A turkology blog

Archive for the ‘Google’ Category

Google تىلماچقا تۈرك تىلى قوشۇلدى Google Çevirmene Türkçe eklendi

يېقىندا Google تەرجىمە ماشىنىسىغا تۈرك تىلى قوشۇلۇپتۇ. گۇگول تەرجىمانى 20 نەچچە خىل تىلدىكى تېكست ۋە تور بېكەتلەرنى ئۆز-ئارا تىللارغا تەرجىمە قىلىدىغان قورال بولۇپ، ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈك ۋە جۈملە شەكىللىرى قوشۇلۇپ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ماشىنا تەرجىمە قىلغان نەرسە ئادەم تەرجىمە قىلغانغا يەتمەيدۇ. ئەمما سىز بۇ ئارقىلىق توختام، قانۇن دىگەنلەرنى ئاڭقىرالمىسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان تىلدىكى تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنىنى 80 پېرسەنت چۈشىنەلەيسىز.
ئادرېسى: google.com/language_tools

Gmail نىڭ رەڭگىنى ئۆزى بەلگىلەش

Gmail گە يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى. ئۇسلۇب رەڭگىنى ئۆزىڭىز خالىغان رەڭگە ئۆزگەرتىۋالايدىكەنسىز. بۇ ئىقتىدار پەقەت Gmail Labs ئېچىۋېتىلگەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھىساباتىدا ئىشلەيدۇ. ئادەتتە Gmail نى دائىم ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ھىسابىدا كۆرۈنمەيدۇ.
ئۇسۇلى: بەلگىلەش بېتىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئۇسلۇبنى تاللاڭ، ئاندىن ”رەڭنى ئۆزى بەلگىلەش“ نى چېكىپ خالىغان رەڭنى تاللاڭ.

Google Sync ئارقىلىق يانفوندىكى تېلفون دەپتىرىنى ساقلاش.

يانفوننى فورماتلاش، يانفون يۈتۈپ كېتىش، كارتا ئالمىشىش ۋە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئالاقىلاشقۇچىلارنىڭ تېلفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال ھەممەيلەننى ئوسال قىلىدۇ. گۇگول شىركىتى بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، Google sync نامىدىكى ئېسىل بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويغان. بۇ مۇلازىمەت ھازىرچە پەقەت، گۇگول يانفونى، ئايفون، symbian ۋە قارا بۆلجۈرگەن (بلاكبەرى) سېستىملىق يانفونلارنىلا قوللايدۇ. ئايفون ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك، ئەمما سىمبىيان ئىشلىتىدىغانلار كۆپ. سىمبىيان سېستىملىق يانفونلارنىڭ ئۇلىنىش تىزىملىكىدە sync دەيدىغان بىر كۆزنەك بار. شۇ كۆزنەكتىن تەڭشەش ئارقىلىق گۇگول sync نى ئىشلىتەلەيسىز.
بۇنى ئىشلەتكەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
تېلفون دەپتىرىڭىزدىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقت گۇگول مۇلازىمىتېرىدا ساقلايسىز، يېڭى قوشۇلغان نومۇرلار ۋە ئۆچۈرۈلگەن نومۇرلارنى ئاپتوماتىك يېڭىلايسىز، بۇ ئارقىلىق گۇگول بۇ مۇلازىمەتنى يوقاتمىسىلا تېلفون دەپتىرى يوقاپ كەتمەيدۇ.
تەڭشەش ۋە باشقا ئۇچۇرلارغا بۇ يەردىن ئېرىشىڭ.
baliq.blogspot.com/googlesync

Google بلوگ يۆتكەش قورالى 1.0 ئېلان قىلىندى

Blogbus ياخشىمۇ wordpress ياخشىمۇ؟ قايسى ياخشى بولسا شۇنىڭغا كۆچسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز. قانداق كۆچۈش مەسلىسى باش قايدىغان مەسلە ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە گۇگول شىركىتى بلوگ كۆچۈرۈش قورالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قورال ئارقىلىق livejournal, wordpress,blogger قاتارلىق يەرشارىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق بلوگلاردا يازغان بلوگىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆچمەكچى بولغان بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسىغا يۆتكەشكە بولىدۇ. بىر نەچچە كونۇپكا بىلەنلا ئاسان كۆچەلەيسىز.
دەسلەپ بلوگ يازغاندا uyghur.cn/blog نى ئىشلەتكەن. كېيىن بۇ مۇلازىمەت مۇقىم بولمىدى. ئۇنى Blogspot قا كۆچۈرگىلى بولماي نۇرغۇن يازمىلار يوقالدى. بىر مەزگىل Blogspot ئېچىلماس بولۇپ قالغاندا Blogbus ئىشلەتكەن ئىدىم. Blogspot دىكى يازمىلارنى زاپاسلاپ چىقارغىلى بولسىمۇ بۇ ھۆججەتنى Blogbus قوللىمىدى. شۇنىڭ بىلەن Blogspot بىلەن blogbus ئارىسىدا كۆچۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىدى. مەن يەنە بىر مەزگىل z-blog نى ئىشلەتتىم. شەخسى بوشلۇق ئىشلىتىپ بلوگ ئېچىشنىڭ كۆپ ئاۋارچىلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى Blogspot قا كۆچۈرەي دىسەم كۆچۈرىدىغان ئۇسۇل يوق. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى نۇرغۇن يازمىلار يەنە يوقالدى.
Google شىركىتىنىڭ بۇنداق ئېسىل بىر قورالنى ئېلان قىلىشى مېنىڭچە ماڭا ئوخشاش مىڭلىغان بلوگ يازغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
دوستانە ئەسكەرتىش: بۇ قورال تېخى 1.0 نۇسخا، ئىشلەتكەنلەردىن ئاڭلىشىمچە wordpress ۋە livejournal ،گۇگول blogger ئارسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپتۇ. مېنىڭچە بىز ئىشلىتىۋاتقان blogbus ، ئۇزبلوگلاردىمۇ ئىشلەيدۇ. چۈنكى ئۇزبلوگ wordpress ئىشلەتكەن. تېخى 1.0 نۇسخا بولغاچقا ھازىرچە سىزنىڭ بلوگىڭىزنى كۆچۈرۈشتە قىيىنچىلىق بولسا، گۇگولغا ئىنكاس يېزىڭ. تۆۋەندە ئەسلى ماقالە ئادرېسىمۇ بېرىلدى. ئەگەر ئىنكاس يازالمىسىڭىز تەكلىماكان بلوگقا ئىنكاس يېزىڭ. مەن ئۇلارنىڭ بلوگىغا ئۇلار چۈشەنگۈدەك تىلغا ئايلاندۇرۇپ يوللاپ قوياي. بۇ قورالنى مەن تېخى سىنىمىدىم. چۈنكى مېنىڭ كۆچۈش نىيتىم يوق ھازىرچە. سىناپ كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ تەپسىلى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى يېزىپ قويۇشۇم مۇمكىن.
Google بلوگ يۆتكەش قورالى 1.0 چۈشۈرۈش ئادرېسى
Google ئوچۇق كود بلوگىدىكى ئەسلى ئۇقتۇرۇش

Hotmail غا كەلگەن خەتنى Gmail ئارقىلىق قوبۇل قىلىش ئەمەلگە ئاشتى

مىكروسوفت شىركىتى windows live mail نىڭ pop3 مۇلازىمىتىنى قىسمەن ھەقسىز ئاچتى. hotmail گە كەلگەن خەتلەرنى باشقا ئېلخەت ئادرېسىغا ئاپتوماتىك يۆتكەپ يوللاش ئىقتىدارىنى قوشۇپتۇ. Hotmail ھەم مۇقىم، ھەم ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغاندىن باشقا
live.com
live.cn
microsoft.com
passport.com
msn.com
msn.cn
hotmail.com
hotmail.co.jp
hotmail.de
hotmail.x…x ۋە باشقا دۆلەت رايون ئادرېسى
دىگەندەك كۆپلىگەن تور ناملىرىدا ئېلخەت تىزىملىتىشنى قوللايدۇ. شۇنداق بولغاچقا چىرايلىق ئىسىملارنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھوتمەيلنىڭ خالىغان تورنامىدىكى خەت ساندۇقىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى Gmail گە ئۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ دىيىشىچە 120 كۈن ئىچىدە بىر قېتىم hotmail ھىسابىغا كىرىپ قويسىلا ھىسابات ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەيدىكەن.
تەپسىلى ئۇسۇلى:
Hotmail گە كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى options ياكى 选项 دىگەن تۈرنى ئېچىڭ. ۋە بۇنىڭدىن more options ياكى 更多选项 نى تاللاڭ.
ئاندىن forward mail to another email address دىگەن تۈرنى تاللاڭ. ۋە Gmail ياكى خەت قوبۇل قىلماقچى بولغان باشقا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئىش پۈتتى.
ئاينۇرى بلوگدا خەۋەر قىلىشىچە hotmail گە كىرمەي تۇرۇپمۇ Gmail نىڭ باشقا ھىساباتتىن خەت تاپشۇرۋېلىش ئورنىغا hotmail نى قوشۇپ بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمما مەن بۇنى قىلالمىدىم.
مېنىڭچە مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇل يەنىلا بىر قەدەر ئاقىلانە…

Gmail گە يېڭى ئىقتىدار: پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە سىن كۆرۈش

Gmail نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە بىرەرسى سىزگە youtube ياكى باشقا سىن قاناللىرىدىن سىن ئادرېسى ئەۋەتسە بۇندىن كېيىن ئۇ سىننى ئايرىم بەتتە ئېچىش ھاجەتسىز. پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ياقتۇرسىڭىز چوڭ بەتتە كۆرۈسىز، ياقتۇرمىسىڭىز ئايرىم كۆزنەك ئېچىپ ئولتۇرمايسىز.

بىر قىسىم گۇگول مۇلازىمەتلىرى تاقالدى

گۇگول شىركىتى خاتېرە دەپتەر، گۇگول سىن، جايكۇ، مۇندەرىجە ئىزدەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى توختاتتى. مەن بۇ مۇلازىمەتلەر ئىچىدە مۇندەرىجە ئىزدەش بىلەن خاتېرە دەپتەرنى ئىشلىتەتتىم. گۇگولدىكىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە بۇ مۇلازىمەتلەر ھىچقانداق ئىقتىسادى كىرىم ئېلىپ كەلمىگەن ھەم كېڭەيتىش قىممىتى يوقكەن.
گۇگول سىن مۇلازىمىتى ئىزچىل جۇڭگودا ئېچىلمايتتى. گۇگول سىن جۇڭگوغا قارىتا ئايرىم سىن ئىزدەش مۇلازىمىتى يولغا قويغان. گۇگول شىركىتى Youtube نى سېتىۋالغاندىن كېيىن گۇگول سىن دەپ يەنە ئايرىم بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشنىڭ ھىچقانداق ئورنى قالمىدى.
گۇگول شىركىتى Twitter گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن Jaiku نى سېتىۋالغان ئىدى، ئەمما ئىزچىل twitter گە تەڭ كېلەلمىدى. جايكۇنى ئىشلىتىدىغانلار بارغانسىرى ئازلىدى ياكى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىلمىدى. شۇڭلاشقا نەق پۇلغا سېتىۋېلىنغان ھىچقانداق بازار قىممىتى يوق بۇ مۇلازىمەت ھەم تاقالدى.
مەن ئۈچۈن گۇگول ئىزدەش، پىكاسا، بلوگ ۋە Gmail نى تاقمىسىلا كۇپايە. باشقا مۇلازىمەتلىرىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن. يەنە Adsense بار. بۈگۈنكى كۈندە Yahoo Publishers Network ۋە مىكروسوفتنىڭ Adcenter ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ Adsense قا تاقابىل تۇرالمايۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى دىگۈدەك يېڭى ئېلان پروگراممىسى چىقىرىمىز دېۋاتىدۇيۇ، يەنىلا گۇگۇلدەك ياخشى قىلالمىدى.