A turkology blog

Archive for the ‘kishi’ Category

مايكول ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىلىرى

مەن ئۇزۇندىن بۇيان بلوگىنى ۋاراقلاپ قويىدىغان بىر كىشى بار. ئىسمى دوكتور Michael S. Kaplan. بۇ كىشى مىكروسوفتنىڭ ئادىمىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى خېلى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ ۋە كۆڭلىمىزگە ياقىدۇ. ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەت بولىۋاتقاندا ئۇيغۇر ئەمەس بىر زاتنىڭ بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ماقالىلەر ئېلان قىلىشى ماڭا بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلدى. مەسلەن تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى ئۇ يازغان:
ئۇلارنى Uyghur دەيمىزمۇ ياكى Uighur مۇ؟
Vista دىكى ئۇيغۇرچىدە ف ھەرىپى ئوڭشىلامدۇ يوق؟
بىر قىسىم يەرلىك تىللار ISO-639 code ئۆلچىمىدە يوققۇ؟ (جۈملىدىن ئۇيغۇرچە)
ئېنگلىز تىلى كىمنىڭ؟ (ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك)
ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان تىللاردا خاتالىق كۆرۈلۈش مەسلىسى
مىنىڭ ئىسمىمنى يېزىپ باق. كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتەمسەن؟
بېنگالمۇ ياكى بەنغلادىشمۇ؟
Vista دا فونت دىگەن نىمە؟
ۋىندوۋستىكى تىل ۋە فونت قوللاش
ئۇلارنىڭ GB18030 ئۆلچىمى دىگىنى قانداق ئۆلچەم؟
ۋە باشقىلار…..
يۇقارقى ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كومپيوتېرچىلىقى ھەققىدە ياكى بىۋاستە مۇناسۋەتلىك. ھەممىسىدە ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى تىلغا ئېلىنغان.
يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدا FinalFantasy ئەپەندىم Windows 7 نى سىناش دوكلاتىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندا ۋىستادا كۆرۈلگەن ف ھەرىپى مەسلىسى ۋە Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچە ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا بۇندىن ئىلگىرى ۋىستادىكى ف ياكى ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسلىلەر ھەرقايسى مۇنبەرلەردە بازارلىق تېما بولغان ئىدى. قاراپ باقساق مايكول ئەپەندى يازغان بىر قىسىم ماقالىلەر ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە بەك يېقىنلىشىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيوتېر ئىشلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە چۈشىنىپ ئۇنى دەل ۋاقتىدا MSDN مۇنازىرسىدە ۋە باشقا جايلاردا مىكروسوفتقا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ كىشى زادى كىم؟
دوكتور مايكول ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ Redmond دىگەن بىر يېرىدە ئولتۇرۇشلۇقكەن. بۇ جاي ۋاشنگتوندا بولسا كېرەك. ئۇ 1952-يىلى قوزا ئېيىدا تۇغۇلغان. ھاياتلىق ئىلمىي (بئولوگىيە) تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تىببى پەنلەر پروفېسسورى. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات تۈرى: چوڭلاردا يېڭىدىن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولمايدۇ دىگەن پىكىردىن ئىبارەت.
يۇقىرقى تەرجىمھال پەقەت ۋىكىپېدىيەدىكى مايكول.س.قاپلان دىگەن كىشىنىڭ تەرجىمھالى. ئۇ مەن بلوگىنى ئوقۇيدىغان مايكول.س.قاپلان شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئۇقمايمەن! ئامېرىكىدىمۇ ئەمەت ئىسىملىكلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان زېھنىنى تۆھپە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
Michael S. Kaplan ئەپەندىنىڭ بلوگ ئادرېسى
blogs.msdn.com/michkap