
2.ئېلان باھاسى نىمىشقا دەسلەپتە يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن؟
ئادەتتە Adsense كودلىرىنىڭ بلوگدىكى ماقالە مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولىشى ئۈچۈن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقت كېتىدۇ، دەسلەپ ئېلان قويغاندا Adsense كودى بلوگ مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولمىغان بولغاچقا قالايمىقان ئېلان كۆرسىتىدۇ. بۇ قالايمىقان، بلوگ مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدىغان ئېلانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يۇقىرى باھالىق ئېلانلار. چۈنكى Google ئامال بار بلوگىڭىزدا يۇقىرى باھالىق ئېلان كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.
تەخمىنەن بىرەر ئايلاردىن كېيىن Adsense كودى بلوگ مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولىدۇ. ئۇ چاغدا بلوگىڭىز نىمە مەزمۇندا بولسا ئېلانمۇ شۇ مەزمۇندا بولىدۇ. مەسلەن بلوگدا يېزىلغان ماقالىدە دېھقانلار توغۇرلۇق گەپ بولۇنسا كۆرۈنگەن ئېلان خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ ياكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن. ئېلان كودى بلوگ مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولغاندا پەقەت بلوگ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىكلا ئېلان كۆرسىتىدىغان بولغاچقا بۇ چاغدا ئەگەر مەزمۇندىكى ھالقىلىق سۆزلەر تۆۋەن باھالىق ھالقىلىق سۆز بولسا ئەلۋەتتە ئېلاننىڭ چېكىلىش باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
Google Adsense ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە قويۇلسا قائىدە بويچە بولمايدۇ. ئەمما Google ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە ئېلان قويىۋالغان تور بېكەت ئىگىلىرىگىمۇ ھىچنىمە دېمىدى. ھەم ئۇلارغا نورمال پۇل تۆلەپ كېلىۋاتىدۇ. مەن دەل مۇشۇ ھەقتە Google بىلەن ئىككى قېتىم ئالاقىلاشتىم. ئۇلار «ۋاقتىنچە Adsense قوللىمايدىغان تىللىق بلوگىڭىزدىكى ئېلانلارنى ئېلىۋېتىپ، قوللايدىغان تىللاردا كىرىم قىلىپ تۇرۇڭ. بىز Adsense نىڭ تىل دائىرسىنى كېڭەيتىشكە تىرشىۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن سىزدىن ئەپۇ سورايمىز دېدى.» ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتكە ئېلان قويساڭ بولمايدۇ دېمىدى. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تىلى ئەسلىدىنلا Adsense قا چۈشمىگەن بولغاچقا يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەردىن گەپ ئېچىش سەل تەس، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ دەسلەپتە كىرىمى ياخشى بولسىمۇ كېيىنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3. ئېلان كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئېلان ئۈنۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر سىز بىر ئېلان بەرگۈچى بولسىڭىز دەسلەپتە ھەر چېكىلىشىنى 1.00 دوللاردىن قىلىپ ئېلان بەردى دەيلى، ئەگەر ئۇنى باشقىلار چەكسە ۋە چېكىپلا تاقىۋەتسە، مەھسۇلاتىڭىزنى سېتىۋالمىسا ئۇ ھالدا سىز بۇ ئېلانلارنى ئۈنۈمسىز ئېلان دەپ قاراپ باھانى تۆۋەنلىتىشىڭىز ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىشىڭىز مۇمكىن. دەل مۇشۇنىڭدەك ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە قويۇلغان ئېلانلار گەرچە كۆپ چېكىلسىمۇ ئېلان بەرگۈچىگە نىسبەتەن ئاساسەن ئۈنىمى يوق بولىۋاتىدۇ. سەۋەبى : نۇرغۇن كىشىلەر ئېلان مەزمۇنىنى ئوقۇمايلا چېكىدۇ، بۇ بەلكىم «بىزنى قوللاپ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇڭ» نىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئۈچۈن ياكى ھىچنىمىنى بىلمەي چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئېلان چېكىشلا بولۇپ، ئېلاندا ئىپادىلەنگەن مەقسەد ئەمەلگە ئاشمايدىغان تور بېكەتلەردە تۆۋەن باھالىق ئېلانلار كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
يۇقىرقى ئەھۋاللارنى ئويلاشقان ھالدا بىز بلوگقا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا ئېلان قويۇشنى تەكىتلەيمىز !
1. ئېلان شەكلى : ئېلان شەكلى چوقۇم 250*300 ياكى 600*160 ۋە ياكى 90*728 بولسۇن. باشقا تۈرلەرنى تاللىماڭ، چۈنكى مۇشۇ ئۈچ تۈردىكى ئېلاننىڭ باھاسى باشقا تۈردىكى ئېلانلارغا قارىغاندا يۇقىرى. تەكلىماكان بلوگ ئۇسلۇبىغا ماس كەلمىگەن بولغاچقا ئامال يوق باش بەتكە 60*468 لىك ئېلان قويۇلدى.
2. ئېلان تۈرى : قويغاندا چوقۇم «يېزىق ۋە سۈرەتلىك ئېلانلار» دىگەن تۈرنى تاللاڭ. ھەرگىز «يېزىق ئېلانى» ياكى «سۈرەتلىك ئېلان» دىگەن يەككە تۈرنى تاللاپ قويماڭ ! نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى سىز بىرلا يەككە تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز ئېلاننىڭ تور بەتتىن ئىگىلەيدىغان مەزمۇن دائىرسى ۋە سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە كۆرسىتىلدىغان ئېلانلارنىڭ سەرخىللىقى كەم بولۇپ قالىدۇ. ئېلان ھەر ۋاقت ئۆزگىرىپ يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىپ تۇرسا ياخشى.
3. ئېلان رەڭگى : ئېلان رەڭگىنىڭ تەگلىكى بلوگ تەگلىكى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، ئەگەر تېما ئاخىرىغا ئېلان قىستۇرۇلسا رامكىنى ئېلىۋېتىڭ ! ئىشقىلىپ تور بەت رەڭگى بىلەن ماسلاشسۇن، بىر قاراشقىلا قايسىنىڭ ئېلان، قايسىنىڭ تور بەت مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك قىيىنراق بولسۇن. مەسلەن تەكلىماكان بلوگ.
4. ئېلاننى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسى: سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى ئېلان ئورنىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى Google ئېلانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمىگە دەل چۈشۈشى ناتايىن. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە جەدۋەل، iFrame قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. Html كودىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسڭىز تەكلىماكان بلوگ ياكى مەخسۇس مۇشۇ تۈردە پىششىقراق دوستلارنىڭ بلوگىغا كىرىپ ئىنكاس يېزىپ ئۇ يەر بۇيەرلىرىگە قاراپ قويۇڭ. ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىدۇ.
5. ئېلان سانى :
ئېلان سانىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تور بەت دىگەن نىمە ؟ تور بېكەت دىگەن نىمە ؟ بلوگ دىگەن نىمە دىگەن سۇئاللارغا كۆلەم جەھەتتىن جاۋاب بېرىپ ئۆتەي.
تور بېكەت : تور بېكەت بىر قانچە سەھىپىلىرى بولغان تور بەتلەر توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر سەھىپە بىر تور بەت بولىشى ياكى بىر قانچە تور بەت بولىشى مۇمكىن.
تور بەت : تور بەت پەقەت بىر پارچىلا يالغۇز بەتتۇر. ئۇنىڭ تارماق بەتلىرى ياكى تارماق سەھىپىلىرى بولمايدۇ. بىلىك كۇلۇبىنىڭ ئۆزى بىر تور بېكەت بولسا ئۇنىڭدىكى ھەر بىر پارچە تېما ئايرىم بىر تور بەتتۇر.
بلوگ : بلوگ كۆلۈمى جەھەتتىن تور بېكەت تۈرىگە كىرىدۇ.
ئەمدى ئېلان سانىغا كېلەيلى ! ھەر بىر تور بەتكە (دىققەت بېكەتكە ئەمەس، بەتكە) ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 دانە مەزمۇن (يېزىق ياكى رەسىملىك) ئېلان، 3 دانە تەۋسىيە ئېلانى (firefox, picasa, adwords قاتارلىق مەھسۇلات ۋە باشقىلار) ، 2 دانە ئىزدەش رامكىسى، ۋە ئۈچ دانەئۇلىنىش ئېلانى قويۇشقا بولىدۇ. بۇ Google نىڭ قائىدىسى !
مەزمۇن ئېلانى Ad Unit : چېكىلسىلا ھەق ھېسابلايدۇ.
تەۋسىيە ئېلانى Referrals : تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان ياكى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ھەق ھېسابلايدۇ.
ئىزدەش رامكىسى Adsense For Search : ئىزدەش رامكىسىغا بلوگ زىيارەتچىلىرى ھالقىلىق سۆزنى يېزىپ كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندە ئەگەر شۇ ھالقىلىق سۆزگە چۈشىدىغان ئېلان بار بولسا ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ 1- نەتىجىسىگە ياكى ئوڭ تەرەپتىكى ئېلان ئورنىغا ئېلان چىقىدۇ. ئەگەر ئىزدىگۈچى دەل مۇشۇ ئېلان شەكىللىك ئىزدەش نەتىجىلىرىنى چەككەندە ئاندىن ھەق ھىسابلايدۇ.
ئۇلىنىش ئېلانى Link Unit : ئۇلىنىش ئېلانى بىر نەچچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ئۇلىنىشىنى تەمىنلەيدۇ، چېكىلسە بىر ئېلان بېتى چىقىدۇ، دەل شۇ ئېلان بېتىدىنمۇ ئېلان چەككەندە ئاندىن ھەق ھېسابلايدۇ.
دىمەك بىر بەتكە ئەڭ كۆپ بولغاندا 11 دانە ئېلان قويساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ Adsense كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى چەك. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە نىسبەتەن ئېلان كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەك كۆپ ئېلان قويماسلىق كېرەك. ئۆتكەن ھەپتە تەكلىماكان بلوگنىڭ بەرگەن خەۋرىدە FireFox نى جۇڭگودا تەۋسىيە قىلىش باھاسى چۈشۈپ كەتكەتلىكىنى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. شۇڭلاشقا تەۋسىيە ئېلانىدا پۇل تاپماق تەسلىشىپ كەتتى. مۇۋاپىق ئورۇن بولسا ئۇلىنىش ئېلانىنىمۇ قويۇپ قويسا بولىدۇ. ئەمما ئەڭ كۆپ كىرىم بولىدىغىنى مەزمۇن ئېلانى. يەنى سىز Adsense ھىسابىڭىزدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىدىغاندا تاللايدىغان بىرىنچى تۈر.
ئەگەر تور بېكەتتە مەزمۇن ۋە ھالقىلىق سۆزلەر مول بولسا، مەزكۇر مەزمۇن ۋە ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدا تىزىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولسا ئېلان كۆپ بولسا ھىچ ۋاقەسى يوق، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئېلان سانىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەڭ. ئېلان مەزمۇنىغا تور بەت مەزمۇنى يېتىشمەي تۆۋەن باھالىق ئېلان ياكى ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
«مەسلەن بۇش – كلىنتون كاترىنا قۇتقۇزۇش فۇندىغا پۇل ئىئانە قىلامسىز؟» دىگەندەك.
تور بېكەتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئامال بولسا ئېلىۋېتىپ، Adsense ھىسابىڭىزدىكى ئىزدەش ماتورىنى ئورنىتىڭ. بۇنداق بولغاندا ئىزدەش ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغاندىن باشقا كىرىمنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بەزىلەر ئىزدەش رامكىسى ئارقىلىق كىرىم بولمايدىكەن دەپ يۈرۈپتۇ، ئەمەليەتتە ئىزدەش رامكىسى ئارقىلىق چېكىلگەن ئېلانلارنىڭمۇ باھاسى خېلى يۇقىرى.
تەكلىماكان بلوگدىن ئۈلگە:
باش بەتكە بىر تاللا ئېلان قويۇلدى. شۇڭا چېكىلسىلا يۇقىرى باھالىق ئېلان چېكلىدۇ. تارماق بەتكە ئىككى دانە مەزمۇن ئېلانى ۋە بىر دانە تەۋسىيە ئېلانى قويۇلدى.
يەنە شۇنى دەپ قوياي، مېنى قۇرۇق گەپ سېتىۋاتىدۇ دەپ قالماڭ. بەلكىم بۇ ئىشلارنى سىز ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان ياكى ھىس قىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلىڭ.
ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى بلوگنىڭ زىيارەت سانى ئاشقاندا ئېلاننى قەرەللىك (ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم) ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. ئۆزگەرتكەندە بەزىدە ئېلان ئورنىدا، بەزىدە ئېلان شەكلىدە، بەزىدە ئېلان رەڭگىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنگە ھەرۋاقت يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگىلى ئېلان چېكىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر Adsense ھېساباتىدا تۇرۇپلا تور بېكىتڭىزدىكى ئېلاننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئېلاندىكى 染道名称 غا چوقۇم ئۆزىڭىز قايسى تور بېكەتكە قويغان بولسىڭىز شۇ تور بېكەت ياكى بەتنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، پەرق ئېتىشكە ئاسان قىلىشىڭىز كېرەك.
ئېلاننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن : Adsense قا كىرىپ Adsense设置 نىڭ ئىچىدىن 管理广告 دىگەن تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
مەزكۇر بۆلۈم ۋە ئالدىنقى بۆلۈملەردە سۆزلەپ بولۇنغان مەزمۇنلار:
بلوگ ياساش
بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
Adsense ئىلتىماس قىلىش
بلوگ مەزمۇنىنى تاللاش
ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇش
تەكلىماكان بلوگ – http://www.tekli.cn

كۈندە 100 دوللار تېپىش 3-بۆلۈم

خوش ! 2-بۆلۈمنى تولۇق ئوقۇپ چۈشەنگەنسىلەر ! ئەمسە داۋاملاشتۇرايلى ! بلوگ پۈتكەندۇ ؟ بلوگ قانداراق بولسا ياخشى ؟ مەن بۇ يەردە باشقا تىللاردىكى بلوگنى مىسال كەلتۈرمەي ! ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «مەرىپەت تورى» دەك، جېك ئەپەندىنىڭ «جېك تور خاتېرسى» دەك ياكى «تەكلىماكان بلوگ» دەك بولسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بلوگنى قايسى تىلدا يېزىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. ئەگەر سىز ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز ياكى مەلۇم خىل چەت تىلنى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ئۆزىڭىز ئۆگىنىۋاتقان تىلدىمۇ بىر بلوگ يېزىڭ. چۈنكى سىز ئۇ تىلغا قىززىقىسىز. بلوگ يېزىش ئارقىلىق شۇ تىلدىكى يېزىش قابىليىتىڭىزنى ئاشۇرالايسىز. ئۆگىنىشىڭىز ئالغا باسىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى مەقسەت 100 دوللار تېپىش بولغاچقا سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىز توغىرسىدا ئارتۇقچە مۇزاكىرە قىلمايمىز . ئەممە مەن كېيىنكى بۆلۈمدە بلوگقا زىيارەتچى توپلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغاندا بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆزلەيمەن. بلوگمۇ تەييار بولدى ! ئەمدى ئۇنىڭدا كۈنىگە 100 دوللار تېپىش ئۈچۈن چوقۇم بلوگنى كۈندە يېڭىلاش كېرەك، ياكى كۈندە بىر نەچچە قېتىم يېڭىلاش كېرەك. ھەپتىدە بىر يېڭىلايدىغان ياكى ئايدا بىر يېڭىلايدىغان بلوگلار ئايدا 10 دوللارمۇ تاپالمايدۇ. نىمە سەۋەبتىن ؟ يېڭىلىق ئاز ! كۈندە يېڭىلاۋەرگەنگە بلوگ يېڭى بولۇشى ناتايىن، يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىشى ناتايىن ! شۇڭا ئەڭ ھالقىلىق نوقتا بلوگنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىش !
بلوگ دىگەن نىمە ؟
بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان سورۇن ! شۇڭا ئۇنىڭدا پەقەت سىز يازغان نەرسىلەرلا بار، باشقىلار يازغاننى ئەينەن كۆچۈرۈپ يېزىشقا بولمايدۇ، ئەمما باشقىلارغا ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا ئۆزىڭىزنىڭ تەسىراتلىرىنى يازسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق ! شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى بۇ يەردە يەنە ئاپتورلۇق ھوقۇقى دەيدىغان گەپلەرمۇ بار ! بۇنىڭغا چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھەر كۈنى ئۆزى قول سېلىپ يېڭىلايدىغان، ماقالىلەرنى ئۆزى يازىدىغان بلوگلارنى «ئىجادىي بلوگ» دەيمىز ! بۈگۈنكى كۈندە بىردىنبىر كۈنىگە 100 دوللار تاپالايدىغان بلوگلار دەل جېك ۋە تەكلىماكان بلوگقا ئوخشاش ئىجادىي بلوگلاردۇر ! (بۇ يەردە مەن شۇنى تەكىتلەپ قوياي ! مەن تەكلىماكان بلوگ ياكى جېك تور خاتېرىسىنى 100 دوللار تاپتى دېمىدىم، ھەم بۇ ئىككى بلوگدا باشقا تور بېكەتلەردىن كۆچۈرۈلگەن ۋە مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلار بولىشى مۇمكىن)
چوقۇم ئۆزى يېزىشنىڭ بىر نەچچە پايدىسى بار : ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرىدۇ، يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئىزدەش ماتورلىرى ئاسان قوشىۋالىدۇ، ھالقىلىق سۆزلەر كۆپ بولىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيەسى ئاشىدۇ. بلوگ زىيارەتچىلىرى ھەققىدە كېيىنكى بۆلۈمدە سۆزلەيدىغان بولغاچقا مۇشۇنچىلىك دەي ! شۇڭلاشقا بلوگنى چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر ئۆزۈم يازمىسامچۇ ؟
بىر ئېغىزلا گەپ ! 100 دوللار تاپالمايسىز ! شۇڭا ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاڭ !
ئۇنداقتا نىمە يازىمىز ؟
بۇنىڭغىمۇ بىر ئېغىزلا گەپ ! ئۆزىڭىز قىزىققان نەرسىنى يازىسىز ! نىمە بولسا مەيلى ! مەن باشتا دەپ ئۆتكەن ، خەت يازالىسىڭىزلا كۈنىگە 100 دوللار تاپالايسىز ! ئەلۋەتتە سىز گەرچە دوكتور ياكى مەلۇم كەسپ ئەھلى بولمىسىڭىزمۇ دوكتورلارغا ئوخشايدىغان بىر ئالاھىدىلىكىڭىز بار ! ئۇ نىمە ؟ ئۇ سىزنىڭ قىززىقىشىڭىز ! ئۇ سىزنىڭ ھەۋىسىڭىز ! چوقۇم سىز قىززىقىدىغان بىر نەرسە بار !
نىمىشقا ئۆزۈم قىززىققان نەرسىنى يازغۇدەكمەن ! ؟ باشقىلار قىززىققاننى يازسام بولمامدۇ ؟
بولمايدۇ. چۈنكى ئۆزىڭىز قىززىقمىغان نەرسىنى يازغۇڭىز كەلمەيدۇ، ياكى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازالمايسىز ! نىمىگە قىززىقسىڭىز مەيلى، سىز قىززىقىدىغان نەرسە گۈل بولىشىمۇ مۇمكىن ! چەتئەل كىنولىرى بولسىمۇ مەيلى ياكى تارىخ ! شېئىر ! رومان ۋە باشقىلار ! دىمەك بلوگ چوقۇم سىز قىززىققان نەرسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇسلاشقان بولىشى كېرەك ! سىزگە دەپ قوياي، ئۇنۋېرسال بلوگ دەپ بلوگ بولمايدۇ، ئۇنۋېرسال بلوگ مەغلۇپ بولىدۇ. تەكلىماكان بلوگمۇ ھەم ئۇنۋېرسال بلوگ ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى Google نىڭ مۇلازىمەتلىرى ۋە Adsense نى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلىۋاتىدۇ. ئەمما مەن تور سودىسىغىمۇ قىززىقىمەن، شۇڭلاشقا مەخسۇس بازىرىممۇ بار ! bazar.blogbus.com نى كۆرۈپ بېقىڭ ! مەن ئىلگىرى توردا سودا قىلىپ خېلى پۇل تاپقان. بىلىك كۇلۇبىدا iPod ۋەقەسىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ۋە چۈشەنچە بېرىشلەر بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن تور سودىسىغا رايىم قالمىغان. ئەمما Adsense كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى قايتا قىلماقچى. توردا قانچىلىك سودا بولىشى بىلەن كارىم يوق، مېنىڭ ھېسابلىشىدىغىنىم Adsense تىكى كىرىم !
ھىچنەرسىگە قىززىقمايدىغان ئادەم بولمايدۇ. سىز مەلۇم نەرسىگە قىززىقسىڭىزلا شۇ نەرسە ھەققىدە ھەر كۈنى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز ! ئەگەر ھايۋاناتلارغا قىززىقسىڭىز ھەر كۈنى بىر ھايۋاننى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ماقالە يېزىڭ ! بىرىنچى كۈنى مۈشۈكنى، ئىككىنچى كۈنى ئىتنى، تۆتىنچى كۈنى تۆگىنى دىگەندەك ! ھەرگىز توختاپ قالماڭ، ھايۋان ھەر كۈنى يارىلىدۇ، ھەر گىز تۈگەپ قالمايدۇ، ياكى سىز بلوگىڭىزدا ساناپ تۈگىتەلمەيسىز، پۇلنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھايۋاناتلار دۇنياسىغا بىۋاستە يۈزلىنىسىز ! خۇددى مۇخبىرلاردەك خەۋەر توپلايسىز، ئۇ چاغدا Adsense تىن تاپقان پۇلغا ئەڭ ئىلغار رەقەملىك ئاپپاراتتىن بىرنى، Land Cruiser دىن بىر سېتىۋالىسىز ۋە يۈك تاقلىرىڭىزنى ئارتىپ ھەر كۈنى بىر يېڭى ھايۋاننىڭ ۋىدىئولۇق كۆرۈنۈشلىرىنى تارتىپ كېلىپ بلوگقا يوللايسىز. پۈتۈن جاھاندىكى ھايۋاناتشۇناسلار ۋە بئولوگلار سىزنىڭ بلوگىڭىزنى پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال ئامبىرى قىلىشقا باشلايدۇ ! بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش ! مۇرەككەپ ھىس قىلىۋاتامسىز ، ياق ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس ! مەن Google نىڭ ھەممە مۇلازىمەتلىرىنىڭ بلوگىنى ئوقۇيمەن، يېڭى مەزمۇن بولسىلا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ تەكلىماكان بلوگقا يازىمەن ! ئۇ مەيلى ئادەم جەلىپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ! يېڭى نەرسە ھامان بىر ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇ ئەڭ كەم دىگەندە سىز ! تەكلىماكان بلوگنىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان كۈنى 500 دىن كۆپ ئادەم كىرگەن، ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان كۈنى 29 پارچە ئىنكاس يېزىلغان، ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كۈنى 37 دوللار تاپقان ! سىنىڭ ھالىڭمۇ چاغلىقكەنغۇ دەپ قالماڭ ! مەن كۈنىگە 100 دوللارنى چوقۇم تاپالايمەن ! سىزمۇ ھەم مەندەك قىلغاندا چوقۇم تاپالايسىز !
ئۇنداقتا قانداق مەزمۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ ! ؟
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك سىز قىززىققان مەزمۇندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
داڭلىق چولپانلار
داڭلىق چولپانلارغا ۋاكالىتەن بلوگ يېزىش بىر ئوبدان تاللاش، ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم شۇ چولپاننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈن – سىن بويۇملىرىنى بلوگدا ئىشلەتكەندە. ئەلۋەتتە مېنىڭ ۋاكالىتەن دىگىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئەمەس، بلوگنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا يازىسىز، ئۇنى تونۇشتۇرپ !
تەبىئەت مەنزىرلىرى
ئۆزىڭىز فوتوگراف بولىشىڭىز كېرەك، ياكى رەسىمگە يامان ئەمەس تارتىدىغان بولسىڭىز مۇشۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، تۇرمۇشتا ھەر كۈنى گۈزەل مەنزىرىلەر ئۇچرايدۇ، قۇياشنىڭ پېتىشى، ئاينىڭ چىقىشى، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشى ۋە ياكى باشقىلار دىگەندەك ! ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز تارتقان رەسىملا بولسا بولىۋېرىدۇ، ھامان كۆرىدىغانغا ئادەم چىقىدۇ. ئەمما مەن كېيىنكى بۆلۈمدە بلوگقا ئادەم توپلاشنىمۇ ئۆگىتىپ قويىمەن ! ھازىر پەقەت بلوگقا نىمە يازسام بولار دىگەن ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.
داڭلىق بلوگلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى
سىز يەرشارىدىكى ماشابول، تەكنوراتى دىگەندەك داڭلىق بلوگلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلار مەزمۇننى يېڭىلىسا سىزمۇ ماس قەدەمدە يېڭىلاپ قويىسىز، يېڭىلىمسا سىزمۇ جىم تۇرىسىز.
ئېلىم-پەن
گەرچە نۇرغۇن كىشى ئېلىم-پەن ماقالىلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ ئېلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاممىغا بىۋاستە يۈزلەندۈرۈش ياخشى ئىش! بۇ ئارقىلىق قوللىغۇچىلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم كەسپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسىڭىز بلوگ مەزمۇنى ئۈچۈن ئۆز كەسپىڭىزنى تاللاڭ! ئۆز كەسپىڭىزدىكى داڭدار تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ ماقاللىرىنى بلوگ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاڭ. ئەمما ھەرگىزمۇ يالغاندىن ئالىم بولىۋالماڭ ! خەنزۇلار ئارىسىدا يالغاندىن ئالىم بولىۋېلىپ، بلوگدا باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزۈم دەپ ئېلان قىلىپ، كېيىن شەرمەندە بولغانلار بولغان ! سىزمۇ ئوخشاشلا شەرمەندە بولىسىز، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىسىز.
ناخشا، كىنو، مۇزىكا
بلوگنى ناخشا ياكى كىنو تور بېكىتىگە ئوخشىىتپ قويسىڭىز بولمايدۇ، بۇ يەردە چۈشۈرگىلى ياكى كۆرگىلى بولىدىغان ئۇلىنىش تەمىنلىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت دۇنيادا بىر يېڭى كىنو ياكى يېڭى داڭلىق پلاستىنكا چىقىپ بولغۇچە سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئۇ توغىرسىدىكى ئۇچۇر پەيدا بولۇپ بولىشى كېرەك.
زىيارەت
نىمىنى زىيارەت قىلىسىز ؟ ئۆزىڭىز قىززىققان خەلق ئارىسىدىكى كىشىلەرنى ! مەسلەن دېھقاننى، ئوقۇتقۇچىنى، ئوقۇغۇچىنى، باغۋەننى، ساتراشنى، موزدوزنى دىگەندەك. ھەر كۈنى بىر يېڭى شەخس بىلەن پاراڭلىشىسىز، بۇ ئاسان ! بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى مەن مۇخبىر دەپ يالغان ئېيتىشىڭىز ھاجەتسىز. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ھەققىدە ماختىنىپ سۆزلەشكە ئامراق، سىز ھەرقانداق بىر كاسپقا ئازراق يەل ئۇرۇپ كوچىلاپ قويسىڭىزلا ئۇ ئۆزى سۆزلەپ كېتىدۇ، ھەر قېتىملىق سۆھبەتنى تەپسىلى بلوگ قىلىپ يازىسىز !
تور بەتنى يېزىش
سىز ئادەتتە قانداق تور بەتلەرنى كۆرىسىز ! ؟ مۇنبەرنىمۇ ياكى يۇمشاق دېتال تور بېكەتلىرىنىمۇ؟ ئىشقىلىپ ھەر كۈنى بلوگىڭىزدا مۇنەۋۋەررەك بولغان بىر تور بېكەتنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى، مۇلازىمەت دائىرىسى، ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەقسىز مۇلازىمەتلىرىنى يېزىپ تورداشلارغا بىلىم بېرىسىز. مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ 365 كۈندە 365 تور بېكەتنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى سۆزلەيسىز.
كىتابنى
دۇنيادا نەچچە مىڭلىغان نەشىرىيات ئورۇنلىرى بار، ھەر كۈنى بىر پارچە ئۇيغۇرچە كىتاب ھەققىدە ماقالە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىزدەش ماتورى دىگەن ياخشى نەرسە، سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بىر نەرسە بولسىلا تاپالايدىغان قىلىۋېتىمىز، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ نىمە مەزمۇندا يېزىلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە بىلىشكە ئېھتىياجلىق. بارلىق كىتاب ئالغۇچىلار ئاۋال نىمە مەزۇندا ئىكەنلىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەزمۇنلار كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا بار. دىمەك سىز قىلىدىغان ئىش ھەر كۈنى كىتابخانىغا بىر قېتىم قاتراپ بىر كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى ئوقۇپ چىقىش. ئۇنىڭ نىمە مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى بلوگقا يازىسىز. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ 5 يىل يازغاندا سىزنىڭ بلوگىڭىز شىنجاڭ داشۆنىڭ كۈتۈبخانىسىمۇ تەمىنلىيەلمەيدىغان چوڭ كاتالوگنى تەمىنلەيدۇ.
ۋىكى (ئېنسكلوپېدىيە) ياكى قامۇس دەيلى
بلوگىڭىزنى بىر كىچىك قامۇس قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسىڭىز بۇنداق قىلماڭ، چۈنكى بۇ توغىرلىق نىسبىتى تەلەپ قىلىدىغان ئىش . ئەگەر سەۋيىڭىز يۇقىرىراق بولسا مۇشۇ تۈرنى تاللىسىڭىز كىرىم بەك ئوبدان بولىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قامۇس يازىسىز ! ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىر قامۇس ! ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىر چوڭ ئېنسكلوپېدىيە ! ھەممىنى باشتىن يازىسىز ! ھەر كۈنى پەقەت بىر پارچە ! قانداق يازاتتىڭىز ، «قېتىق ئۇيۇتۇش ئۇسۇلى»، «قوينى قانداق بوغۇزلايدۇ؟»، «ئىشەكنى قانداق باغلايدۇ؟»، «گالىستۇقنى قانداق چىگىمىز؟»، «پولونى قانداق ئېتىدۇ؟»، «تاۋۇزنى قانداق تىلىدۇ؟» …. ۋەھاكازالار ! سىز «نىسپىيلىك نەزەرىيسى» دىگەندەك چوڭ تېمىلارنى يازىدىغانغا ئالىي ئەرباب ئەمەس، سىز كۈنىگە 100 دوللارمۇ تاپالمايۋاتقان بىر نامرات ! شۇڭا گەرچە «تاۋۇزنى قانداق تىلىدۇ؟» دىگەندەك ئۇششاق تېمىلار بەك ئاددى ، سەل تېتىقسىز بولسىمۇ بۇلارنى رەسىملىك ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ ھەر كۈنى يېزىۋەرسىڭىز ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ بلوگقا توپلاۋەرسىڭىز تورداشلارنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان نەرسە يېزىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز ! ئېسىمدە قېلىشىچە مەن ئۆتكەن يىلى بىلىك كۇلۇبىغا «ئارغامچىنى مۇنداق چىگىدىكەنمىز» دەپ بىر تېما يازسام ئىنكاس شۇنداق جېق بولغان.
ۋە باشقا مەن بىلمەيدىغان سىز بىلىدىغان ساھەلەر ….
مۇشۇلارنىڭ بىرىنى يېزىڭ !
مەن يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي ! باشقىلار يازمىغاننى يېزىڭ، باشقىلار تاللىمىغان تۈرنى تاللاڭ. نۇرغۇن دوستلار ھازىر مېنى دوراڭ دەپ قويسام بۇ گەپنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ تەكلىماكان بلوگنىڭ ماقالىلىرىنى پەش چېكىتلىرىگچە كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ بلوگلىرىغا ئۈندۈرۈپ بولدى. بىر ياخشى تېما چىقسىلا ھەممە تور بەتكە ئۈنۈپ كېتىدۇ، سىز شۇنداق قىلغاندا ھىس قىلدىڭىزمۇ ؟ بىر مەزمۇن ئۇنىڭدىمۇ بولسا، بۇنىڭدىمۇ بولسا ئادەمدە زېرىكىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا تەكلىماكان بلوگ تاللىغان مەزمۇنلارنى سىز تاللىماڭ. تەكلىماكان بلوگ ھەم سىز تاللىغان مەزمۇنلارنى تاللاشقا توغرا كەلسە باشقا ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ. نىمە يازسىڭىز يېزىڭ. ئەمما باشقىلار يازغاننى كۆچۈرۈپلا بولدى قىلماڭ. بۇ ئىجادىي بلوگ ئەمەس، بۇ كۈنىگە 100 دوللار تاپالايدىغان بلوگ ئەمەس !
ۋىليام لوڭ، مارشال برەين، googlesystem قاتارلىق بلوگلار كۈنىگە نەچچە 100 دوللار تېپىۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ ھەقسىز بلوگ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىدۇ. مەن دىققەت قىلىپ كۆرسەم ئۇلار يۇقىرىدا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن قائىدىلەرگە بەك دىققەت قىلىدۇ، مەسلەن سىز دۇنيادىكى داڭلىق بلوگ ماشابولدا باشقا تور بېكەتتىن كۆچۈرۈپ كىلىنگەن ھىچقانداق مەزمۇننى ئۇچرىتالمايسىز. Googlesystem گە پۇل بەرسىڭىزمۇ Google نىڭ سىرتىدىكى ماقالىلەرنى يازمايدۇ. ئۆزىگە GoogleSystem دەپ ئىسىم قويۋالغان بىلەن Google شىركىتى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، پەقەت Google دا بىرەر ئۆزگىرىش ياكى يېڭىلىق بولۇپ بولغۇچە بۇلارنىڭ بلوگىدا پەيدا بولۇپ بولىدۇ، ھەتتە ئۆتكەن يىلى Google شىركىتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ Adsense ئېلانىنى Googlesystem ئۈچۈن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ بۆلۈمدىن خۇلاسە خۇلاسە :
1. بلوگ مۇلازىمىتېرىنى تاللاش : ھەقسىز بلوگنى تاللىدۇق
2. Adsense ئېلانى ئىلتىماس قىلىش (ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى)
3.بلوگ ياساش ۋە بېزەش. (ئۇيغۇرچە بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش)
4. بلوگ مەزمۇنىنى بېكىتىش چوقۇم مەخسۇس بىر تۈردە بولسۇن
5.بلوگنى چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. نىمە بولسا مەيلى !

كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى 2-بۆلۈم

ئەمدى قارشى پىكىردە بولغۇچىلارغا پەرۋايىم پەلەك. نىيىتىىمنى چۈشەندۈرۈپمۇ ئولتۇرمايمەن ! تورداشلار BSP نى يەنى ھەقسىز بلوگنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ! خوش ! ئەمسە ھەقسىز بلوگنى ئىشلىتەيلى ! مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجىربىلىرىم مۇتلەق ئىشەنچىلىك ! خاتىرجەم بولۇڭ. تېمىدا دىيىلگىنى بويچە بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن قىلىڭ. ھەممىنى تەپسىلى دەيمەن ! دىمەك بىر دانە بلوگىڭىز بولىشى كېرەك. بىز مۇشۇ بىر دانە بلوگ ئارقىلىق كۈنىگە 100 دوللار تاپىمىز ! بلوگ ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، خەنزۇچە بولسىمۇ ياكى قايسى تىلدا بولسا مەيلى ! ئاۋال بلوگنىڭ بولىشى مۇھىم ! باشقا ئىشلارغا كۈچىمەي بلوگدىن بىرنى ئېلىڭ ! نەدىن ئالىمىز !
ھەقسىز بلوگقا مېنىڭ قويىدىغان شەرتلىرىم تۆۋەندىكىچە :
1.مەشغۇلاتى ئاسان بولىشى كېرەك.
2.BSP تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېلانى بولماسلىقى ياكى ئاز بولىشى كېرەك.
3. چوقۇم JavaScript ۋە Html قوللىشى كېرك.
4. مۇشتەرى بولۇش RSS ئىقتىدارى بولىشى كېرەك.
5. چوقۇم Unicode قوللايدىغان بولىشى كېرەك.
6.ئېچىلىش سۈرئىتى تېز بولىشى كېرەك.
7.بەرگەن ھەقسىز بوشلۇق چوڭ، يېتەرلىك بولىشى كېرەك.
8.مۇقىم ئىشەنچىلىك 5 يىللىق BSP تەمىنلەش تارىخى بولىشى كېرەك.
خوش ! يۇقارقى شەرتلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق. مەشغۇلاتى ئاددى بولسا IT ھەققىدە چۈشەنچىسى ئاز دوستلارمۇ 100 دوللار تېپىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. JavaScript دىگەندەك سۆزلەرنى چۈشەنمىسىڭىز بىزنى دوراپ، بىز نەدىن بلوگ ئالساق شۇ يەردىن ئالىۋېرىڭ ! ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىزدا كۆپ تىللىق مەزمۇن بولسا چوقۇم Unicode قوللايدىغان بولمىسا بولمايدۇ. مۇشتەرى بولۇش دىگەن نىمە ؟ بۇ ئاددى گەپ، خۇددى گېزىت ژۇرنالغا مۇشتەرى بولغاندەك، بلوگ مەزمۇنىغا مۇشتەرى بولۇش دىگەنلىكتۇر. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتابخانىغا بېرىشقا ۋاقتى يوق شۇڭلاشقا گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولىدۇ، يېڭى ژۇرنال چىققان ھامان مۇشتەرى بولغۇچىنىڭ ئىشىك ئالدىغا پوچتالىيون ئاپىرىپ بېرىدۇ. بلوگ مەزمۇنىغا مۇشتەرى بولۇشمۇ شۇنداق. بلوگنى ئېچىش ھاجەتسىز، مۇشتەرى بولغۇچى قايسى ئۇسۇلدا (مەسلەن ئېلخەت، rss, ئاتوم ۋە باشقىلار) مۇشتەرى بولغان بولسا، بلوگ مەزمۇنى شۇ ئۇسۇلدا مۇشتەرى بولغۇچىغا يەتكۈزىلىدۇ. Rss دىگەن نىمە ؟ بۇ سۇئالغىمۇ جاۋاب بېرىۋېتەي. ئادەتتە تور بېكەتلەر بەك كۆپ، ھەر كۈنى بىز قىززىقىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ يېڭىلانغان مەزمۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەممە تور بېكەتنى بىر قېتىم ئېچىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئاچقاندىن كېيىن يېڭىلانغان بولىشىمۇ مۇمكىن، يېڭىلانمىغان بولىشىمۇ مۇمكىن. يېڭىلانمىغان بولسا بېكاردىن بېكار ئېچىپ ئاۋارە بولىمىز. ئۇنداقتا بۇ ئاۋارچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى دەل rss . ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان تور بېكەتلەرنىڭ rss ئادرېسى بولىدۇ. مەخسۇس rss تونۇيدىغان يۇمشاق دېتال ياكى پروگراممىلار مەسلەن Google Reader قاتارلىقلار تور بېكەتلەرنىڭ rss ئادرېسىنى ئاپتوماتىك تاپالايدۇ. شۇ ئادرېسىنى قوشۇش ئارقىلىق RSS پروگراممىلىرىدا تۇرۇپ بىز قىززىقىدىغان بارلىق تور بېكەتلەرنىڭ rss ئادرېسىنى قوشۇۋالىمىز. ئۇندىن كېيىن ئۇنچە كۆپ تور بېكەتلەرگە كىرىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، بىز تىزىملاتقان rss ئوقۇغۇچنىلا ئاچىمىز. يېڭى مەزمۇنلار شۇنىڭ ئىچىدىلا كۆرۈنىدۇ. ھازىر پۈتۈن يەرشارىدا مۇشۇ ئۇسۇل كەڭ ئومۇملاشماقتا.
خوش ! ئەلۋەتتە بىزنىڭ بلوگ ئوقۇرمەنلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا rss شەكىلدىكى مەزمۇنلارغا ئېلان قىستۇرغىلى بولامدۇ؟
شۇنداق بولىدۇ، بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ. بۇنى مەن كېيىن چۈشەندۈرىمەن !
يۇقىرقىدەك ئالاھىدىلىكى بولغان بلوگ تەمىنلەش مۇلازىمەتلىرى BSP دىن قانچىسى بار.
http://www.ughur.cn/blog شىنجاڭ لىنىيىسى
شىنجاڭ لىنىيىسى RSS قوللىمايدىكەن. ئەمما ئەركىن ئابدۇللا، Jeck ۋە باشقا نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ شىنجاڭ لىنىيىسىدە بلوگى بار. شۇڭلاشقا مېنىڭچە كېيىنچە RSS ئىقتىدارىنىمۇ ئېچىپ قېلىشى مۇمكىن. شىنجاڭ لىنىيىسىدە بلوگ ئالغاننىڭ يەنە بىر نەچچە زىيانلىق تەرەپلىرى باركەن. مەسلەن : تور نامى بەرمەيدىكەن. چىقىرىپ بەرگەن تورنامى سېستىما پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك چىقارغان ئۇزۇن ئاپتوماتىك تور نامىكەن.
خەت نۇسخىسى سەل غەلىتىرەك تۇرىدۇ، باشقا ئورۇنغا چاپلاپ ئاپارسا نورمال كۆرۈنمەيدىكەن. پەقەت شىنجاڭ لىنىيىسىنىڭ ھەرقايسى تارماق سەھىپىلىرىگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىلا نورمال كۆرۈنىدىكەن. بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىدىغانمۇ چارە بار. مەسلەن:
1. ماقالىنى چوقۇم http://www.yulghun.com/imla دا يېزىپ ئاندىن شىنجاڭ لىنىيىسىدىكى بلوگقا كۆچۈرۈپ ئاپىرىش، بۇنداق بولغاندا بلوگىڭىزدىكى خەتلەر ئۆلچەملىك يۇنىكود شەكىلدە بولىدۇ.
2. تور نامى سېتىۋېلىش ! (بولدىلا، مەبلەغ سالمايدىغان ئىش بولغاندىكىن بۇنىمۇ سېتىۋالماڭلار). مەندە http://www.tekli.cn دىگەن بىر تور نامى بار. ئەگەر شىنجاڭ لىنىيىسىدە بلوگى بارلار http://jeck.tekli.cn شەكىلدىكى قىسقا 2-دەرىجىلىك تور نامىغا ئېھتىياجلىق بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقاي. مەن ھەقسىز تەمىنلەپ بېرەي. ئۇلاپ قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.
http://www.blogbus.com بلوگباس ھەقسىز بلوگى
بلوگباس يۇنىكود قوللايدۇ، شۇڭلاشقا سىرىتقى يۈزىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدۇ. blogbus ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئېلخەت بولىشى كېرەك. ئەگەر بلوگباستا ئۇيغۇرچە بلوگ ياسىماقچى بولسىڭىز http://www.tekli.cn غا كىرىپ «ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبى» دىگەن سەھىپىگە قاراڭ ! باشتا دەپ ئۆتكەندەك كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۈچۈن بلوگنىڭ تىلى قايسى تىلدا بولۇش چەكلەنمەيدۇ. ئەمما ھازىر ئۇيغۇرچە ئەخلەت تور بېكەتلەر كۆپ بولۇپ كەتتى. شۇڭلاشقا بلوگىڭىز چوقۇم سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن تولغان بولىشى كېرەك. بۇ ھەقتە كېيىنكى بۆلۈمدە سۆزلەيمىز .
http://www.blogger.com ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى
مېنىڭچە ئەڭ ياخشى بلوگ مۇلازىمىتى مۇشۇ blogger.com بىراق ئۇنىڭ نورمال ئېچىلىدىغان كۈنلىرىدىن نورمال ئېچىلمايدىغان كۈنلىرى كۆپ ! شۇڭلاشقا ھازىرچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما سىز Adsense ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم blogger.com دىن بىر بلوگ ئېلىپ شۇ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك.
بۇ يەرنى چېكىپ كىرىپ adsense ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى كۆرۈڭ.
تورداشلار يەنە ئۆزى بولىدىكەن دەپ قارىغان ھەرقانداق بىر ئورۇندا بلوگ ئالسا بولىدۇ. ئەمما بوشلۇق ئىشەنچىلىك بولمىسا، سىز مەلۇم مەزگىل بلوگ يازغاندىن كېيىن يۆتكەشكە توغرا كەلسە قانچىلىك نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟
بلوگنىڭ RSS ئادرېسى قەتئى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. سىز بارلىق مۇشتەرىلەردىن ئايرىلىپ قالىسىز. Google ۋە باشقا ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. يېڭى بلوگىڭىزنى ئىزدەش ماتورلىرى قوشمايدۇ، نىمىشقا ؟ چۈنكى سىز ئوخشاش نام بىلەن يەنە بىر ساختا بلوگ ياسىغان بولۇپ قالىسىز. شۇنداق قىلىپ سىز كۈنىگە 100 دوللار تېپىشتىن ئايرىلىپ قالىسىز دىگەن گەپ ! شۇنىڭ ئۈچۈن بلوگ چوقۇم مۇقىم. 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقت مۇشۇ ساھەدە مۇقىم تۇرىۋاتقان BSP دىن ئېلىنسا ياخشى !
ھە راست ! بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتەي ! بۇ تېمىدا ھېلىقى 100 بلوگنىڭ گېپى بولۇنغىنى يوق ! 100 بلوگ ئېلىش ھەققىدىكى ئىنكاسنى ئەسلى تېمىغا يەنى مۇشۇ تېمىنىڭ 1-پەسلىگە يېزىڭ ! بۇ تېمىدا پەقەت كۈندە بىر بلوگ ئارقىلىق يۈز دوللار تېپىش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز . بلوگقا ئادەم باشلاپ كىرىش، قانداق قىلىپ كۈندىلىك زىيارەت سانىنى 100 دوللارلىق ئېلان چېكىلگۈدەك دەرىجىدە ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تېمىدا سۆزلىنىدۇ.
ھازىر قىلىدىغان ئىش :
بىر دانە بلوگ ئېلىش
Adsense ھېساباتى ئېلىش
بلوگنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇبتا بېزەش
بلوگقا ھازىرچە ماقالە يازماي تۇرۇڭ. نىمە يېزىشنى مەن دەيمەن.
پايدىلىق ئۇلانمىلار :
http://www.blogbus.com
http://www.blogger.com
http://www.uyghur.cn/blog
Adsense ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى
Blogbus قا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش
Blogbus قا eot ئۇلاش ئۇسۇلى

كۈندە يۈز دوللار تېپىش ئۇسۇلى 2-پەسل 1-بۆلۈم

2-پەسىل : بۇ پەسىلدە بىر بلوگ ئارقىلىق كۈنىگە يۈز دوللار تېپىش ئۇسۇلى تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى بىلەن تونۇشتۇرىلىدۇ. ھىچقانداق كىشىگە شەرت قويۇلمايدۇ. چەتئەل تىلى بىلىش ھاجەتسىز. سىز پەقەت كومپيوتېردا خەت يازالىسىڭىزلا مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان تەلەپلەرنى ئورۇندىيالايسىز.
بۇ ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىڭ !
1. «كۈندە يۈز دوللار بەك ئاسان 1- پەسىل» – تەكلىماكان يازمىسى
2. «Google نىڭ سىرى» – بۈركۈت (Eagle)
يۇقارقى ئىككى تېمىنىڭ گەرچە بۇ ماقالە بىلەن بىۋاستە تۇققاندارچىلىقى بولمىسىمۇ، ماقالىدىكى مەشغۇلات پىرىنسىپلىرىنى چۈشىنىشتە ياردىمى كۆپ ! بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ ئەسلى يازمىسى. كۆچۈرۈپ چاپلانسا مەنبەسى ئەسكەرتىلگەي.
ئەمسە گەپنى يەنە باشلاي! مەن بۇ تېمىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىمەن ! چۈنكى بۇ كۈنىگە 2 سائەت ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئايدا 22000 يۈەن پۇل تاپىدىغان ئۇسۇل ! بۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سالمايسىز ! سالىدىغان بىر دىنبىر مەبلەغ ھەر كۈنى ئىككى سائەت ! قار ياغقاندىمۇ، بوران چىققاندىمۇ، ماغدۇر كەتكەندىمۇ … سالىدىغان بىردىنبىر مەبلەغ ھەر كۈنى ئىككى سائەت ۋاقت !
مەن تېمىنىڭ 1-پەسلىنى يازغاندىن كېيىن فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان «يەرشارىلىق» ئەپەندىم، كورىيىدە، لوندوندا، ياپونيە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇلى مەسلىسىنى ئائىلىسىگە چاندۇرماستىنلا ھەل قىلىشنى ئويلاشقانلىنىقىنى ھەم بۇ ئىشنىڭ زادى مۇمكىنلىكىنى سورىدى ! مەن ئۇلارغىمۇ جاۋاب بەرگەن. ھەم بۇ يەردىمۇ جاۋاب بېرەي !
كۈندە 100 دوللار تېپىش سىز ئۈچۈن ھەم مەن ئۈچۈن تامامەن مۇمكىن ! تامامەن مۇمكىن ! تامامەن مۇمكىن !
بەزىلەر بۇ ئىشقا قەتئى ئىشەنمەسمىش ! ھىم ! چۈنكى تېپىپ باقمىغانلار ئىشەنمەيدۇ. بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئادەملەر بەك كۆپ ! ئۇلارنى ئىشەندۈرۈپمۇ بولالمايمىز ! ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قانداق پاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان ئادەملەر بار تۇرسا !
ماقالە باشلىنىشتىن بۇرۇن يەنە ئەسكەرتەي : ھەرقانداق بىر دوستىمىزنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار ! بىز ھىچكىمنى زورلىمايمىز ! بىز پەقەت پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىككى سائەتلىك ۋاقتىنى توردا بىز بىلەن 100 دوللار ھەلەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغان بۆرە يۈرەك تورداشلارغا تونۇشتۇرىۋاتىمىز ! تېما مىجەزىڭىز تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمىسا (ئەگەر تېمىدا سىزگە ۋە باشقىلارغا تىل ھاقارەت قىلغان مەزمۇنلار سۆزلەنمىسىلا) كارىڭىز بولمىسۇن !
يۈز دوللار !
$ بۇ بەلگىنى تونۇمسىز ؟! تونۇمىسىڭىز ئەمدى تونۇيدىغان بولىسىز ! ئۇ دوللارنىڭ بەلگىسى، پۇلنىڭ بەلگىسى، سىز شۇنداق بەلگىسى بار پۇلدىن 100 نى تاپالايسىز دىگەن گەپ. بىر ئايدا، بىر ھەپتىدە ياكى بىر كۈندە ئەمەس ! ئىككى سائەتتە !
بۇ تېمىدا سىز قىلىدىغان ئىش كەتمەن چېپىش ئەمەس ، پايپاق سېتىش ئەمەس، ھىچ ئىش قىلماي دۈم يېتىش ھەم ئەمەس !
بۇ خۇددى «كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ ! » دىگەن سۆزدەك ئاددى ئىش !
بۇ خۇددى تەييار تاماققا مېھمان بولغاندەكلا ئاددى ئىش !
ئەلى بابا «كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ! » دېسە جاۋاھىراتقا تولغان غار ئېغىزى ئېچىلغاندەك ئاددى ئىش !
ئەمما ئۇنچە كۆپ مال دۇنيا يوق ! بارى ھەر كۈنلۈكى ئاران يۈز دوللار ! 700 يۈەن ! 70 ياۋرو ! 1500 رىيال ! بىر كۈنلۈكىڭىزگە يېتەمدۇ ؟ 700 يۈەن كۈنلۈك چىقىمىڭىزغا يەتمىسە مەندە ئامال يوق ! باشقا يول تېپىڭ ! مەن ئاران مۇشۇنچىلىك تېپىشنى ئۆگىتىپ قويالايمەن ! «ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ» – ئەرەب خەلق ماقالى
بۇنىڭغا كۆپ ۋاقت سەرپ قىلمايسىز ! مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ بولغانچىلىك ۋاقت كېتىدۇ. بىر قاچا تاماقنى يەپ بولغانچىلىك ۋاقت كېتىدۇ. كۈندە ئىككى سائەت ! تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كىلىپ تۇل خوتۇنلارچە غەيۋەتكە چۈشكەنچىلىك ۋاقتتا، يالغاندىن سىياسى ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولىۋېلىپ گېزىتكە قاراپ ئولتۇرۋالغانچىلىك ۋاقتتا، رەيھان ئۆيىدىن چىقمىسا ساقلاپ ئولتۇرغانچىلىك ۋاقتتا، سىزگە يۈز دوللار تېپىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىپ قويىۋاتىمىز. دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ ! بۇ تېمىغا دۈشمەنلىك قىلماڭ. چۈنكى سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەتىدىن كەچكۈچە تورخانىدىن چىقماي ئويۇن ئوينىغانغا دۈشمەنلىك قىلمىغان ! بۇ تېمىغا زەھەر سانجىماڭ ! چۈنكى سىز پۇل تاپالمىغانلار ئىچكىرىگە يانچۇقچىلىققا ماڭغاندا «ئاقيول تىلەپ ئۇزاتقان» ! بۇ تېمىغا غەيۋەت چاپلىماڭ، چۈنكى سىز نامراتلارغا پۇل تارقىتىپ باقمىغان ! بۇ تېمىدىن ھەم گۇمانلانماڭ، بەلكى گۇمانلىنىدىغان ئىش – سىز نامرات بولغاچقا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولمىغان قىزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە پاھىشە بولىشى ! بۇ تېمىدىن قۇسۇر ئىزدىمەڭ ! سىز قۇسۇر ئىزدەيدىغان نەرسە مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يول ئاچالمىغان، ئىشلىمىگەن كاللىڭىز !
مەن ئۇخلىسىمۇ پۇل دەپ خورەك تارتىدىغانلاردىن ئەمەسمەن ! بەلكى ھەممىنى كاللامدىن چىقىرۋېتىپ راھەت ئۇخلايدىغاندىن! مەن قەرز ھەلەكچىلىكىدە يامان چۈش كۆرمەيمەن ! باغچىلارنى سەيلە قىلىپ شېرىن چۈش كۆرىدىغاندىن ! مەن پۇلغا ئەمەس پۇل تاپالايدىغانلارغا ئەگىشىمەن ! يولغا ئەمەس يول تاپالايدىغانلارغا ئەگىشىمەن ! ئاياغ تىكىش ئۈچۈن موزدوزغا شاگىرت بولىمەن، پۇل تېپىش ئۈچۈن زەردارغا ! سىزمۇ ھەم كۈندە يۈز دوللار تېپىش ئۈچۈن مەزكۇر تېمىغا شاگرت بولۇڭ !
سىز نىمىشقا نامرات ؟ چۈنكى پۇل يوق !
قانداق قىلساق باي بولىدۇ ؟ پۇل تېپىڭ !
پۇل نەدىن كېلىدۇ ؟ پۇل ياسايدىغان زاۋۇتتىن !
ئۇنى قانداق تاپىمىز ؟ …..
يەر تېرىپ، كۆكتات سېتىپ، لەغمەن ئىتىپ، كەتمەن چېپىپ، بىر جۈملە سۆز جاپا چېكىپ ! تەر ئاققۇزۇپ، كۈن پاتقۇزۇپ دىگەندەك. ئەمما ھازىر مەن دېۋاتقان ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە ! ئۇ يېڭىچە، ئۇ ئۆزگىچە، ئۇ كۆڭۈللۈك، ئۇ سىزنى ھارغۇزمايدۇ بەلكى راھەتلەندۈرىدۇ. ئەمدى ئۈرۈمچىگە بارسىڭىز ئۇدۇللا ھويتاك ياكى گۈزەل جۇڭخۇادا ياتىدىغان بولىسىز ! ئەمدى ئورۇنداقسىز بېلەت ئېلىپ 20 نەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ يۈرمەيسىز ! سىز ئولتۇرىدىغان خاس يۇمشاق ئورۇندۇق ئۈچ كۈن بۇرۇنلا تەييارلانغان بولىدۇ ! ئەمدى چىرايىڭىزنى توپا بېسىپ كەتمەيدۇ ! نىمىشقا ؟ چۈنكى سىز بۇ تېمىغا ئەگىشىپ كۈندە 100 دوللار تاپقان !
پۇت – قولىڭىز ساق تۇرۇپ قىلمىسىڭىز، كۆزىڭىز ساق تۇرۇپ كۆرمىسىڭىز، قۇلىقىڭىز ساق تۇرۇپ ئاڭلىمىسىڭىز ئۇنىڭغا مەن ئەيپلىك ئەمەس ! سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە دۇنيا ئەيبلىك ! تەغدىر ئەيپلىك ! جەمئىيەت ئەيبلىك ! ھىم ! ئۇلار سىىزگە پۇرسەت بەرمەپتىمىش ! خۇددى رادىل ئابلا جەمىيەتنىڭ ئۆز بالىسىدەك، سىز ئۆگەي بالىسىدەك !
فرانسىيە گۈزەلمۇ ياكى كانادامۇ ؟ بۇنى سىز ئۇقمايسىز ! چۈنكى بېرىپ باقمىغاندە ؟ تېمىغا ئىزچىل ئەگىشىپ كۆرسىتىلگىنى بويچە مەشغۇلات قىلىڭ ! ئاندىن ھامان بىر كۈنى قايسىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى سىزنىڭ كۆزىڭىز ئىسپاتلايدۇ !
ھەر كۈندە !
سىز مانداق پۇلدىن 7 نى تاپالايسىز.

مانداق پۇلدىن 100 نى تاپالايسىز.
بەزىلەر تەكلىماكان بلوگ نەچچە پۇل تاپتى ؟ – دەپ سورىشىدۇ. ھې ھې ! سىزچە مەن بىلىككە 300 پارچە ئىنكاس يېزىلغان بىر ماقالە يازسام قانچە پۇل تاپارمەن ! ؟ ئەگەر payperpost تا ئېنگلىزچە يازسام ئېنىقلا 300 ئىنكاسلىق ماقالە ئۈچۈن 100 دوللار تاپىمەن ! يەنە بەزىلەر تەكلىماكان بلوگ كۈندە يېڭىلىنىدىكەن دەيدۇ ! پۇل تېپىپ بېرىۋاتقاندىكىن كۈندە يېڭىلىنىدۇ – دە ! ئەمدى سىزمۇ تېپىڭ ! تېمىغا دىققەت قىلىڭ ! تەپسىلى ئوقۇڭ، چۈشەنمىسىڭىز سوراڭ !ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق سورىسىڭىز بولىدۇ. كەچۈرۈڭلار، يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ «كۈندە 100 دوللار بەك ئاسان» نى يازغىنىمىدىن بۇيان، QQ نى ئاچسام 300 دەك ئادەم بىراقلا خەت يېزىپ، جاۋاب يېزىپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم، شۇڭلاشقا پەقەت ئېلخەت ئارقىلىق ۋە ئىنكاس ئارقىلىقلا جاۋاب يازىمەن. ئېلخەت ئادرېسىم تەكلىماكان بلوگنىڭ ئوڭ تەرەپىدە بار. ئادرېسى : http://www.tekli.cn

1- بۆلۈم : بلوگ ئورنى ھەققىدە
بلوگ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى باشقا شىركەتلەر تەمىنلىگەن ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى مەسلەن : blogbus ۋە uyghur.cn/blog قاتارلىقلار … بۇنداق بلوگلارنى بىز قىسقارتىپ BSP دەپ ئاتايمىز.
يەنە بىرى ئۆزىڭىز بىر بوشلۇق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى داڭلىق wordpress كە ئوخشاش بلوگ پروگراممىسىنى قاچىلاپ، خۇسۇسىي بوشلۇقتا ئاچقان بلوگ. بۇنداق بلوگلارنى ھەقلىق بلوگ دەپ ئاتاپ تۇرايلى ! بىز 1- بۆلۈمدە مۇشۇ ئىككىسىنىڭ قايسىنى تاللاش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىمىز .
BSP نىڭ ئالاھىدىلىكى :
بوشلۇق ھەقسىز، پروگرامما ھەقسىز، تور نامى ھەقسىز، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە ھەقسىز ! ھىچقانداق كاللا ئىشلىتىش كەتمەيدۇ. سىز پەقەت ئۇلار تەمىنلەپ بەرگەن بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇلار تەمىنلەپ بەرگەن قوراللاردىن پايدىلىنىپ يازسىڭىزلا بولدى. تەڭشەش ئېلىپ بارىمەن دەپ ئاۋارە بولمايسىز، ھەممىنى ئۇلار ئۆز خاھىشى بويچە تەڭشەپ قويغان ! ھىچقانداق يېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئولتۇرمايسىز، ھەممە نەرسە خۇددى خانغا تەييارلانغاندەكلا تەييار ھەم سىپتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ! بۇنداق بلوگنى قوغداشمۇ كەتمەيدۇ. BSP ئۆزى قوغدايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزدىن داڭلىق پروگراممېرلىرى بار، شۇلار ئۆزى قوغدايدۇ. ھىچكىمنىڭ ۋىرۇس ئېسىپ قويىشىدىن ئەنسىرمەيسىز. ھىچكىمنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرمەيسىز. پەقەت خەت يازسىڭىزلا بولدى.
BSP نىڭ چەكلىملىكى :
بۇنداق بلوگدا چوقۇم تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېلانى بولىدۇ، دىمەك سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مەلۇم ئورنىغا ئېلان قىستۇرۋالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە سىزگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەمدە ئۆزىگە شۇ ئارقىلىق كىرىم توپلاش ئۈچۈن پۇل تاپمىسا بولمايدىغان زۆرۈريەت. تور نامى 2-دەرىجىلىك تور نامى بولىدۇ. بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسا سىز ئۆزگەرتەلمەيسىز. بلوگدىكى ئۇلار تەڭشەپ قويغان چوڭ تەرتىپلەرنى ئۆزگەرتەلمەيسىز. ئۇلار خالىغان جايغا ئېلان قىستۇرالايسىز، سىز خالىغان جايغا ئېلان قىستۇرالمايسىز. سىز يازغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىس باشقىلارنىڭ بوشلۇقىدا يەنى BSP نىڭ بوشلۇقىدا، ئۇلارنىڭ كىلىشىمىدە ئېنىق بار . ھەرقانداق ۋاقتتا ئۇلارنىڭ سىزگە بەرگەن بارلىق مۇلازىمەتنى توختىتىش ، بولۇپمۇ سىزگە ئالدىن ئەسكەرتمەيلا توختىتىش ھوقۇقى بار، سىزگە مەڭگۈ ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەش مەجبۇريىتى يوق !
ھەقلىق بلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى :
ئۆزىڭىزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى قوللىنالايسىز، بوشلۇقنى خالىغانچە كېڭەيتەلەيسىز ياكى تارايتالايسىز، بلوگ پروگراممىسىغا ئۆزىڭىز خالىغاننى ئىشلىتەلەيسىز مەسلەن : lbs, z-blog, wordpress, drupal ۋە باشقىلار دىگەندەك. بۇ پروگراممىلارنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىۋالالايسىز، سىزدىن باشقا ھىچكىم ئېلان قىستۇرۋالالمايدۇ. سىزدىن باشقا ھىچكىم ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ. يوللىغان ھەممە مەزمۇن ئۆزىڭىز سېتىۋالغان بوشلۇقتا بولىدۇ. سىز بۇ بوشلۇقنى پۇلغا سېتىۋالغان، شۇڭا سىزنىڭ پۇلىڭىز تۈگىگىچە بولغان ئارلىقتا بوشلۇق تەمىنلىگۈچىنىڭ سىزگە بۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلەش مەجبۇريتى بار، ئۇلار ئۆزلىرى خالىغانچە توختتىپ قويالمايدۇ.
ھەقلىق بلوگنىڭ چەكلىملىكى :
تور نامىنى پۇلغا ئالىسىز، پۇل بولمىسا ئالغىلى بولمايدۇ، Godaddy دىن ئالسىڭىز تەخمىنەن 10 دوللار. بوشلۇقنى پۇلغا ئالىسىز، دەسلەپتە 50mb بوشلۇقنى DreamHost تىن سېتىۋالسىڭىز تەخمىنەن 100 دوللار. يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان GoDaddy ، DreamHost لاردىن باشقا Net.cn دىن باشقا ھىچقانداق ئورۇندىن سېتىۋالماڭ. چۈنكى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشى كېرەك ! WordPress نى ئىشلىتەمسىز ياكى Drupal نىمۇ. ئەلۋەتتە چوقۇم PHP بولىشى كېرەك. بۇلارنى كېيىن چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ! سىز ھەقلىق بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن PHP, MySql, JavaScript دىگەندەك مۇرەككەپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ساندان قۇرۇش، تور بېكەتنى لايھەلەش، پروگرامما يېزىش، تور بەتنى قوغداش، ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش ۋە ساقلاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك. بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن سىز تور ئىنجىنېرى ياكى مۇشۇ ساھەنى ئۆگەنگۈچى بولمىسىڭىز بولمايدۇ. ئېنىقكى سىزنىڭ بلوگىڭىز كۆزگە كۆرۈنگەن كۈننىڭ بىرىدە ۋىرۇس ئاسىدىغانلار چىقىدۇ، ساندان چوڭىيىپ كېتىدۇ، تور بېكەتتە ئەخلەت ھۆججەتلەر كۆپىيىدۇ، ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، پروگراممىلار بۇزۇلۇشقا ئۇچرايدۇ. قۇرۇلمىسى كونىچە تۈس بېرىپ ئوقۇرمەنلەرنى بۇرۇنقىدەك جەلپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىزدە IT ساھەسىدە ھەممىنى ھەل قىلىدىغان قابىليەت بولىشى كېرەك.
——
خوش ! ھەقسىز بلوگنى تاللامدۇق ياكى ھەقلىق بلوگنىمۇ ؟ بۇ تېمىغا ئەگىشىپ 100 دوللار تېپىشقا ئاتلانغان تورداشلار ئۆزۈڭلار پىكىر بېرىپ بېقىڭلار. 2- بۆلۈمدە مەخسۇس بىر تەرەپكىلا يۈزلىنىپ، شۇنى لايھەلەشنى ئۆگىنىمىز.
1-بۆلۈم تۈگىدى، ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقتتا تەكلىماكان بلوگدا داۋاملىشىدۇ. 100 دوللار ئۈچۈن بىر نەچچە ھەپتە بەرداشلىق بېرىپ ئەستايىدىل ئوقۇڭ، پىكىر قاتناشتۇرۇڭ. تەلەپ بويچە قىلىڭ !