A turkology blog

Archive for the ‘islam’ Category

ئىفتار ۋاقت جەدۋىلى (2008 – يىللىق )

تۆۋەندىكىسى ئېرلاندىيە ماكسام شىركىتى تەمىنلىگەن 2008- يىللىق ئىفتارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋاقت جەدۋىلى، بۇ جەدۋەل ئېرلاندىيە بىلەن ئەنگىليەنىڭ ئەڭ يېڭى ۋاقت جەدۋىلى بولۇپ، لوندون ۋاقتىغا 7 سائەت قوشۇپ ھىسابلىسىڭىز ئۈرۈمچى ۋاقتى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ ۋاقت ھەر كۈنى ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا مەزكۇر ۋاقت جەدۋىلىنى ھەر كۈنى چۈشۈرۈپ، ئەڭ توغرا ۋاقتنى بىلىۋالالايسىز. ئەگەر لوندوندا چۈشتىن كېيىن سائەت قانچىدە ئىفتار ۋاقتى بولغان بولسا سىزنىڭ رايونىڭىزدا (قەشقەردە ياكى ئۈرۈمچىدە ۋە يا باشقا شەھەردىمۇ) ئۆزىڭىزنىڭ يەرلىك ۋاقتى بويىچە دەل شۇ ۋاقتتا ئىفتار ۋاقتى بولىدۇ.
مەسلەن: لوندوندا چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بولسا، ئۈرۈمچى ۋاقتىمۇ 7-دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئوتتۇرسىدا 1 سائەت ۋاقت پەرقى بار.
ۋاقت جەدۋىلى بېتى.

قۇرئاننى چۈشەنمەي ئوقۇغاننىڭ پايدىسى

بۇ ئامېرىكىنىڭ كىنتاكى شتاتىنىڭ شەرقىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا نەۋرىسى بىلەن تۇرىدىغان بىر بوۋاينىڭ ھېكايىسى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بوۋاي ئاشخانا ئۆيدىكى ئۈستەلدە قۇرئان ئوقۇيتتى. نەۋرىسىنىڭ بوۋىسىدەك بولغۇسى بار ئىدى، ھەم ئۇنى دوراشقا تېرىشاتتى. بىر كۈنى نەۋرىسى سورىدى : بوۋا، مەن قۇرئاننى سەندەك ئوقۇشقا تىرىشتىم بىراق مەن ئۇنى چۈشىنەلمىدىم ھەم چۈشەنگىنىمنى كىتابنى يىپىۋەتسەملا ئۇنتۇپ قىلىۋاتىمەن، قۇرئاننى چۈشەنمەي ئوقۇغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
بوۋاي مەشكە كۆمۈر سېلىۋېتىپ نەۋرىسىگە جاۋاب بەردى، “ بۇ كۆمۈر سېۋىتىگە دەريادىن بىر سېۋەت سۇ ئەكەل.“
بالا دېگەندەك قىلدى، بىراق سۇ ئۆيگە كەلگۈچە ئېقىپ تۈگىدى. بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ “ سەن بۇ قېتىم سەل ئىتتىكرەك ماڭغىن.“ دەپ ئۇنى دەرياغا قايتا ئەۋەتتى. بۇ قېتىم بالا تېزرەك ماڭدى بىراق ئۆيگە كەلگۈچە سۇ يەنە ئېقىپ تۈگىدى، بالا ھاسىراپ تۇرۇپ بوۋىسىغا سېۋەتتە سۇ ئەكىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سېۋەتنىڭ ئورنىغا چېلەكنى ئىلىشقا ماڭدى. بوۋاي “ ماڭا بىر چېلەك سۇ لازىم ئەمەس، ماڭا پةقةت بىر سېۋەت سۇ لازىم، سەن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن تىرىشمايۋاتىسەن“ دېدى. بوۋاي سىرىتقا چىقىپ بالىنىڭ يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشنى كۆرۈپ تۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا بالا ئۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ، ھەر قانچە تېز يۈگۈرسىمۇ سۇنىڭ ئۆيگە كېلىپ بولغۇچە ئېقىپ تۈگەيدىغانلىقى بوۋىسىغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى. بالا سېۋەتنى دەرياغا چىلاپلا پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈردى، بىراق ئۇ بوۋىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە سۇ يەنىلا ئېقىپ تۈگىگەنىدى، ئۇ بوۋىسىغا “ قارا بوۋا، بۇنىڭ پايدىسى يوق.“ دﯦﺪﻯ.
“ سېنىڭچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىدىمۇ؟ سېۋەتكە قارا .“ دېدى بوۋاي.
بالا سېۋەتكە قارىدى ۋە سېۋەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مەينەت كۆمۈر سېۋىتىدىن ئىچى -تېشى يېڭى بىر سېۋەتكە ئايلانغاندى.
“ بالام قۇرئان ئوقۇشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سەن ئوقۇغىنىڭنىڭ ھەممىنى چۈشەنمەسلىكىڭ ھەم يادىڭغا ئالالماسلىقىڭ مۇمكىن، بىراق سەن ئۇنى ئوقۇساڭ ئىچىڭ-تېشىڭ ئۆزگىرەيدۇ.“
مەنبەسى

مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈرىتىنى ئۆچۈرۈشنى رەت قىلدى Wikipedia

ۋىكىپېدىيە – ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيە. يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيە بولۇپ ھازىرغىچە 50 تىن ئارتۇق تىلدىكى نۇسخىسى بار . (ئۇيغۇرچە نۇسخا ئۆتكەن يىلى چىققان). 1800000 دىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ بىۋاستە ئالاقە قىلىپ تەلەپ قىلىشىنى رەت قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئاتالمىش «رەسىمى» نى ئۆچۈرۋەتمىدى. پۈتۈن يەرشارىدىن بىر يۈز سەكسەنمىڭدىن ئارتۇق ئادەم «مۇھەممەد ئەلەيھىسالام رەسىمى» نى ۋىكىپېدىيەدىن ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، Wikipedia تەرەپ: سىلەر پەقەت كۆرگۈڭلار بولمىسا كومپيوتېرىڭلاردا بۇ سۈرەتنى ئاچماڭلار دېدى.
«مۇھەممەد ئەلەيھىسالام سۈرىتى» wikipedia نىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ قوللىنىدىغان ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، ئوردۇچە، پارىسچە، تۈركچە، ياپونچە قاتارلىق تىللاردا كۆرۈنمەيدىكەن. پەقەت ياۋروپا نۇسخىسىدا كۆپ كۆرىنىدىكەن. ئاتالمىش «مۇھەممەد ئەلەيھىسالام سۈرىتى» نىڭ ئىچىدىكى ئىككى پارچە رەسىمدە «مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يۈزى» ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ رەسىمنىڭ بىرى 1315-يىلى سىزىلغان، يەنە بىرىنىڭ سىزىلغان ۋاقتى 15-ئەسىرگە توغرا كېلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ سۈرەتلەرنى سىزىغانلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ كېيىنكى سۈرەتلىرىنى سىزىغانلار قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھەققىدىكى بايانلاردىن ۋە ئۇيغۇر ئالىمى رابىغوزى يازغان «قىسەسۇل ئەنبىيا» دىگەن كىتابتىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن پايدىلانغان بولىشى مۇمكىنكەن.
مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھىچقانداق ئادەم ۋە گۇرۇھنىڭ ئۆزىنى كۆرمىگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى مۇشۇ دەپ رەسىم سىزىشىغا ۋە تەشۋىق قىلىشىغا رۇخسەت يوق دىگەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر توردا Wikipedia گە ئىلتىماسلارنى ياغدۇرىۋەتتى.

مۇسۇلمانلار قېرىنداش

ئەگەر سىز ئۆزىڭىز يالغۇز تىل ئۇقماي ياقا يۇرتلاردا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ سىز ئۆزىڭىز يالغۇز ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئەتراپتا يېگىدەك ھىچقانداق ھالال يېمەكلىك بولمىسا سىز قانداق قىلىسىز؟ قانداق قىلىسىز بەك كۆپ… بولدىلا … نەق گەپكە كېلەيلى
بۇ تېمىنى ئەسلى تۇڭگان مۇسۇلمان قىز ( توردىكى ئىسمى : فاتىمە) خۇيزۇچە نۇرئىسلام تورىغا يوللىغان. ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ئۇيغۇر ياش ئابدۇللا ئىشلەش ئۈچۈن يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرىگە بارغان ۋە بىر خوجايىنغا ئىشلىگەن، ئاي ئاخىرىدا خوجايىن ئىش ھەققىي بەرمەستىن ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ يارلاندۇرغان. ئابدۇللا خەنزۇچە بىلمەيدۇ، شۇڭا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا قاتتىق قىينالغان. يېمەكلىك تېپىپ يېيىشتە قىينالغان، تەقۋادار مۇسۇلمان يىگىت ئابدۇللا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ياكى باشقىلار بەرگەن نەرسىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ يىمىگەن. شۇنداق قىلىپ يارىدارلىق ۋە ئاچلىق دەستىدىن ئېغىر ئازاپ چەككەن. كېيىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئابدۇللانى كۈنمىڭدىكى ئىشچىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان، ئابدۇللا دوختۇرخانىدا بىر ئاي ئەتراپىدا ياتقاندىن كېيىن سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ، بۇ خەۋەر كۈنمىڭ شەھەرلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسسىدا بېرىلگەندىن كېيىن يۈننەندىكى (تۇڭگان) مۇسۇلمان قېرىنداشلار بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ،ئابدۇللانىڭ داۋالىنىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان
تەپسىلاتى




قانداق قىلسام مۇسۇلمان بولىمەن؟

مۇسۇلمان بولۇش ئەڭ ئېسىل تاللاش، مۇسۇلمان بولۇش تەس ئەمەس، تۆۋەندىكى سەككىز ئىشنى قىلسىڭىزلا مۇسۇلمان بولىسىز
بىرىنچى قەدەم: شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بارلىق ئادەملەر تۇغۇلغاندا مۇسۇلمان تۇغۇلىدۇ، بالىلار ئۆلۈپ كەتسە مۇسۇلمان ھالەتتە ئۆلۈپ ئۇدۇل جەننەتكە يول ئالىدۇ. تۇغۇلغاندا ھىچقانداق ئادەمنىڭ گۇناھى بولمايدۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كېرەك
ئىككىنچى قەدەم: سىز ئۆزىڭىزدىن سوراڭ، سىز راستىنلا ئىسلامغا ئىشەندىڭىزمۇ؟ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ھەقىقەتكە قايتماقچىمۇ؟ بىرلا ئاللاھ بار ۋە مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدىڭىزمۇ؟ يوق
ئۈچۈنچى قەدەم: دەڭ ! مەنىسى: مەن شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچقانداق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر
تۆتۈنچى قەدەم: تېنىڭىزنى پاكلاڭ! مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى مۇنچىغا كىرىڭ ۋە داۋاملىق يۇيۇنۇپ تۇرۇڭ چۈنكى ئىسلام دىينى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ مۇسۇلمان بولغان ئادەم ئۈچۈن بەك مۇھىم
بەشىنچى قەدەم: ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگىنىڭ! ئەڭ مۇكەممەل ۋە سىزگە ئىسلامنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتىدىغان بىلىم ئاللاھ يازغان قۇرئان كەرىمدۇر. ھازىر قۇرئاننىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن تىلدىكى تەرجىمىسى بار، مۇسۇلمان بولغان ئادەم ھەركۈنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەلۋەتتە تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ئايەتلەرنى چۈشىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەتراپىڭىزدىكى تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمىتنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرئان باسمىخانىسىدا بېسىلىپ تارقىتىلغان. ئوقۇڭ
ئالتىنچى قەدەم: دۇئا قىلىڭ! بىرىنچى دۇئانى ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىپ قىلىڭ ۋە اللە تىن بۇرۇنقى گۇناھلار ئۈچۈن ئەپۇ سوراڭ. ئەگەر دۇئا قىلىشنى بىلمىسڭىز ئۆزىڭىز كۆڭلىڭىزدە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئويلىغان ئويىڭىزنى اللە قا دەڭ. دۇئانى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىچە قىلىۋېرىڭ
يەتتىنچى قەدەم: ئىسلامدىكى بەش پەرھىزنى چۈشىنىڭ ۋە تولۇق ئورۇنداڭ. پەرھىز دىگەنلىك بۈيۈك اللە ئىنسانلارنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشتۇر، ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن مۇشۇ بەش پەرھىزنى قىلمىسا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان گۇناھكار بولىدۇ ۋە جەننەتكە كىرلمەيدۇ. بۇ بەش پەرھىز: ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ( بىر اللە تىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر) ديىش؛ كۈنىگە بەش ۋاق ناماز ئوقۇش ( بامدات، پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن قاتارلىق بەش ۋاق ناماز مۇسۇلمانلارغا ھەر كۈنى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان)؛ رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش( ھەر يىلى رامازان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتىسىز)؛ زاكات بېرىش ( ھەر يىلى تاپقان پۇلنىڭ مەلۇم بەلگىلەنگەن ئاز بىر قىسمىنى يوقسۇللارغا ئىئانە قىلىش) ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرگەنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئۆز قولى بىلەن سالغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى ھەرەم مەسجىتىگە بېرىپ ھەج قىلىش قاتارلىقلار ئىسلامدىكى بەش پەرھىزدۇر
سەككىزىنچى قەدەم: تۆۋەندىكى يەتتىگە ئىشنىشڭىز كېرەك: ئاللاھقا ئىشىنىش؛ ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشنىش؛ ئاللاھ ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن كىتابلارغا ئىشىنىش ( ئاللاھ تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن، بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە تەۋرات ۋە ئىنجىل يەھۇدىلار ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق يوقىلىپ كېتىپ، كېيىن يەھۇدىلار تەرىپىدىن قايتا يېزىلدى، شۇڭا ھازىرقى تەۋرات ۋە ئىنجىل يالغان، ئۇنى ئاللاھ يازغان ئەمەس، يەھۇدىلار يازغان. ئۇلار ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز. زەبۇرمۇ يوقىلىپ كەتتى. پەقەت قۇرئانلا مەڭگۈ قالىدىغان، يوقالمايدىغان ئاللاھ ئىنسانلارغا نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتابتۇر)؛ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش ( ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغىچە 24000 كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. ئەيسامۇ پەيغەمبەردۇر، ئۇ يەھۇدى ياكى خىرىستىئانلار ئېيتقاندەك خۇدانىڭ ئوغلى ئەمەس، ھەم خۇدامۇ ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ تۇغمىدى، تۇغۇلمىدى، ئۇ يەككە يىگانە ھەم تەڭداشسىزدۇر)؛ ئاخىرقى كۈنگە ئىشنىش( قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش)؛ ياخشى بىلەن ياماننى ئاللاھنىڭ ئايرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش؛ قايتا تىرىلىشكە ئىشنىش( ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن پانىي دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە باقىي دۇنيادا قايتا تىرىلىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار ئاستىدىن شەربەتلەر ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار، باغۇ-بوستانلىق جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئادەمنىڭ مېڭىسى پورۇقلاپ قاينايدىغان ئوتتا كۆيىدۇ ۋە ئۆلمەي مەڭگۈ ئازاپ تارتىدۇ) قاتارلىق يەتتىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك
يۇقارقىلارنى تولۇق قىلغاندا سىز مۇسۇلمان بولدىڭىز
سۈرەتتە ئامېرىكىلىق ناخشا چولپىنى مايكول.جېكسون مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قاتاردا ياشاۋاتىدۇ