A turkology blog

Archive for the ‘it’ Category

مۇنداق تور بېكەت بولسا ھازىر ئاقىدۇ {پۇرسەت}

سىز بىلىسىز، جۇڭگو نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. 中文 دەيدىغان بۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغانلار 1 مىلياردتىن ئاشىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى 中文 ئىشلىتىدىغانلارنى قوشساق تېخىمۇ كۆپ. ئۇنداقتا 1 مىليارد ئادەم كىرىدىغان بىر تور بەت پلانىنى تونۇشتۇراي.
ھازىر جۇڭگودىكى بىر ئۆزگىرىشكە ھەيران قالىمەن. قانداق ئۆزگىرىش؟
يانفون! يانفون ئەسلى پەقەت سودا قىلىدىغان ئادەمدىلا بولسا بولاتتى. ئەمما باھاسى ئەرزان ھەم نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولغاچقا ھازىر ياشلار، قېرىلار، ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ئومۇملاشتى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ……
ئەمما دىققەت قىلىڭ. مەن يانفون تور بېكىتى قۇرۇڭ ياكى يانفون ساتىدىغان تور بېكەت قۇرۇڭ دىمەكچى ئەمەس!
يانفوندا بار بولغان زۆرۈر ۋە ھەممە كىشى بارمىكەن ؟ – دەيدىغان ئىقتىدارنىڭ بىرسى كامېرا.
كامېرانىڭ ئېنىقلىقى مېگاپىكسىل سۈرەتنىڭ سۈزۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئېنىقلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كامېراسى بار يانفوننى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. زول، سىنا قاتارلىق تور بېكەتلەر داڭلىق ماركىلىق يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى مەخسۇس يىغقان بولسىمۇ، سېلىشتۇرۇش ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى مۇكەممەل ئەمەس.
ئەمدى مەقسەت مۇنداق:
مەخسۇس يانفون كامېرا سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەت قۇرۇش.
زۆرۈر تەييارلىقلار:
1. چوقۇم يانفون ساتىدىغان چوڭراق دۇكىنى بار بىرەسى بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى يېقىن تونۇشۇش كېرەك.
2. تور بېكەت پروگراممىسى: بۇنداق پروگرامما مېنىڭچە بار. يەنى ئىككى ياكى بىر نەچچە خىل يانفوننى ۋە يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش، تاللاپ سېلىشتۇرۇش… ئاپتوماتىك تاللاش … دىگەندەك بىر قانچە ئىقتىدارلار سەپلەنگەن.
3. قىلىدىغان ئىشلار :
بىر خىل يېڭى يانفون چىقىپ بولغۇچە ئۇنىڭدا سۈرەت تارتىپ، ئىنتېرنېتقا يوللاپ DataBase كە كىرگۈزىمىز. تورداشلار دەرھاللا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ۋە ھازىر بازاردا بار بارلىق داڭلىق ماركىلىق يانفونلاردا سۈرەتكە تارتىمىز. سۈرەتكە تارتقاندا ئوپمۇ-ئوخشاش بىر كۆرۈنۈشنى ئوخشاش بىر ۋاقتتا (كۈندۈز ياكى كېچە) بارلىق يانفونلاردا قايتا-قايتا تارتىمىز. يەنى ئوخشاش بىر مەنزىرىنىڭ بارلىق يانفونلاردىكى تارتىلغان سۈرەتلىرىنى يوللايمىز. بۇ ئارقىلىق تورداشلار قايسى يانفوننىڭ كامېراسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
4. تور بېكەت قۇرۇلمىسى
تور بېكەت مۇشۇ ساھەدە مەخسۇسلاشقان تور بېكەت بولىدۇ. ئىسمى پالانى 手机样照网 دىگەندەك بولسا بولىدۇ. يانفوننىڭ باشقا ساھەلىرىگە چېتىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما مۇشۇ بىر ساھە ناھايىتى يۇقىرى بازار ئېچىش قىممىتىگە ئىگەن. ئەگەر سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلار يۇقىرى دەرىجىدە توپلانسا بۇ تور بېكەت چوقۇم تېزلا بازار تاپىدۇ.
5. ئادەم
بۇ تەكلىماكان بلوگنى يازغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس. شۇڭا كۆپرەك ئادەم بولسا تېخى ياخشى.
بۇ ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن كەم دىگەندە 5 ئادەم كېتىدۇ.
2 ئادەم پروگراممېر. مەخسۇس تور بېكەتنى لايھەلەش ۋە ئىلغارلاشتۇرۇش ئىلشىرىنى قىلىدۇ. يوللايدىغان ئۇچۇرلارنى مەخسۇس ئۇچۇر خادىمىغا ماسلىشىپ يوللايدۇ. 2 نەپەر ئۇچۇر يىغقۇچى. بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەتىدىن كەچكۈچە رەسىمگە تارتىش. داۋاملىق مەنزىرە رەسىمى تارتىدۇ. ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇچۇر چىقارغۇچىغا تەمىنلەيدۇ.
1 نەپەر ئۇچۇر چىقارغۇچى. بۇ ئادەم چوقۇم خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە بىلىشى ياكى مۇشۇ ئىككى تىلنى بىلىدىغان ئىككى ئادەم بولۇشى كېرەك. تور بېكەت خەنزۇ ھەم ئېنگلىز يېزىقلىرىدا چىقىرىلىدۇ. (ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە نۇسخا چىقىرىلسا تېخى ياخشى). باشقا چوڭ تىللاردىكى نۇسخىسىنى ئاپتوماتىك تەرجىمانغا ئۇلاپ قويسىمۇ بولىدۇ.
6. جەريان
بۇ ئۇچۇرلانى بىر قەدەر مۇكەممەل، تورداشلار كۆنۈۋالغۇچە توپلاپ بولغۇچە تەخمىنەن 1 يىل ۋاقت كېتىشى مۇمكىن. بىر يىلدىن كېيىن تور بېكەت رەسمى مۇكەممەل تور بېكەتكە ئوخشايدۇ. ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا مۇشۇ ۋاقتتىن باشلاپ كىرىم قىلىشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇن يانفون شىركەتلىرى مەسلەن: نوكىيا، موتورولا ۋە باشقا يانفون شىركەتلىرى مەخسۇس ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار بېرىدىغان پۇلمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەلۋەتتە جۇڭگودىكى كىچىك يانفون زاۋۇتلىرى چوقۇم ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلمىدى دىگەن تەغدىردىمۇ گۇگول ۋە ياھۇ ئېلانلىرىنى قويسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر يانفون بازارلىرىمۇ ئېلان بېرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بۇنداق مەخسۇسلاشقان تور بېكەت بېكار قالمايدۇ.
7. پۇل
تور بېكەتنى ماڭدۇرۇش، بوشلۇق سېتىۋېلىش دىگەنلەرگە كەتكەن پۇلنى ھىسابلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئاز دىگەندە ئىشلەتكەن 5 ئادەمنىڭ ئايلىق تۆۋەن مائاشىنى 2000 RMB ھىسابلاپ قويساقمۇ، بىر يىلدا 120 مىڭ RMB كېتىدۇ.
8. كىرىم
ئەلۋەتتە بىر يىلغىچە كىرىم قىلالمايدۇ. بىر يىلدىن كېيىن تور بېكەت مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم بويىچە ماڭغاندا (تەكلىماكان بلوگ ھىچقانداق تەسەۋۋرۇنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئىگە ئەمەس.) كۈنىگە 5000 RMB كىرىم قىلالايدۇ. ئەمسە ئۆزۈڭ قىلساڭ بولمامدۇ؟ …. مەن قىززىقمايمەن !
خوش !

Advertisements

Windows 7 نى سىناپ بېقىڭ! (ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان)


مىكروسوفت Vista دىن كېيىن تارقىتىدىغان مەشغۇلات سېستىمىسى windows 7 نى ئىچكى قىسىمدا سىناشقا باشلىدى. سىزمۇ قاچىلاپ ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە باشقا تەرەپلەرنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز:
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mininova.org/tor/1958904
بۇ يەردىن FinalFantasy ئەپەندىنىڭ سىناش دوكلاتىنى كۆرۈڭ.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: Windows 7

Gmail ئەمدى OpenID نى قوللايدىغان بولىدۇ.

مىكروسوفت ۋە ياھۇنىڭ كۆپلىگەن مۇلازىمەتلىرى OpenID نى قوللايدۇ. Google شىركىتى يېقىندا Gmail نىمۇ مۇشۇ ئۆلچەمگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق بولغاندا بارلىق OpenID نى قوللايدىغان تور بېكەتلەر ئارا بىرلا ھىسابات ئارقىلىق كىرىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسلەن:
سىز پەقەت بىر Gmail ئادرېسى ئارقىلىق Yahoo ۋە MSN ھىسابىڭىزغا كىرەلەيسىز ياكى بارلىق OpenID قوللايدىغان تور بېكەتلەرگە تىزىملاتمايلا كىرەلەيسىز.
ھازىر گۇگولنىڭ Blogger مۇلازىمىتى OpenID نى قوللايدۇ. OpenID نىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، تېخىمۇ كۆپ چوڭ-كىچىك بېكەتلەرنىڭ ھىسابات ساندانىنى OpenID ئۆلچىمىدە ئىشلىشى ۋە OpenID غا ئېغىز ئېچىشى بىلەن بىز پەقەت بىرلا ھىسابات ئارقىلىق بارلىق تور بېكەتلەردىكى ھىساباتىمىزغا كىرەلەيدىغان بولىمىز.
بىرلا ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق Hotmail, Gmail, Yahoo, Facebook ۋە باشقىلارنى ئاچقىلى بولىدۇ. MySpace ۋە Aol مۇ OpenID ئۆلچىمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ھازىر Gmail ئارقىلىق ھىساباتقا كىرگىلى بولىدىغان تور بېكەت يالغۇز Google لا ئەمەس، Blogger دەك گۇگولغا تەۋە بېكەتلەردىن باشقا Zoho ۋە Plaxo غىمۇ Gmail ئارقىلىق كىرگىلى بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن چوڭ تور بېكەت Facebook.

5 كويلۇق XP ئەمدى قارا ئېكرانغا ئۆزگىرۋالىدىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو بازىرىدا تارقالغان ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان XP لارنى 20 – چىسىلادىن باشلاپ ھەر سائەتتە بىر قارا ئېكرانغا ئۆزگىرۋالىدىغان قىلىپ قويىمىز دېدى. مۇشۇ ئاينىڭ 20 – چىسىلادىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتى WGA ۋە OGA دىن ئىبارەت ئىككى پلاننى يۈرگۈزىدىكەن. WGA نىڭ مەنىسى ئوغۇرلۇقچە تارقىتىلغان Windows نى توسۇش، OGA نىڭ مەنىسى ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان Office نى توسۇش ئىكەن.
بۇ خەۋەردىن قارىغاندا بارلىق تورغا ئۇلانغانلىكى كومپيوتېردىكى Windows XP سېستىمىلار سائىتىگە بىر قېتىم قارا ئېكرانغا ئۆزگىرۋالىدۇ. Office مۇندەرىجىسىگە «ھەقىقىي نەشىرى ئەمەس» دىگەن تۈر قوشۇلۇپ قالىدۇ.

يەرشارىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پاراڭلىشىش قورالى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەر شارىدىكى پاراڭلىشىش قوراللىرىنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئومۇملىشىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. بىزمۇ QQ, MSN لارنى ئىشلىتىپ قويىمىز. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ باقايلى.
دىققەت: بۇلار پەقەت سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى. ئادەتتە قۇرۇق پاراڭ سوقىدىغان سورۇنلاردىكى ئىشلىتلىش نىسبىتى نەزەرگە ئېلىنماپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قىممىتى بار. سىزمۇ ئۆزىڭىزگە لايىق بىر ئۇسۇلنى تاللاپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
MSN ئومۇملىشىش نىسبىتى 85 پېرسەنت
Yahoo! Messenger ئومۇملىشىش نىسبىتى 55 پېرسەنت
AIM Express ئومۇملىشىش نىسبىتى 55 پېرسەنت
AIM ئومۇملىشىش نىسبىتى 50 پېرسەنت
QQ ئومۇملىشىش نىسبىتى 25 پېرسەنت
Google Talk ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
Yahoo! Web Messenger ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
MySpaceIM ئومۇملىشىش نىسبىتى 20 پېرسەنت
eBuddy ئومۇملىشىش نىسبىتى 15 پېرسەنت
IRC ئومۇملىشىش نىسبىتى 10 پېرسەنت
ICQ قاتارلىق بىز بىلىدىغان مۇڭداشقۇلارنىڭ سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى 5 پېرسەنت ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.
ئەسلى مەنبەدىكى ماقالە

ئۇيغۇرچە Firefox نى چىقىرىشقا كۈچەيلى!

مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھەمدە توردا تارقىلىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان تور كۆرگۈچ Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىپ بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا مۇھتاج.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ بەتكە كىرىڭ.
بىلىك كۇلۇبىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالە


360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ تارقىتىلدى

360 بىخەتەرلىك قورالى خېلى كۈچلۈك ۋىروسخور ئىدى. ئۇلار بورناكۇن يەنە بىخەتەر تور كۆرگۈچ تارقىتىپتۇ، مېنىڭچە ئىشلىتىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. چۈشۈرۈش ئورنى