A turkology blog

Archive for the ‘Adsense’ Category

Adsense ھىسابىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە

سىز Adesnse دىن زېرىكىپ ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋەتسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئىشلىتەلمەيسىز. چۈنكى مەلۇم ۋاقت بۇ ھىساباتقا ئادەم كىرمىسە ھىسابات توڭلاپ قالىدۇ. يەنە ئەگەر سىز Google ھىسابىڭىزنى ئۆچۈرۋەتسىڭىزمۇ Adsense ھىسابى ئۆچمەيدۇ. ھەم سىز ئۆچۈرگەن Gmail ياكى گۇگولغا تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن ئېلخەت مەۋجۇد بولمىغاچ مەزكۇر Adsense ھىسابىڭىزغا كىرەلمەيسىز.
ئەگەر ھەر قانداق سەۋەب بىلەن گۇگول Adsense ھىسابىڭىزنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز توردا ئۇلارغا خەت يېزىش ئۇسۇلىنى تاللاڭ.
بۇ ئادرېستېن كىرىڭ.ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە Adsense ھىسابىنى ئۆچۈرۈپ، مەلۇم ۋاقتتىن كېيىن قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ ئۇلار تەستىقلاۋېرىدۇ. ئەگەر سىز يۇقارقى توغرا ئۇسۇل بويىچە Adsense ھىسابىنى ئۆچۈرمەي شۇنداقلا تاشلىۋەتسىڭىز، يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن قايتا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تىزىملىتالمايسىز.

Adsense ئىزدەش كودى يېڭىلاندى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

بارلىق Adsense ئىزدەش رامكىسى ئورناتقۇچىلار دىققەت: سىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كىرىم بولىدىغان Adsense ئىزدەش رامكىسىدىن 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كىرىم بولمايدۇ. شۇڭلاشقا دەرھال يېڭى كودقا ئالماشتۇرۇڭ. ئەگەر سىز ئىزدەش رامكىسىنى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن قويغان بولسىڭىز ئۇ ھالدا بۇ ئۇقتۇرۇش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. سىز ئاللبىۇرۇن يېڭى كود قاچىلىغان. ئەگەر 1-ئاينىڭ 8-كۈندىن بۇرۇن ئالغان ئىزدەش رامكا كودى بولسا ئۇنى ھازىرلا يېڭى كودقا ئالماشتۇرۇڭ.
يېڭى كودقا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى :
ھىساباتىڭىزغا كىرىپ، ئىزدەش كودى ئېلىڭ. ۋە تور بېتىڭىزدىكى ئەسلىدە بار ئىزدەش رامكىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى كودنى قويۇڭ.
كونا كود 2-ئاينىڭ 16-كۈندىن باشلاپ سىزگە ھىچقانداق كىرىم ھىسابلىمايدۇ.
گۇگول ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلىۋاتقان دوستلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
– رەھمەت.

گۇگولدىن 600 دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئالغانلار دىققەت!

گۇگول شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئېلىش سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، Adsense كىرىمىدىن ئېلىنىدىغان باجنى تەڭشىدى. شۇڭلاشقا باج تاپشۇرۇش ئەھۋالى جەدۋىلىنى قايتا يوللىشىڭىز كېرەك. تۆۋەندىكى ئىككى شەرتكە توشىدىغانلارغاتوشىدىغانلارغا گۇگول Adsense قا تىزىملاتقان Email ئارقىلىق يېڭى باج جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
1. ئامېرىكىلىق ئەمەسلەر (ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقلار ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى بۇنىڭ سىرتىدا)
2. بۇندىن بۇرۇن گۇگولدىن 600 دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلار.
ئەگەر سىز يۇقارقىلارنىڭ بىرى بولسىڭىز گۇگول سىزگە ئېلخەت ياكى ئۆي ئادرېسىڭىزغا يېڭى باج رەسمىيەت جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىسىڭىز گۇگولدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئەگەر سىز يۇقارقى شەرتلەرنىڭ سىرتىدا بولسىڭىز بۇ يازما بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
بۇ يازمىنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ.

Google Adsense دىن مۇكەممەل دەرسلىك (خەنزۇچە)

گۇگول شىركىتى بۈگۈن يېڭى قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس فلاش دەرسلىك ئىشلەپ تورغا قويۇپتۇ. دەرسلىك خەنزۇچە… ھازىرچە مەزكۇر دەرسلىكنى ئۇيغۇرچە قىلىپ يوللاشقا ۋاقتىمىز يوق. شۇڭلاشقا ئەسلى دەرسلىكتىن پايدىلىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ دەرسلكىنى كۆرگەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
ئەگەر تەپسىلى كۆرۈپ چىقسىڭىز، نىمىشقا ھەقسىز ئېلان چىقىۋالىدۇ. ئېلاننى قانداق قويسا كىرىم يۇقىرى بولىدۇ. قانداق قىلسا ھىسابات چەكلىنىپ كەتمەيدۇ دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.
كۆرۈش ئورنى

بلوگدا ئېلاننى ئەڭ يۇقىرى كىرىم بولىدىغان ئورۇنغا قويۇش

Adsense دا ياكى باشقا ئېلان پروگراممىسىدا ئېلان كودىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى تور بېكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى كىرىم بولىدىغان ئورنىغا قويىشىمىز كېرەك. ئېلان قانداق قويۇلىشى كېرەك؟ مەنچە بولغاندا: تور بەتكە يارىشىملىق بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئېلاندىن يۇقىرى كىرىم بولىشى كېرەك. تۆۋەندە يېڭى بلوگ ئالغۇچى ۋە ئېلان قويغۇچىلارغا ئېلاننى قايسى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.

گۇگول ئېلانى جۇڭگو بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئېلان قويۇش ئۇسۇلىدا ئەڭ يۇقىرى كىرىم ياراتقىلى بولىدۇ.
1. ئەڭ چوڭ 728X90 ئېلاننى تور بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇش كېرەك. ئادەتتە نۇرغۇن بېكەتلەردە مۇشۇنچىلىك چوڭلۇقتا لوگو ياكى تور بېكەت ماركا رەسىمى بولىدۇ. بۇ ماركا رەسىمنى ئىشلەتمەي ئۇنىڭ ئورنىغا ئېلان قويۇش لازىم.
يان رامكا ئۈستى تەرەپكە 300X250 چوڭلۇقتىكى ئېلاننى قويۇش لازىم. چۈنكى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئېلاننىڭ كىرىمى باشقا شەكىلدىكى ئېلانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ھالقىلىق سۆزلەر ئەڭ ئاۋال مۇشۇ ئېلانلارغا يىغىلىدۇ.

2. مەزمۇن بېتىگە 300X250 چوڭلۇقتىكى ئېلان قىستۇرۇش.
ئەگەر Blogbus بولسا ئۇنىڭ ماقالە بېتى بىلەن باش بېتى ئايرىم بولىدۇ. باش بەتكە قويغان كودنىڭ ئېلانى ماقالە بېتىدە كۆرۈنمەيدۇ. ماقالە بېتىگە قويۇلغان ئېلان باش بەتتە كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭلاشقا Blogbus قا ئوخشاش بلوگلار ياكى مۇنبەرلەردە مەزمۇن ئورنىغا ئېلاننى قىستۇرۇش، ئوڭدىن-سولغا يېزىقلار مەزمۇننىڭ ئوڭ تەرىپىگە؛ سولدىن-ئوڭغا يېزىقلار مەزمۇننىڭ سول تەرىپىگە قىستۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك:

تۆنۈگۈن يېزىلىغان بۇ ماقالىدە Blogbus قا مۇشۇ تۈرلۈك ئېلاننى قانداق قىستۇرۇشنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.
3. مەزمۇننىڭ ئاستىغا ئېلان قىستۇرۇش.
بلوگدىكى ماقالە بېتىنىڭ ئاستىغا 468X60 چوڭلۇقتىكى ئېلاننى قىستۇرساق مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولمىسا بۇ ئېلاننى قىستۇرماڭ. چۈنكى بۇ ئېلاننىڭ كىرىمى ئالدىنقىلىرىدەك يۇقىر ئەمەس. يەنە ئىنمكا بولسا 160X600 چوڭلۇقتىكى ئۇزۇن ئېلاننى يان رامكىغا قىستۇرۇش كېرەك.
دىققەت قىلىڭ. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرى ئەڭ يۇقىرى كىرىملىك ئېلان. ئەمما بىر بەتتىكى ئېلان سانى ئېلان تەمىنلىگەن شىركەت بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يەنە بىر مەسلە بىر بەتتە ئېلان بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ھەم تۆۋەن باھالىق ئېلانلار كۆرۈنىدۇ. شۇڭلاشقا ئېلان ئاز ھەم ساز ئورۇنغا قويۇلسۇن. ئۇنداقتا قانداق قويۇش كېرەك.
ئەڭ چوققىغا قويۇش: كۆزگە يېقىن قويۇش.
مەزمۇن ئارىسىغا قىستۇرۇش: مائۇسقا يېقىن قويۇش.
مائۇسقا يېقىن قويۇش: چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئەتراپىغا قويۇش.
يۇقارقىلارغا دىققەت قىلغاندىن باشقا يەنە بىر ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئېلاننى ماۋزۇنىڭ ئاستىغا قويماسلىق كېرەك. نۇرغۇن ئېلان شىركەتلىرى بۇ خىلدىكى ئېلاننى چەكلەيدۇ.

Adsense پۇلىنى Western Union ئارقىلىق ئېلىشقا يېڭى ئۆزگەرتىشلەر بولدى

بۈگۈن گۇگول شىركىتى ئېلان كىرىمىنى غەربى بىرلىك(西联汇款) ئارقىلىق ئېلىشقا قارىتا مۇھىم ئىقتىدارلار قوشتى. ئاساسلىقى پۇل ئەۋەتىلگەندىن كېيىن پۇلنىڭ تاپشۇرۋالغۇچىغا يەتكۈچە تۇرۇش ۋاقتى 35 كۈندىن 60 كۈنگە ئۇزارتىلدى. يەنە بىرى شۇ ئايلىق ئېلان كىرىمى سىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتە ئەگەر غەربىي بىرلىك شىركىتىنىڭ پۇل تاپشۇرۋېلىش ۋە ئەۋەتىشكە قويغان چېكىدىن ئېشىپ كەتسە گۇگول ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى يەنە بىر قېتىم غەربىي بىرلىك ئارقىلىق ئەۋەتىدۇ. مەسلەن:
سىز بۇ ئايدا 5000 دوللار تاپتىڭىز، ئەمما رايونىڭىزدىكى غەربى بىرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 3000 دوللار بولسا، گۇگول سىزگە 3000 دوللار ۋە 2000 دوللارلىق ئىككى سوممىدا، ئىككى قېتىم پۇل ئەۋەتىدۇ. بۇ پۇل ئەۋەتىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى، Adsense ھىسابىڭىزدىكى پۇل تاپشۇرۋېلىش تارىخى دىگەن ئورۇندا خاتېرلىنىدۇ.
ھازىرچە Adsense نىڭ پۇل ئەۋەتىش شەكلى Wesntern Union نى قوللايدىغان رايونلار تۆۋەندىكىچە:
ئارگېنتىنا
بۇلغارىيە
چىلى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چوڭ قۇرۇقلۇقى
كولومبىيە
مىسىر
لىتۇئانىيە
مالايىسىيە
ماراكەش
پاكىستان
پاناما
پېرو
فىلىپىن
رومانىيە
تەيۋەن

Adsense ئېلانىنىڭ يەككە باھاسىنى ئۆستۈرۈش

ياكى توربېتىڭىزدە يۇقىرى باھالىق ئېلان كۆرسىتىش ئۇسۇلى دىسەكمۇ بولىدۇ. تۆنۈگۈن گۇگول شىركىتى تور بېكەتكە قويۇلغان قايسى ئېلاننىڭ باھاسى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. دىققەت قىلىڭ. بۇ تېمىنى تەپسىلى ئوقۇمىسىڭىز ئاسانلا خاتالىشىسىز.
تور كۆرگۈچ تور بەتنى ئاچقاندا 1-بولۇپ ئېچىلغان ئېلاننىڭ باھاسى ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان ئېلان باھاسىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
مەسلەن سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە ئۈچ دانە Adsense ئېلانى بار. تور كۆرگۈچنىڭ سۈرئەت مەسلىسى، تور سۈرئىتى ۋە تور بېكەتتىكى مەزمۇن تۈپەيلىدىن بارلىق ئېلان ئورنىدىكى ئېلانلار بىرلا ۋاقتتا ئېچىلىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا گۇگول ئېلان كودى ئەڭ ئاۋال ئېچىلغان ئېلانغا تور بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى باھالىق ئېلاننى تىزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان ئېلانغا تور بېكەتتىن مۇناسىۋەتلىك سۆز تاپالماي خالىغان ئەرزان باھالىق ئېلانلارنى تىزىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان ئېلانغا بەك ئەرزان ھەتتا ھەقسىز ئېلانلارنى تىزىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 1- بولۇپ ئېچىلغان ئېلاننىڭ باھاسى يۇقىرى بولىدۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ تور بېتىڭىزگە قويۇلغان ئېلانلار ئىچىدە ئەڭ ئۈستىگە ياكى بەتنىڭ ئەڭ ئالدى تەرىپىگە قويۇلغان ياكى 1-ئېلان ئورنىغا قويۇلغان ئېلان باھاسى يۇقىرى بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بەلكى تور كۆرگۈچتە 1- بولۇپ نورمال كۆرۈنگەن ئېلاننى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭلاشقا سىز Adsense ھىسابى ئىچىدىكى 染道 دىن پايدىلىنىپ تور بېكەت يۈزىدىكى ھەر بىر ئېلانغا ئايرىم ئېلان ئىسمى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى كۆزىتىپ، ۋە ھىسابىڭىزدىكى 染道 نىڭ يەككە باھاسىغا قاراپ، قايسى ئېلاننىڭ باھاسى يۇقىرى بولغان بولسا، شۇ ئېلاننى مائۇسقا يېقىن جايغا قويۇڭ. تورداشلار ئاسان كۆرىدىغان جايغا قويۇڭ، تور بېكەتنىڭ ئەڭ بەك كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا قويۇڭ.
ئېلان كىرىمىڭىز ئالاھىدە يۇقىرىلاپ كەتسە، ياكى ئالاھىدە تۆۋەنلەپ كەتسە بۇ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل ئەمەس.