A turkology blog

Archive for the ‘Adwords’ Category

ئاۋازلىق ئېلانى ئىشلىنىۋاتىدۇ Google

Google Adwords بۆلۈمى بىلەن Google Analytics بۆلۈمى ھەمكارلىشىپ جىددى تۈردە ئاۋازلىق ئېلان پروگراممىسى ئىشلەۋاتىدۇ. مەزكۇر مۇلازىمەت بەلكىم Adwords غا پلاستىنكا ئېلانى بېرىدىغانلارغا بەكرەك ماس كېلىشى مۇمكىن. رەسىملىك ياكى خەتلىك ئېلانلار
كۆرگۈچىلەرنى ئانچە كۆپ جەلپ قىلىپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقت تىجەپ ئېلان ئوقۇمايدۇ. ئاڭلاش سەزگۈسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاۋازلىق ئېلانلار بۇ مەسلىگە ھەل قىلىش يولى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. ھازىر Google نىڭ سىنلىق ئېلانلىرى بار. بۇ ئېلانلار پەقەت ماس كەلگەن تور بېكەتلەردىلا بىرە-بىرە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەمما ھەممە تور بەتتە كۆرۈنىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
Bedding.com گۇگولنىڭ تۇنجى «ئاۋازلىق ئېلان»نىنى سىناق قىلىۋاتقان شىركەت. مەزكۇر شىركەتنىڭ پرەزدېنتى CEO تەد كاۋانا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ «ئاۋازلىق ئېلانلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىز مىڭلىغان يېڭى خېرىدارغا ئېرىشتۇق، تور بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت سانى ھەسسىلەپ ئاشتى. Google Analytics ئېلاننىڭ ئۈنىمى بولغان ياكى بولمىغاننى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
بەزى mp3 ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا «دابليۇ دابليۇ دابليۇ شەبنەم كوم» دەيدىغان بىر غاراڭغۇرۇڭ سەت ئاۋاز ئارلىشىۋالىدىغان ئىش بار ئىدى. كېينچە نۇرغۇن تور بېكەتلەر مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. «دىيارىم تـــور بېكىتى» دەيدىغان بىر يوغان ئاۋازلىق گەپ بار تېخى دىيارىمغا كىرگەندە….
ئىشقىلىپ بۇ يېڭى تۈر Adsense ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ ۋە Adwords غا ئېلان بەرگۈچىلەرگىمۇ يېڭى كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئىش دەپ قارايمەن.
Advertisements

ساغلاملىق ۋە ئۆي مۈلۈك بىلىملىرى مەركىزى ئېچىلدى Google

بۈگۈن Google شىركىتى ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە ئۆي مۈلۈك كەسپى بىلىملىرى مەركىزىنى ئاچتى. مەزكۇر ئىككى تور بېكەت Adwords پروگراممىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلان بەرگۈچىلەر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ساغلاملىق ئاسراش مۇلازىمەتلىرى، ياكى ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار توپلانغان تور بېكەتلەر شۇنداقلا قوشۇمچە گۇگول مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
ئۆي مۈلۈك بۆلۈمىدە ئېلان بەرگۈچىلەر ئەڭ يېڭى ۋە مۇكەممەل ئۆي مۈلۈك بىلىملىرىگە ۋە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ. Google يەنە بۇ ئىككى بۆلۈمنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن باش بېتىنىمۇ ياسىدى. بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

تور ئادرېسى يېزىشتا ئىلگىرلەش بولدى Adwords

Adwords غا ئېلان بەرگۈچىلەر دىققەت: Google Adwords گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئېلاندىكى URL يېزىشقا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. يەنى ئەگەر سىزنىڭ ئېلان يۈزىدە كۆرۈنىدىغان تور ئادرېسىڭىز http://www.tekli.cn بولسا ئېلان چېكىلگەندىن كېيىن ئېچىلىدىغان تور بەتنىڭ ئادرېسىمۇ http://www.tekli.cn بولىشى كېرەك. تور نامىدا ئالدامچىلىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تور نامى بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئېلاندا كۆرىنىدىغان ۋە ئېلان چېكىلگەندىن كېيىن ئېچىلىدىغان ئادرېس بىردەك بولىشى كېرەك.

يوليار تورى گۇگولغا ئېلان بەردى

Google Adwords نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە جاھان تورى ۋە ياخشى ئۇلىنىش تورى Google Adwords دا ئېلان بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىنتىل سەيناسى باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەت «يوليار ئۇلىنىشلىرى» Adwords غا ئېلان بەرگەن. Adwords پروگراممسى ئاپتوماتىك ھالدا ئۇيغۇرچە بېرىلگەن ئېلانلارنى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە تەڭشەپ بېرىدىكەن. Adwords غا بېرىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئېلانلارنىڭ كۆپىيىشى Adsense ۋە Adwords مەشغۇلات يۈزىنىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلدى

جاھان ئىتىساد تورى بىلەن ياخشى خەلقئارا ئۇيغۇر تورى بۈگۈن گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بەرگەن. ئادۋوردزغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلسە ئەلۋەتتە بۇ ياخشى تاللاش. گۇگول ئېلان ھەل قىلىش لايھەسى بويچە بولغاندا گۇگول پەقەت ئادسېنس ۋە ئادۋوردزدىن ئىبارەت ئىككى مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئايلىنىدۇ. مۇشۇ ئىككى مۇلازىمەت تولۇق ئۇيغۇرچىلاشماي تۇرۇپ گۇگولنىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرى تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىپ بولالمايدۇ. گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلمەي تۇرۇپ بۇ ئىككى مۇلازىمەت ئۇيغۇرچىلاشمايدۇ. گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلمەي تۇرۇپ گۇگول ئېلانىنى تور بېكىتىمىزگە قويساق ئېلان ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈ گۇگول ئېلانى قوللىمايدىغان تىل قاتارىدا تۇرىۋېرىدۇ. گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئاران 100 يۈەنلا كېتىدۇ. مەن جاھان ئىقتىساد تورى بىلەن ياخشى خەلقئارا ئۇيغۇر تورىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن. يۈز يۈەن بىلەن ئېلان بەرگەنلىك ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىغا چەكسىز خېرىدار توپلىغانلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە گۇگول ئىزدەش، ئېلخەت ۋە باشقا توردىكى مۇنەۋۋەر پروگراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ چىقىشىغا تۆھپە قوشقانلىق

دىگەن نىمە؟ Adwords

گۇگول ئادۋوردز – تەكلىماكان بلوگدا گۇگولغا ئېلان بېرىش دەپ ئاتايمىز. گۇگول ئىككى خىل يول ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ، بىرى ئادۋوردز مۇلازىمىتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان شىركەتلەردىن ئېلان قوبۇل قىلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم گۇگول ھازى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى، زىيارەت قېتىم سانى دۇنيا بويىچە (ئۆتكەن ئايدا) ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ھەرقايسى تارماق تور بېكەتلىرىنىڭ زىيارەت سانىنى يىغىپ ھېسابلىسا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق چوڭ تور بېكەتكە ئەلۋەتتە نۇرغۇن شىركەتلەر ئېلان بېرىشنى ئويلايدۇ. گۇگول ھەر كۈنى بەك كۆپ ئېلان قوبۇل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى گۇگولنىڭ باش بېتىدە بىرمۇ ئېلان يوق، ئاپئاقلا قۇرۇق بەت. ئۇنداقتا بۇ ئېلانلار قېنى؟ بۇ ئېلانلار دەل ئادسېنس يولى ئارقىلىق ھەرقايسى تور بېكەت ئىگىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، گۇگولنىڭ ئېلان ھەل قىلىش لايھەسى مەزكۇر ئېلانلارنىڭ تەقسىملەپ، مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەردە كۆرستىدۇ، ئەگەر سىز گۇگولغا كىتابنىڭ ئېلانىنى بەرمەكچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ ئېلاننى كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار تور بېكەتلەرگە تەقسىملەپ بېرىدۇ، تور بېكەت ئىگىلىرى ئېلان بەرگۈچىلەر تاپشۇرغان پۇلنىڭ مەلۇم قىسىمىغا ئېرىشىدۇ، ئەلۋەتتە گۇگولمۇ ئوتتۇرىدا نەپ ئالىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ جەريان پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئورۇنلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر كارخانا دۇنياغا يۈزلىنىمەن دەيدىكەن ئىنتېرنېتتىن يىراق تۇرسا بولمايدۇ، دىققەت قىلىڭكى ھەر كۈنى نەچچە يۈز مىليون ئادەم توردا! ئۇلار پاراڭلىشىدۇ، ئۆگىنىدۇ، ئويۇن ئوينايدۇ، ناخشا ئاڭلايدۇ، كىنو كۆرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئېلان كۆرىدۇ. دۇنياغا يۈزلەنگەن مەھسۇلات بەرپا قىلىشتا ئىنتېرنېت ئەڭ ياخشى قورال. گۇگولغا ئېلان بېرىشمۇ ئۈنىمى يۇقىرى ۋاستىلەرنىڭ بىرى. گۇگولنىڭ يەنە ئىزدەش نەتىجىسگىمۇ ئېلان قىستۇرۇلۇپ چىقىدۇ، يەنى ئەگەر سىز نەشپۈتنىڭ ئېلانىنى بەرگەن بولسىڭىز بىرەرسى گۇگولدى ياكى دەپ ئىزدەپ قالسا، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ۋە ئوڭ ياكى سول تەرىپىگە سىز گۇگولغا بەرگەن ئېلان چىقىدۇ، قىزىققۇچىلار كىرىپ تەپسىلاتىنى كۆرىدۇ ۋە سىزنى ئىزدەپ مال سېتىۋالىدۇ. ئىش مۇشۇنداق ئاددى، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا نۇرغۇن سودىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيسىز. تېلۋوزۇرغا ئېلان بەرگەندىن نەچچە ھەسسە ئەرزان ھەم ئۈنۈملۈك، ئېلان دەل جايىنى تېپىپ بېرىلىدۇ. كىم ئىزدىسە شۇنىڭغا كۆرسىتلىدۇ
Adwords: www.google.com/adwords