A turkology blog

Archive for the ‘how-blogspot’ Category

Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايانⅡ

BlogSpot دا تورتۇراسى بارلار بۇ يازمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. بلوگنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىسىز. بۈگۈن يازما يوللاش، تۈرگە ئايرىش، يازمىلارنى باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ۋە يازما يېزىش رامكىسىنى چۈشىنىپ باقايلى. Blogspot نى ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق، ھەرقانداق كىشى ئۆز ئادىتىگە ئاساسەن خالىغانچە لايھەلىۋالىدىغان بولغاچقا دەسلەپ تونۇشقاندا مۇرەككەپرەك بىلىنىدۇ. كۆپ خىل ئىقتىدارلار قوشۇلمىغاندەك.
مەسلەن BlogSpot دا يازمىلارنى تۈرگە ئايرىش دەيدىغان جاي يوق، ئەمما Blogbus دا بار. ئۇنداقتا شۇنچە داڭلىق Blogger دا بۇ ئىقتىدار يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار…
ئاۋال Blogger.com ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن، ماقالە يېزىش بېتىنى ئېچىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك ئېچىلىدۇ. قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن رەسىمدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا نومۇر قويۇلدى، بىز شۇ نومۇر بويىچە چۈشەندۈرەيلى:


1. نومۇرلۇق ماۋزۇ رايونى:
ماۋزۇ رايونىغا ئاۋال لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇپ ماقالە يوللاڭ. ماۋزۇ رايونىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يازماڭ. ماقالىنى بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىپ ئاندىن لاتىن يېزىقىدىكى ماۋزۇنى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماۋزۇغا ئالماشتۇرۋېلىڭ. مەسلەن:
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال – دەپ ماۋزۇ قويماقچى بولسىڭىز ئاۋال Uyghurche-Yumshaq-Detal دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ماقالىنى يوللاڭ. بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتىپ، ماقالە ماۋزۇسىنى يەنە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال غا ئۆزگەرتىپ قويۇڭ.
بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ نىمە ئۈچۈن بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازمايمىز؟
URL ئۈچۈن. Blogspot دىكى ھەر بىر ماقالىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم url ئادرېسى بولىدۇ. ئادەتتە ماقالىنىڭ url ئادرېسى بلوگ ئادرېسىنىڭ ئارقىسىغا ماقالە ماۋزۇسىنى قوشۇش ۋە ماقالە كۈنىنى قوشۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا URL غا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزگىلى بولمىغاچقا ئەرەبچە ھەرپلەر دەرھاللا كودلىنىپ، ئۇزۇن ھەم قولايسىز ھەرپ-بەلگىلىەر تىزمىسىغا ئايلىنىدۇ.
مەسلەن: 2006-يىلى 1-ئايدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال دىگەن ماقالىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان url ئادرېسى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:
baliq.blogspot.com/adfjrewuier#$760388954d(*&8#$20%.htm
لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان مۇشۇ ماقالىنىڭ ئادرېسى مۇنداق بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/2006/01/uyghurche-yumshaq-detal
يۇقارقى ئىككى ئادرېستىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئەستە تۇتمىقى ئاسانلىشىدۇ. ھەم ئادرېسنىمۇ ئەستە تۇتىۋېلىشى مۇمكىن. سىز پەقەت ماقالىنى دەسلەپ يوللىغاندا لاتىنچە ماۋزۇ بىلەن يوللاپلا ئارقىدىن ئۇيغۇرچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭلىق بلەن ماقالە ماۋزۇسى لاتىنچە بوپ قالمايدۇ، Blogger پەقەت تۇنجى قېتىم يوللانغان ماۋزۇنىلا ئادرېس قىلىپ بەلگىلەيدۇ، كېيىن ئۆزگەرتىلسىمۇ، URL دا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
2.نومۇرلۇق ئورۇن تېكست ياكى html ھالىتىدە تەھرىرلەش.
ئەگەر سىزنىڭ html دىن ھىچقانداق خەۋرىڭىز بولمىسا بۇ ئورۇن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، پەقەت ماقالە ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش، كودلارنى تەھرىرلەش زۆرۈر بولغاندا بۇ ئورۇندىن html تەھرىرلەشكە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
3. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى فورماتلاش
ماقالىدىكى خەت شەكلى، رەڭگى ۋە رەسىم قوشۇش، ئۈن-سىن قىستۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش دىگەندەك باسقۇچلار مۇشۇ جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئۇيغۇرچە بولسا بۇ جايدىكى رەسىم ۋە ئۈن-سىن قوشۇش ئىقتىدارىدىن باشقا فورماتنى ئىشلەتمەڭ. چۈنكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ css قىسمىدىلا ماقالە خەت شەكلى دىگەنلەر ئۇيغۇرچىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن. سىز بۇ جايدىن خەت نۇسخا دىگەنلەرنى ئۆزگەرتىسڭىز سىز ئۆزگەرتكەن ماقالە ئۇيغۇرچە بلوگىڭىزدا نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.
4.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى كۆرۈپ بېقىش (يوللىماي تۇرۇپ)
5. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە مەزمۇنىنى يازىدىغان جاي:
بۇ جاي ئاجايىپ ئىقتىدارلىق، خەت، رەسىم، مۇزىكا، كىنو ۋە باشقا نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى مۇشۇ جايغا قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇنداق كۆپ شەكىللىك بلوگ بولمىسا سىز پەقەت خەت يازسىڭىزلا بولدى.
6.نومۇرلۇق ئورۇن خەتكۈچ.
بۇ ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ ماقالىگە ھالقىلىق سۆز قوشالايمىز ۋە ماقالىنى تۈرگە ئايرىيالايمىز.
مەسلەن: ئەگەر سىز يازغان ماقالە يۇمشاق دېتال ھەققىدە بولسا سىز بۇ ئورۇنغا Yumshaq Detal ياكى SoftWare دەپ يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. Google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرى مۇشۇ ھالقىلىق سۆز ئىزدەلگەندە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.
سىز يەنە بۇ ئورۇندىن ماقالىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىيالايسىز. ئالايلۇق سىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ مۇشۇنداق 6.نومۇرلۇق خەتكۈچ ئورنىغا Uyghurlar دەپ يېزىپ قويىسىز، بۇ چاغدا سىز يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ تۈر ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/search/label/Uyghurlar
سىز يۇمشاق دېتال ھەققىدە يازغان بارلىق ماقالىنىڭ خەتكۈچىگە Software دەپ يېزىپ قويۇڭ، ئۇ ھالدا سىز يازغان بارلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى ماقالىنىڭ ئومۇمى تۈر ئادرېسى :
baliq.blogspot.com/search/label/Software بولىدۇ
ياكى يۇقارقى ئادرېس ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى بارلىق ماقالە بىر بەتكە تىزىلىدۇ دىگەن گەپ.
بۇ يەردە baliq مىسال ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. بۇ جايدا لاتىنچە چوڭ ھەرپ بىلەن كىچىك ھەرپ پەرق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ.
سىز يۇقارقىدەك تۈر ئادرېسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بلوگنىڭ يان رامكىسىدىكى ئورۇنغا ئۇلىنىش قوشۇش ئارقىلىق، ھەر بىر تۈرنى قوشۇپ قويالايسىز. ياكى بلوگنىڭ Label نى كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك بىراقلا تۈرلەرنى كۆرسىتەلەيسىز.
7.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتنى ئۆزگەرتىش
سىز بىر قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىپ، شۇ ماقالىنىڭ مۇشۇ ئورۇندىكى ۋاقتىنى ئالدىمىزدىكى بىر ۋاقتقا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇپ، سىز بەلگىلەپ قويغان ۋاقتتا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بېكار بولغاندا بىر قانچە پارچە يازما يوللاپ، ئۇلارنى ئاپتوماتىك ئېلان قىلىدىغان تەڭشەپ قويۇپ، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندىمۇ بلوگ يېڭلىنىپ تۇرغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەر زېرىكىپ قالمايدۇ.
بۇ ئىقتىدارنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:
ئاۋال ماقالە يېزىڭ ۋە يوللاڭ.
ئاندىن شۇ ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىڭ.
ۋاقتنى ئالدىمىزدىكى ۋاقتقا تەڭشەڭ. يوللاش كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
دىققەت: ماقالىنى يازغان تۇنجى قەدەمدىلا ۋاقتنى ئۆزگەرتسىڭىز ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرمايلا يوللىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىر قېتىم يوللىۋېىتىپ ئاندىن قايتا ۋاقت ئۆزگەرتىپ يوللىشىمىز كېرەك.
8.نومۇرلۇق ئورۇن يوللاش ياكى ساقلاش
ماقالىنى يوللاش ياكى ساقلاش ئۈچۈن 8.نومۇرلۇق ئورۇندىكى كونۇپكىلارنى باسىسىز.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەيلى. يۇقارقىلاردا چۈشىنىكسىز ئۇقۇملار بولسا دوستلارنىڭ ئىككىلەنمەي سورىشىنى ئۈمد قىلىمىز. ۋە ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ ماقالىنىڭ داۋامى بار. blogger نىڭ ئىقتىدارى تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ماقالىلەردە تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشتۇرىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايان I

گۇگول شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى Blogger.com ياكى BlogSpot.com نى ئىشلىتىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە بېزەشنى بۈگۈندىن باشلاپ تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
نىمە ئۈچۈن Blogger.com نى ئىشلىتىمىز؟
جاۋاب:
مېڭىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى – ئىشەنچىلىك.
ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي.
Google ۋە باشقا شىركەت ئېلان كودلىرىنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئاسان.
ئۇسلۇبلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز.
بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى ھەقسىز ئۇلاشقا بولىدۇ.
40 خىلدىن ئارتۇق تىلدىكى نەشىرى بار.
ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەن، خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
ئىقتىدارى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يېڭى ئىقتىدارلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى بلوگلاردىن كۆرەلەيسىز:
baliq.blogspot.com
buzz.blogger.com
bloggerindraft.blogspot.com
***********
بلوگ قۇرۇش:
ئاۋال http://www.blogger.com غا كىرىڭ.
بىر ئېلخەت (Email) ھىسابىڭىز بولۇشى كېرەك. Gmail.com بولسا ياخشى.
blogger.com دىن تىزىملىتىڭ.
ئاندىن كىرىڭ. ۋە بلوگ قۇرۇشقا باشلاڭ.
ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئورۇن بار. بەتنىڭ ئوڭ ئەڭ ئۈستى تەرەپتە:

语言 – دىگەن ئورۇندىن بلوگ ئارقا سەھنىسىدە ئىشلىتىدىغان تىلنى تاللايسىز، سىز بىلىدىغان خالىغان تىلغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ھازىرچە بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە يوق، شۇڭا مەن بۇ يەردە چۈشەندۈرىۋاتىمەن.
控制台 – ئارقا سۇپا، بۇ خەتنى چېكىش ئارقىلىق ئارقا سۇپا باش بېتىگە كىرىسىز، ئارقا سۇپىدىن ھەرقانداق مەشغۇلاتنى باشلاپ، ماقالە يېزىپ دىگەندەكلەرنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن شۇ ئورۇننى چېكىپ قايتسىڭىز بولىدۇ، بىردىن ئارتۇق بلوگ قۇرغان بولسىڭىز، مۇشۇ ئورۇننى چېكىش ئارقىلىق بارلىق بلوگلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرەلەيسىز.
我的帐户 ھىساباتىڭىز، بۇ ئورۇندىن ھىسابات ئۇچۇرى، باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان بلوگ، ئىسىمىڭىز ياكى تور نامىڭىز، رەسىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئارقا سۇپىغا كىرگەندىن كېيىن يەنە تۆۋەندىكىدەك جاينى كۆرۈسىز:

Teklimakan Blog – دىگىنى مېنىڭ بلوگىمنىڭ نامى، ئەلۋەتتە سىز بلوگىڭىزغا نىمە دەپ نام بەرگەن بولسىڭىز شۇ نامدا كۆرۈنىدۇ، ئەگەر بىردىن ئارتۇق بلوگىڭىز بولسا ئايرىم – ئايرىم كۆرۈنىدۇ.
新建帖子 يېڭى ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ كونۇپكىنى چېكىڭ.
编辑帖子 بۇرۇنقى ماقالىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ.
设置 بەلگىلەش: بۇ ئورۇندىن بلوگنىڭ بىر قىسىم شەكلىنى بەلگىلەيسىز، مەسلەن ئىنكاسلارنى تەستىقلاش – تەستىقلىماسلىق، باشقا يازغۇچىلارنى قوشۇش، بلوگ ۋاقتى، feed ئادرېسى، بلوگنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا قىلىش، ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈش، بلوگ URL نى ئۆزگەرتىش، FTP ئارقىلىق يوللاش، پۈتۈن بلوگنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش، بلوگنى كومپيوتېرغا ساقلاش ياكى ساقلانغان يازمىلارنى بلوگقا توپ يوللاش ۋە باشقا نۇرغۇن ئىقتىدارلار…
布局 ئۇسلۇب: بۇ ئورۇندىن بلوگ ئۇسلۇبنى تاللاش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىسىز، بىز بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا ئاساسلىق مۇشۇ ئورۇندىن كىرىمىز، بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى مۇشۇ ئېغىزدىن كىرىدۇ. بلوگقا ھەرقانداق بىر نەرسە قوشۇپ قويۇش، ئېلىۋېتىش قاتارلىقلارنى مۇشۇ ئورۇندىن كىرىپ بېجىرىمىز، بلوگنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى بارلىق ئېلمېنتلار مۇشۇ ئورۇندا بەلگىلىنىدۇ.
利益 بۇ ئورۇندىن كىرىپ Adsense ئىلتىماس قىلىپ، بلوگدا ئېلان قويۇپ پۇل تاپالايسىز.
ئەلۋەتتە بلوگ ئارقا سەھنىسى ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ يازما ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى blogger ئارقا سەھنىسىنىلا چۈشەندۈرىدۇ.
Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايان نامىدىكى چاتما يازمىلارنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن تاپالايسىز:
http://baliq.blogspot.com/search/label/how-blogspot