بۇ ئىشقا Blogbus ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلار دىققەت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. ئەمەليەتتە يازما ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېلاننىڭ ئۈنىمى ناھايىتى يۇقىرى. چېكىلىشىمۇ تەبئى ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. گۇگول شىركىتىمۇ يازما ئارىسىغا ئېلان قويۇشنى كىلشىمگە خىلاپ ھىسابلىمايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈڭ. قايسى مەزمۇن، قايسى ئېلان ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا پەرق ئېتىش تەس.

ئەمما تېخى يېڭى قۇرۇلغان، كۆرۈلۈشى تۆۋەن بلوگلار بۇنداق ئۇسۇل قوللانسا، زىيارەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
بۇ خىل ئېلان قويۇش ئۇسۇلى:
ئاۋال ئېلان كودىنى تەييارلىۋالىمىز. ئېلان كودىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يۆلىنىش كودىنى قىستۇرىمىز. ئاندىن ئۇنى بلوگقا چاپلايمىز. تۆۋەندىكىسى تەييارلانغان ئېلان كودى، ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدا ئىشلەتكەندە pub نومۇرىڭىزنى ياكى پۈتۈن ئېلان كودىنى ئالماشتۇرۇڭ. مەزمۇن ئارىسىغا قىستۇرىدىغان ئېلان مېنىڭچە 336*280 لىك، مەزمۇن ئورنى كىچىك بلوگلاردا 250*300 چوڭلۇقتىكى بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىچىك بولسىمۇ مەيلى.
دىققەت قىلىڭ: ئەگەر بلوگنىڭ يېزىقى ئۇيغۇرچە ياكى ئوڭدىن – سولغا بولسا ئېلان شۇ بويىچە ئىشلىتىڭ. ئەگەر بلوگ تىلى خەنزۇچە ياكى سولدىن-ئوڭغا بولسا يۇقارقى كودنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى float:left دىگەن خەتتىكى left سۆزىنى right سۆزىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتمىز. قىزىل بويالغىنى گۇگول ئېلان كودى، ئۆزىڭىزنىڭ كودىغا قىزىل بويالغان ئورۇننى ئالماشتۇرۇڭ.
ئېلان كودىنى ئۆزىڭىزنىڭ كودىغا ئالماشتۇرۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن Blogbus ئۇسلۇبىغا كودنى چاپلايمىز.
Blogbus ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىدىن detail-post نى ئاچىمىز. ۋە تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.
ئېلان كودىنى مۇشۇ كودنىڭ ئاستىغىلا چاپلاڭ. شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.
ئالدىنقى يازمىدا BlogSpot دا ئىنكاس ئاستىغا چىرايلىق تەگلىك رەسىمى قىستۇرۇشنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. دوستلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كۆكلەم بلوگنىڭ يازغۇچىسى Blogbus سۇپىسىدا ئوخشاش ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. تۆۋەندە Blogbus دىكى ئىنكاس ئاستىغا تەگلىك قوشۇشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئاۋال Blogbus ئارقا سەھنىسىدىن ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىگە كىرىڭ. ۋە CSS تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىڭ. ھەم تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەڭ.
يۇقارقى كودتىكى ئىككى تىرناق ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.
كودنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇسلۇبنى ساقلاڭ. شۇنىڭ بىلەن كۆرۈڭ. تۆۋەندىكى ئىنكاس تەگلىكى قوشۇپ بولغاندىن كېيىنكى رەسىم:

كود ئارىسىدىكى تۆۋەندىكى رەسىم ئادرېسىغا دىققەت قىلىڭ.
http://koklem.kok.googlepages.com/bg.gif
بۇ مەن تەكلىماكان بلوگدا ئىشلەتكەن رەسىم. ئەلۋەتتە سىز چوڭلۇقى ئوخشاش بولغان باشقا رەسىمگە ئالماشتۇرۇپ، كودتىكى ئادرېسنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە پارامېتىرلارنى تەڭشىيەلىسىڭىز، رەسىم چوڭلۇقىنىمۇ خالىغانچە قىلىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
بۇ يازمىنى تەكلىپ بىلەن كۆكلەم بلوگ تەمىنلىدى.
بلوگدا ئىنكاس ئاستىغا تەگلىك رەسىمى قوشۇش ئارقىلىق ھەرقايسى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى بىر-بىرىدىن بىر قاراشقىلا ئايرىشقا ھەم ئىنكاسلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم مەسلە چىرايلىق بولىدۇ. تۆۋەندە ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى.ئوۋكەي! مەسلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇ ئىنكاس تەگلىكى قوشۇشتىن بۇرۇنقى رەسىم:

ئالدى بىلەن Blogger.com ئارقا سەھنىدىن سىز ئىنكاس تەگلىكى قوشماقچى بولغان بلوگنىڭ HTML تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىڭ. ۋە بەت ئېلىمىېنتلىرىغا كېڭەيتىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.
#comments h4 { margin:1em 0; font-weight: bold; line-height: 1.4em; text-transform:uppercase; letter-spacing:.2em; color: $sidebarcolor; }
#comments-block { margin:1em 0 1.5em; line-height:1.6em; } #comments-block .comment-author { margin:.5em 0; } #comments-block .comment-body { margin:.25em 0 0; } #comments-block .comment-footer { margin:-.25em 0 2em; line-height: 1.4em; text-transform:uppercase; letter-spacing:.1em; } #comments-block .comment-body p { margin:0 0 .75em; } .deleted-comment { font-style:italic; color:gray; }
|
يۇقاردىكى كودنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ. ۋە ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.
#comments h4 { margin: 1em 3em; font-weight: bold; line-height: 1.4em; color: #ffffff; } #comments-block { margin-left:1.5em; line-height:1.6em; background: #ffffff; color: black; padding: 1em; border:0px solid #ffffff; } #comments-block .comment-author {margin:.5em 0;} #comments-block .comment-body {margin:.25em 0 0; background: #ffffff;} #comments-block .comment-footer { margin:-.25em 0 2em; line-height: 1.4em; letter-spacing:.1em; } #comments-block .comment-body p { margin:0 0 .75em; padding: 20px 10px 10px 10px; background: #f3a64c url( http://3.bp.blogspot.com/_2lGFMKyHV10/SWTZcXyP6gI/AAAAAAAAA08/r2YQCwG9-lg/s1600/bg.gif) no-repeat top left; } .deleted-comment { font-style:italic; color:gray; }
|
كودنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇسلۇبنى ساقلاڭ. شۇنىڭ بىلەن كۆرۈڭ. تۆۋەندىكى ئىنكاس تەگلىكى قوشۇپ بولغاندىن كېيىنكى رەسىم:

كود ئارىسىدىكى تۆۋەندىكى رەسىم ئادرېسىغا دىققەت قىلىڭ.
http://3.bp.blogspot.com/_2lGFMKyHV10/SWTZcXyP6gI/AAAAAAAAA08/r2YQCwG9-lg/s1600/bg.gif
بۇ مەن تەكلىماكان بلوگدا ئىشلەتكەن رەسىم. ئەلۋەتتە سىز چوڭلۇقى ئوخشاش بولغان باشقا رەسىمگە ئالماشتۇرۇپ، كودتىكى ئادرېسنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە پارامېتىرلارنى تەڭشىيەلىسىڭىز، رەسىم چوڭلۇقىنىمۇ خالىغانچە قىلىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
<span style="float:right;color:#000000;font-size:70px;
line-height:70px;padding-top:2px;font-family: UKIJ Tuz Tom, MS Uighur, Georgia;“>ئۇيغۇرچە بلوگلار كۆپ، مەزمۇن كۆچۈرمىكەشلىكى ھەم ئۇندىن كۆپ. بىرەر ئېسىل ئۇيغۇرچە بلوگنى rss ئوقۇغۇچقا قوشماقچى ياكى دەرىجە تۇرغۇزماقچى بولساق، Technorati دىگەندەك قوراللار ئۇيغۇرچە قوللىمىغان ئەھۋالدا قانداق بايقايمىز؟
مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىزنىڭ قايسى ئۇيغۇرچە بلوگنى تاللىشىمىزغا ئىشەنچىلىك ياردەمدە بولىدۇ.
1. PR قىممىتىنى تەكشۈرۈش.
PR قىممىتى Google ئېنىقلاپ چىققان تور بېكەتلەرنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسى، ئۇ ئاساسەن ئۇلىنىش قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن نەتىجە بېكىتىدۇ. PageRank قىممىتى 0 دىن 10 غىچە بولۇپ، 10 بولسا ئەڭ يۇقىرى، 0 بولسا ئەڭ تۆۋەن ھىسابلىنىدۇ. PR قىممىتىنىڭ 0 بولىشى ئۇنىڭ ھىچقانداق دەرىجىسى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئەمەليەتتە PR 0 بىلەن PR 1 نىڭ ئارلىقىدا ئىنتايىن چوڭ پەرق بار. مەسلەن تەكلىماكان بلوگنىڭ PR قىممىتى 2 ، ئۇيغۇرلاردىكى داڭلىق كۈنىگە 100 مىڭ قېتىم كۆرۈلىدىغان ulinix.cn نىڭ PR قىممىتى 4 ؛ بۇ سان ھەرگىزمۇ تەكلىماكان بلوگ بىلەن ئۇلىنىش دۇنياسى ئوتتۇرسىدىكى دەرىجىدە 2 سانلا ياكى 2 دەرىجىلا پەرق بارلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بەلكى PR قىممىتى 0 بولۇشتىن 1 بولۇشقا ئاتلىماق خېلى قىيىن، بۇ نەچچە ھەپتە، نەچچە پەسل، نەچچە يىلدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان نەتىجە. Google شىركىتى ئادەتتە PR سانلىق مەلۇماتىنى ھەر پەسلدە بىر يېڭىلايدۇ. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى بلوگلار ئىچىدە PR قىممىتى ئەڭ يۇقىرىسى جېك تورخاتېرسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن قالسا تەكلىماكان بلوگ دىگەندەكلەر..
PR قىممىتىنى ئالدىغىلى بولمايدۇ. ياكى مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىرچە ئالداشقا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا PageRank قىممىتىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قايسى بلوگنى زىيارەت قىلىش ياكى مۇشتەرى بولۇشنى تاللىۋالالايسىز.
PR قىممىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن IE توركۆرگۈچتە Google ToolBar قاچىلىنىشى كېرەك. FireFox دا PageRank يامىقى بار. شۇنى قاچىلاش كېرەك. بەزى تور بېكەتلەر PR تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپتۇ. گۇگول ئۆزى تەمىنلىمىگەن بولغاچقا بەك ئىشەنچىلىك دەپ كېتەلمەيمەن.
مەسلەن: 123cha.com/google_pagerank
2. بلوگدىكى ئىنكاس چاستۇتىسى
ئىنكاس يېزىش ئورنىنىڭ بولۇشى بلوگدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك. بلوگ يازغۇچى مەيلى ئالىم، ياكى ئاددى كىشى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ پىكرىنى ئېتراپ قىلىدىغانلار، قارشى تۇرىدىغانلار ۋە سۇئال سورايدىغانلار، جاۋاب بېرىدىغانلار چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنكاس يېزىش رامكىسى يوق بلوگنى كۆرۈدىغانلارمۇ مېنىڭچە چىقمايدۇ. بلوگدىكى ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا مېنىڭچە بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە بلوگلارغا دەلىللەش كودى ئورنىتىش ھاجەتسىز، چۈنكى ھازىر تېخى ئۇيغۇرلاردا ئىنكاس يېزىش ماشىنىسى يوق. شۇڭلاشقا ئىنكاسلارنى چوقۇم ئادەم يازىدۇ، ئەخلەت ئىنكاس بولۇپ قېلىشى ناتايىن.
ئۇيغۇرچە بلوگلاردا ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىملىتىپ كىرىش ھاجەتسىز بولسا ياخشى، چۈنكى بلوگ بىر قەدەر ئەركىن مۇنبەر ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى كۆپۈنچە بىر، يېڭلىنىشى تېز بولغاچقا مەزمۇنغا قىززىققۇچىلارنى تىزىملات دەپ سېلىق سېلىشنىڭ ئورنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە OpenID غا ئوخشاش ئېچىۋېتىلگەن ھىسابات ئامبارلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىزىملاتقان بولۇپمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئىنكاس يازغۇچى تىزىملاتقان بولۇشى ناتايىن.
ئۇيغۇرچە بلوگلاردا ئىنكاس تەستىقلاش ھاجەتسىز. ئەگەر سىز بلوگنى ئىككى ھەپتىدە بىر يېڭىلاپ قويۇشقا قۇربىڭىز يەتمىسە يازمايلا قويۇڭ. 2 ھەپتە ئىچىدە يېڭىلاشقا ۋاقتىڭىز بولسا يېزىلغان ئىنكاسلارنى تەكشۈرۈپ، بولمىغۇر گەپلەر بولسا ئۆچۈرۈپ تازىلاپ، سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ، رەڭسىز پىكىرلەرگە چۈشەنچە يېزىپ تۇرۇڭ.
ئەلۋەتتە بلوگدىكى ئىنكاس سانى بىزنىڭ بۇ بلوگنى تاللىشىمىزغا سان جەھەتتىن پەرق ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىنكاس كۆپ بولسا ئەلۋەتتە پايدىلىنىدىغان نەرسە بار. ئىنكاس يوق دىيەرلىك بولسا پايدىلىق نەرسە يوق(يېڭى قۇرۇلغان بلوگلار بۇنىڭ سىرتىدا).
بلوگدىكى ئىنكاس سانى ئىنكاس رامكىسىغا تورداشلارنىڭ كۆنۈشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىككەن. Baliq.blogbus.com نى ئىشلەتكەندە ئىنكاس يازىدىغانلار بەك كۆپتى. Blogspot نى ئىشلەتكەندە ئىنكاس يازىدىغانلار دىگەندەك كۆپ ئەمەس. ئەلۋەتتە BlogSpot دا ئىنكاس يېزىش بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئىنكاس رامكىسىغا ئىشلىتىلگەن iFrame كودىنى تېخى يېشىدىغان Hacker لار چىقمىغاچقا ھازىرچە ئىنكاسنى باشقا ئورۇندا يېىزپ چاپلاپ كېلىدىغان قىلدۇق.
تەكلىماكان بلوگدا بىر تېمىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 45 ئىنكاس يېزىلغان. ئەڭ ئاز بولغاندا 0
ئەركىن سىدىق ۋە Jeck بلوگلىرىغا قارايدىغان بولسا ھەر بىر يېڭى يازمىدا بىر تالاي ئىنكاس. شۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى يازغان نەرسەڭ ئوبدان بولسا، ئىجادى بولسا، باشقىلارغا ياقسا، پايدىلىق بولسا چوقۇم ئىنكاس بار. ھەم بىر بلوگدا ئىنكاس بولسا چوقۇم قىممىتى بار دىگەن گەپ.
بۇ ماقالە بلوگ يازغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا تەكلىپ بولالايدۇ.
پروگرامما ھەۋەسكارلېرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىم ناھايتى ياخشى بىر قورال ياساپ چىقتى ، بۇ قورال ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ eot ھۆججىتىنى ناھايتى ئاسانلا ياساپ چىقالايسىز ، خالىغان eot دىن بىرنى تېپىپ ، بۇ قورال ئارقىلىق ئېچىپ ، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تور ئادىرسىڭىزنى تولدۇرۇپ ساقلاشنى باسسىڭىزلا بۇ eot سىزنىڭ بىكىتىڭىزدە ئىشلەيدىغان بولىدۇ ، شۇڭا ئەمدى مەنمۇ eot ياسىمايمەن . قورالنى چۈشۈرۈش ئادىرسى
bbs.xjprgfan.com/attachment.aspx?attachmentid=82مەزكۇر يۇمشاق دېتال netframe 2.0 دىن يۇقىرى ئىجرا مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ. netframe نى توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىگە تەۋە، بۇ يازما ئارامگاھ بلوگدىن پايدىلاندى.