A turkology blog

Archive for the ‘blogspot-customize’ Category

Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايانⅡ

BlogSpot دا تورتۇراسى بارلار بۇ يازمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. بلوگنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىسىز. بۈگۈن يازما يوللاش، تۈرگە ئايرىش، يازمىلارنى باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ۋە يازما يېزىش رامكىسىنى چۈشىنىپ باقايلى. Blogspot نى ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق، ھەرقانداق كىشى ئۆز ئادىتىگە ئاساسەن خالىغانچە لايھەلىۋالىدىغان بولغاچقا دەسلەپ تونۇشقاندا مۇرەككەپرەك بىلىنىدۇ. كۆپ خىل ئىقتىدارلار قوشۇلمىغاندەك.
مەسلەن BlogSpot دا يازمىلارنى تۈرگە ئايرىش دەيدىغان جاي يوق، ئەمما Blogbus دا بار. ئۇنداقتا شۇنچە داڭلىق Blogger دا بۇ ئىقتىدار يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار…
ئاۋال Blogger.com ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن، ماقالە يېزىش بېتىنى ئېچىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك ئېچىلىدۇ. قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن رەسىمدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا نومۇر قويۇلدى، بىز شۇ نومۇر بويىچە چۈشەندۈرەيلى:


1. نومۇرلۇق ماۋزۇ رايونى:
ماۋزۇ رايونىغا ئاۋال لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇپ ماقالە يوللاڭ. ماۋزۇ رايونىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يازماڭ. ماقالىنى بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىپ ئاندىن لاتىن يېزىقىدىكى ماۋزۇنى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماۋزۇغا ئالماشتۇرۋېلىڭ. مەسلەن:
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال – دەپ ماۋزۇ قويماقچى بولسىڭىز ئاۋال Uyghurche-Yumshaq-Detal دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ماقالىنى يوللاڭ. بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتىپ، ماقالە ماۋزۇسىنى يەنە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال غا ئۆزگەرتىپ قويۇڭ.
بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ نىمە ئۈچۈن بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازمايمىز؟
URL ئۈچۈن. Blogspot دىكى ھەر بىر ماقالىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم url ئادرېسى بولىدۇ. ئادەتتە ماقالىنىڭ url ئادرېسى بلوگ ئادرېسىنىڭ ئارقىسىغا ماقالە ماۋزۇسىنى قوشۇش ۋە ماقالە كۈنىنى قوشۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا URL غا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزگىلى بولمىغاچقا ئەرەبچە ھەرپلەر دەرھاللا كودلىنىپ، ئۇزۇن ھەم قولايسىز ھەرپ-بەلگىلىەر تىزمىسىغا ئايلىنىدۇ.
مەسلەن: 2006-يىلى 1-ئايدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال دىگەن ماقالىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان url ئادرېسى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:
baliq.blogspot.com/adfjrewuier#$760388954d(*&8#$20%.htm
لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان مۇشۇ ماقالىنىڭ ئادرېسى مۇنداق بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/2006/01/uyghurche-yumshaq-detal
يۇقارقى ئىككى ئادرېستىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئەستە تۇتمىقى ئاسانلىشىدۇ. ھەم ئادرېسنىمۇ ئەستە تۇتىۋېلىشى مۇمكىن. سىز پەقەت ماقالىنى دەسلەپ يوللىغاندا لاتىنچە ماۋزۇ بىلەن يوللاپلا ئارقىدىن ئۇيغۇرچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭلىق بلەن ماقالە ماۋزۇسى لاتىنچە بوپ قالمايدۇ، Blogger پەقەت تۇنجى قېتىم يوللانغان ماۋزۇنىلا ئادرېس قىلىپ بەلگىلەيدۇ، كېيىن ئۆزگەرتىلسىمۇ، URL دا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
2.نومۇرلۇق ئورۇن تېكست ياكى html ھالىتىدە تەھرىرلەش.
ئەگەر سىزنىڭ html دىن ھىچقانداق خەۋرىڭىز بولمىسا بۇ ئورۇن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، پەقەت ماقالە ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش، كودلارنى تەھرىرلەش زۆرۈر بولغاندا بۇ ئورۇندىن html تەھرىرلەشكە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
3. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى فورماتلاش
ماقالىدىكى خەت شەكلى، رەڭگى ۋە رەسىم قوشۇش، ئۈن-سىن قىستۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش دىگەندەك باسقۇچلار مۇشۇ جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئۇيغۇرچە بولسا بۇ جايدىكى رەسىم ۋە ئۈن-سىن قوشۇش ئىقتىدارىدىن باشقا فورماتنى ئىشلەتمەڭ. چۈنكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ css قىسمىدىلا ماقالە خەت شەكلى دىگەنلەر ئۇيغۇرچىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن. سىز بۇ جايدىن خەت نۇسخا دىگەنلەرنى ئۆزگەرتىسڭىز سىز ئۆزگەرتكەن ماقالە ئۇيغۇرچە بلوگىڭىزدا نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.
4.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى كۆرۈپ بېقىش (يوللىماي تۇرۇپ)
5. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە مەزمۇنىنى يازىدىغان جاي:
بۇ جاي ئاجايىپ ئىقتىدارلىق، خەت، رەسىم، مۇزىكا، كىنو ۋە باشقا نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى مۇشۇ جايغا قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇنداق كۆپ شەكىللىك بلوگ بولمىسا سىز پەقەت خەت يازسىڭىزلا بولدى.
6.نومۇرلۇق ئورۇن خەتكۈچ.
بۇ ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ ماقالىگە ھالقىلىق سۆز قوشالايمىز ۋە ماقالىنى تۈرگە ئايرىيالايمىز.
مەسلەن: ئەگەر سىز يازغان ماقالە يۇمشاق دېتال ھەققىدە بولسا سىز بۇ ئورۇنغا Yumshaq Detal ياكى SoftWare دەپ يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. Google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرى مۇشۇ ھالقىلىق سۆز ئىزدەلگەندە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.
سىز يەنە بۇ ئورۇندىن ماقالىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىيالايسىز. ئالايلۇق سىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ مۇشۇنداق 6.نومۇرلۇق خەتكۈچ ئورنىغا Uyghurlar دەپ يېزىپ قويىسىز، بۇ چاغدا سىز يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ تۈر ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/search/label/Uyghurlar
سىز يۇمشاق دېتال ھەققىدە يازغان بارلىق ماقالىنىڭ خەتكۈچىگە Software دەپ يېزىپ قويۇڭ، ئۇ ھالدا سىز يازغان بارلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى ماقالىنىڭ ئومۇمى تۈر ئادرېسى :
baliq.blogspot.com/search/label/Software بولىدۇ
ياكى يۇقارقى ئادرېس ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى بارلىق ماقالە بىر بەتكە تىزىلىدۇ دىگەن گەپ.
بۇ يەردە baliq مىسال ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. بۇ جايدا لاتىنچە چوڭ ھەرپ بىلەن كىچىك ھەرپ پەرق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ.
سىز يۇقارقىدەك تۈر ئادرېسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بلوگنىڭ يان رامكىسىدىكى ئورۇنغا ئۇلىنىش قوشۇش ئارقىلىق، ھەر بىر تۈرنى قوشۇپ قويالايسىز. ياكى بلوگنىڭ Label نى كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك بىراقلا تۈرلەرنى كۆرسىتەلەيسىز.
7.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتنى ئۆزگەرتىش
سىز بىر قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىپ، شۇ ماقالىنىڭ مۇشۇ ئورۇندىكى ۋاقتىنى ئالدىمىزدىكى بىر ۋاقتقا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇپ، سىز بەلگىلەپ قويغان ۋاقتتا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بېكار بولغاندا بىر قانچە پارچە يازما يوللاپ، ئۇلارنى ئاپتوماتىك ئېلان قىلىدىغان تەڭشەپ قويۇپ، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندىمۇ بلوگ يېڭلىنىپ تۇرغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەر زېرىكىپ قالمايدۇ.
بۇ ئىقتىدارنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:
ئاۋال ماقالە يېزىڭ ۋە يوللاڭ.
ئاندىن شۇ ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىڭ.
ۋاقتنى ئالدىمىزدىكى ۋاقتقا تەڭشەڭ. يوللاش كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
دىققەت: ماقالىنى يازغان تۇنجى قەدەمدىلا ۋاقتنى ئۆزگەرتسىڭىز ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرمايلا يوللىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىر قېتىم يوللىۋېىتىپ ئاندىن قايتا ۋاقت ئۆزگەرتىپ يوللىشىمىز كېرەك.
8.نومۇرلۇق ئورۇن يوللاش ياكى ساقلاش
ماقالىنى يوللاش ياكى ساقلاش ئۈچۈن 8.نومۇرلۇق ئورۇندىكى كونۇپكىلارنى باسىسىز.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەيلى. يۇقارقىلاردا چۈشىنىكسىز ئۇقۇملار بولسا دوستلارنىڭ ئىككىلەنمەي سورىشىنى ئۈمد قىلىمىز. ۋە ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ ماقالىنىڭ داۋامى بار. blogger نىڭ ئىقتىدارى تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ماقالىلەردە تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشتۇرىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايان I

گۇگول شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى Blogger.com ياكى BlogSpot.com نى ئىشلىتىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە بېزەشنى بۈگۈندىن باشلاپ تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
نىمە ئۈچۈن Blogger.com نى ئىشلىتىمىز؟
جاۋاب:
مېڭىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى – ئىشەنچىلىك.
ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي.
Google ۋە باشقا شىركەت ئېلان كودلىرىنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئاسان.
ئۇسلۇبلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز.
بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى ھەقسىز ئۇلاشقا بولىدۇ.
40 خىلدىن ئارتۇق تىلدىكى نەشىرى بار.
ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەن، خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
ئىقتىدارى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يېڭى ئىقتىدارلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى بلوگلاردىن كۆرەلەيسىز:
baliq.blogspot.com
buzz.blogger.com
bloggerindraft.blogspot.com
***********
بلوگ قۇرۇش:
ئاۋال http://www.blogger.com غا كىرىڭ.
بىر ئېلخەت (Email) ھىسابىڭىز بولۇشى كېرەك. Gmail.com بولسا ياخشى.
blogger.com دىن تىزىملىتىڭ.
ئاندىن كىرىڭ. ۋە بلوگ قۇرۇشقا باشلاڭ.
ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئورۇن بار. بەتنىڭ ئوڭ ئەڭ ئۈستى تەرەپتە:

语言 – دىگەن ئورۇندىن بلوگ ئارقا سەھنىسىدە ئىشلىتىدىغان تىلنى تاللايسىز، سىز بىلىدىغان خالىغان تىلغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ھازىرچە بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە يوق، شۇڭا مەن بۇ يەردە چۈشەندۈرىۋاتىمەن.
控制台 – ئارقا سۇپا، بۇ خەتنى چېكىش ئارقىلىق ئارقا سۇپا باش بېتىگە كىرىسىز، ئارقا سۇپىدىن ھەرقانداق مەشغۇلاتنى باشلاپ، ماقالە يېزىپ دىگەندەكلەرنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن شۇ ئورۇننى چېكىپ قايتسىڭىز بولىدۇ، بىردىن ئارتۇق بلوگ قۇرغان بولسىڭىز، مۇشۇ ئورۇننى چېكىش ئارقىلىق بارلىق بلوگلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرەلەيسىز.
我的帐户 ھىساباتىڭىز، بۇ ئورۇندىن ھىسابات ئۇچۇرى، باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان بلوگ، ئىسىمىڭىز ياكى تور نامىڭىز، رەسىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئارقا سۇپىغا كىرگەندىن كېيىن يەنە تۆۋەندىكىدەك جاينى كۆرۈسىز:

Teklimakan Blog – دىگىنى مېنىڭ بلوگىمنىڭ نامى، ئەلۋەتتە سىز بلوگىڭىزغا نىمە دەپ نام بەرگەن بولسىڭىز شۇ نامدا كۆرۈنىدۇ، ئەگەر بىردىن ئارتۇق بلوگىڭىز بولسا ئايرىم – ئايرىم كۆرۈنىدۇ.
新建帖子 يېڭى ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ كونۇپكىنى چېكىڭ.
编辑帖子 بۇرۇنقى ماقالىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ.
设置 بەلگىلەش: بۇ ئورۇندىن بلوگنىڭ بىر قىسىم شەكلىنى بەلگىلەيسىز، مەسلەن ئىنكاسلارنى تەستىقلاش – تەستىقلىماسلىق، باشقا يازغۇچىلارنى قوشۇش، بلوگ ۋاقتى، feed ئادرېسى، بلوگنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا قىلىش، ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈش، بلوگ URL نى ئۆزگەرتىش، FTP ئارقىلىق يوللاش، پۈتۈن بلوگنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش، بلوگنى كومپيوتېرغا ساقلاش ياكى ساقلانغان يازمىلارنى بلوگقا توپ يوللاش ۋە باشقا نۇرغۇن ئىقتىدارلار…
布局 ئۇسلۇب: بۇ ئورۇندىن بلوگ ئۇسلۇبنى تاللاش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىسىز، بىز بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا ئاساسلىق مۇشۇ ئورۇندىن كىرىمىز، بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى مۇشۇ ئېغىزدىن كىرىدۇ. بلوگقا ھەرقانداق بىر نەرسە قوشۇپ قويۇش، ئېلىۋېتىش قاتارلىقلارنى مۇشۇ ئورۇندىن كىرىپ بېجىرىمىز، بلوگنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى بارلىق ئېلمېنتلار مۇشۇ ئورۇندا بەلگىلىنىدۇ.
利益 بۇ ئورۇندىن كىرىپ Adsense ئىلتىماس قىلىپ، بلوگدا ئېلان قويۇپ پۇل تاپالايسىز.
ئەلۋەتتە بلوگ ئارقا سەھنىسى ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ يازما ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى blogger ئارقا سەھنىسىنىلا چۈشەندۈرىدۇ.
Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايان نامىدىكى چاتما يازمىلارنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن تاپالايسىز:
http://baliq.blogspot.com/search/label/how-blogspot

Blogspot قا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى قىستۇرۇش

ئىلگىرى دوستلار box.ws دىن سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ئېلىپ سىناپ باققان.بۈگۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئىقتىدارلىق ھەم يازما بېتىگە قىستۇرغىلى بولىدىغان بىر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنى بايقىدىم. خېلى مۇقىمدەك تۇرىدۇ. فونت ۋە بارلىق ئىقتىدار كونۇپكلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشكە بولىدىكەن. سىرىتقى يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
قىلىدىغان ئىش جەمئى ئۈچ:
1. bravenet.com غا تىزىملىتىڭ. ۋە Guestbook دىگەن تۈر ئىچىدىن بىر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ئېلىڭ. ئۇنى تەڭشەڭ. فونتلارنى UKIJ Tuz Tom غا ۋە بارلىق ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ قويۇڭ. بۇلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما مۇجمەللىكلەر بەك كۆپ ۋە تور بېكەتلەر بۇنداق نەرسىلەرنى پات-پات يېڭىلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا مەن تەپسىلى رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرمەي. ئىشقىلىپ ئانچە – مۇنچە ئېنگلىزچە خەت تونۇسىڭىز ۋە ياكى لۇغەتتىن پايدىلانسىڭىزلا قىلىپ كېتىسىز.
2. Get Code نى چېكىپ، بىرىنچى كاتەكتىكى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى كودىنى كۆچۈرۈڭ. ۋە بلوگىڭىزدىن يېڭى يازما يوللاش بېتى ئېچىپ ئۇنىڭ html تەھرىرلەش كۆزنىكىگە سۆز قالدۇرۇش كودىنى چاپلاڭ. يازما ماۋزۇسىغا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ياكى GuestBook دەپ يېزىپ قويۇڭ. يازمىنى ئېلان قىلىڭ.
3. بايا ئېلان قىلغان يازمىنىڭ مۇستەقىل ئادرېسىنى كۆچۈرۈڭ. ۋە بلوگنىڭ مەلۇم يېرىگە سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى دەپ يېزىپ، شۇ يازما ئادرېسىنى ئۇلىنىش قىلىڭ. شۇنىڭ بىلەن سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى پۈتتى.
دىققەت قىلىڭ :

مەزكۇر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى 3-تەرەپ كودىغا تەۋە، بلوگقا ئېسىلغان ھەرقانداق بىر ئۈچۈنچى تەرەپ كودى بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ.
BlogSpot نى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار

BlogSpot دا ئىنكاس تەگلىكى قوشۇش

بلوگدا ئىنكاس ئاستىغا تەگلىك رەسىمى قوشۇش ئارقىلىق ھەرقايسى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى بىر-بىرىدىن بىر قاراشقىلا ئايرىشقا ھەم ئىنكاسلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم مەسلە چىرايلىق بولىدۇ. تۆۋەندە ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى.ئوۋكەي! مەسلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇ ئىنكاس تەگلىكى قوشۇشتىن بۇرۇنقى رەسىم:

ئالدى بىلەن Blogger.com ئارقا سەھنىدىن سىز ئىنكاس تەگلىكى قوشماقچى بولغان بلوگنىڭ HTML تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىڭ. ۋە بەت ئېلىمىېنتلىرىغا كېڭەيتىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.

#comments h4 {
margin:1em 0;
font-weight: bold;
line-height: 1.4em;
text-transform:uppercase;
letter-spacing:.2em;
color: $sidebarcolor;
}

#comments-block {
margin:1em 0 1.5em;
line-height:1.6em;
}
#comments-block .comment-author {
margin:.5em 0;
}
#comments-block .comment-body {
margin:.25em 0 0;
}
#comments-block .comment-footer {
margin:-.25em 0 2em;
line-height: 1.4em;
text-transform:uppercase;
letter-spacing:.1em;
}
#comments-block .comment-body p {
margin:0 0 .75em;
}
.deleted-comment {
font-style:italic;
color:gray;
}

يۇقاردىكى كودنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ. ۋە ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.

#comments h4 {
margin: 1em 3em;
font-weight: bold;
line-height: 1.4em;
color: #ffffff;
}
#comments-block {
margin-left:1.5em;
line-height:1.6em;
background: #ffffff;
color: black;
padding: 1em;
border:0px solid #ffffff;
}
#comments-block .comment-author {margin:.5em 0;}
#comments-block .comment-body {margin:.25em 0 0; background: #ffffff;}
#comments-block .comment-footer {
margin:-.25em 0 2em;
line-height: 1.4em;
letter-spacing:.1em;
}
#comments-block .comment-body p {
margin:0 0 .75em;
padding: 20px 10px 10px 10px;
background: #f3a64c url(http://3.bp.blogspot.com/_2lGFMKyHV10/SWTZcXyP6gI/AAAAAAAAA08/r2YQCwG9-lg/s1600/bg.gif) no-repeat top left;
}
.deleted-comment {
font-style:italic;
color:gray;
}

كودنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇسلۇبنى ساقلاڭ. شۇنىڭ بىلەن كۆرۈڭ. تۆۋەندىكى ئىنكاس تەگلىكى قوشۇپ بولغاندىن كېيىنكى رەسىم:

كود ئارىسىدىكى تۆۋەندىكى رەسىم ئادرېسىغا دىققەت قىلىڭ.
http://3.bp.blogspot.com/_2lGFMKyHV10/SWTZcXyP6gI/AAAAAAAAA08/r2YQCwG9-lg/s1600/bg.gif
بۇ مەن تەكلىماكان بلوگدا ئىشلەتكەن رەسىم. ئەلۋەتتە سىز چوڭلۇقى ئوخشاش بولغان باشقا رەسىمگە ئالماشتۇرۇپ، كودتىكى ئادرېسنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە پارامېتىرلارنى تەڭشىيەلىسىڭىز، رەسىم چوڭلۇقىنىمۇ خالىغانچە قىلىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

BlogSpot دىكى بلوگ باش بېتىدە تېمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرستىش

بۇنىڭغا ئۈچ جەريان كېتىدۇ. ئارقا سەھنىدىن تەڭشەش، تولۇق ئوقۇش كونۇپكىسى چىقىرىش ۋە يازما ئۇسلۇبىنى بەلگىلەش قاتارلىقلار. بۇ جەريانلارنى تەپسىلى ئورۇنداڭ. خاتالىق يۈز بەرسە بولمايدۇ.

بىرىنچى: ئارقا سەھنىدىن تەكشەش

ئاۋال خاتېرە دەپتەردىن بىرنى ئۈستەل يۈزىگە قۇرۇڭ ۋە بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن كود تەھرىرلەيدىغان ئورۇننى ئېچىڭ، ئېچىلغاندىن كېين كود رامكىسىغا قارىسىڭىز ئۈستى ئوڭ تەرەپتە بىر كونۇپكا بار، تاللاش كونۇپكىسى. كىچىك كۆزنەكلەرگىچە كېڭەيتىش دىگەن كونۇپكا ، شۇ كونۇپكىنى تاللاڭ، تەخمىنەن ئىككى سىكونت ئىچىدە بەت بىر يېڭلىنىدۇ، يېڭىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كود رامكىسىدىكى بارلىق كودنى كۆچۈرۈپ خاتېرە دەپتەرگە چاپلاڭ. خاتېرە دەپتەرنىڭ كۆزنىكىدە ئىزدەش دەيدىغان بىر ئىقتىدار بار، كود ئىزدەشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئاۋال خاتېرە دەپتەرگە چاپلىدۇق ،ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ

يۇقىرىدىكى كودنىڭ ئالدىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ . چوقۇم ئالدىغا چاپلايسىز



span.fullpost {display:inline;}

span.fullpost {display:none;}

ئىككىنچى: تولۇق ئوقۇش كونۇپكىسى چىقىرىش

بۇ قەدەمدە باش بەتتە كۆرۈنگەن ئىخچام ماقالىلارنىڭ ئاستىغا دىگەن بىر كونۇپكا ئورنىتىمىز، تولۇق ئوقۇشنى چەككەندىن كېيىن ماقالە ئايرىم بەتتە تولۇق تېكستى بىلەن ئېچىلىدىغان بولىدۇ. ئاۋال باشتىكى ئۇسۇل بويىچە بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى بارلىك كود ئىچىدىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.

ئىزدەپ تاپقان يۇقارقى كودنىڭ كەينىگە بىر بوشلۇق قويۇپلا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.


تولۇق ئوقۇش


ئەمدى خاتېرە دەپتەردىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئارقا سەھنىدىكى ئورنىغا چاپلاڭ، دىققەت: ھېلىقى كود رامكىسى ئوڭ بۇرجىكىدىكى كىچىك كاتەكچە تاللانغان بولىشى كېرەك. چاپلاشتىن بۇرۇن ھەممىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئاندىن چاپلاڭ. ۋە ئۇسلۇبنى ساقلاڭ

ئۈچۈنچى : يازما ئۇسلۇبىنى بەلگىلەش

ئەمدى ئارقا سەھنىدىن تەڭشەش ياكى خەنزۇچە 设置 ئېنگلىزچە Settings نى ئېچىڭ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىن 格式设定 ياكى ئېنگلىزچە Formatting نى ئېچىڭ.

ئەمدى قارىسىڭىز ئەڭ ئاستىدا يازما ئۇسلۇبى، خەنزۇچە 文章模板 ياكى ئېنگلىزچە Post Template دەپ بار. شۇ بوش كاتەكچىگە تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ.

bashlanmisiDawami

ئەمدى يەنە ساقلاشنى بېسىپ ساقلاڭ. ئەمدى ئىشلار ئاساسەن پۈتتى ، يۇقىرقى كودقا دىققەت قىلدىڭىزمۇ. يۇقىرقى كود ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. بىرى ماقالىنىڭ باشلانمىسى، يەنە بىرى داۋامى. باشلانمىسى دىگىنى باش بەتتە كۆرۈنىدىغان ئىخچام شەكلى. داۋامى دىگىنى ئايرىم بەتتە كۆرسىتىلىدىغان تولۇق شەكلى. بۇندىن كېيىن يېڭى ماقالە يازماقچى بولۇپ ماقالە يېزىشنى باسسىڭىزلا ماقالە يېزىش رامكىسىدا يۇقىرىقى كود چىقىدۇ. ئەگەر چىقمىسا ماقالىنىڭ HTML ئۆزگەرتىش بۆلىكىنى ئېچىڭ. سىز ماقالىنى باشقا جايدا يېزىۋېلىپ، ئاندىن ماقالە يېزىش رامكىسىغا ئىككىگە بۆلۈپ چاپلىشىڭىز كېرەك. چاپلىغاندا باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان ئىخچام قىسمىنى Bashlanmisi دەپ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان خەتنىڭ ئورنىغا( ئۇ خەتنى ئۆچۈرۋېتىپ) چاپلاڭ. ماقالىنىڭ داۋامىنى Dawami دىگەن خەتنىڭ ئورنىغا چاپلاڭ. دىققەت قىلىڭ: باشلانمىسى ۋە داۋامى دىگەن ئىككى سۆزدىن باشقا ھەرقانداق كود ئۆچۈرلۈپ كەتمىسۇن، رەسىم چىقارسىڭىزمۇ چوقۇم بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ. سەل ئاۋارىچىلىق، ئەمما ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالىسىز. بەرىبىر گۇگول بلوگ ئارقا سەھنىسىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە ماقالە يازسا ئابزاسلار سەت چىقىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا مەن ئادەتتە يۇلغۇن تور ئۈستى ئىملا تەكشۈرگۈچىدە يېزىۋېلىپ ئاندىن چاپلايمەن

يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يوللاڭ.

ئەگەر سىز رەسىم، سىن ۋە باشقا تۈرلۈك ھۆججەتلەر بىر گەۋدىلەشكەن ھەم مۇرەككەپ فورماتلىق يازما يازسىڭىز بەلكى بۇ كودلار قالايمىقانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىز ماقالە يازغاندا يازما رامكىسىدىكى كودنى ئۆچۈرۋېتىڭ، ماقالە تولۇق مەزمۇنىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، سىز باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان قىسمىنىڭ ئاخىرىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇپ

ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا يەنە تۆۋەندىكى كودنى قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تەكلىماكان بلوگدا بۇ ئۇسۇل تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلدى. ئەگەر چۈشىنىلمىگەن جايلار بولسا بىزنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك پىكرىڭىزنى ئايىماڭ. رەھمەت.

تەكلىماكان بلوگدىكى ئىزدەش ماتورىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ماقالە ماۋزۇسى قىلساق بولىدۇ:

بلوگ باش بېتىدە يازمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش.

قىسقارتىلما شەكلىنى كۆرسىتىش.

قىسقارتىلغان شەكلىنى كۆرسىتىش.

add an expandable post summary

Blog*Spot دا ئىنكاس رامكىسىنى يازمىنىڭ ئاستىغا چىقىرىش

ئەسكەرتىش بۇ ئۇسۇل پەقەت ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ياكى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتكەن بلوگلارغىلا ماس كېلىدۇ. ھىچقانداق يېرىگە چېقىلمىغان بلوگلارغا ماس كەلمەيدۇ.
1. بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن بەلگىلەش 设置 ئورنىغا كىرىڭ. ئېنگلىزچە Settings
2. ئۇنىڭ ئىچىدىن 评论 دىگەن تۈرنى تاللاڭ. ئېنگلىزچە بولسا Comments
3. ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئورنى دىگەن ئورۇندىن تېمىنىڭ ئاستى دىگەننى تاللاڭ. رەسىمدەك.

ئاندىن ئاستىدىكى ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ مۇقىملىۋېتىڭ.
4. HTML ئۆزگەرتىش ئورنىغا كىرىڭ. ۋە كود رايونىنىڭ ئوڭ ئۈستى بۇرجىكىدىكى بەت كۆزنەكلىرىگە كېڭەيتىش 扩展窗口小部件模板 كونۇپكىسىنى بېسىڭ. ئېنگلىزچە Expand to Page Elements
5. ئاندىن بارلىق كودنى خاتېرە دەپتەرگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىڭ. ۋە تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.

ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، شۇ كودنىڭ ئارقىسىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.

چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، خاتېرە دەپتەردىكى بارلىق كودنى كۆچۈرۈپ، بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى بايىقى ئورۇنغا چاپلاڭ. ۋە ساقلاڭ. شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى، ئەمدى ھەممە يازمىنىڭ ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسى چىقىدۇ.

Blog*Spot قا ئۇسلۇب قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان جايلار

Blog*Spot قا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك يەنە بىر نەچچە جاي بار، بۇلارنى چوقۇم ئۆزىڭىز قول سېلىپ قىلىشىڭىز كېرەك.
ھەر بىر يازمىنىڭ ئاستىدا يازغۇچى، ئېلخەت ئۇلانمىسى، يازما ئۇلانمىسى، ۋاقت، ئىنكاس دىگەندەك سۆزلەر بار. بۇلار سىز تاللىغان بلوگ تىلىدا كۆرۈنىدۇ، ئۇيغۇرچىگە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ.
1. ئارقا سەھنىدىن كىرىڭ. ۋە بلوگ بەت كۆزنەكلىرىنى ئۆزگەرتىش بېتىنى ئېچىڭ.
تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن «تەھرىرلەش» دىگەن خەتنى چېكىڭ. يەنى بلوگنىڭ ماقالە كۆرۈنىدىغان بۆلىكىنىڭ ئاستى قىسمىدا. تەھرىرلەش دىگەن سۆز سىز تاللىغان بلوگ تىلىدا كۆرۈنۈشى مۇمكىن. رەسىمدىكى ئورۇندا

ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ئىنكاس، يازغۇچى… دىگەندەك سۆزلەرنى مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە سۆزگە ئالماشتۇرۇپلا قويسىڭىز بولدى.

ئەگەر سۆزلەرنىڭ ئالدى ياكى ئارقىدا تىنىش بەلگىلىرى بولسا سىز ئۆزگەرتكەندىن كېيىن بەلكىم خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئورنىنى خەتنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئۆتكۈزۈپ ئالماشتۇرۇپ قايتا سىناڭ. نورمال كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ