A turkology blog

Archive for the ‘Bidvertiser’ Category

Bidvertiser ئېلانىدىن تەپسىلى دوكلات

ئالدىنقى ماقالىمىزدە Bidvertiser ئېلان شىركىتىنىڭ ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۈگۈن تىزىملىتىش، تور بېكەت قوشۇش ۋە پۇل تېپىش جەريانى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بېرىمىز.
ئالدىنقى ماقالىدە دەپ ئۆتكەندەك Bidvertiser ئىلگىرى بلوگلارنى ھەم ئامېرىكا-كانادادىن باشقا جايلاردىكى ئىشلەتكۈچىلەرنى قوللىمايتتى. قىسقىغىنە بىر ئاي ئىلگىرى Bidvertiser شىركىتى خەلقئارالىق ئېلان مۇلازىمىتىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن جۈملىدىن بىزمۇ بۇنىڭغا تىزىملىتىپ، تور بېكىتىمىزگە ئۇلار تەمىنلىگەن ئېلانلارنى قويۇپ، پۇل تاپساق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېلانى ھەققىدە ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىش ھاجەتسىز. Adsense ئېلانىغا ئوخشايدۇ. مېنىڭ سىناپ بېقىشىمچە بېرىدىغان پۇلى Adsense بېرىدىغان پۇلدىن ئاز ئەمەسكەن. مېنىڭ ھىساباتىمدىكى ئېلانلارنىڭ ئوتتۇرچە چېكىلىش باھاسى 0.36 دوللار بوپتۇ. Adsense قا قارىغاندا ئەۋزەل تەرەپلىرى يالغۇز بۇلا ئەمەس. Paypal ئارقىلىق ھىسابات قىلىشى، 20 دوللارغا يەتكەن ھامان پۇل ئىلتىماس قىلغىلى بولىشى سىزنى مۇرەككەپ PIN ئەۋەتىش – تاپشۇرۋېلىش- تەستىقلاش جەريانى بىلەن ئاۋارە قىلمايدۇ. ئىلگىرى Adsense ئېلانى قويغان PicShare دىگەندەك داڭلىق تور بېكەتلەرمۇ Adsense ئېلانىنى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا Bidvertiser ئېلانى قويۇپتۇ. بۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى مەن بىلمىدىم. مېنىڭ بىلگىنىم : Bidvertiser ئېلانى بولىدىكەن !
ئەمما بۇ ئارتۇقچىلىقلارغا چاپلىشىپلا تۆۋەندىكىدەك يىتەرسىزلىكلىرى بار ئىكەن. بىز ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا بىر ئېنگلىزچە بلوگنىڭ بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق. شۇ يازمىدا كۆرسەتكەندەكلا Bidvertiser ئېلانىمۇ ئېنگلىز تىلىدىن باشقا تىللارنى يەكلەيدىكەن. ئۇنىڭغا تىزىملاتقاندا ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى تىزىملاتسىمۇ تەستىقلاۋېرىدىكەن. ئەمما تور بېكەت مەزمۇنىغا ماس كەلگۈدەك ئېلان تېپىلمىسا ئېلان كۆرۈنمەيدىكەن ياكى Your Ad Here دىگەن ھەقسىز ئېلانلا چىقىدىكەن.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇنداق ھەقسىز ئېلان چىقمايدىغان بولىدۇ؟ ئۇيغۇرچە تور بېكەتتە ھەقلىق ئېلان چىقىرىش ئۈچۈن شۇ تور بېكەتنى تىزىملاتقاندىلا ئۇنىڭ تىلىنى English قىلىپ تاللاش كېرەككەن. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە توربېكەتتىمۇ ھەقلىق ئېلانلار كۆرۈنىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولدىكى Bidvertiser سېستىمىسىدا تېخى مۇكەممەل ئاپتوماتىك ھىسابلاش ئېلىپ بارىدىغان پروگرامما يوقتەك تۇرىدۇ. ئۇلار پەقەت ئالدىن تۈرى بويىچە تىزىملىتىلغان ئېلانلارنى، شۇ تۈرلەرگە ماس ھالدا تىزىملىتىلغان تور بېكەتلەرگە تەقسىملەپ بېرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا بىزدەك تور بېكەت مەزمۇنى ئېلان مەزمۇنى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئەمما ئۇيغۇرچە تور بېكەتتە ئېلان كۆپرەك چېكىلسە ئۇلار ئادەم كۈچى ئارقىلىق تور بېكەتنى تەكشۈرىدىكەن.ۋە تور بېتىڭىزنىڭ تىلى سىز تاللىغان تىلدا ئەمەسكەن دىگەننى باھانا قىلىپ، مەزكۇر تور بېكەتنىڭ ئادرېسىنى مەڭگۈ Bidvertiser سېستىمىسىدا ئىشلەتكىلى بولماس قىلىپ قويىدىكەن.
خۇلاسە: Bidvertiser ئېلانى باشقا ئېلانلارغا قارىغاندا كۆپ پۇل بېرىدۇ.
Paypal ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. تىزىملىتىش، تەستىقلاش ئاسان.
پۈتۈن پۇل تېپىش جەريانى ناھايىتى ئاسان.
چوقۇم ئېنگلىزچە تور بەتكە ئېلان قويۇش،ياكى تور بەتكە ئانچە -مۇنچە ئېنگلىزچە مەزمۇن قويۇپ، تور بېكەت تىلىنى تاللىغاندا ئېنگلىز تىلىنى تاللاش كېرەك.
Bidvertiser غا تىزىملىتىش
يەنە بىر ماقالە يېزىپ گەپنى ئۇزارتمايلى. Bidvertiser نىڭ مەشغۇلات يۈزى ئانچە ئادەمنى ئاساس قىپ كەتمەيدۇ. تۆۋەندە تىزىملاتقان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانداق مەشغۇلات قىلىشى ھەققىدە رەسىملىك كۆرسەتمە بېرەي.
1. كىرىش
http://www.bidvertiser.com نىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى Log in كونۇپكىسىنى باسقاندا تۆۋەندىكى رەسىمدەك كۆزنەك چىقىدۇ. Publisher نى تاللاپ، ئىسىم ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ ھىسابىمىزغا كىرىمىز.

2. يېڭى بەت ئادرېسى ئۈچۈن ئېلان ئېلىش.
ئاۋال يېڭى بەتنى Bidvertiser ھىسابىمىزغا قوشۇۋېتىمىشىمىز كېرەك. Publisher Center گە كىرگەندىن كېيىن، ئۈستىگە قارىساق Add a new Bidvertiser دىگەن كونۇپكا بار، شۇنى چەكسەك تۆۋەندىكى بەت ئېچىلىدۇ. بۇ چاغدا رەسىمدە قىزىل بوياپ قويغان ئورۇننى تاللايمىز (Add new BidVertiser under a new domain). بۇ چاغدا يېڭى بەتنىڭ ئادرېسى، ئىسمى، تۈرى، تىلى قاتارلىقلارنى تاللاش رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇلارنى تولۇق تولدۇرۇپ، ئاخىرىدىكى جەزىملەش كونۇپكىسىنى باسىمىز.

3. تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ.
سىز قوشقان بارلىق بەتلەر تىزىملىكتە كۆرۈنىدۇ، خالىغان بەتكە ئېلان ئېلىش ئۈچۈن ئاۋال شۇ بەتنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇنغا بەلگە قويۇپ، ئاندىن رەسىمدە قىزىل بويالغان ئورۇندىكى Get Code دىگەن ئورۇننى چېكىپ، ئېلان كودىغا ئېرىشىمىز. ئەگەر ئېلان چوڭ كىچىكلىكى، رەڭگى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق Choose Template ئارقىلىق قىلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن Bidvertiser ھەققىدە يازماقچى بولغان تەپسىلى دوكلاتىمىز تۈگىدى. سۇئاللار بولسا مۇشۇ ماقالە ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. رەھمەت !

Bidvertiser دا نىمىشقا بىر خىللا ئېلان چىقىدۇ؟

تۆنۈگۈن Bidvertiser ئېلانى ھەققىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دوستلار تىزىملىتىپتۇ، ئەمما ئېلان بىر خىللا Your Ad Here دىگەندىن ئىبارەت بولدى دىيىشىۋاتىدۇ. بۈگۈن مۇشۇ مەسلە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىمىز!
Bidvertiser سىزگە ھىسابات ئېچىپ بەرگەندە سىزنىڭ ھىساباتىڭىزنى تەستىقلىمايدۇ. ئەمما سىز ئېلان قويماقچى بولغان ھەر بىر تور بېكەتنى ئايرىم-ئايرىم تەستىقلايدۇ.
سىز Bidvertiser گە تىزىملىتىپ، ئېلان كودىنى تور بېكەتكە چاپلىغاندىن كېيىن، تور بېكىتىڭىزدە Bidvertiser نىڭ ئانا ئېلانى يەنى Your Ad Here دىگەن ئېلان كۆرۈنىدۇ. Bidvertiser شىركىتىدىكىلەر تەخمىنەن 48 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقت ئىچىدە سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى تەستىقتىن ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن باشقا ئېلانلار نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.
بۇ جەرياندا ھەرگىزمۇ كىرىم بولمىدى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنى ئۆزىڭىز چېكىپ باقىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. Bidvertiser ئانا ئېلانىغا ھەق بەرمەيدۇ، ئۇ پەقەت سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە كۆرۈنىدىغان ئېلان. ئۇندىن كېيىن ھەقلىق ئېلانلار كۆرۈنىدۇ.
ئەگەر تور بېكەتنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمىسە قانداق قىلمىز؟
ئەگەر سىز ئېلان قويغان تور بېكەت تەستىقتىن ئۆتەلمىسە ئۇ ھالدا سىز يەنە شۇ كونا ھىساباتىڭىز ئارقىلىق، يېڭى بىر تور بېكەت ئېچىپ، شۇنىڭغا ئېلان قويۇپ،تەستىق ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. Bidvertiser شىركىتى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا تەستىقتىن ئۆتۈش سۈرئىتى سەل ئاستا. ئەمما تور بېكەتتە Terms of Use غا خىلاپ نەرسىلەر بولمىسا، تەستىقتىن ئۆتىدۇ.
شۇڭلاشقا تور بېكەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تەستىقتىن ئۆتەلىشى ئۈچۈن تور بېكەت تىلىنى تاللىغاندا Arabic نى تاللاڭ.
دوستلارنىڭ يەنە سۇئاللىرى بولسا تارتىنماستىن ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمد قىلىمىز !
Bidvertiser گە تىزىملىتىش ئۇسۇلى