A turkology blog

Archive for the ‘ilim-pen’ Category

مارستا مۇز بايقالدى

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA) نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەرشارىغا ئەڭ يېقىن سەييارە مارستا مۇز بايقالغان. بۇ مۇز پارچىسىنىڭ چوڭلۇقى لوس ئانجىلىس شەھىرىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك كېلىدىكەن.
شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋرى
نيويورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋرى

Advertisements

ئاي شارىغا ئىسمىڭىزنى ئەۋەتىڭ

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى NASA مۇشۇ يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا يېڭى بىر «ئاي تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى» نى ئاي شارىغا چىقارماقچى، ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بازا قۇرماقچى. مەزكۇر پىلاندا قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن توردا ئىمزا ئەۋەتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئىسمى ئاي شارىغا چىقىرىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىكى قوللىغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ماگنېت دىسكىغا يېزىلىدۇ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى تور بېكەتنى ئېچىپ، ئىسىم-فامىلىڭىزنى يېزىپ Add Name كونۇپكىسىنى چەكسىڭىزلا 6-ئايدىن كېيىن ئىسىمىڭىز ئاي شارىدا ساقلىنىدۇ.
http://www.nasa.com/add+name