A turkology blog

Archive for the ‘boshluq’ Category

يەرشارىدىكى ئەڭ مۇقىم بلوگ سۇپىلىرى

بىز BlogSpot ئىشلىتىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك بلوگ سۇپىلىرى بار. بلوگ ئىقتىدارى بەك ياخشى بولسىمۇ، مۇقىم ئېچىلمىسا پوققا تەڭ! يېقىندا Pingdom تورى ھازىرغىچە ئەڭ مۇقىم مېڭىۋاتقان 9 چوڭ تور بېكەتنى مۇقىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ ئىشەنچىلىك بلوگ سۇپىلىرى دەپ ئېلان قىلدى. تۆۋەندىكى جەدۋەلنى كۆرۈڭ.

Advertisements

Windows SkyDrive جۇڭگودا 25 ھەقسىز بوشلۇق ئاچتى

مىكروسوفت شىركىتى بۇ قېتىم SkyDrive نىڭ 25G لىق ھەقسىز بوشلۇق مۇلازىمىتىنى جۇڭگو تەۋەسىدىمۇ ئېچىپتۇ. ئالدىنقى قېتىم 5G لىقنى ئاچقاندا ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىدىم. شۇنداق مۇقىم. بۈگۈن كىرىپ قارىسام بوشلۇق 25G غا كېڭىيىپ قاپتۇ. ئەمدى بىر ئۆمۈر توشقۇزۇپ بولالماسلىقىم مۇمكىن.
ئادرېسى: skydrive.live.com

Office Live كىچىك سودا بېتى (ھەقسىز)

بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن بۇ ھەقسىز مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇپ قويغۇم كېلىپ قالدى. ئىلگىرى بەلكىم GooglePages نى ئىشلىتىپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. مىكروسوفتنىڭ Office Live Small Business نامىدىكى بۇ مۇلازىمىتى ئاساسىي جەھەتتىن GooglePages گە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭدا كىچىك كارخانىلارنىڭ تور بېكىتىنى ھەقسىز قۇرۇشقا بولىدۇ. ھەرخىل ئۇسلۇبلار بار. ئۇسلۇبنى تەھرىرلەشكە بولىدۇ. ئەمما بلوگ قۇرۇشقا تازا ماس كەلمەيدۇ. Html بەتلەرنى ياساشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. يەنە تېخى Office قا تەۋە ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ ساقلاشقا ۋە باشقىلارغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە، Office ھۆججەتلىرىنى توردا تۇرۇپلا تەھرىرلەش ۋە يېڭىدىن يېزىشقا بولىدۇ. Office نىڭ تور نۇسخىسى دەپ قويساقمۇ بولىدۇ.
ئادرېسى: smallbusiness.officelive.com

SkyDrive جۇڭگودا رەسمىي ئېچىلدى

بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ 25G لىق ھەقسىز توردىسكىسى جۇڭگودا ئېچىلدى. ئەمما جۇڭگو تەۋەسىدە سۈرەتلەرنى بىۋاستە مىكروسوفتتىكى ئالبۇمغا يۆتكەش، 25G بوشلۇقنى تولۇق ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئىشلىمەيدۇ. پەقەت 5G بوشلۇق باركەن. ئەمەليەتتە بۇ 5G مۇ ئاز بوشلۇق ئەمەس.ھازىرچە چىقارغىلى بولىدىغان يەككە ھۆججەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمى 50 مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن.
مېنىڭىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈشۈمگە ئاساسلانغاندا چۈشۈرۈش ۋە چىقىرىش سۈرئىتى بولىدىكەن. ئەگەر Thunder قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلانسا تېخىمۇ تېز چۈشىدىكەن. كەم نەرسە شۇ مىكروسوفت مەخسۇس تىز چىقىرىدىغان بىرەر قورال تەمىنلىمەپتۇ.
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن بلوگ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرى ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبىدىكى ھەقسىز بوشلۇققا يوللانغان ئىدى. ھازىر ئۇ بوشلۇق تاقىلىپتۇ. شۇڭلاشقا بىز پات ئارىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى SkyDrive ئارقىلىق تەمىنلەيمىز.
مىكروسوفت skydirve ئادرېسى: skydrive.live.com

SkyDrive نى باشقۇرۇش ئۇسۇلى
SkyDrive دىكى ھۆججەتلەر ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن. بىرى شەخسى ھۆججەت قىسقۇچ. مەزكۇر شەخسى ھۆججەت قىسقۇچقا قوشۇلغان ھۆججەتلەرنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم كۆرەلمەيدۇ ھەم چۈشۈرەلمەيدۇ.
يەنە بىرى ئورتاق ھۆججەت. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى سىز تاللىغان كىشىلەرلا كۆرەلەيدۇ ھەم چۈشۈرەلەيدۇ. باشقىلار كۆرەلمەيدۇ.
ئۈچۈنچىسى ئوچۇق ھۆججەت. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى ھەرقانداق ئادەم كۆرەلەيدۇ ۋە چۈشۈرەلەيدۇ.
سىز يەنە يېڭى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرالايسىز. ھەم قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ خاسلىقىمۇ مۇشۇ ئۈچ تۈرنىڭ بىرى بولىشى كېرەك. ئەگەر باشقىلارغا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەيدىغان نەرسىلەرنى چىقارماقچى بولسىڭىز Public شەكىلدە يەنى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان خاسلىقتا قىلىڭ.

{چوڭ خۇشخەۋەر} SkyDrive جۇڭگودا ئېچىلدى

مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن (ھازىرچە) 25G لىق ھەقسىز توردىسكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭلىنىشىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان دۆلەتلەرگە جۇڭگو قوشۇلدى. SkyDrive ھازىرغىچە تەمىنلگەنگەن ھەقسىز بوشلۇقلار ئىچىدە ئەڭ نوچىسى بولۇپ، بىرىنچىدىن ئۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى، شۇنداق بولغاچقا مۇقىم ھەم ئىشەنچىلىك. سىغىمى ئىنتايىن چوڭ. 25 گېگابايت دىگەننى خەت يېزىپ بىر ئۆمۈر توشقۇزغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن كۆپ خىل ھۆججەت شەكىللىرىنى قوللايدۇ. سىرىتقى ئۇلىنىش قىلىشقا بولىدۇ. بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى دىگەندەك ئېسىل نەرسىلەرنى ئىشلەۋاتقان دوستلار بوشلۇققا چىقارغان ھۆججەتلەرنى بىرەر ئايلاردىن كېيىن چۈشۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ. مىكروسوفتتەك ئىشەنچىلىك شىركەت تەمىنلىگەن بوشلۇقتا ئۇزۇن ۋاقت ساقلاشقا بولىدۇ.
مەن بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ IP سىدا بۇنى ئىشلەتكەن، كېيىن جۇڭگودا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىشلىتىشمۇ ئېتىۋېتىلگەن بولغاچقا ئىشلىتەلمىگەن ئىدىم.
بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى SkyDrive بۆلۈمىدىكىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جۇڭگودا ئاچقانلىقى ۋە ئەرەب، تامىل قاتارلىق 13 تىلنى قوشقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋە ئاخىرىغا بۇ ئۆزگىرىشلەر پات يېقىندىلا ئەمەلىلىشىدۇ دەپتۇ. بەلكىم ئەتە ياكى كىلەر ھەپتە ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن.
SkyDrive ھەقسىز 25G توردىسكا ئادرېسى: skydrive.live.com
مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئەسلى نۇسخا

Facebook تەمىنلىگەن ھەقسىز توردىسكا

بىلىك كۇلۇبى تەمىنلىگەن ھەقسىز بوشلۇق بۈگۈن تاقىلىپ قاپتۇ، تەكلىماكان بلوگ ئىشلەتكەن بىر قىسىم سۈرەتلەر شۇنىڭدا ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردە ھەقسىز ماركىلىق تور بوشلۇقلىرى كۆپ ئەمما مۇقىم ئەمەس. بۇ ئايدا ساقلىغان ھۆججەتلەر كىلەر ئايدا چۈشۈرگىلىبولماس بولۇپ قالغان. ئەمما مىكروسوفت ۋە گۇگولغا ئوخشاش شىركەتلەر ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كەلگەن مۇقىم ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بۇ خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
Facebook مۇ Hotmail.com غا ئوخشاشلا ئىشەنچىلىك ۋە مۇقىم تور بېكەتلەرنىڭ بىرى. Windows SkyDrive دىكى ھۆججەت قىسقۇچنى ھازىر جۇڭگو رايونىدا زىيارەت قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ Beta نۇسخىسى پەقەت شىمالىي ئامېرىكىدىلامىش. شۇنداق بولغانىكەن ئىشەنچىلىك نىسبىتى 90 پېرسەنتتىن ئاشىدىغان، 100 پېرسەنت مۇقىم ھەقسىز تور بوشلۇقى تېخى جۇڭگودا يوق دىيەرلىك. سىنا تورى تەمىنلىگەن تور بوشلۇقى يوللانغان ھۆججەتلەرنى مۇنبەرلەر تېما تەستىقلىغاندەك تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلىنىش ئادرېسىنى تەمىنلەپ بېرىدىكەن. Lenovo شىركىتى تەمىنلىگەن Lenovodata.com داڭلىق شىركەتنىڭ بولسىمۇ ھازىرچە ئۇنى سىناپ باقمىدىم.
مەن تەكلىماكان بلوگدا تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى بىلىك كۇلۇبى تەمىنلىگەن ھەقسىز بوشلۇققا چىقىرىلغان ئىدى. ئۇ توختاپ قالغاندىن كېيىن، بۇلارنى يۆتكەشكە توغرا كېلىپ فەيسبۇك Facebook دەك داڭدار بېكەتنىڭمۇ ھەقسىز بوشلۇق تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇرۇنقى Facebook ھىسابى ئارقىلىقلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئادرېسى: apps.facebook.com/freedrive

يېڭى ھەقسىز بلوگ بوشلۇقى

Blog.35 دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ھەقسىز بلوگ بىلەن تەمىنلەيدىغان بېكەت. 1-دەرىجىلىك تور نامى باغلاشنى قوللايدىكەن. WordPress سۇپىسى ئىشلىتىپتۇ، ھازىرچە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ مۇشۇ ساھەدىكى بارلىق مۇلازىمەتنى ھەقسىزلەشتۈرگەن ئېسىل سۇپا ھىسابلىنىدۇ.
ئادرېسى: blog.35.com
图像 “https://i2.wp.com/blog.35.com/wp-includes/images/logo.gif” 因其本身有错无法显示。